لوگىكا ئىلمى

لوگىكا ئىلمى

 لوگىكا ئىلمى -تەپەككۇر قانۇنىيىتى ئىلمىدۇر. بەزىدە لوگىكا ئىلمى بىلەن لوگىكا دېگەن ئىككى ئاتالغۇ ئارىلاشتۇرۇلۇپ قوللىنىلىدۇ. لوگىكا ۋە لوگىكا ئىلمى تەرەققىيات جەريانىدا، ئەنئەنىۋىي لوگىكا ۋە دېئالىكتىك لوگىكا دېگەن ئىككى جەرياننى بېسىپ ئۆتىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى لوگىكا ئىلمى
ئىنگىلىزچە نامى Logic specialty
خەنزۇچە نامى 逻辑学
تۈرى ئىجدىمائى پەن

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

لوگىكا ئىلمى -تەپەككۇر قانۇنىيىتى ئىلمىدۇر. بەزىدە لوگىكا ئىلمى بىلەن لوگىكا دېگەن ئىككى ئاتالغۇ ئارىلاشتۇرۇلۇپ قوللىنىلىدۇ. لوگىكا ۋە لوگىكا ئىلمى تەرەققىيات جەريانىدا، ئەنئەنىۋىي لوگىكا ۋە دېئالىكتىك لوگىكا دېگەن ئىككى جەرياننى بېسىپ ئۆتكەن.

 لوگىكا ئىلمى ئاساسەن تەپەككۇر ئۇسۇلىنى تەتقىق قىلدىغان پەن بولۇپ، ئۇ يەنە ساپ ئىدراكنىمۇ ئۆزىنىڭ تەتقىقات ئوبيېكتى قىلىدۇ. ساپ ئىدراك ئەڭ ئابىستىراكىت بولغان تەپەككۇر ئۇسۇلى كەلتۈرۈپ چىقارغان يەكۈننى كۆرسىتىدۇ.

 دېئالىكتىك لوگىكا يەنە ئۆز ئىچىدىن زىددىيەت لوگىكىسى ۋە سېممېتىرىك لوگىكا دەپ ئىككى جەرياننى باشتىن كەچۈرگەن. سېممىتىرىك لوگىكا بولسا لوگىكا ئىلمى تەرەققىياتىدىكى ئەڭ يېڭى ئىلىم بولۇپ، ئۇ دېئالىكتىك لوگىكا تەرەققىياتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى باسقۇچقا يەتكەن.

سېممېتىرىك لوگىكا

سېممېتىرىك قانۇنىيەتنى ئاساس قىلغان تەپەككۇر ئۇسۇلى ئىلمى بولۇپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت، ئىدىيە بىلەن مەۋجۇدىيەت، تەپەككۇر ئۇسۇلى ۋە تەپەككۇر مەزمۇنى، تەپەككۇر ئوبيېكتى ۋە سوبيېكتى،  تەپەككۇر قاتلىمى ۋە تەپەككۇر نىشانى، ئىلمىي ماھىيەت ۋە ئوبيېكتىپ ماھىيەت ئۆز ئارا سېممېتىرىك بولغان لوگىكا ئىلمىدۇر. سېممېتىرىك لوگىكا -سېممېتىرىك تەپەككۇر ئۇسۇلى بولۇپ، سېممېتىرىك تەپەككۇر ئۇسۇلى دەل ماسلىشىشىچان تەپەككۇر ئۇسۇلىدۇر. ماسلىشىشچان تەپەككۇر ئۇسۇلى يەنە ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش چاقىرىقىغا ماسلاشقان تەپەككۇر ئۇسۇلىدۇر. سېممېتىرىك لوگىكا ئىلمىنىڭ شەكىللىنىشى يەنى ئادەملەرنىڭ تەپەككۇرى، نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت تەرەققىياتىنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسىدۇر.

  شەكىللىك لوگىكا ئىلمى

تۈز سىزىقلىق يەنى بىۋاستە تەپەككۇر ئۇسۇلى بولۇپ، ئۇ شەكىللىك تەپەككۇر ئۇسۇلىنى بىردىنبىر تەپەككۇر ئۇسۇلى دەپ قارايدۇ. سېممېتىرىك لوگىكىنىڭ شەكىللىنىشى يەنى ئىنسان تەپەككۇرى،نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت تەرەققىياتىنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى يەنى قارشىلىق نەزەرىيىسى پەيدا قىلغان ئىلىم. قارشىلىق نەزەرىيىسى بولسا، سېممېتىرىك لوگىكىنىڭ كاتالىزاتورىدۇر.

لوگىكا ئىلمى ئاساسەن تەپەككۇر ئۇسۇلىنى تەتقىق قىلدىغان پەن بولۇپ، ئۇ يەنە ساپ ئىدراكنىمۇ ئۆزىنىڭ تەتقىقات ئوبيېكتى قىلىدۇ. ساپ ئىدراك ئەڭ ئابىستىراكىت بولغان تەپەككۇر ئۇسۇلى كەلتۈرۈپ چىقارغان يەكۈننى كۆرسىتىدۇ.

  مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، لوگىكا ئىلمى ئىگىلەش ئەڭ قىيىن بولغان ئىلىم دەپ قارىلىدۇ. چۈنكى ئۇ ھەل قىلىدىغان مەسىلىلەر ھەممىسى ئابىستىراكىت ھېسيات مەسىلىلىرى بولۇپ، ھەممىسى مەۋھۇم نەرسىلەردۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە ساپ ئىدراكنى ئالاھىدە قابىلىيەت ۋە ئۇسۇللار ئارقىلىقلا ئاندىن ھېس قىلغىلى، ئۇنى چۈشەنگىلى، ھەمدە ساپ ئىدراك دائىرىسىدە ھەرىكەت قىلغىلى بولىدۇ. ئەمما باشقا بىر نۇقتىدا تۇرۇپ قارىساق، لوگىكا ئىلمى ئۇنچىۋالا تەس پەن دەپمۇ قارالمايدۇ. چۈنكى ئۇ تەتقىق قىلىدىغان مەزمۇن باشقا ئەمەس دەل بىزنىڭ تەپەككۇرىمىز، تەپەككۇر ئۇسۇلىمىز ۋە تەپەككۇر قانۇنىيەتلىرىمىزدۇر، بۇ خىل تەپەككۇر ھادىسلىرى بىلەن بىز كۈندە ئۇچرىشىپ تۇرىدىغان بولغاچقا، لوگىكا ئىلمىنى ئۆگەنگۈچىلەر ئۈچۈن ئۇنچىۋالا ناتونۇش ۋە يىراق بولۇپ كەتمەسلىكى تۇرغانلا گەپ. مەسىلەن، بار ۋە يوق، سان ۋە سۈپەت، ئەركىن مەۋجۇت بولۇش ۋە ئۆزى ئۈچۈن مەۋجۇت بولۇش قاتارلىق بىز ناھايىتى تونۇشلۇق بولغان ئۇقۇملار ئەكسىچە لوگىكا تەتقىقاتىنى مۇرەككەپلەشتۈرۈپ بارماقتا، چۈنكى بىر تەرەپتىن بىز بۇ ئۇقۇملارنى تەتقىق قىلىپ ئولتۇرۇشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق دەپ قارايمىز، يەنە بىر تەرەپتىن بولسا، بىزنىڭ يۇقىرىقى ئۇقۇملارنى چۈشىنىش ۋە ئۇلارنى مۇلاھىزە قىلىش ئۇسۇلىمىز بىلەن لوگىكا ئىلمىنىڭ ئۆزگىچە تەتقىقات ئۇسۇلى ھەرگىز ئوخشاشمايدۇ، گەرچە لوگىكىنىڭ تەتقىق قىلىدىغىنى بىز ناھايىتى تونۇش بولغان، ئاددىي ئۇقۇملاردە كۆرۈنسىمۇ ئەمما ئۇ يەنىلا كىشىلىرىمىز ئارىسىدا ئىگىلەش تەس بولغان ئىلىم دەپ قارىلىشىدىكى سەۋەب دەل شۇنىڭدا.

  ھەقىقەت دەل لوگىكىنىڭ تەتقىقات ئوبېكتىدۇر. ھەقىقەت بىر ئۇلۇغۋار ئىسىم بولۇپ، ئۇنىڭ ماھىيىتى تېخىمۇ ئۇلۇغدۇر. بىز تەپەككۇر دېگەن ئاتالغۇنى ئېغىزغا ئالغان ۋاقتىمىزدا، ئۇنى بىزنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىمىز، ئىپادىلەش ماھارىتىمىز ياكى ئىرادىمىز دېگەنگە ئوخشاش بىر خىل سۇبيېكتىپ پائالىيەت دەپ قارايمىز. ناۋادا تەپەككۇر راستلا بىز ئويلىغاندەك پەقەتلا بىر خىل سۇبيېكتىپ پائالىيەت دەپ ھېسابلانسا، ئۇ ھالدا لوگىكىنىڭ تەتقىقات ئوبيېكتىمۇ ئالاھىدە بەلگىلەنگەن بولۇپ قالىدۇ. ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ تەپەككۇرىمىز ناھايىتى كونكىرىت بولىدۇ، ئەمما بىز تەپەككۇرنىڭ مۇرەككەپ ئۇقۇملىرى ئارىسىدىن تەپەككۇرنىڭ ئەسلى رولى ياكى تەپەككۇرنىڭ ئابىستىراكىتلىق رولىنى ئاسانلىقچە پەرق ئېتەلمەيمىز. تەپەككۇرنى ئىنچىكىلىك بىلەن تەتقىق قىلىش، بىزگە تەپەككۇرنىڭ ئالاھىدە روللىرى ۋە ئادەمنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى ئېچىپ بېرىدىغان خۇسۇسىيەتلىرىنى ئېچىپ بېرىدۇ. لوگىكىنى تەتقىق قىلىش نوقۇل ئۇنى ئىشلىتىش ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى لوگىكا ئىلمىدىكى جەۋھەر تەرەپلەرنى قېزىپ چىقىش ئۈچۈندۇر.[1][0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

1.

بەشتاش تورى:لوگىكا ئىلمى 

http://www.baxtax.cn/qozam/jemiyet/18524.html

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (3 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    66.7%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    33.3%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#