ئەپلاتۇن
ئەپلاتۇن بەستلىك، بىلىمى ئىنتايىن مول پەيلاسوپ. كېيىنكىلەر بىلىملىك كىشىلەرنى «ئەپلاتۇننىڭ پېشانىسىدەك» دېگەن سۆز بىلەن سۈپەتلىگەن. ئۇ سوقرات نىڭ شاگىرتى بولۇپ، سوقراتنىڭ نۇرغۇن سۆز-پىكىرلىرى ئەپلاتۇن قاتارلىق كىشىلەرنىڭ خاتىرىلىۋېلىشى ئارقىلىقلا ھازىرغىچە يېتىپ كېلەلىگەن.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئەپلاتۇن (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 427 −347-يىللار) ئافېنا دىكى ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئاپىسى داڭلىق ئىسلاھاتچى سولۇننىڭ ئەۋلادى. يۇنان ئاقسۆڭەكلىرى پەرزەنتلىرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى تەربىيەسىگە ئەھمىيەت بەرگەن بولۇپ، ئەپلاتۇن كىچىكىدە ياخشى تەربىيىلەنگەن. 20 يېشىدا سوقرات نى ئۇستاز تۇتۇپ، ئادەم بولۇشنىڭ نۇرغۇن قائىدىسى ۋە ئىلىم ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى ئىگىلىۋالغان. ئۇستازى ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئۇ ياقا يۇرتلارغا چىقىپ كېتىپ، بىر تەرەپتىن، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، بىلىمىنى كۆپەيتكەن، يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇستازىدىن ئۆگەنگەنلىرىنى ئەمەلىيەتكە تەتبىقلىغان. ئۇ ئىتالىيە، مىسىر قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، نۇرغۇن ئىلىم ئەھلى بىلەن كۆرۈشۈپ پىكىرلەشكەن، بىرمۇنچە ئەگرى-توقايلىقنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، ئىدىيىسى بارا-بارا پىشىپ يېتىلگەن ھەمدە دۇنيانى چۈشىنىشنىڭ بىر يۈرۈش ئىدىيىۋى سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرگەن. كېيىن ئافېناغا قايتىپ كېلىپ، مائارىپ ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان، داڭلىق ئەپلاتۇن مەكتىپىنى ئېچىپ، ئوقۇغۇچىلارغا پەلسەپە، ماتېماتىكا، ئاسترونومىيە، بوتانىكا قاتارلىق دەرسلەرنى ئۆتۈپ، بۇ مەكتەپنى غەربتىكى تۇنجى ئۇنىۋېرسال ئالىي مەكتەپكە ئايلاندۇرغان.
ئۇ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن 40 يىل ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللىنىپ، نۇرغۇن ئەسەر يازغان، بۇنىڭ ئىچىدىكى «غايىۋى دۆلەت» قاتارلىق ئەسەرلىرى ئەڭ داڭلىق ئەسەرلەر ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ تەسەۋۋۇرىدىكى «غايىۋى دۆلەت» تە جەمئىيەتتىكى ئاھالىلەر ئاقىللار، ئەسكەرلەر ۋە ئەل ئىچى ھۈنەرۋەنلىرىدىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىگە ئايرىلىدۇ، ئاقىللار ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچى، قانۇن چىقارغۇچىلار، ئەسكەرلەر دۆلەتنى قوغدايدۇ، ئەل ئىچى ھۈنەرۋەنلىرى بولسا ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئۇ يۇقىرىقى ئۈچ خىل ئادەملەرنىڭ ئىلاھلىرىنى ئالتۇن، كۈمۈش ۋە مىستىن پايدىلىنىپ ياسىغان. ئادەتتە، بىر ئادەم قايسى دەرىجىگە مەنسۇپ بولسا، پەرزەنتلىرىمۇ شۇ دەرىجىگە مەنسۇپ بولىدۇ، بۇ ئۈچ دەرىجىدىكى كىشىلەرنى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇشقا بولمايدۇ، دەپ قارىغان.
ئەپلاتۇن ئەسەرلىرىنىڭ كۆپىنچىسىدە دىئالوگ شەكلى قوللىنىلغان بولۇپ، بۇنىڭدىكى ئاساسلىق پېرسوناژ ئۇستازى سوقرات تۇر. ئەپلاتۇننىڭ ئىدىيىسى غەربلىكلەرنىڭ ئىدىيەسىگە ناھايىتى زور تەسىر كۆرسەتكەن، ھازىرمۇ نۇرغۇن كىشى ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى تەتقىق قىلىۋاتىدۇ. ئەپلاتۇن مەكتىپى 900 يىل مەۋجۇت بولۇپ، سانسىزلىغان شاگىرتلارنى يېتىشتۈرگەن.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
بەيدۇ قامۇسى
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.