جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاسىيا قىتئەسىنىڭ شەرقىي قىسمىغا، تىنچ ئوكياننىڭ غەربىي قىرغىقىغا جايلاشقان، ئىشچىلار سىنىپى رەھبەرلىك قىلىدىغان خەلق دېموكراتىيەسى دىكتاتۇرلىقىدىكى سوتسىيالىستىك دۆلەت.

 

ئۇيغۇرچە نامى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى
قىسقارتىلغان نامى جۇڭگو
ۋاقىت رايونى شەرقىي سەككىز رايون ( بېيجىڭ ۋاقتى )
دۆلەت شېئىرى پىدائىيلار مارشى
سىياسى تۈزۈلمىسى خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 中华人民共和国
قىتئە تەۋەلىكى ئاسىيا
پايتەختى بېيجىڭ
دۆلەت تىلى خەنزۇتىلى
نوپۇسى 1مىليارد 300مىليون

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جوڭخۇا خەلق جومھۇرىيىتى 1949-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى قۇرۇلغان، بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنى دۆلەت بايرىقى قىلغان، دۆلەت شېئىرى « پىدائىيلار مارشى»، دۆلەت گېربى مەزمۇنى دۆلەت بايرىقى، تيەنەنمېن، چىشلىق چاق ۋە بۇغداي، شال باشىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. پايتەختى بېيجىڭ، ئۆلكە دەرىجىلىك مەمۇرىي رايون بويىچە 23 ئۆلكە، بەش ئاپتونوم رايون، تۆت بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر، ئىككى ئالاھىدە مەمۇرىي رايون بار. خەنزۇ مىللىتىنى ئاساسىي مىللەت قىلغان، 56 مىللەتتىن تەركىب تاپقان بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت بولۇپ، خەنزۇلار ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ % 91.5 ىنى ئىگىلەيدۇ. 

يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە قۇرۇش قانات يايدۇرۇلۇپ،1953- يىلدىن باشلاپ، ئۈچ چوڭ ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىلىپ، 1956- يىلى سوتسىيالىستىك تۈزۈمنى ئورنىتىپ، سوتسىيالىزىم ئۈستىدە ئىزدىنىش باسقۇچىغا كىرگەن. مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدىن كېيىن، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئېلىپ بېرىلىپ، تەدرىجىي جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك تۈزۈم ئورنىتىلغان. 

جۇڭگو تۆت چوڭ مەدەنىيەتلىك دۆلەتلەرنىڭ بىرى، ئۇزاق مەدەنىيەتلىك تارىخقا ئىگە ،يەر كۆلىمى جەھەتتىن دۇنيا بويىچە 3 - چوڭ دۆلەت، دۇنيا بويىچە 1-چوڭ نوپۇسى كۆپ دۆلەت، ئەنگلىيە ،فرانسىيە،ئامېرىكا، رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەت . جۇڭگو دۇنيا بويىچە ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە، دۇنيا بويىچە بىرىنچى چوڭ سودا دۆلىتى، دۇنيا بويىچە 1-چوڭ تاشقى پېرېۋوت زاپىسى دۆلىتى، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ پولات تۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش دۆلىتى ۋە دۇنيا بويىچە بىرىنچى چوڭ يېزا ئىگىلىك دۆلىتى، دۇنيا بويىچە 1-چوڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش دۆلىتى ۋە دۇنيادىكى ئىقتىسادىي ئۆسۈپ يېتىلىشى ئەڭ تېز دۆلەتلەرنىڭ بىرى. چەت ئەل مەبلىغىنى جەلپ قىلغۇچى 2-چوڭ دۆلەت، يەنە دۇنيادىكى نۇرغۇن خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مۇھىم ئەزاسى، يوشۇرۇن دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ بىرى دەپ قارالغان. 

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بايلىقى ئەڭ مول بولغان  دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋە تەبىئىي مەنزىرە نۇقتىلىرىغا ئىگە بۇلۇپ، دۇنيا بويىچە ساياھەت چوڭ دۆلەتلىرىنىڭ بىرى. 

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇقلۇق كۆلىمى تەخمىنەن 960 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، چوڭ قۇرۇقلۇق دېڭىز قىرغىقى لىنىيەسى 18 مىڭ كىلومېتىردىن ئارتۇق، ئارال قىرغاق لىنىيىسى 14 مىڭ كىلومېتىردىن ئارتۇق، ئىچكى دېڭىز، ۋە چېگرا، دېڭىز سۇ يۈزى تەخمىنەن 4مىليون 700 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. دېڭىز رايونىدا تارقالغان كىچىك ئاراللار 7600 دىن ئارتۇق، بۇنىڭ ئىچىدە تەيۋەن ئارىلى ئەڭ چوڭ بۇلۇپ، كۆلىمى 35798 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ . قۇرۇقلۇقتا 14 دۆلەت، دېڭىزدا بىلەن ئالتە دۆلەت بىلەن چېگرالىنىدۇ. 

