قۇياش بورىنى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
قۇياش بورىنى قۇياش ئاتموسفېراسىنىڭ ئەڭ سىرتقى قەۋىتى بولغان قۇياش ئۆسۈكى ئۈزلۈكسىز چىقىپ تۇرىدىغان، مۇقىم زەررىچىلەرنىڭ ئېقىمى بولۇپ، ئاساسلىق تەركىبى پروتۇن بىلەن ئېلىتىرۇندىن ئىبارەت، بۇ خىل بوراننىڭ سۈرئىتى ئىنتايىن تىز بولۇپ، ئۇزۇن يول بىسىپ يەر شارىغا يىقىن كەلگەندىمۇ، سۈرئىتى 450kms قا يىتىدۇ، بۇ مىكرو زەررىچىلەر نىسبەتەن بىر قەدەر زىچ بولۇپ، ھەر كۈب مېترىدىكى سانى 8 مىليۇن دانىگە يىتىدۇ.
ئۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى نەچچە يۈز مىڭ سېلىتسىيە گىرادۇسقا يېتىدۇ. بۇ مىكرو زەررىچىلەر گەرچە بىر قەدەر زىچ دېيىلسىمۇ، لېكىن يىتەرلىك زىچلىق دەرىجسىگە يەتمەيدۇ، لېكىن بۇ يۇقىرى سۈرئەتتىكى مىكرو زەررىچىلەر ئېقىمى ئالەم ئۇچقۇچىلىرىغا تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ، بۇلۇپمۇ ئادەملىك ئالەم كېمىسىگە نىسبەتەن ئىنتايىن ئېغىر تەھدىت ھېسابلىنىدۇ، شۇڭا كائىنات ئۈستىدە ئىزدەنگۈچىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، « قۇياش بورىنى » دىن ئالدىن مەلۇمات بېرىش يەر شارىدىكى شامال يۆنىلىشىدىن ئالدىن مەلۇمات بىرىشكە قارىغاندا تېخىمۇ موھىم.
« تاجىسىمان تۆشۈك » قۇياش بورىنىنىڭ كېلىش مەنبەسى بولۇپ، ئۇ ئاساسلىقى قۇياشنىڭ قۇتۇپ رايۇنىغا تارقالغان، بۇ رايۇندىكى زەررىچىلەر تارتىش كۈچىنىڭ تەسىرىگە ئاز ئۇچرايدۇ، شۇڭا ئۇۋىدىن چىققان ھەسەل ھەرىلىرىگە ئوخشاش « تاجىسىمان تۆشۈك » تىن سىرتقا قاراپ ئېتىلىپ چىقىپ، پۈتكۈك قۇياش سىستېمىسغا تەسىر كۆرسىتىدىغان « دەرىجىدىن تاشقىرى بوران » نى چىقىرىدۇ.
قۇياش بورىنى يەر شارىدىكى بوران چاپقۇنغا ئوخشاش قۇم - شېغىللارنى ئۇچۇرۇپ، جاھاننى چاڭ - توزانغا قاپلىۋەتمەيدۇ، بىراق ئۇ ئۆزگىچە ئۇسۇل ئارقىلىق ئېنېرگىيەسىنى نامايەن قىلىدۇ، ئۇ قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزنىڭ قۇيرۇقىنى « پۈۋلەپ » ئۇچۇرۇپ ئۇزارتىۋېتىدۇ، ھەمدە ئۇنى قۇياشقا تەتۇر يۆنىلىشكە قارىتىپ قويالايدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
ياردەم تورى
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.