پاتتانى مالايلار

مالايلار

پاتتانى مالاي-تايلاندنىڭ جەنۇبىدىكى مالاي يېرىم ئارىلىنىڭ كىرا بوينىنىڭ جەنۇبى قىسمىدىكى مالايسىيا بىلەن چېگرىلىنىدىغان تار ئۇزۇنچاق يېرىم ئارال رايونىغا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان.

ئۇيغۇرچە پاتتانى مالاي
باشقىچە نامى تايلانىد مالاي مىللىتى
تارقىلىشى تايلانىدنىڭ جەنۇبى
خەنزۇچە 泰国马来人
دىنى ئىسلام دىنى
نوپۇسى 4 مىليون

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

پاتتانى مالاي- تايلاندنىڭ جەنۇبىدىكى مالاي يېرىم ئارىلىنىڭ كىرا بوينىنىڭ جەنۇبى قىسمىدىكى مالايسىيا بىلەن چېگرىلىنىدىغان تار ئۇزۇنچاق يېرىم ئارال رايونىغا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان،نوپۇسى 4 مىليۇن.

پاتتانى مالاي پاتتانى رايونىدىكى رايوندىكى ناراتىۋا(مالايلار ئاھالىنىڭ %82 نى تەشكىل قىلىدۇ)، پاتتانى (مالايلار ئاھالىنىڭ %88 نى تەشكىل قىلىدۇ)، يالا (مالايلار ئاھالىنىڭ %69 نى تەشكىل قىلىدۇ)، سوڭخىلا (مالايلار ئاھالىنىڭ %38 نى تەشكىل قىلىدۇ)، ساتۇن (مالايلار ئاھالىنىڭ %68 نى تەشكىل قىلىدۇ) قاتارلىق ئۆلكىلەردىكى مالاي تىلىنىڭ يېۋا دىئالىكتىدا سۆلىشىدىغان مۇسۇلمانلارنى كۆرسىتىدۇ.  پاتتانى مالايلىرىنىڭ تايلاندىكى ئۇمۇمى نوپۇسى 4مىليۇن ئەتراپىدا. ھەممىسى ئىسلام دىنى سۈننى مەزھىبى شافى فىقھىسىگە ئەمەل قىلىدۇ.

پاتتانى مالايلار ئەنگىلىزلارنىڭ تەسىرىگە كۆپ ئۇچرىمىغانلىقتىن مالايسىيادىكى مالايلارنىڭ ئەكسىچە ھازىرغىچە ئەرەب يېزىقى ئاساسىدىكى ئېلىپبەنى ئىشلىتىپ كېلۋاتىدۇ. 

پاتتانى مالايلار    پاتتانىدىكى مالايلار  تارىختا  مالايسىيانىڭ شىمالىدىن كىرا بوينىغا قەدەر بولغان ئارىلىقتا مۇستەقىل دۆلەت قۇرغان بولۇپ 11-ئەسىردە پادىشاھ پاتانى ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىپ ئىسمىنى ئىسمائىلشاھ دەپ ئۆزگەرتكەن (پاتتانى دىگەن نام شۇ پادىشاھتىن قالغان)، 16-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا شىمالدىن كەلگەن بېرما پادىشاھلىقى پاتتانى رايونىغا بېسىپ كىرىپ، 18-ئەسىردە سىئام پادىشاھى تاجاۋۇزچىلىق قىلىپ پاتتانى رايونىدا  ئېغىر قىرغىنچىلىق قىللغانلىقتىن يەرلىك مالايلارنىڭ نوپۇسى بەكلا ئازلاپ كەتكەن، ئۇنىڭدىن كېيىن جۇڭگۇدىن كۆچۈپ بارغان مۇھاجىرلار پاتتانىنىڭ ئىقتىساد ئىشلىرىنى كونتىرۇل قىلىشقا ۋە سىياسىغا ئارىلىشىشقا باشلىغان، گەرچە مالايلار بىر نەچچە كىچىك سۇلتانلىققا بۆلۈنۈپ كەتكەن بولسىمۇئەمما يەنىلا مۇستەقىللىقىنى ساقلاپ قالغان. ئەنگىلىيىلىكلەر مالاككا سۇلتانلىقىدىن باشلاپ مالايسىيانى ئاستا-ئاستا كونتىرۇللىقىغا كىرگۈزۈش جەريانىدا پاتتانى مالايلىرى ئەنگىلىزلارغا تىز پۈكمىگەن. كېيىن شىمالدىكى تايلاند پادىشاھلىقى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىپ ئۆزىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ساقلىغان.

