چاقا يېزىسى

چاقا يېزىسى
چاقا يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەن ۋىلايىتى چىرا ناھىيەسى گە قاراشلىق مەمۇرىي يېزا. چىرا ناھىيەسى بىلەن بولغان ئارىلىقى 64 كىلومېتىر، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 2600 مېتىر، 

ئۇيغۇرچە نامى چاقا يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 7761 كۋادرات كىلومېتىر
تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 28140 مو
خەنزۇچە ئاتىلىشى 恰哈乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون خوتەن ۋىلايىتى چىرا ناھىيەسى
نوپۇسى 12568 ئادەم
ماشىنا كودى 新R

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

چاقا يېزىسىچاقا يېزىسى چىرا ناھىيەسى گە جايلاشقان. ئومۇمىي كۆلىمى 7761 كۋادرات كىلومېتىر، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 28140 مو، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر 2.21 مو، ئاشلىق كۆلىمى 20 مىڭ مو، ئوتلاق كۆلىمى 1005008 مو، بوز يەر كۆلىمى 10 مىڭ مو.

ئومۇمىي نوپۇس 14788 ئادەم.

مىللەتلەر: ئۇيغۇر، خەنزۇ، خۇيزۇ، مياۋزۇ، تۇجيا مىللىتىدىن تەركىب تاپقان. 

نوپۇس ئەھۋالى

چاقا يېزىسى 48 كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسىدىكى 3145 ئائىلە، جەمئىي نوپۇسى 12568 ئادەم؛ نامرات نوپۇس 2902 ئائىلە، بۇنىڭ ئىچىدە ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەر 510 ئائىلە، 2384 ئادەم؛ تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەر 2392 ئائىلە، 9623 ئادەم؛ ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش بېرىدىغان ئائىلىلەر 183 ئائىلە، 426 ئادەم؛ نامرات نوپۇس ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %95.5 نى ئىگىلەيدۇ.

چاقا يېزىسىچاقا يېزىسى ۋاكالەت نومۇرى: 653225203. تەۋەسىدە 20 مەمۇرىي كەنت ئاھالە كومتېتى بار بۇلۇپ، بۇلار: چاقا كەنتى، لەنگۇي كەنتى، تەيتۇ كەنتى، دۆۋېيلىك كەنتى، ئېنىلىك كەنتى، سېرىقچان كەنتى، قىزكەدگەي كەنتى، قىزىليول كەنتى، كىشى كەنتى، ھاشى كەنتى، ئاسا كەنتى، ئوقۇ كەنتى، كەڭتوقاي كەنتى، قاراتاش كەنتى، يورۇقتاش كەنتى، جەگىتال كەنتى، ئەندىر كەنتى، گەنجىساي كەنتى، ئامبار كەنتى، چۆرۈش كەنتى ۋە 47 كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى قاتارلىقلار.

چاقا يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ تۇرۇشلۇق جايى چارباغ كەنتىدە، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 2600 مېتىر.

چاقا يېزىسى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، چىرا ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى 5-رايونغا ئايرىلغان. 

1959-يىلى چاقا خەلق گۇڭشېسى قۇرۇلغان. 

1984-يىلى چاقا يېزىسى تەسىس قىلىنغان. 

1984-يىلدىن ئىلگىرى تەۋەسىدە 28 ئاھالە كومىتېتى، 48 تەبىئىي كەنت تەسىس قىلىنغان. 

1984-يىلى 8 كەنت ئاھالە كومىتېتى، 9 تەبىئىي كەنت ئايرىلىپ ئۇلۇغساي يېزىسى قىلىپ قۇرۇلغان.

ئورنى 

چاقا يېزىسىچاقا يېزىسى باشقۇرۇش تەۋەلىكى بويىچە چىرا ناھىيەسىنىڭ قارمىقىدا بۇلۇپ، ناھىيە شەھىرىنىڭ جەنۇب تەرىپىدە جايلاشقان، ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى تۈز سىزىق ئارىلىقى 68 كىلومېتىر. ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى دۆلەت يولى 315-دۆلەت يولى چاقا يېزىلىق ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جايدىكى تاشيولى ئاۋاپ، چاراقاي، چۆرۈش كەنتى بىلەن تۇتىشىدۇ. چاقا يېزىسى جەنۇبىي شىزاڭ بىلەن چېگرىلىنىدۇ، شىمالىي تەرىپى چىرا بازىرى، چىرا يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، غەربىي جەنۇب تەرىپى خوتەن ناھىيەسى بىلەن تۇتىشىدۇ، غەربىي تەرىپى لوپ ناھىيەسى بىلەن قوشنا، شەرقتە نۇرى يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. يېزىنىڭ شەرقتىن غەربكە كەڭلىكى 39.6-69.8 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا ھالقىش ئارىلىقى 142.7-153 كىلومېتىر.

