باربۇس بېلىقى

باربۇس بېلىقىنىڭ رەڭگى كۆركەم، ئوماق، نازۇك بولۇپ، يۈزىدە بىر ياكى ئىككى تال ئاق سىزىق بولىدۇ، ئۇ جىڭجۈي تىياتىرىدىكى ھەييارغا ئوخشىغاچقا كىشىلەر ئۇنى ھەييار بېلىق دەپ ئاتىغان. باربۇس بېلىقى دېڭىز ئاپتاپپەرىسىدىن ئايرىلمايدۇ، دېڭىز ئاپتاپپەرىسى ئۆزىنىڭ زەھەرلىك بۇرۇتچىسى بىلەن باربۇس بېلىقىنى قوغدايدۇ؛ باربۇس بېلىقى بولسا دېڭىز ئاپتاپپەرىسىگە ئولجىلارنى قىزىقتۇرۇپ ئەكىلىپ بېرىدۇ. 

ئۇيغۇرچە نامى باربۇس بېلىقى
ئىنگلىزچە نامى Amphiprioninae
تىپى خوردىلىق ھايۋانلار تىپى
تۈركۈمى ئوكۇنسىمانلار ئەترىتى
باشقىچە نامى دېڭىز ئاپتاپپەرىسى بېلىقى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 小丑鱼
تەۋەلىكى ھايۋاناتلار دۇنياسى
سىنىپى سۆڭەكلىك بېلىقلار سىنىپى
ئائىلىسى پوماسېنتر بېلىقى ئائىلىسى
كەنجى ئائىلىسى دېڭىز ئاپتاپپەرىسى كەنجى ئائىلىسى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كاربۇس بېلىقىھەييار بېلىقنىڭ ئەڭ چوڭىنىڭ تېنى 11 سانتىمېتىر. دۈمبىسىدىكى تىكەن ئومۇمىي سانى 10 ~ 12؛ دۈمبە يۇمشاق ماددا ئومۇمىي سانى 4 ~ 16؛ ساغرا تىكەنلىك ئومۇمىي سانىنىڭ 2؛ قۇيرۇق پالاقچىسى يۇمشاق ماددا ئومۇمىي سانى 15 ~ 14؛ ئۇنىڭ ئىڭىكىنىڭ يۇقىرى يان تەرىپى ئۈستىدىكى ئاق داغلار بار؛ يېتىلگەن بېلىقلار جۇغراپىيىلىك ھەرىكەت رەڭگى ئۆزگىرىدۇ.

كاربۇس بېلىقىخادا تاش رايونىدا بېلىق تۈرلىرى؛ يۆتكەلمەيدۇ، كۆچۈش خاراكتېرلىك بولمىغان، چوڭقۇرلۇقى 1 ~ 55 مېتىر بولغان  دېڭىز - ئوكيانلاردا، ھاۋا ئىسسىق بەلۋاغ شىمالىي كەڭلىك ° 52 بىلەن جەنۇبىي كەڭلىك 35 گرادۇس ئەتراپىدىكى مۇھىتتا ياشايدۇ.

باربۇس بېلىقى ئىپتىدائىي ھىندى ئوكيان ۋە تىنچ ئوكياننىڭ بىر قەدەر ئىللىق سۇ رايۇنىغا تارقالغان. چوڭ توسۇق مارجان خادىسى ۋە قىزىل دېڭىز. گەرچە كۆپ قىسىم تۈرلىرىنىڭ تارقىلىشىدا چەكلىمىلىك بار، ئەمما بەزىلىرى ناھايىتى كەڭ تارقالغان. باربۇس بېلىقى تېيىز دېڭىز ئاستى سۇس ئويمان - كۆل ياكى مارجان خادا تاشلىرى ئارىسىدا ياشايدۇ.   ھىندىستان - تىنچ ئوكيان، قىزىل دېڭىز، شىمالدا ياپونىيەنىڭ جەنۇبىي قىسمى، جەنۇبىي ئاۋسترالىيە، سىدنېي قاتارلىق رايونلار. 