مەنىسى

« جۇڭخۇا »،يەنى جۇڭگو، خۇاشيا دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. 

« خەلق » سىياسىي ئۇقۇم بولۇپ، دۈشمەنگە نىسبەتەن ئېيتىلغان. ھازىرقى جۇڭگودا، ئومۇمەن، سوتسىيالىزمنى ۋە ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى ھىمايە قىلىدىغان سىنىپ، قاتلام ۋە ئىجتىمائىي گۇرۇھ ھەممىسى خەلق كاتېگورىيەسىگە تەۋە، خەلق دېگەنلىك بارلىق سوتسىيالىستىك ئەمگەكچىلەر، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى ھىمايە قىلىدىغان ۋەتەنپەرۋەرلەر ۋە سوتسىيالىزمنى ھىمايە قىلىدىغان ۋەتەنپەرۋەرلەرنى كۆرسىتىدۇ. 

« جۇمھۇرىيەت » دېگەن سۆز ئىنگلىز تىلىدىكى (republic)، لاتىن تىلىدىكى (respublica) دىن كەلگەن بۇلۇپ، خەلق جامائەت ئىشلىرى دېگەن مەنىدە. جۇمھۇرىيەت ئادەتتە  ھوقۇقتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش، ئورتاق ئىدارە قىلىش دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ، پەقەت ئوخشاش بولمىغان دۆلەت، ئوخشاش بولمىغان تارىخىي دەۋردە، جۇمھۇرىيەت ھوقۇق سۇبيېكتلىرى ئۆز ئىچىگە ئالغان دائىرىسى ئوخشىمايدۇ. ھازىرقى زامان مەنىسىدىكى جۇمھۇرىيەت، مۇنۇلارنى تەكىتلەيدۇ: بارلىق پۇقرالار قاتنىشىپ دۆلەتنىڭ قانۇنىنى تۈزۈپ چىقىش، سىياسەت تۈزۈش ۋە ئىجرا قىلىش، جۈملىدىن بىۋاستە قاتنىشىش بىلەن ۋاستىلىك قاتنىشىش، مەسىلەن، پۇقرالارنىڭ ئاۋاز بېرىشىگە قويۇش، پارلامېنت تۈزۈمى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.  

بېكىتىش جەريانى 

ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە، ماۋ زېدۇڭ كۆپ قېتىم كەلگۈسىدە قۇرماقچى بولغان « جۇڭخۇا دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى » نىڭ مەنىسىنى شەرھلىگەن. 1948-يىلى 12-ئاينىڭ30 -كۈنى ماۋ زېدۇڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئۈچۈن 1949-يىلى يېڭى يىل بېغىشلىمىسى يېزىپ، « ئىنقىلابنى ئاخىرىغىچە ئېلىپ بېرىش » دەپ ئېنىق جاكارلىغان: « 1949-يىلى ئەكسىيەتچىلەر قاتناشتۇرۇلمىغان، خەلق ئىنقىلابىنىڭ ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنداشنى نىشان قىلغان سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى تەشكىل قىلىنىدۇ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقى جاكارلىنىدۇ ھەمدە جۇمھۇرىيەتنىڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتى تەشكىللىنىدۇ».

1949-يىلى 6-ئاينىڭ 16-كۈنى، يېڭى سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى تەييارلىق كومىتېتىنىڭ 1-ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللانغان « يېڭى سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى تەييارلىق كومىتېتىنىڭ تەشكىلىي نىزامى »نىڭ 3-ماددا 5-تارمىقىدا « جۇڭخۇا خەلق دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى قۇرۇش ھۆكۈمەت لايىھەسى» ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

شۇ يىلى 6-ئاينىڭ 19-كۈنى، يېڭى سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى تەييارلىق كومىتېتىنىڭ 4-گۇرۇپپا مۇزاكىرە يىغىنىدا، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى جاڭ شى رو « جۇڭخۇا خەلق دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى » دېگەن دۆلەت نامى توغرىسىدا پىكىر  ئوتتۇرىغا قويۇپ : دۆلەت نامى بەك ئۇزۇن، تەكلىپىم « دېموكراتىيە » دېگەن سۆزنى ئېلىۋېتەيلى» دېگەن. ئەڭ ئاخىردا، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى» دېگەن نام قوللىنىلغان. 

