لوك دىگەن سۆزلۈك كۆپ خىل مەنە تۈرىنى ئىپادىلىگەن، تۆۋەندىكى مەنە تۈرلىرى بويىچە كۆرۈڭ:
  1. لوك ()
  2. لوك (خام دورا)
لوك

لوك لانگېدون دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان. ئوكسفورد داشۆسىدە ئوقۇغان، ياش مەزگىلىدە ئىلىم-پەنگە ئىنتايىن قىزىقاتتى. 36 يېشىدا خان جەمەتى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئازادلىقىغا تاللانغان. نيۇتون بىلەن ياخشى دوستلاردىن ئىدى.

ئۇيغۇرچە ئىسمى لوك
باشقا نامى John Locke
تۇغۇلغان ۋاقتى 1632-يىلى
كەسپى پەيلاسوپ
خەنزۇچە ئىسمى 约翰·洛克
دۆلەت تەۋەلىكى ئەنگلىيە
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1704-يىلى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

لوكلوك-دېموكراتىك ئاساسىي قانۇنلۇق ئىدىيىنىڭ ئاساسىي مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى مۇجەسسەملىگەن تۇنجى پەيلاسوپ، ئۇنىڭ ئىدىيىسى ئامېرىكىنىڭ دۆلەت قۇرغۇچىسىغا تەسىر كۆرسەتكەن. شۇنداقلا 18-ئەسىردىكى فرانسىيە پەلسەپە ئاقارتىش ھەرىكىتى جەريانىدىكى نۇرغۇن پەيلاسوپلارغا تەسىر كۆرسەتكەن. 

لوك لانگېدون دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان. ئوكسفورد داشۆسىدە ئوقۇغان، ياش مەزگىلىدە ئىلىم-پەنگە ئىنتايىن قىزىقاتتى. 36 يېشىدا خان جەمەتى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئازادلىقىغا تاللانغان. نيۇتون بىلەن ياخشى دوستلاردىن ئىدى.

ئەركىن سىياسىي ئىدىيىگە قاتتىق ئېتىقاد قىلىدىغان ۋە ئۇنى ھىمايە قىلدىغان شافزبېر بىلەن تونۇشۇش لوكنىڭ ھاياتىدا بىر بۇرۇلۇش بولدى. شافزبېر ئەركىن ئىدىيىنى ھىمايە قىلغانلىقى ۋە ئەركىن سىياسىي ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ئۈچۈن چارلىز Ⅱ تەرىپىدىن تۈرمىگە تاشلىنىدۇ. ئۇ گوللاندىيىگە قېچىپ كېتىدۇ، لوك ئارقىدىنلا يېتىپ بارىدۇ.

لوكنىڭ شۆھرىتىنى يايغان ئەسەر ئۇنىڭ «ئىنسانىيەتنى چۈشىنىش توغرىسدا» دېگەن ئەسىرىدۇر. لوك ئۆزىنىڭ بۇ كىتابىدا ئىنسان بىلىمىنىڭ كېلىش مەنبەسى، خاراكتېرى ۋە چەك چېگرىنى شەرھىلىگەن. لوكنىڭ نەزەرىيىسى ساپ تەجرىبىلىك، بېكون بىلەن دېكارتنىڭ ئۇنىڭغا كۆرسەتكەن تەسىرىنى كۆرۈۋالماق تەس ئەمەس. لوكنىڭ ئىديىسى كېيىنكى نۇرغۇن مۇتەپەككۇرلارغا مەسىلەن، بېرىكلى، يوم، كانتلارغا تەسىر كۆرسەتكەن. لوكنىڭ «ئىنسانىيەتنى چۈشىنىش توغرىسىدا» دېگەن كىتابى ئۇنىڭ باشقا ئەسەرلىرىدىن توغرا ھەم ئەڭ مۇھىم پەلسەپىۋى كلاسسىك ئەسەرلىرىنىڭ بىرى بولسىمۇ، ۋەھالەنكى، ئۇنىڭ سىياسىي ئەسەرلىرىنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىدا ئانچە مۇھىم رولى بولمىغان. لوك ئۆزىنىڭ «كەڭ قۇرساقلىق قىلىش توغرىسىدا خەت-چەكلەر» دېگەن كىتابىدا دۆلەت دىنىي مۇراسىملارغا ئارىلاشماسلىقى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن؛ لوكنىڭ بۇنداق ئىدىيىنى كەينى-كەينىدىن ئوتتۇرىغا قويۇشى، بۇ خىل ئىدىيىنى ھىمايە قىلىدىغان جامائەت پىكرىنىڭ ئەۋج ئېلىشىغا سەۋەبچى بولغان. لوك دىنىي كەڭ قارساقلىق قىلىش ئىدىيىسىنى كېڭەيتتى. بۇ غەيرىي خرىستىئان مۇرىتلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئۇ: «مەيلى كۆپ ئىلاھلىق دىن مۇرىتلىرى، مۇسۇلمان ياكى يەھۇدىي دىنىي مۇرىتلىرى بولسۇن، ئۇلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى سەۋەبىدىن پۇقرالىق ھوقۇقىنى تارتىۋالماسلىق كېرەك» دېگەن. بىراق، ئۇ كاتولىك دىنى مۇرىتلىرىنى بۇنىڭدىن مۇستەسنا قىلغان، بۇنىڭ سەۋەبى ئۇلار چەت ئەل ھۆكۈمرانى(پاپا) غا سادىقمەنلىك قىلغان، ئوخشاشلا دىنغا خائىنلىق قىلغانلارنىمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا قىلغان. 