يەر شەكلى كىلىماتى

چاقا يېزىسىچاقا يېزىسى گېئولوگىيەلىك ئالاھىدىلىكى تاغلىق بولۇپ، پەس تاغ بەلبېغى. 

كىلىمات ئالاھىدىلىكى: كۈن نۇرى تولۇق چۈشىدۇ، ئىسسىقلىق مىقدارى مول، تېمپېراتۇرا ئۆزگىرىشى چوڭ، قۇرغاق، يامغۇر ئاز ياغىدۇ، ئەتىياز، يازدا بوران ۋە قۇم-بوران، چاڭ- توزان، تىپىك مۆتىدىل بەلۋاغنىڭ چۆل كىلىماتىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 17 سېلسىيە گرادۇس، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى 9 گرادۇس، قىروسىز مەزگىلى 150 كۈن، يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى 78.7 مىللىمېتىر.

تۇپراق

چاقا يېزىسى ئاساسلىق يېپىنچا تۆتىنچى ئېرا ئىككىلەمچى قۇمساڭ توپا، دەريا بويىدىكى ئېتىز-ئېرىق سۇغىرىلما–تىنما تۇپراق ۋە سۇغىرىپ تېرىلىدىغان قوڭۇر چۆل تۇپرىقىنى ئاساس قىلىدۇ. يەنە باشقا شورلۇق زەي تۇپراق، قوڭۇر چۆل تۇپراق ۋە نېپىز سۇغىرىش ساي قاتارلىقلار.

يېپىنچا ئۆسۈملۈك

چاقا يېزىسى1. ئاساسلىق دەرەخلەردىن شىنجاڭ تېرىكى، ئاق قاڭالتىر، جىگدە، توغراق، جىغان، ئۆرۈك دەرىخى، شاپتۇل دەرىخى، نەشپۈت دەرىخى، ئالما دەرىخى، چىلان دەرىخى قاتارلىقلار؛

2. دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىدىن بۇغداي، قوناق، مايلىق ئاپتاپپەرەس، بېدە؛

3. دورىلىق ئۆسۈملۈكلەردىن چۈچۈكبۇيا، قىرىقبوغۇم، قومۇش يىلتىزى؛

ياۋايى ھايۋانلار 

چاقا يېزىسىدىكى تەبىئىي ياۋايى ھايۋانلاردىن ياۋا توشقان، ياۋا ئۆردەك، ئۇلار، كەكلىك قاتارلىقلار بار. 

كان مەھسۇلاتى

يېزىدىكى كان مەھسۇلاتلىرىدىن كىۋارتىس، تۆمۈر رۇدىسى، مىس كېنى ۋە كۆپ مىقداردا قاشتېشى، ئاۋېنتۇرىن كۋارتس، ھاك تېشى قاتارلىقلار. 

ئۆزگىچە مەھسۇلاتى 

چاقا يېزىسىدا ئاق ياغلىق ئۆرۈك، ئۆرۈك مېغىزى، ياڭاق ۋە غاز، يەرلىك توخۇ قاتارلىق ئۆزگىچە مەھسۇلاتلار ئىشلەپچىقىرىلىدۇ.

چاقا يېزىسىچاقا يېزىسى يېزا ئىگىلىك بىلەن يەنى: بۇغداي، قوناق ئاساس قىلغان تېرىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. 

2000-يىلى ئاشلىقنىڭ ئومۇمىي مەھسۇلاتى 7 مىليون 925 مىڭ كىلوگرام، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئاشلىق 630.56 كىلوگرام؛ ئاز مىقداردا ئىقتىسادىي زىرائەتلەردىن، مەسىلەن: قوغۇن، ياغلىقدان قاتارلىقلار بار. 

ھازىر بار بولغان ئورمان كۆلىمى 5238 مو. يېزا بويىچە 57 مىڭ تۇياق چارۋا، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە چارۋا سانى 4.53 تۇياق، 2000-يىلى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى 801 يۈەن؛ 2002-يىلى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى 806 يۈەن.