شۇ يىلى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى، سىياسىي كېڭەشنىڭ 1-نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىن قارار ماقۇللاپ، رەسمىي ھالدا دۆلەت نامىنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دەپ بېكىتكەن. ھەمدە دۆلەت نامى كەينىدىكى« جۇڭخۇا مىنگو » نى قىسقارتىۋەتكەن. شۇنىڭدىن كېيىن، سىياسىي كېڭەش يىغىنىدا ماقۇللانغان يىغىننىڭ ھۈججەتلىرىدە، « جۇڭخۇا مىنگو » دېگەن خەت كېسىپ ئېلىۋېتىلگەن. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى» بارا-بارا « جۇڭخۇا مىنگو »دىن ئىبارەت ئادەت خاراكتېرلىك ئاتالغۇنىڭ ئورنىنى ئالغان.

بايرىقى

بايرىقىجۇڭگونىڭ دۆلەت بايرىقى قىزىل تىك تۆت بۇلۇڭ شەكلىدە، بايراقنىڭ سول تەرپىنىڭ ئۇستى بەش دانە سېرىق رەڭلك بەش بۇرجەكلىك يۇلتۇز بىلەن بېزەلگەن. ئۇنىڭ بىرسى چوڭراق بۇلۇپ، سول تەرپىگە ئۇرۇنلاشقان. تۆت كىچىك يۇلتۇز يۇلتۇز بەش بۇرجەكلىك چوڭ يۇلتۇزنى ئوراپ تۇرىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ ئۇچلۇق بىر بۇرجىكى چوڭ يۇلتۇزنىڭ مەركىزىگە ئۇدۇللىشىپ تۇرىدۇ. قىزىل رەڭ ئىنقىلابنىڭ سىموۋۇلى، سېرىق رەڭ پارلىقلىقنىڭ سىموۋۇلى بەش بۇرجەكلىك يۇلتۇزنىڭ ئۆز-ئارا مۇناسىۋېتى جۇڭگو كومىنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى ھەرمىللەت خەلىقىنىڭ ئېتىپاقلىقىغا سىموۋۇل قىلىنغان.

گىربى

گىربىجۇڭگونىڭ دۆلەت گىربى ئوتتۇرسى بەش يۇلتۇز يۇرتۇپ تۇرغان تىيەنئەنمىننىڭ رەسمى، ئەتىراپى باشاق ۋە ئۇنىڭ چىشلىرى بۇلۇپ، ئۇ جۇڭگو خەلىقىنىڭ «4-ماي» ھەركىتىدىن بۇيانقى يېڭى دېمۇكىراتىك ئىنقىلابى كۇرەشلىرى بىلەن ئىشچىلار سىنىپى رەھبەرلىك قىلغان، ئىشچى-دېھقانلار ئىتىپاقىنى ئاساس قىلغان يېڭى دېمۇكىراتىك ئىنقىلابى كۈرەشلىرى بىلەن ئىشچىلار سىنىپى رەھبەرلىك قىلغان، ئىشچى دېھقانلار ئىتىپاقىنى ئاساس قىلغان يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ سىمۋولى.

زېمىن دائىرىسى 

جۇغراپىيىلىك شارائىتى قۇرۇقلۇق تېررىتورىيەسى: جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقى ۋە دېڭىز بويىدىكى ئاراللار، تەيۋەن ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئاراللار دۇڭشا تاقىم ئارىلى، شىشا تاقىم ئاراللىرى، جۇڭشا تاقىم ئاراللىرى، نەنشا تاقىم ئارىلى ھەمدە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىگە تەۋە باشقا بارلىق ئاراللارنى (جۈملىدىن دىياۋيۈ تىزما ئاراللىرى )، قۇرۇقلۇق زېمىنى 9 مىليون 600 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ.

