ئەبنۇس

ئەبنۇس — ئەبنۇس ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈك بۇلۇپ، مېۋە شەكلى شارسىمان  شەكىللىك، مېۋە رەڭگى ئوخشاش بولمىغان سورتلىرىنىڭ ئوخشاش بولمايدۇ، قېنىق قىزغۇچ رەڭدىن سۇس سېرىق رەڭگىچە ، چوڭ - كىچىكلىكى 2 سانتىمېتىردىن 10سانتىمېتىرغىچە ، ئېغىرلىقى 100 گرامدىن 450 گرامغىچە. 

ئەسلىي ئىشلەپچىقىرىلىدىغان جايى جۇڭگو بۇلۇپ ،  1000 يىلدىن ئارتۇق ئۆستۈرۈش تارىخى بار . 

ئۇيغۇرچە نامى ئەبنۇس
ئىنگلىزچە نامى Persimmon
تەۋەلىكى ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
سىنىپى جۈپ پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى
ئائىلىسى ئەبنۇس دەرىخى ئائىلىسى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 柿子
تارقالغان رايونلار جوڭگو، ياپۇنىيە، چاۋشيەن يېرىم ئارىلى، برازىلىيە قاتارلىق جايلار
تىپى يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى
تۈركۈمى ئەبنۇس دەرىخى تۈركۈمى
ئۇرۇقداشلىرى ئەبنۇس دەرىخى ئۇرۇقدىشى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئەبنۇسئەبنۇس دەرىخىنىڭ دەرەخ تاجىسى كەڭ ، يوپۇرمىقى چوڭ ، يۇپۇرمىقى قۇيۇق،  پارقىراق ھەم يېشىل، كۈز كەلگەندە كۆك يۇپۇرمىقى ئوچۇق ھەم چىرايلىق ، كەچ كۈزدە قىزىل يۇپۇرمىقى بىلەن بىر خىل ئېسىل مەنزىرە دەرىخى ھېسابلىنىدۇ . 

ئەبنۇس دەرىخى ئەبنۇس دەرىخى ئائىلىسى ھەم ئەبنۇس ئۇرۇقدىشىدىكى ئۆسۈملۈكلەر . 

يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ بۇلۇپ،  ئۈستىدە قىشلىق بىخ ئالدى ئۇچى دىقماق، كىچىك شاخلىرىدا زىچ قوڭۇر رەڭلىك تۈكچىلىرى بولىدۇ. يوپۇرمىقى كەڭ ئېللىپس شەكىللىك بولۇپ ، سىرتقى يۈزى قېنىق يېشىل ، پارقىراق ، قېلىن ( خۇرۇمسىمان ) ، كۈز كەلگەندە بىر قىسىم يوپۇرماقلىق سۇس قىزىل رەڭگە ئۆزگىرىدۇ، يوپۇرماق ئىزى (غول) چوڭ ، قىزغۇچ قوڭۇر رەڭ ، ئويمان شەكىللىك تومۇر دەستىسىنىڭ ئىزى بولۇپ، ئاتىلىق گۈلى بىلەن ئانىلىق گۈلى يەككە ئۆسىدۇ.

يېڭى شاخنىڭ يوپۇرماق قولتۇقچىسىدا ساغۇچ ئاق رەڭلىك چېچىكى بولىدۇ. مېۋىسى سورتلىرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ ئوخشاش بولمايدۇ، قىزغۇچ سېرىق ياكى قىزىل رەڭلىك ، چېچەكلەش مەزگىلى 6 ~ 5 ئاي ، مېۋە پىشىش مەزگىلى 10 ~ 9 ئاي . ئەبنۇس 300 يىللىق تارىخقا ئىگە ئۆسۈملۈك بۇلۇپ، ئۇنىڭ ئۆستۈرۈلىدىغان سورت تەخمىنەن 900 خىلدىن يۇقىرى .

