ئاققاش يېزىسى

مەمۇرىي رايون

ئاققاش يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر شەھىرى چېگرا ئىچىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان. قىزىل دەرياسى ۋە پەيزىۋات ناھىيەسى بىلەن قوشنا، غەرب تەرىپى يېڭىئۆستەڭ يېزىسى، بەشكېرەم يېزىسى، شىمالىي ئاتۇش شەھىرى بىلەن چېگرىلىنىدۇ، شەرقتىن غەربكە بولغان ئارىلىقى 25 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا ئەڭ كەڭلىكى 16 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر كۆلىمى 266 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى ئاققاش يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 266 كۋادرات كىلومېتىر
كىلىماتى كىىماتى قۇرغاق، يامغۇر ئاز
خەنزۇچە ئاتىلىشى 阿克喀什乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون شىنجاڭ قەشقەر شەھىرى
نوپۇسى 11313 ئادەم (2010-يىلى 6-قېتىملىق تەكشۈرۈش)
جۇغراپىيەلىك ئورنى قەشقەر شەھىرىنىڭ شەرقىي قىسمى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

مەمۇرىي رايونئاققاش يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر شەھىرى چېگرا ئىچىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان. قىزىل دەرياسى ۋە پەيزىۋات ناھىيەسى بىلەن قوشنا، غەرب تەرىپى يېڭىئۆستەڭ يېزىسى، بەشكېرەم يېزىسى، شىمالىي ئاتۇش شەھىرى بىلەن چېگرىلىنىدۇ، شەرقتىن غەربكە بولغان ئارىلىقى 25 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا ئەڭ كەڭلىكى 16 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر كۆلىمى 266 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. يېزىلىق ھۆكۈمەت ۋە ناھىيە تۈز سىزىق ئارىلىقى 48 كىلومېتىر كېلىدۇ. يېزا قىزىل دەريا تىنما تۈزلەڭلىكىگە جايلاشقان بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1250 مېتىر ئەتراپىدا، يەر ئاستى سۇ ئورنى كۆمۈلگەن 3 مېتىر دائىرىدە. كېلىماتى قۇرغاق، يامغۇر ئاز، يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃12.3، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى ℃40، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃19.5-، قىروسىز مەزگىلى 221 كۈن. تۇپرىقى شور تۇپراق ۋە زەي تۇپراق ئاساس قىلىنىدۇ. سۇ مەنبەسى تۈمەن دەريا ۋە بۇلاق سۈيى بار، ئېقىن مىقدارى مۇقىم. 

مەمۇرىي رايونيېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە ئاۋات رايوننىڭ  تەۋەلىكىدە بۇلۇپ، 1953-يىلى يېڭىئۆستەڭ رايونى ئايرىپ بېرىلگەن. 

1982-يىلى 11-ئاينىڭ 6-كۈنى قەشقەر مەمۇرىي مەھكىمە قاراپ چىقىپ، بۇ قەشقەر شەھىرىنىڭ قوغان، بەشكېرەم، ئاۋات، يېڭىئۆستەڭ تۆت گۇڭشې ۋە خانوي قەشقەر كونا شەھەر ناھىيەلىك ئورمانچىلىق مەيدانى ئايرىپ بېرىلدى. 

1984-يىلى يېڭىئۆستەڭ يېزىسى خەلق گۇڭشېسىدىكى بەش كەنت ئاققاش يېزىسى ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان. 

2014-يىلى 10-ئاينىڭ 21-كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن قەشقەر كونا شەھەر ناھىيە ئاققاش يېزىلىرى قەشقەر شەھىرىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولىدۇ. يېزا تەشكىلىي تۈزۈلمىسى، مەمۇرىي رايون چېگراسى ۋە ھۆكۈمەت شۇ جايدا تۇرۇشلۇق ئۆزگەرمەيدۇ.

1998-يىلى يېزا بويىچە جەمئىي 1800 نوپۇس، 9007 ئادەم، بۇنىڭ ئىچىدە ئەرلەر 4683 ئادەم، ئايال 4324 ئادەم، شەھەر-بازار نوپۇسى 254 ئادەم، %2.82 نى، يېزا ئاھالىسى %98.29 نى ئىگەللىگەن، ئۇيغۇرلار 9007 ئادەم. 

ئاققاش يېزىسىغا قاراشلىق  ئالتە كەنت ئاھالە كومىتېتى بار. يەنى : كۆل كەنتى، قۇمۇل كەنتى، ئاققاش كەنتى، دۆڭئېرىق كەنتى، ئاقئېرىق كەنتى، شېكەر باغ كەنتى قاتارلىقلار، 44 كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى بار. 

مەمۇرىي رايون90% يەر كۆلىمى بوز يەر، كەلكۈن چۆكۈندىسى ئومۇميۈزلۈك سىڭىپ كىرىشى ناھايىتى ناچار بولغان سېغىز تۇپراق قاتلىمى، يەر ئاستى سۈيى راۋان. ھۋا كىلماتى ئىنتايىن قۇرغاق ئىسسىق كىلىمات شارائىتىدا، سىرتقى قەۋىتى خلورىد تۇز قېپى  شۇ جايدىكى ئامما ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ. 1998-يىلى پۈتۈن يېزا ئومۇمىي كىرىمىنى 20 مىليون 26 مىڭ يۈەن بولۇپ، 2011-يىلىدىكىدىن %9.5 ئاشقان. يېزا ئىگىلىك تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 17 مىڭ مو. ئاشلىق ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى 6 مىليون 138 مىڭ 400 كىلوگرام، 2002-يىلدىكىدىن %3.5 ئاشقان. چارۋىنىڭ ئومۇمىي تۇياق سانى 34555 تۇياق بۇلۇپ ئالدىنقى يىلدىكىدىن %2.5 ئاشۇرۇلغان. 

ئاققاش يېزىسىنىڭ يېزا ئىگىلىكىدە ئىشلىتىلىدىغان 15 ئاپتوموبىل، چوڭ-كىچىك تىپتىكى تراكتورلاردىن 105، چوڭ-كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىل سۆرەش قوراللىرىدىن 66، پىششىقلاپ ئىشلەش ماشىنىسى 20 گە يەتكەن. يېزىدا پوچتا-تېلېگراف پونكىتى، كەنت ئاددىي تاشيولى، قاتناش، پوچتا-تېلېگراف راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلغان. 

مەمۇرىي رايونبىر ئوتتۇرا مەكتەپ، 5 باشلانغۇچ مەكتەپ بار بۇلۇپ، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر 120 نەپەر، ئوقۇغۇچىلاردىن 2037 نەپەر. يېزىلىق مەدەنىيەت پونكىتى رادىئو ئۇزېلىدا رادىئو پروگراممىسى، كىنو قويۇش ئەترىتى، دوختۇرخانا، كەنت كۇتۇپخانىسى، تەنتەربىيە مەيدانى (تەنھەرىكەت مەيدانى)، مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش ئۆيى، تېلېۋىزور ئۆيى ۋە ساقلىقنى ساقلاش پونكىتى قاتارلىقلار بار.[0] 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#