يېزا قارىمىقىدا «تۆت ئىشخانا بىر بۆلۈم» يەنى: پارتىيە، ھۆكۈمەت پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىشخانىسى، مەنىۋى مەدەنىيلىك ۋە ئىجتىمائىي ئىشلار ئىشخانىسى، يېزا ئىقتىسادىنى ئىشخانىسى، ھەر تەرەپلىمە تۈزەش ئىشخانىسى، خەلق قوراللىق بۆلۈمى قاتارلىق. چاقا يېزىسى ھازىرقى پارتىيە ياچېيكىسى 33، جەمئىي پارتىيە ئەزاسى 454 نەپەر، بۇنىڭ ئىچىدە دېھقان پارتىيە ئەزالىرى 276 نەپەر، بەشتە ياخشى كەنت پارتىيە ياچېيكىسى 13، ناھىيە دەرىجىلىك مەدەنىي كەنتتىن 15 ى بار.

سۇچىلىق

چاقا يېزىسى ھازىرقى غالىبىيەت سۇ ئامبىرى، لاڭشا سۇ ئامبىرى ئىككى جايى، چاقا دەرياسى، ئاشى دەرياسى 2-تارمىقى،  تەبىئىي بۇلاق بىر، يىللق سۇ چىقىشى 0.03 كۇب مېتىر. سۇ بىلەن تەمىنلەش پونكىتى بىر، سۈنئىي ئۆستەڭ 21 كىلومېتىر. ئاساسلىق دەريا سۈيىنىڭ ئاساس قىلىدۇ؛ 

دەريا سۈيى ئېقىن مىقدارنىڭ يىللىق تەقسىملىنىش: ئەتىياز پەسلىدە (3-5-ئاي) ئوتتۇرىچە ئېقىم مىقدارى 3 كۇب مېتىر، ياز پەسلىدە (8-6 ئايلاردا) ئوتتۇرىچە ئېقىن مىقدارى 105 كۇب مېتىر، كۈز پەسلىدە (9-11-ئاي) ئوتتۇرىچە ئېقىن مىقدارى 3 كۇب مېتىر، قىش پەسلىدە (12-2-ئاي) ئوتتۇرىچە ئېقىن مىقدارى 2 كۇپ مېتىر.

مەدەنىيەت-مائارىپ، سەھىيە

چاقا يېزىسىمەدەنىيەت، مائارىپ، پەن تېخنىكا، سەھىيە بىر قەدەر تېز تەرەققىي قىلغان بۇلۇپ، ئوتتۇرا مەكتەپ 3، باشلانغۇچ مەكتەپ 18 (3 ئوقۇتۇش نۇقتىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) يېزىلىق مەدەنىيەت پونكىتى بىر، مەدەنىيەت ئۆيى 15. يىراقتىن ئوقۇتۇش تور نۇقتىسى 12. تەسىس قىلىنغان پەن-تېخنىكا تەربىيەلەش مەركىزى بىر، كەنت دەرىجىلىك پەن-تېخنىكا جەھەتتىن تەربىيىلەش پونكىتى 20، پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش جەمئىيىتى بىر. توققۇز يېزا دەرىجىلىك شىپاخانا بىر، يېزا ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش نۇقتىسىدىن 4 نۇقتا.

قاتناش

1956-يىلى چىرا __ چاقا ئاددىي تاشيولى ياسالغان؛ 1967-يىلى شېغىل يول يۈزى يېيىتىلغان؛ 1977 يىلى خوتەن ___ چاقا  بىۋاستە ئاممىۋى ئاپتوبۇسى بار بولغان؛ 1991-يىلى پۈتۈن لىنىيە بويىچە يولغا ئاسفالىت ياتقۇزۇلغان. 

1984-يىلى يېزا بويىچە ماشىنا 3، ئوتتۇرا تىپتىكى تراكتور 43، كىچىك تىپتىكى تېراكتور 5 دانە، كۆپ قىسىم كەنتلەرگە ئاپتوموبىل،  تېراكتۇر قاتنىيالايدىغان بولغان؛

1992-يىلى يېزىغا يولۇچىلار بېكىتى قۇرۇلغان. ھازىر چىرا-چاقا يېزىسى ئاساسى غول يول 68 كىلومېتىر، كەنت دەرىجىلىك يوللار 240 كىلومېتىر.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#