بەگزادە باربۇس بېلىقى 

جۇڭگونىڭ جەنۇبىي دېڭىز، فىلىپپىن، غەربىي تىنچ ئوكياندىكى خادا تاش، دېڭىزدا ياشايدۇ، تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 10 ~ 12 سانتىمېتىر، ئېللىپسسىمان. تەن رەڭگى ئاپېلىسىن رەڭلىك، تېنىنىڭ يان تەرىپىدە ئۈچ كۈمۈش رەڭلىك ھالقىسىمان بەلۋاغى بار، دۈمبە پالاقچىسى مەركىزىدە، ئورنى قۇيرۇق ساپىقىدا، ھەرقايسى پالاقچىلىرى قىزغۇچ سېرىق قارا رەڭلىك. دېڭىز سۈيىنىڭ PH قىممىتى قىممىتى 8 ~ 8.5 ئارىلىقىدا، دېڭىز سۈيىنىڭ قاتتىقلىقى 7 ~ 8 دەرىجىدە، يەم - خەشەك بار مول ھوسۇللۇق، دېڭىز يۈسۈنى، توغرالغان بېلىق گۆشى قاتارلىقلارنى ئوزۇق قىلىدۇ.

قىزىل باربۇس بېلىقى

جۇغراپىيىلىك تارقىلىشى: تارقىلىش دائىرىسى تايلاند قولتۇقى، پوناپې ئارىلى غەربىي جەنۇب قىسمىغا جايلاشقان، شىمالدا ياپونىيەنىڭ جەنۇبىي قىسمى، جەنۇبىي يېرىم شاردا ھىندونېزىيە ياۋا دېڭىز تەۋەلىكى.

كىلىمات بەلۋېغى : تروپىك بەلۋاغ، شىمالىي كەڭلىك ° 52 بىلەن جەنۇبىي كەڭلىك 35 گرادۇس ئەتراپىدا بولىدۇ.

يۇمشاق - ماددا بۆلۈم ئەگىشىپ چاسا شەكىلدە؛ يېتىلگەن بېلىقنىڭ تېنى قارا، باش، كۆكرەك قورساق قىسمى ۋە بەدەننىڭ ھەرقايسى پالاقچىلىرى ھەممىسى قىزىل. كۆز ئارقا تەرىپىسىدە بىر ئاق گىرۋىكى، تۆۋەنگە سوزۇلۇپ تۇرغان كېكىردەك بوغۇزى بار. چوڭ بېلىق گەۋدىسى بىردەك قىزغۇچ سېرىق، كۆز ئارقا تەرىپىسىدە بىر ئاق رەڭلىك ۋېرتىكال بەلبېغى بار. ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئەگىشىپ، رەڭگى بارا _ بارا قىزىرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بەدەن ئارقا تەرىپىدە قارا داغ پەيدا بولىدۇ.

قارا قوش بەلۋاغلىق باربۇس بېلىقى

ھىندى ئوكياندىكى مارجان خادا تاشلىرى دېڭىز رايونىغا تارقالغان، پوماسېنتر بېلىقى ئائىلىسى، تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 10 ~ 15 سانتىمېتىر، ئېللىپسسىمان. پۈتۈن بەدىنى قارامتۇل بىنەپشە رەڭلىك، بەدەننىڭ يان تەرىپى كۆزى، دۈمبە پالاقچىسى، قۇيرۇق ساپىقى بار، ئېغىز قىسمى ئاق، كۆزىدە بىر قارا لېنتا بار. 

سۈزۈك قىزىل باربۇس بېلىقى

ھىندى ئوكيان، تىنچ ئوكيان مارجان خادا تاشلىرى دېڭىزى رايونلىرىغا تارقالغان، پوماسېنتر بېلىقى ئائىلىسىگە تەۋە، تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 10 ~ 15 سانتىمېتىر، ئېللىپسسىمان. پۈتۈن بەدىنى قارامتۇل بىنەپشە رەڭلىك، ھەرقايسى پالاقچىلىرى بېغىررەڭ، بەدەننىڭ يان تەرىپى كۆزى، دۈمبە پالاقچىسى، قۇيرۇق ساپىقى بار، ئۈچ كۈمۈش رەڭلىك ھالقىسىمان بەلۋاغ بار.

