تاجىگۈل دىگەن سۆزلۈك كۆپ خىل مەنە تۈرىنى ئىپادىلىگەن، تۆۋەندىكى مەنە تۈرلىرى بويىچە كۆرۈڭ:
  1. تاجىگۈل (ئۆسۈملۈك، گۈل )
  2. تاجىگۈل ()
ئۆسۈملۈك، گۈل

تاجىگۈل

تاجىگۈل

تاجىگۈل (ئىلمىي نامى: Celosia cristata L.) تاجى كىچىك باش توخۇنىڭ تاجىسىغا ئوخشغاچقا، قىزىل توخۇسى تاجىسى، چىپار توخۇ تاجى قاتارلىق ناملار بىلەنمۇ ئاتىلىدۇ. بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، ياز ۋە كۈز پەسلىدە چېچەكلەيدۇ، گۈلى كۆپىنچە قىزىل رەڭلىك بولۇپ، تاجسىمان بولغاچقا تاجىگۈل دەپ ئاتالغان. 

ئۇيغۇرچە نامى تاجىگۈل
ئىنگلىزچە نامى Cockscomb Flower、COCKSCOMB
تەۋەلىكى ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
سىنىپى قوش پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى
ئائىلىسى قامچىگۈل ئائىلىسى، تاجىگۈل ئائىلىسى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 鸡冠花
تارقالغان رايونلار ئىسسق بەلباغ رايونلىرى، جۇڭگونىڭ جەنۇب شىمالى
تىپى يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى
تۈركۈمى چىنىگۈل تۈركۈمى
ئۇرۇقداشلىرى ياۋا تاجىگۈل ئۇرۇقدىشى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تاجىگۈلتاجىگۈل تاجىگۈل ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 60 ~ 100 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ غولى تىك، توم، يۇقىرى قىسمى سەل ياپىلاق؛ يوپۇرماقلىرى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، تۇخۇمسىمان ياكى تۇخۇمسىمان تېمىنە شەكلىدە بولۇپ، تولۇق گىرۋەكلىك، سېپى بار؛ باشاقسىمان گۈل رېتى توخۇ تاجىسىغا ئوخشايدۇ، گۈللىرى كىچىك، زىچ ئۆسىدۇ، رەڭگى قىزىل، سۆسۈن، سېرىق، ئۇرۇقى ياپىلاق يۇمىلاق بولۇپ، رەڭگى قارا، پارقىراق كېلىدۇ.

تاجىگۈلتاجىگۈل ئىللىق، قۇرغاق كىلىمات، قۇرغاقچىلىقتىن قورقىدۇ، قۇياش نۇرىنى ياخشى كۆرىدۇ، ھۆلچىلىككە چىدامسىز، لېكىن تۇپراققا بولغان تەلىپى يۇقىرى ئەمەس، ئادەتتە ھويلا تۇپراقلىرىغا تېرىلىدۇ، نۆۋەتتىكى تاجىگۈل ئۆستۈرۈش ھويلا-ئارام ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ يېڭى بىر خىل يولى. ئۇنىڭدىن باشقا ناھايىتى چوڭ دورىلىق قىممىتىگە ئىگە. 

تاجىگۈل ئەسلى ماكانى ئافرىقا، ئامېرىكا قىتئەسى ئىسسىق بەلباغ رايونلىرى، ھىندىستان ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كەڭ ئۆستۈرۈلىدۇ، بىر يىلدا بىر قېتىم ئۆسىدىغان سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك.

جۇڭگودا بولسا ئاساسلىقى ئەنخۇي، بېيجىڭ، فۇجيەن، گەنسۇ، گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى، گۇيجۇ، خەينەن، خېبېي، خېيلوڭجياڭ، خېنەن، شياڭگاڭ، كوخوگۇ، خۇنەن، جاڭسۇ، جياڭشى، جىلىن، لىياۋنىڭ، ئىچكى موڭغۇل، نىڭشيا، سەنشى، شەندۇڭ، شەنشى، سىچۇەن، تەيۋەن، ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ، شىزاڭ، يۈننەن، جېجىياڭ قاتارلىق جايلاردا ئۆستۈرۈلىدۇ. 

تاجىگۈلتاجىگۈل ئۇرۇقى ئارقىلىق كۆپىيىدۇ، مۇۋاپىق بولغان سۈپەتلىك يەر، ئاساسىي ئوغۇتنى يېتەرلىك بېرىش، تۈزلەپ ۋە تاختىلاش، ئۇرۇقنى تەكشى چېچىش، ئادەتتە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃15-20 تا، 15-10 كۈندە مايسا چىقىرىدۇ. 

 بىخلىنىپ چىققاندىن كىيىن سۇغىرىشقا ئەھمىيەت بېرىش، مايسا مەزگىلىدە چوقۇم ئوتاپ تۈۋىنى بوشۇتۇش، ئانچە قۇرغاق بولمىغان چاغدا ئىمكانقەدەر ئاز سۇغىرىش.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#