دېڭىز - ئوكيان تېررىتورىيەسى : بوخەي دېڭىزىنىڭ پۈتۈن دائىرىسى ۋە خۇاڭخەي دېڭىزى، دۇڭخەي دېڭىزى  جەنۇبىي دېڭىزنىڭ كۆپ قىسمى ۋە مەخسۇس باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى ئىقتىسادىي رايونلار، جەمئىي تەخمىنەن 470 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، بۇلار ئىچىدە جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىزى توققۇز خىل سىزىق ئىچىدىكى بارلىق دېڭىز تەۋەلىكى كۆلىمى تەخمىنەن 300 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. جۇڭگونىڭ ھاۋا تەۋەلىكى زېمىن ۋە دېڭىز تەۋەلىكىدىن 35 كىلومېتىردىن يۇقىرى بوشلۇقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شەرقى ۋە جەنۇبى، چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى دېڭىز ياقىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 18400 كىلومېتىر،14 مىڭ كىلومېتىردىن ئارتۇق ئارال قىرغاق لىنىيىسى، ئىچكى دېڭىز ۋە چېگرا، دېڭىز سۇ يۈزى تەخمىنەن  4مىليون 700 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. دېڭىز رايونىدا 7600 كىچىك ئارال تارقالغان، بۇنىڭ ئىچىدە تەيۋەن ئارىلى ئەڭ چوڭ بۇلۇپ، تەخمىنەن 35989.76 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. قۇرۇقلۇق دۆلەت چېگرىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 20000 كىلومېتىردىن ئارتۇق، قۇرۇقلۇقتا 14 دۆلەت بىلەن چېگرالىنىدۇ، دېڭىزدا ئالتە دۆلەت بىلەن چېگرالىنىدۇ.

دۆلەت زېمىن كۆلىمى : قۇرۇقلۇق يەر كۆلىمى 960 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، دۇنيا قۇرۇقلۇق ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ تەخمىنەن 1/15 نى ئىگىلەيدۇ، سەل سوۋېت ئىتتىپاقىدىن باشقا ياۋروپا ئەللىرىنىڭ كۆلىمىگە تەڭ، رۇسىيە (17075000 كۋادرات كىلومېتىر)، كانادا (9971000كۋادرات كىلومېتىر) دىن قالسا، دۇنيا بويىچە ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. شەرقىي رايونلارنىڭ % 10.5، ئوتتۇرا رايونلارنىڭ % 25.3، غەربىي رايوننىڭ % 64.2 نى ئىگىلەيدۇ. 

يەر بايلىقى : تاغلىق رايون 3 مىليون 200 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئېگىزلىك 2 مىليون 500 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئويمانلىقى بىر مىليون 800 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، تۈزلەڭلىك 1 مىليون 150 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، ئېدىرلىق مىڭ 500 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ ( 1997 ).

يەر تۈزۈلۈشى يەر شەكلى 

1.يەر شەكلى

تەبىئىي جۇغراپىيىىسىجۇڭگونىڭ يەر تۈزۈلۈشى غەربى ئېگىز، شەرقى پەس، مۇرەككەپ، كۆپ خىل؛ تۈرلۈك يەر شەكلى پۈتۈن مەملىكەت قۇرۇقلۇق كۆلىمىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى : تاغلىق %33.3، ئېگىزلىك % 26، ئويمانلىق %18.8، تۈزلەڭلىك % 12، ئېدىرلىق% 9.9 . يەر تۈزۈلۈشى غەربتىن شەرققە ئۈچ دەرىجىلىك پەلەمپەيدىن تەركىب تاپقان : غەربى قىسمىدا دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ بولغان چىڭخەي-شىزاڭ ئېگىزلىكى، يەر تۈزۈلۈشى ئەڭ ئېگىز، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 4000 مېتىردىن يۇقىرى، ئېگىز تاغ ۋە ئېگىزلىك يۈزىدىن تەركىب تاپىدۇ، « دۇنيانىڭ ئۆگزىسى » دېگەن نامى بار، بىرىنچى دەرىجىلىك پەلەمپەي. كوئېنلۇن تاغ تىزمىسى، چىليەنشەن تاغ تىزمىسى،خېڭدۇەن تاغ تىزمىسى ئارقىلىق ئىككىنچى پەلەمپەي بىلەن چېگرىلىنىدۇ ؛ چىڭخەي - شىزاڭ ئېگىزلىكىنىڭ شەرقىدىن چوڭ ھىنگان تېغى، تەيخاڭشەن تېغى، ۋۇشەن تېغى ۋە قارلىق چوققا ئىككىنچى پەلەمپەي بۇلۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى ئادەتتە 1000 ـــ 2000 مېتىر كېلىدۇ ، بۇ يەر ئاساسەن تاغلىق ، ئېگىزلىك ۋە ئويمانلىقتىن تەركىب تاپقان . جۇڭگو شەرقىي قىسىمدىكى بىپايان تۈزلەڭلىك ۋە ئېدىرلىق بولسا ئۈچىنچى پەلەمپەي ھېسابلىنىدۇ . بۇ خىل گېئومورفولوگىيىلىك تۈزۈلۈش بولسا ئوتتۇرا ھايات ئېراسى يەنشەن تېغى ھەرىكىتىدىن ھاسىل بولغان.