قىزىل قوش بەلۋاغلىق باربۇس بېلىقى

ھىندى ئوكيان، تىنچ ئوكيان مارجان خادا تاشلىرى دېڭىز رايونى ۋە تەيۋەن، جۇڭگو جەنۇبىي دېڭىز ۋە فىلىپپىن قاتارلىق جايلارغا تارقالغان، پوماسېنتر بېلىقى ئائىلىسىگە تەۋە، تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 10 ~ 12 سانتىمېتىر، ئېللىپسسىمان. پۈتۈن بەدىنى قېنىق قىزىل رەڭدە، يان تەىپىدە كۆزى، دۈمبە پالاقچىسى، ئىككى كۈمۈش رەڭلىك ھالقىسىمان بەلۋاغ بار. قوش بەلۋاغلىق باربۇس بېلىقىنىڭ تەن رەڭگى ئۆزگىرىشچان بولۇپ، توق قىزىل بېغىر رەڭ، سۆسۈن قارا رەڭلىك.

قەھۋە باربۇس بېلىقى

فىلىپپىن، تەيۋەن، تىنچ ئوكيان مارجان خادا تاشلىرى دېڭىزغا تارقالغان، پوماسېنتر بېلىقى ئائىلىسىگە تەۋە. تەن ئۇزۇنلۇقى 5 ~ 8 سانتىمېتىر، ئېللىپسسىمان. پۈتۈن بەدەن سۇس قوڭۇر رەڭلىك، كۆزى ئارقا تەرىپىسىدە بىر ئاق بەلۋاغ بار. 

قارا قاپلان باربۇس بېلىقى

جۇغراپىيىلىك تارقىلىشى: تارقىلىش دائىرىسى پەقەت ئاۋسترالىيە ۋە يېڭى كالېدونىيە دېڭىز تەۋەلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

كىلىمات بەلۋېغى : سۇبتروپىك بەلباغ، جەنۇبىي كەڭلىك 25 ~ 32 گرادۇس ئەتراپىدا.

ئەڭ چوڭىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 14 سانتىمېتىر، خادا تاش رايونى ۋە دېڭىز ياقىسى ۋە مارجان خادا تاشلىق رايونىدىكى سۇنىڭ چوڭقۇرلۇقى 45 ~ 10 مېتىر ئارىلىقىدىكى سۇ رايۇنىدا ياشايدۇ، ئەسۋىلىك دېڭىز ئاپتاپپەرىسى  بىلەن ماكانداش.

ھىندىستان قىزىلى 

جۇغراپىيىلىك تارقىلىشى : شەرقىي ھىندى ئوكيان، مارجان خادا تاشلىرى دېڭىز رايونى، تارقىلىش دائىرىسى ئاندامان ۋە نىكوبار تاقىم ئارىلى، تايلاند، غەربىي ئاسىيا ۋە ھىندونېزىيە جاۋا ۋە سۇماتېرا ئارىلى دېڭىز تەۋەلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئىسسىق بەلباغ، شىمالىي كەڭلىك 15 گرادۇس بىلەن جەنۇبىي كەڭلىك 11 گىرادۇس ئارىلىقىدا. يېتىلگەن بېلىقنىڭ يۇمشاق ماددا بۆلۈمى چاسا شەكىللىك؛ يېتىلگەن بېلىق تېنى قىزىل رەڭدىن قوڭۇر، بەدەننىڭ يان تەرىپى 2 / 1 ~ 3 / 2 قىسمى قارا، تېنى ھەرقايسى پالاقچىلىرى ھەممىسى قىزىل رەڭلىكتىن قوڭۇر رەڭلىككىچە. بېلىق تېنى قىزىل، كۆزۈم ئارقا تەرىپىسىدە بىر ئاق رەڭلىك تار ۋېرتىكال بەلبېغى بار، پەقەت تۆۋەنگە قاراپ سوزۇلغان ، ژابرا قاپقىقى چېتىگە جايلاشقان. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

ياردەم تورى

http://yardam.com/baike/view/2570/

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#