ئەبنۇسئەبنۇس دەرىخى كۈچلۈك يورۇقلۇقنى خالايدىغان دەرەخ بۇلۇپ، سوغۇققا چىدىمايدۇ، قۇرغاقچىلىققا چىدايدۇ ، نەملىكنى خالايدۇ ،  قۇرغاق ھاۋا ھەم تۇپراق بىر قەدەر نەم مۇھىتتا ئۆسىدۇ . يىلتىزى چوڭقۇر، يىلتىز سېستىمىسى كۈچلۈك ، سۈمۈرۈشچانلىقى كۈچلۈك ، شۇنداقلا ئۈنۈمسىز تۇپراقتىمۇ ئۆسەلەيدۇ ، ماسلىشىشچانلىقى يۇقىرى. يوشۇرۇن بىخلىرىنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن ، يۇپۇرماقلىرىنى يېڭىلاش ۋە شاخلىنىش ئىقتىدارى ناھايىتى كۈچلۈك . ئۇنىڭ ئۈستىگە يېڭىلانغان شېخىنىڭ ئۈسۈشى تېز ، مېۋە بېرىش نىسبىتى يۇقىرى.  

كۆكەرتىش قىممىتى 

ئەبنۇسدەرەخ شەكلى چىرايلىق ، يوپۇرمىقى چوڭ، شاخلىرى ياپما شەكىللىك، مەنزىرە مېۋىلىك دەرەخ ، ئەبنۇس دەرىخى ئىشلەپچىقىرىشقا بىرلەشتۈرۈلدىغان دەرەخ تۈرى بولۇپ ، باغچا ، ئاھالە تۇرالغۇ رايونى ، ئورمان بەلۋېغى قاتارلىق رايۇنلار ئىچىدىكى بىر قەدەر چوڭ كۆكەرتىش يوشۇرۇن ئىقتىدارىغا ئىگە . 

ئىستىمال قىممىتى 

ئەبنۇسئەبنۇس مېۋىسى پىشقاندىن كىيىن بىۋاستە ئىستىمال قىلىنسا بولىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا ئەبنۇس شەرنىتى قىلىپ ئىچىشكىمۇ بولىدۇ. مەسلەن:  پىشقان ئەبنۇس 600 گرام ، مالتوزا 150 گرام ، يۇمشاق قۇم شېكەر 100 گرام ، لىمون بىر تال سۇ 100 گرام ئېلىپ،  لىمون مېۋىسىنى پاكىز يۇيۇپ ، سۈيىنى سىقىپ چىقرىپ،  ئەبنۇسنىڭ پوستىنى سۇيۋىتىپ توغراپ ، كاللەكسىمان ھالەتتە قىلىپ، كىسلاتاغا چىداملىق قازانغا لىمون سۈيىنى قۇيۇپ ئوتتۇرھال ئوتتا ئەبنۇسنى سېلىپ قاينىتىپ پىشۇرغاندىن كىيىن ئەبنۇس شەربىتى تەييار بولىدۇ .   ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرۇپ، كەيپىياتنى تەڭشەش رولى بار. مېۋىسىنى قۇرۇتۇپ ئىستىمال قىلىشقىمۇ بولىدۇ. 

دورىلىق قىممىتى

ئەبنۇسجۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى تېبابەتچىلىكدە قارىشىچە ، ئەبنۇس تاتلىق ، قېرىق، تەبيىتى سوغاق ، « دورا ئۆسۈملۈكلەر قامۇسى » دا خاتىرىلەنگىنى بويىچە ئەبنۇس تالنىڭ قان ئايلىنىشىنى ياخشىلاش، ئۈچەينى راۋانلاشتۇرۇپ ساغلاملاشتۇرۇش، يۆتەل ۋە قان توختىتىش ئۈنۈمىگە ئىگە. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە قۇرۇق قىزىتمىنى قايتۇرۇپ بېرىپ ، غەيرى تەبى خىلىتلارنى يۇمشىتىدۇ ، ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرۇپ ھۆللۈك پەيدا قىلىش،  تولغاقنى توختىتىش، چوڭ تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش،  قۇرۇق يۆتەل، گال ئاغرىش،يۇقىرى قان بېسىمى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالايدۇ . ئەبنۇس يوپۇرمىقى قاينىتىپ ئىچىلسە ياكى قايناق سۇدا دەملەپ ئىچىلسە، مېتابولىزملارنى تۇلۇقلاش، يۆتەل توختىتىش قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ. ئەبنوس قېقىنىڭ ئۈچەي ، ئۆپكە ۋە ئاشقازاننى راۋانلاشتۇرۇش قاتارلىق ئۈنۈمى بار .[0]

