جېننەنگۇەندىكى زور غەلىبە
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
«گۇاڭشىنىڭ دەرۋازىسى ئەمدىلىكتە مەۋجۇتلۇقتىن قالدى. » بۇ، جۇڭگو-فرانسىيە ئۇرۇشى(1883 −1885-يىللار) دا فرانسىيە تاجاۋۇزچى ئارمىيىسىنىڭ جېننەنگۇەن(ھازىرقى يۈيگۇەن) نىڭ ئالدىغا تىكلەكلىك تۈۋرۈككە يېزىپ قالدۇرغان خەنزۇچە خەت ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ تاجاۋۇزچىلىق خورىكى ئىنتايىن ئۆسۈپ كەتكەنىدى. جېننەنگۇەندىكى ئارمىيە ۋە خەلقمۇ ئۆتكەلنىڭ ئالدىغا تۈۋرۈك قاداپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە فرانسىيىلىكلەرنىڭ خېتىگە تىغمۇتىغ تاقابىل تۇرىدىغان «فرانسىيىلىكلەرنىڭ كاللىسى بىلەن دەرۋازىمىزنى قايتىدىن بەرپا قىلىمىز! » دېگەن چوڭ خەتنى يازدى.
1885-يىلى(گۇاڭشۈينىڭ11-يىلى) چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى يېشى70 كە يېقىنلاشقان پېشقەدەم سەركەردە فېڭ زىسەينى گۇاڭشى ئالدىنقى سېپىگە بېرىپ فرانسىيە تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇشقا ئەۋەتتى. ئۇ جېننەنگۇەندە سېپىل سوقتۇرۇپ، خەندەك كولىتىپ، ئۇرۇشقا پائال تەييارلىق قىلدى. 3-ئاينىڭ23-كۈنى فرانسىيە ئارمىيىسى ئۈچ يولغا بۆلۈنۈپ، چىڭ سۇلالىسى ئارمىيىسىنىڭ ئىستىھكامىغا شىددەتلىك ھۇجۇم قىلدى. فېڭ زىسەينىڭ قوماندانلىقىدا، چىڭ سۇلالىسى ئارمىيىسىنىڭ سەركەردە-لەشكەرلىرى باتۇرانە قارشىلىق كۆرسىتىپ، فرانسىيە ئارمىيىسىنىڭ ھۇجۇمىنى چېكىندۈردى. 24-كۈنى سەھەردە فرانسىيە ئارمىيىسى يەنە بىر قېتىم ئەسكىرىي كۈچىنى ئۈچ يولغا بۆلۈپ، ھۇجۇمغا ئۆتتى. ئۇدۇلدىكى دۈشمەنلەر شىددەتلىك زەمبىرەك ئوقىنىڭ ھىمايىسىدە سېپىل تۈۋىگە قىستاپ كەلدى، بەزىلىرى سېپىلغا يامىشىپ چىقتى. بۇ ۋاقىتتا فېڭ زىسەي ھەيۋەت بىلەن توۋلىغان ھالدا نەيزىسىنى قولىغا ئېلىپ، سېپىلدىن ئالدى بىلەن سەكرەپ چۈشۈپ دۈشمەن ئىستىھكامىغا بۆسۈپ كىرىپ، دۈشمەنلەر بىلەن قۇچاقلاشما جەڭ قىلدى. ئارقىدىنلا چىڭ سۇلالىسى ئارمىيىسىدىكى سەركەردە-لەشكەرلەرمۇ جان-جەھلى بىلەن جەڭگە ئاتلىنىپ، دۈشمەننى باتۇرلارچە قىردى.
جېننەنگۇەندىكى زور غەلىبەجېننەنگۇەندىكى زور غەلىبە جۇڭگو ئارمىيە ۋە خەلقىنىڭ كۈرەش ئىرادىسىگە غايەت زور ئىلھام بېرىپ، پۈتكۈل ئۇرۇش ۋەزىيىتىدە تۈپتىن ئۆزگىرىش پەيدا قىلىپ، مەغلۇبىيەتنى غەلىبىگە ئايلاندۇردى. بىراق چىرىكلەشكەن چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى ئاتالمىش غەلىبىدىن پايدىلىنىپ مۇرەسسەلىشىش فاڭجېنى دېگەننى ئوتتۇرىغا قويۇپ، فرانسىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ھاقارەتلىك شەرتنامە ئىمزالاپ، غەلىبە مېۋىسىنى قوش قوللاپ ئۆتۈنۈپ بەردى.
جېننەنگۇەندىكى زور غەلىبە1885-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى لى خۇڭجاڭ فرانسىيىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ھۆكۈمەت ئەلچىسى پانتۇ بىلەن تيەنجىندە ھاقارەتلىك جۇڭگو - فرانسىيە يېڭى شەرتىنامىسى ئىمزالىدى. بۇ يېڭى شەرتىنامىدە چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى فرانسىيىنىڭ ۋېيتنامنى ھىمايىسىگە ئېلىش ھۇقۇقىنى ئېتراپ قىلدۇ ھەمدە يۈننەن ۋە گۇاڭشى ئۆلكىلىرىنىڭ جۇڭگو - ۋېيتنام چىگرىسىدا بازار ئېچشىغا قۇشۇلىدۇ؛ جۇڭگو بۇنىڭدىن كىيىن تۆمۈر يول ياساش ۋاقتىدا فرانسىيە بىلەن ھەمكارلىششى لازىم، دەپ بەلگىلەنگەن. چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىنىڭ مۇرەسسە قىلشى ۋە تەسلىم بۇلشى نەتىجىسىدە جۇڭگو بۇ ئۇرۇشتا يېڭىلمەي تۇرۇپمۇ مەغلۇب بولدى، فرانسىيە بولسا يەڭمەي تۇرۇپمۇ غەلبە قازنىپ، ئۇنىڭ تاجاۋۇچىلىق كۈچلىرى ئېلمىزنىڭ غەربىي جەنۇب چېگىرىلىغا كېڭەيدى.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.