2 . يەر يۈزىنىڭ تۈزۈلۈشى

تەبىئىي جۇغراپىيىىسىجۇڭگودىكى تاغلىق،ئېگىزلىك ۋە ئېدىرلىق قۇرۇقلۇق كۆلىمىنىڭ % 67 ىنى ئىگىلەيدۇ، ئويمانلىق ۋە تۈزلەڭلىك تەخمىنەن قۇرۇقلۇق كۆلىمىنىڭ % 33 ىنى ئىگىلەيدۇ. تاغ تىزمىلىرى كۆپ ھاللاردا شەرق غەرب ۋە  شەرقىي شىمال-غەربىي جەنۇبقا سوزۇلغان بولۇپ، ئاساسلىقى ئالتاي تاغلىرى، تەڭرىتېغى، كوئىنلۇن تېغى، قاراقۇرۇم تېغى، ھىمالايا تىغى، يىنشەن تېغى، چىنلىڭ چوققىسى، نەنلىڭ چوققىسى، چوڭ ھىنگان تاغ تىزمىلىرى، چاڭبەيشەن تېغى، تەيخاڭشەن تېغى، ۋۇيىشەن تېغى، تەيۋەن تاغ تىزمىسى، ۋۇشەن ۋە خېڭدۈەنشەن تېغى قاتارلىق تاغ تىزمىلىرى بار. غەربىدە  دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىز جاي چىڭخەي - شىزاڭ ئېگىزلىكى بار، دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 4000 مېتىردىن ئاشىدۇ، ئادەتتە « دۇنيانىڭ ئۆگزىسى » دېگەن نامى بار، جۇمۇلاڭما چوققىسى نېپال چېگرىسىنىڭ شەرقىي بۆلىكىگە جايلاشقان بولۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىز چوققا. بۇ يەردە شىمالدىن ۋە شەرققە ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى، شىنجاڭ رايونى، سېرىق توپىلىق ئېگىزلىك، سىچۈەن ۋە يۈننەن-گۇيجۇ ئېگىزلىكى، كوئېنلۇن تېغى-چىليەنشەن تېغى-خېڭدۈەنشەن تېغى چېگراسى  جۇڭگو يەر شەكلىنىڭ ئىككىنچى دەرىجىلىك پەلەمپەي. چوڭ ھىنگان تېغى ۋۇشەن تېغى-تەيخاڭشەن تېغى، قارلىق چوققا ۋە شەرقتىن  دېڭىز قىرغىقىغىچە سوزۇلغان كۆپ تۈزلەڭلىك ۋە ئېدىرلىق — ئۈچىنچى دەرىجىلىك پەلەمپەي ھېسابلىنىدۇ. دېڭىز قىرغىقى لىنىيەسىنىڭ شەرقى ۋە جەنۇبىدىكى چوڭ قۇرۇقلۇق بوسۇغىسىغا مول دېڭىز ئاستى بايلىقى يوشۇرۇنغان. 

تاغ تىزمىسى

تاغ تىزمىسىجۇڭگو تاغ كۆپ دۆلەتتۇر، تاغ تىزمىلىرى كۆپ، شەرق غەرب ۋە شەرقىي شىمال-غەربىي جەنۇب يۆنىلىشىدە تارقالغان بولۇپ، ئاساسلىق تاغ تىزمىلىرىدىن ئالتاي تاغ تىزمىسى، تەڭرىتاغ تىزمىسى، كۇئېنلۇن تاغ تىزمىسى، قاراقۇرۇم تاغ تىزمىسى، تاڭگۇلا تېغى، نيەنچىڭ  تاڭگىلا تاغ تىزمىسى، چىليەنشەن تاغ تىزمىسى، گاندىس  تاغ تىزمىسى، ھىمالايا تاغ تىزمىسى، خېڭدۈەنشەن تاغ تىزمىلىرى، يىنشەن تاغ تىزمىسى، تەيخاڭشەن تاغ تىزمىسى، چىنلىڭ تاغ تىزمىسى، چوڭ ھىنگان تاغ تىزمىلىرى، ۋۇيىشەن تاغ تىزمىسى، چاڭبەيشەن تاغ تىزمىسى، تەيۋەن تاغ تىزمىسى، ۋۇشەن تاغ تىزمىسى قاتارلىقلار بار. پۈتۈن دۇنيادا دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 7000 مېتىردىن ئاشىدىغان تاغ چوققىسىدىن 19 ى بار، جۇڭگو چېگرىسى ئىچى ۋە دۆلەت چېگرىسىغا جايلاشقان بولسا يەتتە، « دۇنيانىڭ ئۆگزىسى » دەپ ئاتالغان چىڭخەي-شىزاڭ ئېگىزلىكىگە نۇرغۇن ئېگىز تاغ تىزمىلىرى جايلاشقان. 

دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 6000 مېتىر كېلىدىغان ھىمالايا تاغ تىزمىسى دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېگىز ۋە ئەڭ ھەيۋەتلىك تاغ تىزمىسى، ئۇنىڭ ئاساسلىق چوققىسى جۇمۇلاڭما چوققىسى نېپال چېگرىسىنىڭ شەرقىي بۆلىكىگە جايلاشقان بولۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىز چوققا ھېسابلىنىدۇ. چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىغا جايلاشقان يارلۇڭ زاڭبو جىلغىسى، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 504 .6 كىلومېتىر، چوڭقۇرلۇقى 6009 مېتىر بولۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ جىلغا. بۇنىڭدىن سىرت، يەنە خۇاڭشەن تېغى، تەيشەن تېغى، خۇاشەن تېغى، سۇڭشەن تېغى، خېڭشەن تېغى، ئېمېي تېغى، لۇشەن تېغى، ۋۇداڭ تېغى، تەيبەيشەن تېغى، ۋۇيىشەن تېغى، يەنداڭشەن تېغى، چىڭچېڭشەن تېغى قاتارلىق مەشھۇر تاغلار بار.

سۇ رايى 

1.دەريا 

دەريائاساسلىقى چاڭجياڭ، خۇاڭخې دەيراىسى، خېيلوڭجياڭ، جۇجياڭ دەرياسى، خۇەيخې، خاي دەرياسى، لياۋخې دەرياسى، يالۇزاڭبۇجياڭ دەرياسى، تارىم دەرياسى، لەنساڭجياڭ دەرياسى، نۇجياڭ دەرياسى، چيەنتاڭجياڭ، خەنجىياڭ، يالۇجىياڭ دەرياسى، تۇمېنجياڭ، شياڭجياڭ دەرياسى، گەنجياڭ دەرياسى، جوشۇي ئېقىنى ( دۇغ سۇ ئېقىنى )، نەندۇجياڭ دەرياسى، لۇەنخې دەرياسى، تىلسىم دەريا، سۇلېخې دەرياسى، ئىلى دەرياسى، ئېرتىش دەرياسى ۋە بېيجىڭ-خاڭجۇ قانىلى، لىڭچۈي قانىلى، جياۋلەي يۈن قانىلى، لىشياخې دەرياسى،  قاتارلىق قانال دەريالار بار. چاڭجياڭ دەرياسى جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ دەريا، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 6300 كىلومېتىر بولۇپ، ئافرىقىدىكى نىل دەرياسى بىلەن جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى ئامازون دەرياسىدىن قالسىلا، دۇنيا بويىچە ئۈچىنچى ئۇزۇن دەريا ھېسابلىنىدۇ. خۇاڭخې دەرياسى جۇڭگودىكى ئىككىنچى ئۇزۇن دەريا بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 5464 كىلومېتىر.

2.كۆل 

كۆلئاساسلىق پوياڭخۇ كۆلى، جېجياڭدىكى خۇجۇ، تەيخۇ كۆلى، چاۋخۇ، چىڭخەيخۇ كۆلى ( كۆكنۇر كۆلى )، خۇڭزېخۇ كۆلى، گاۋيوۋخۇ كۆلى، نەنسىخۇ كۆلى، خۇلۇن كۆلى، بېر كۆلى، بوستاننۇر، نام كۆلى، سېلىن كۆلى، ديەنخۇ كۆلى، كۇنمىڭ كۆلى، ئېرخەي كۆلى، فۇشيەنخۇ كۆلى، دېڭىز ساھىلى، خۇڭخۇ كۆلى، شىخۇ كۆلى، چيەنداۋخۇ، ۋېيشەنخۇ كۆلى، چاڭبەيشەن كۆلى، تەڭرىتاغ بوغدا كۆلى قاتارلىقلار بار. چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا-تۆۋەن ئېقىمى تۈزلەڭلىكى پوياڭخۇ كۆلى جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ تاتلىق سۇ كۆلى بولۇپ، كۆلىمى 3583 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. چىڭخەي كۆلى بولسا جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ تۇزلۇق سۇ كۆلى بولۇپ، كۆلىمى 4583 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. 