لوكنىڭ بۇ كىتابى سەۋەبىدىن، دىنىي كەڭ قۇرساقلىق لوك مۇستەسنا قىلىۋەتكەن دىن گۇرۇھلىرىغا سىڭىپ كىرگەن. 

لوكنىڭ ئىمزاسىلوك 1689-يىلى ئېلان قىلغان «ھۆكۈمەتكە ئائىت ئىككى پارچە ماقالە» بۇرۇنقى ئەسەرلىرىگە ئوخشاشلا مۇھىملىققا ۋە شۆھرەتكە ئىگە. ئۇ بۇ ئىككى پارچە ماقالىسىدە ئەركىن دېموكراتىك قانۇن ئىدىيىسى ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان مۇھىم ئىدىيىنى ئاشكارىلاپ بەرگەن. بۇ خىل ئىدىيىنىڭ تەسىرى ئۇلۇغ ھەم چوڭقۇر بولغان. لوك ھەر بىر ئادەمنىڭ مۇقەررەر ھوقۇقى بولىدۇ، پەقەت ياشاش ھوقۇقىنىلا ئۆز ئىچىگە ئېلىپ قالماستىن، ئۇ يەنە كىشىلىك ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك مال-مۈلۈك ئەركىنلىكىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ دېگەننى جاكارلىغان. ئۇ دۆلەتنىڭ مەسئۇلىيىتى پۇقرانىڭ جىسمانىي ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قوغداش دېگەننى تەكىتلىگەن.

لوك مۇنارخيلىك ھوقۇقنى ئىلاھ ئاتا قىلغان(بۇ ئەينى ۋاقىتتا ياۋرۇپادا ئېقىپ يۈرگەن قاراش ئىدى) دېگەن ئىدىيىنى رەت قىلىپ، ھۆكۈمەت ئابرويى شۇ ھۆكۈمەت ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان خەلقنىڭ ھىمايە قىلىشىدىن كېلىدۇ دېگەننى جاكارلىدى.

لوك ھوقۇقنى ئايرىش پرىنسىپىغا ئىشىنەتتى. ئۇ قانۇن تۇرغۇزۇش ھوقۇقى مەمۇرىي ھوقۇق ۋە ئەدلىيە ھوقۇقىدىن ئۈستۈن تۇرۇشى كېرەك دەپ قارايتتى. ئۇ ئەدلىيە ھوقۇقىنى مەمۇرىي ھوقۇقنىڭ بىر قىسمى دەپ ھېسابلايتتى. شۇڭلاشقا لوك سوتقا قانۇن چىقىرىش، قانۇنغا قارشى تۇرۇش ھوقۇقىنى بېرىشكە قارشى ئىدى. سوتنىڭ قانۇن چىقىرىش قانۇنىنى ئاساسىي قانۇندىن مۇستەسنا بولغان قانۇن دەپ قارىشىغا رۇخسەت قىلمايتتى. 

لوكنىڭ 100 يىلدىن كېيىن پارتىلىغان ئامېرىكا ئىنقىلابىغا كۆرسەتكەن تەسىرى ناھايىتى ئېنىق، ئۇ جېففېرسون ۋە فرانسىيە ئىنقىلابىدىن ئاۋۋالقى فرانسىيە مۇتەپەككۇرلىرىغا تەسىر كۆرسەتكەن، شۇ ئارقىلىق ۋاستىلىك ھالدا فرانسىيە ئىنقىلابىنىڭ شىددەتلىك ئوتىنى تۇتاشتۇرغان. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#