ئەبنۇسئادەتتە ئەبنۇسنى بازاردىن سېتىۋېلىپلا دەرھال يېگىنىمىزدە شۇنداق تەملىك بىلىنىدۇ ۋە يېسەك يېگۈمىز كېلىدۇ. بىراق باغقا بېرىپ ئۆز قولىمىز بىلەن ئۈزۈپ يېگىنىمىزدە بىر خىل قىرتاق تەمنى سېزىمىز.بۇ نېمە ئۈچۈن ؟ پىچاق بىلەن ئەبنۇسنى كەسسەك ، بىردەمدىن كېيىن كەسكەن ئېغىز ئۈستىدە قارا قۇڭۇر رەڭلىك داغنى كۆرىمىز، بۇ نەرسە تانىن كىسلاتاسىدىن ئىبارەت ، شۇڭا بىز قولىمىز بىلەن ئۈزۈپ يېگەن ئەبنۇسنىڭ تەركىبىدە تانىن كىسلاتاسى بولغاچقا قىرتاق تېتىيدۇ . ئەبنۇسنىڭ مېۋە گۆشى ئىچىدە نۇرغۇنلىغان تانىن ھۈجەيرىسى بولۇپ ، ئۇ مېۋىنىڭ يوغىنىشىغا ئەگىشىپ كۆپىيىدۇ . تانىن ھۈجەيرىسىنىڭ مىقدارىنىڭ ئاز - كۆپلۈكى ئوخشىمىغان سورتلاردا ئوخشاش بولمايدۇ ، بەزىسىدە كۆپ ، بەزىسىدە ئاز بولىدۇ ، بەزىسىدە قىرتاق تەمنى ئۆزلۈكىدىن يوقىتىدۇ ، بەزىسىدە ئۇنداق بولمايدۇ . ئەبنۇس تاتلىق ئەبنۇس ۋە قىرتاق ئەبنۇس دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ . تاتلىقنىڭ مېۋىسى پىشقاندىن كېيىن قىرتاق تەم ئۆزلۈكىدىن يوقايدۇ . قىرتاقنىڭكىنى سۈنئىي ئۇسۇلدا يوقىتىش كېرەك . ئۇنداقتا پىشقاندىن كېيىنكى تاتلىق ئەبنۇس ۋە سۈنئىي ئۇسۇلدا بىر تەرەپ قىلىنغاندىن كېيىنكى قىرتاق ئەبنۇسنىڭ قىرتاق تەمى نەگە يوقايدۇ ؟ تانىن كىسلاتاسىنىڭ ھەممىسى يوقاپ كېتەمدۇ ؟ ئۇنداق ئەمەس مېۋىنىڭ قىرتاق ياكى قىرتاق ئەمەسلىكى تانىن ھۈجەيرىسىنىڭ ئىچىدىكى تانىن كىسلاتاسىنىڭ ئېرىشچان ياكى ئېرىشچان ئەمەسلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك . ئېرىشچان بولسا قىرتاق ، ئېرىشچان بولمىسا قىرتاق ئەمەس ، ئادەتتە مېۋىلەر پىشقاندىن كېيىن ، ئېرىشچان تانىن كىسلاتاسى ئاستا - ئاستا ئېرىمەيدىغان تانىنغا ئۆزگىرىدۇ ، مېۋە ئىچىدىكى ئېرىشچان تانىننى ئېرىمەيدىغان تانىنغا سۈنئىي ئۇسۇلدا ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ . بۇ جەريان قىرتاقسىزلىتىش دەپ ئاتىلىدۇ . ئەگەر قىرتاقسىزلاندۇرۇلمىسا ياكى قىرتاقسىزلاندۇرۇش ۋاقتىنى ياخشى ئىگەللىمىسە ، يېگەندە قىرتاق تەم بولىدۇ . مانا بۇ ئەبنۇس مېۋىسى تۈپىدە پىشقاندىن كېيىن دەرھاللا يېسە قىرتاق بولىدىغانلىقنىڭ سەۋەبى . [1]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#