3.دېڭىز قىرغىقى

دېڭىز قىرغىقىجۇڭگونىڭ چوڭ قۇرۇقلۇق دېڭىز بويى چېگرىسى شىمالدا لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ يالۇجياڭ دەرياسى ئېغىزىدىن باشلىنىپ، جەنۇبتا گۇاڭشى ئۆلكىسىنىڭ بېيلۈنخې دەرياسى ئېغىزىدا ئاخىرلىشىدۇ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 18 مىڭ كىلومېتىرىن ئارتۇق. ئارال قىرغاق لىنىيىسى ئۇزۇنلۇقى 41 مىڭ كىلومېتىردىن ئارتۇق. ( 1997 )

4.ئارال ۋە دېڭىز ياقىسى دېڭىز تەۋەلىكى 

ئارال ۋە دېڭىز ياقىسى دېڭىز تەۋەلىكىئاساسلىقى تەيۋەن ئارىلى، خەينەن  ئارىلى، چۇڭمىڭداۋ ئارىلى، جوۋشەن ئارىلى، پىڭتەن ئارىلى، دۇڭخەي ئارىلى، دۇڭشەن ئارىلى، جىنمېن ئارىلى، خۇيەن، شيامىن ئارىلى، شاڭچۇەن ئارىلى، دۇڭتوۋداۋ ئارىلى، دياۋيۈ ئارىلى، نەنئاۋ ئارىلى، ۋېيجوۋداۋ ئارىلى، خېيشيازى ئارىلى، خۇاڭيەنداۋ ئارىلى ۋە چاڭشەن تاقىم ئارىلى، مياۋداۋ تاقىم ئارىلى،نەنرى ئارىلى، ۋەنشەن تاقىم ئاراللىرى، شىشا تاقىم ئاراللىرى، نەنشا تاقىم ئاراللىرى، دۇڭشا تاقىم ئاراللىرى، جۇڭشا تاقىم ئاراللىرى، پېڭخۇ تاقىم ئاراللىرى قاتارلىق ئاراللىرى بار. چوڭ قۇرۇقلۇقى گىرۋىكى ۋە تەيۋەن ئارىلى بىلەن قوشنا بولغان دېڭىز-ئوكيانلاردىن خۇاڭخەي دېڭىزى، دۇڭخەي دېڭىزى، نەنخەي دېڭىزى ۋە تەيۋەن شەرقىدىكى تىنچ ئوكيان قاتارلىقلار بار،بوخەي دېڭىزى بولسا جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىغا ئىچكىرىلەپ كىرگەن ئىچكى دېڭىز. بوخەي دېڭىزى ،خۇاڭخەي دېڭىزى، دۇڭخەي دېڭىزى،جەنۇبىي دېڭىز، شەرق غەرب يۆنىلىشتە توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدىغان ئۇزۇنلۇقى 32 گىرادۇس، جەنۇبتىن شىمالغا كەڭلىكى 44 گرادۇس. ئۇنىڭدىن باشقا بۇخەي دېڭىزى، تەيۋەن بوغۇزى، چيۇڭجۇ بوغۇزى قاتارلىق ئۈچ چوڭ دېڭىز بوغۇزى بار. دېڭىز تەۋەلىكى كۆلىمى 730 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر ( 1997 ).

كىلىماتى

كىلىماتىجۇڭگونىڭ كىلىماتى مۇرەككەپ ۋە كۆپ خىل بولۇپ، مۆتىدىل بەلۋاغ مۇسسۇن شامىلى كىلىماتى، سۇبتروپىك بەلباغ موسسونلۇق كىلىماتى، تروپىك مۇسسون كىلىماتى، تروپىك بەلباغ يامغۇرلۇق ئورمان كىلىماتى، مۆتىدىل بەلباغ چوڭ قۇرۇقلۇق كىلىماتى، ۋە ئېگىزلىك ‐ تاغلىق ئىقلىمى قاتارلىق كىلىمات تىپىغا تەۋە، جەنۇبتىن شىمالغا ھالقىپ ئىسسىق بەلۋاغ، سۇبتروپىك بەلباغ، ئىسسىق بەلباغ رايونى، مۆتىدىل بەلۋاغ، سوغۇق مۆتىدىل بەلباغ كىلىمات بەلبېغىغا بۆلىنىدۇ.

