تىۋىت ئېلىش ئوپېراتسىيەسى

ھامىلدار ئايال

بالا ھەمراھى نۇرغۇنلىغان  كىچىك تىۋىتلاردىن تەركىب تاپقان، تىۋىت ئېلىش ئوپېراتسىيەسى ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 30 سانتىمېتىر، ئىچكى قىسىمىنىڭ دىيامېتىرى 1.5 مىللىمېتىر بولغان مېتال بولۇپ، بالىياتقۇ بوينىدىن كىرگۈزۈلۈپ بالىياتقۇغا قاراپ سوزۇلغان كىچىك بىر پارچە بالا ھەمراھى توقۇلمىسىنى تارتىپ چىقىدىغان كىچىك ئوپېراتسىيە.

نامى تىۋىت ئېلىش ئوپېراتسىيەسى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ھامىلدار ئايالبالا ھەمراھى نۇرغۇنلىغان  كىچىك تىۋىتلاردىن تەركىب تاپقان، تىۋىت ئېلىش ئوپېراتسىيەسى ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 30 سانتىمېتىر، ئىچكى قىسىمىنىڭ دىيامېتىرى 1.5 مىللىمېتىر بولغان مېتال بولۇپ، بالىياتقۇ بوينىدىن كىرگۈزۈلۈپ بالىياتقۇغا قاراپ سوزۇلغان كىچىك بىر پارچە بالا ھەمراھى توقۇلمىسىنى تارتىپ چىقىدىغان كىچىك ئوپېراتسىيە، تارتىپ چىققان قىسىمىنى كۆپەيتىش سۇيۇقلۇقىدا كۆزەتكەندە، شەكلى تىۋىتقا ئوخشايدۇ. ئادەتتە 40  مىللىگىرام ئەتراپىدا ئېلىنىدۇ، بۇ خىل كۆزىتىش چوقۇم ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى بىلەن قوزغىتىش ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىش كېرەك. ئەگەر بالا ھەمراھىنىڭ  ئورنى ھامىلىدار ئايالنىڭ ئالدى تەرىپىگە بىر ئاز يېقىن بولسا، قورساق قىسىمىنى تېشىپ، بالىياتقۇ بوينىدىكى گۆش ئارقىلىق بالا ھەمراھىنىڭ بىر قىسىمىنى ئېلىۋەتكلى بولىدۇ. بالا ھەمراھى ئىچىدىكى تىۋتلار تۆرەلمىدىكى ھۈجەيرىلەرنىڭ پارچىلىنىشىدىن پەيدا بولغان، تىۋىتلارنى ئېلىپ ھۈجەيرىسىدىكى خروموزومىدىكى گېن ئارقىلىق تەكشۈرگەندە، ھامىلىنىڭ خروموزوماسىدا نورمالسىزلىق بار-يوقلۇقىنى ۋە ياكى ئىرسىي كېسەلنىڭ بار-يوقلۇقىنى بىلگىلى بولىدۇ. بىر قىسىم جىنسىي بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ئىرسىي كېسەللىكلەرگە قارىتا پايدىلىنىش بىلەن تەمىنلەيدۇ، بىراق بىر قىسىم ئاتا-ئانىلارنىڭ پەقەت مۇشۇ ئۇسۇل ئارقىلىق قىز ياكى ئوغۇل ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلىشقا قەتئىي رۇخسەت قىلنمايدۇ.

ئوپېراتسىيە قىلىشبۇ خىل ئوپېراتسىيەنىڭ ئەڭ چوڭ ئارتۇقچىلىقى—دىياگنوز نەتىجىسىنى ئىمكانقەدەر بالدۇر بىلگىلى بولىدۇ، ئادەتتە تەكشۈرۈپ ئىككى ھەپتە ئىچىدە تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى بىلگىلى بولىدۇ. شۇڭا 10 ھەپتە ئەتراپىدا بولغاندا تەكشۈرتكەندە، 12 ھەپتە ئەتراپىدا بولغاندا نەتىجىسىنى بىلگىلى بولىدۇ. ئادەتتە، سۈنئىي بالا چۈشۈرۈۋېتىش ئوپېراتسىيەسى ئەڭ ياخشىسى 14 ھەپتە ئىچىدە ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك، بولمىسا ئانىنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر يېتىدۇ. شۇڭا، ئەگەر ھامىلىدە ئېغىر دەرىجىدە ئىرسىي كېسەللىك بولسا، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە دىياگنوز قويۇپ، بالدۇر ئوپېراتسىيە قىلىپ، بالىنى ئالدۇرۇۋېتىپ، ئانىنىڭ سالامەتلىكىگە بولغان خەتىرىنى ئازايتىپ، سۈپەتلىك بولغان تەن ساپاسىنى ساقلاش كېرەك.

بۇ خىل تەكشۈرتۈشتە چوقۇم بىر پارچە تىۋىت توقۇلمىسى ئېلىش كېرەك، شۇڭا بۇنىڭ بىر ئاز خەتىرى بار. كۆپلىگەن دوكلاتلاردا مەلۇم بولۇشىچە، بۇ خىل ئۇسۇلدا بالا چۈشۈپ كېتىش نىسبىتى % 4 ئەتراپىدا بولۇپ، ئادەتتىكى ئوخشاش ھەپتە بولغان تەبىئىي بالا چۈشۈپ كېتىش نىسبىتى % 3. 5 يۇقىرى بولىدىكەن. چۈنكى ھامىلىنىڭ پۇت-قوللىرىنىڭ 10 ھەپتىدىن كېيىن بۇ خىل تەكشۈرتۈشنى ئېلىپ بېرىش تەكلىپىنى بەرمەكتە. بىراق، بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق بالىنىڭ جىنسىنى ئېنىقلاش قەتئىي چەكلىنىدۇ.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئاقيول تور بىكىتىدىن ئېلىندى 

http://www.ahyol.com/balilar/hamildarlik/2013-05-20/1290.html

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#