1909-يىلى شۇ چاغدا مالايسىيانى ئىشغال قىلىپ تۇرغان ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى شىمالدىكى مالايلارنىڭ مۇستەقىل پادىشاھلىقىنى مالايسىيا ئۈچۈن قۇتراتقۇلۇق رول ئوينايدىغان رايون دەپ قارىغان ۋە تايلاند ھۆكۈمىتى بىلەن «ئەنگىلىيە سىئام بىرلەشمە ئەھدىنامىسى» نى ئىمزالاپ تايلاندنىڭ پاتتانى رايونىنى بېسىۋېلىشىنى قوللاش بەدىلىگە ھازىرقى مالايسىيانىڭ كىداھ شىتاتىغا ئىگە بولغان. تايلاندنىڭ ئىزچىل تۈردە يولغا قويۇپ كەلگەن مالايلارنى ئاسمىلاتسىيەلەشتۈرۈش سىياسىتى نەتىجىسىدە يۇقارقى تۆت ئۆلكىدىن باشقا رايونلاردىكى مىليۇندىن كۆپ مالاي تايلاندجەمىيىتىگە سىڭىپ «مۇسۇلمان تاي» لاردىن ئىبارەت تايلاند تىلىدا سۆزلىشىدىغان، لېكىن ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان يېڭى مۇسۇلمان توپى شەكىللەندى. ھىندى ئوكياندىكى بېرما چېگرىسىغا يېقىن ئارال ئۆلكە پۇنكىدا مالاي قان سېستىمىسىدىكى مۇسۇلمان تايلار  %30 ئىگەللەيدۇ.

پاتتانى مالايلىرىنىڭ ئىقتىساد ۋە مەدەنى تۇرمۇشى كۆپ تەرەققى قىلالمىغان بولۇپ كۆپ قىسمى دىگۈدەك بېلىقچىلىق ۋە دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. پاتتانى رايونىدىكى شەھەر ئاھالىسى ئاساسەن دىگۈدەك جۇڭگو مۇھاجىرلىرى ۋە تاي كۆچمەنلىرىدىن ئىبارەت. پاتتانى مالايلىرىنىڭ  بىر ئەسىرگە يېقىن ۋاقىتتىن بېرى تايلاند دائىرىلىرىنىڭ ئاسمىلاتسىيە سىياسىتىگە قارشى تۇرۇش، ئاپتونومىيە تەلەپ قىلىش ھەركىتى ھىچقانچە نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن.

تايلاندنىڭ غەرپ ئەللىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ياخشى بولغانلىقتىن شۇنداقلا مالايسىيا بىلەن تايلاند ئوتتۇرىسىدا چېگرا شەرتنامىسى بولغانلىقتىن مالايسىيا ھۆكۈمىتى ئىزچىل تۈردە پاتتانى رايونىدىكى مالايلارنىڭ مۇستەقىللىق ۋە ياكى مالايسىياغا قوشۇلۇش تەلىپىنى رەت قىلىپ ھەتتتاتايلاند ھۆكۈمىتىگە ماسلىشىپ «پاتتانى مىللى ئازادلىق فرونتى»غا مۇناسىۋەتلىك شەخسلەرنى بىرقانچە قېتىم تايلاند ھۆكۈمىتىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكتىن تايلاندنىڭ جەنۇبىدىكى مالايلار ھازىر تېرورلۇق ۋاستىلىرىنى قوللىنىپ ھۆكۈمەتنىڭ ئۆزلىرىگە تېخىمۇ يول قويۇشقا مەجبۇرلىماقچى بولدى. ئارقا-ئارقىدىن يۈز بەرگەن تېرورلۇق ۋە ھۇجۇم ۋەقەلىرى نەچچە مىڭ ئادەمنىڭ بېشىغا چىقتى...نەتىجىدە تايلاندنىڭ جەنۇبىدىكى مۇسۇلمانلار رايونى تايلاندقا كېلىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ بېرىشى چەكلەنگەن رايون بولۇپ قېلىپ خەلقنىڭ دۇنيادىن ئايرىلىپ قېلىشى ۋە نامراتلىشىپ كېتىشىگە سەۋەپ بولۇپلا قالماي، تايلاندنىڭ مۇسۇلمانلىرى خەلقارا جەمىيەتتىمۇ يىتىم قالدى. 

2007-يىلى پاتتانى مالايلىرىدىن بولغان بىر نەچچە ۋەكىل ۋە تاي تىلىدا سۆزلىشىدىغان مۇسۇلمانلاردىن جەمئى 7 نەپەر كىشى تايلاند پارلامېنتىغا كىردى.  مۇسۇلمان قوماندان سۇتھى تاكسىننى ئاغدۇرۇش سىياسى ئۆزگىرىشى قىلغۇچىلارنىڭ رەھبىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن تايلاندنىڭ جەنۇبىدا مۇسۇلمانلار بىلەن بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئامما ئارىسىدا ئىناقلىق بەرپا قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك بىر قانچە ئېتىبار سىياسەتلەرنى يولغا قويدى. گەرچە بۇ پاتتانى مالايلىرىنىڭ سىياسى ئارزۇسىدىن كۆپ يىراق بولسىمۇ لېكىن بۇ رايونلاردا تېنچلىق ئورنىتىپ، ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىشىدە مۇھىم رول ئوينىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#