ئايىشە تاكىيا
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
بوللىۋودتىكى گۈزەل ئارتىس ئايىشە تاكىيا 1986-يىلى ھىندىستان بومبايدا تۇغۇلغان. دادىسى گۇجىرەت، ئانىسى بولسا يېرىم ئەنگلىيە قانداشلىقى بولغان ئارلاش قانلىق، كىچىكىدىن باشلاپ ئۆيدە ھەممىسى ئېنگىلىز تىلىدا سۆزلەشكەن، تاكى ئۇ ئارتىسلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىغان كېيىن، ئاندىن ئاستا-ئاستا ھىندى تىلى ۋە تېلۇگۇ تىلىنى ئۆگىنىشكە باشلىغان.
2004-يىلى سەنئەت ساھەسىگە كىرگەن. ئۇ كىنو مەستانىلىرىغا 2009-يىلى سالمانخان بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىشلىگەن «تۇتۇش بۇيرۇقى» بىلەن تونۇلغان. 2009-يىلى ئۇ سىياسىيون ۋە زەردار فەرخان ئەزمى بىلەن توي قىلغاندىن كېيىن كىنوچىلىقتىن ۋاقتىنچە چېكىنگەن.
2005-يىلى، ھىندىستان كىنو تاماشىبىنلىرى مۇكاپاتى ئەڭ ياخشى كۆزگە كۆرۈنگەن Taarzan مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
2004-يىلى، ھىندىستان خەلقئارا كىنو كۆرگەزمە ئىلمىي جەمئىيىتى يۇلتۇزى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
2005-يىلى، Sabsey يۇلتۇزى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئايال باش قەھرىماننىڭ كىيىمى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
2007-يىلى، يۇلتۇز مۇكاپاتى، ئەڭ ياخشى ئايال باش رولچى، (ئوبزورچى) مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
2007-يىلى، يۇلتۇزلار توپى مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ ياخشى ئايال قوشۇمچە پېرسۇناژ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
2007-يىلى، بېنگال كىنو مۇخبىرلىرى جەمئىيىتى مۇكاپاتى ئەڭ ياخشى ئايال باش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
2007-يىلى، شۈربى باھا مۇكاپاتى ئەڭ ياخشى ئايال باش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.[1]
يېقىندا ئۇ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىغا ئۆزىنىڭ ئوغلى بىلەن چۈشكەن سۈرىتىنى چىقىرىپ كەڭ تورداشلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. زىيارەت قوبۇل قىلغاندا ئايىشە بوللىۋودقا قايتىپ كىرىپ ئۆز كەسپىنى قايتا باشلاش ئارزۇسى بارلىقىنى ئىپادىلىگەن.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.