1.كان مەھسۇلاتى 

كۆمۈر 

كۆمۈرجۇڭگونىڭ يەر مەيدانى كەڭ ، گېئولوگىيىلىك شەرت - شارائىتى كۆپ خىل، قېزىلما بايلىقى مول، قېزىلما بايلىق 171 تۈرگە يېتىدۇ،  تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان زاپىسى157 خىل. بۇنىڭ ئىچىدە ۋولفرام ، سۈرمە، سىرەك، ۋانادىي بىلەن تىتان قاتارلىقلارنىڭ تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان زاپاس مىقدارى دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. كۆمۈر، قوغۇشۇن، سىنىك، مىش، كۈمۈش، سىماب ( Hg )، قەلەي(Sn)، نىكېل (Ni)،فوسفورلۇق مىنېرال، تاشپاختا قاتارلىقلارنىڭ زاپىسى دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. جۇڭگونىڭ قېزىلما بايلىقىنىڭ تارقىلىش ئالاھىدىلىكى شۇكى، رايونلارغا تارقىلىشى تەكشى ئەمەس. مەسىلەن، تۆمۈر ئاساسلىقى لياۋنىڭ، سىچۈەندە كۆپ، غەربىي شىمالدا ئاز ؛ كۆمۈر ئاساسلىقى شىمالىي جۇڭگو ، غەربىي شىمال، شەرقىي شىمال ۋە غەربىي جەنۇب رايونىغا تارقالغان، بۇنىڭ ئىچىدە سەنشى، ئىچكى مۇڭغۇل، شىنجاڭ قاتارلىق ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلارغا ئەڭ مەركەزلەشكەن، ھالبۇكى، شەرقىي جەنۇبىي دېڭىز بويلىرىدىكى ھەرقايسى ئۆلكىلەردە بولسا ناھايىتى ئاز. بۇ خىل تارقىلىشى تەكشى بولماسلىق، بەزى كان مەھسۇلاتلىرىنى ناھايىتى مەركەزلەشتۈرگەن، مەسىلەن، ۋولفىرام كېنى 19 ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلارنىڭ ھەممىسىدە ئۇچرايدۇ، زاپىسى ئاساسلىقى شەرقىي جەنۇبىي خۇنەن، جەنوبىي جياڭشى، شىمالىي گۇاڭدۇڭ، شەرقىي-غەربىي فۇجيەن قاتارلىق رايونلارغا تارقالغان، كەڭ كۆلەملىك قېزىشقا پايدىلىق بولسىمۇ، لېكىن يەنە توشۇشقا ناھايىتى زور بېسىم ئېلىپ كەلگەن. جايلىشىشى تەكشىسىز بولغان بايلىقلارنى پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا ئۈنۈملۈك تەڭشەپ ئىشلىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، قاتناش-تىرانسپورت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. 

2.يەر 

تېرىلغۇ يەر

يەرجۇڭگۇدا يەر بايلىقىنىڭ تۆت ئاساسىي ئالاھىدىلىكى بار : مۇتلەق سانى كۆپ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان سانى ئاز ؛ مۇرەككەپ ۋە كۆپ خىل، تېرىلغۇ يەر ئىگىلىگەن نىسبىتى كىچىك؛ پايدىلىنىش ئەھۋالى مۇرەككەپ، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ رايون پەرقى روشەن؛ رايونلارغا تارقىلىشى تەكشى ئەمەس، قوغداش ۋە ئېچىش مەسىلىسى گەۋدىلىك.

ئورمانلىق  

ئورمانلىق8 - قېتىملىق مەملىكەت بويىچە ئورمان بايلىقىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشچە، مەملىكەت بويىچە ئورمان كۆلىمى 2.08 مىليون گېكتار، ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %21.63، ئورمان بار يەردىكى دەرەخ زاپىسى 151.37 مىليون كۇب مېتىر. بەرپا قىلىنغان ئورمان كۆلىمى 0.69 مىليون گېكتار، زاپىسى جەمئىي 2 مىليارد 483 مىليون كۇب مېتىر، دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.

3.سۇ بايلىقى 

سۇ بايلىقىجۇڭگونىڭ سۇ بايلىقى ئومۇمىي مىقدارى ھۆل-يېغىن مىقدارىنىڭ % 44.2 نى ئىگىلەيدۇ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەربىر كۋادرات كىلومېتىردىن چىقىدىغان سۇ 29 مىڭ كۇب مېتىر. تاتلىق سۇ بايلىقى ئومۇمىي مىقدارى 8 مىليارد كۇب مېتىر، دۇنيا بويىچە 6-ئورۇندا تۇرىدۇ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان مىقدارى دۇنيانىڭ ئوتتۇرىچە مىقدارىنىڭ تۆتتىن بىرىنى ئىگىلەيدۇ،دۇنيا بويىچە 88-ئورۇندا تۇرىدۇ.

4.ھايۋانات 

ھايۋاناتجۇڭگو دۇنيا بويىچە ھايۋانات بايلىقى ئەڭ مول دۆلەتلەرنىڭ بىرى. ئىستاتىستېكا قىلىنىشىچە، جۇڭگو قۇرۇقلۇقتا ياشايدىغان ئومۇرتقىلىق ھايۋانلاردىن تەخمىنەن 2070 خىل بار، دۇنيادىكى قۇرۇقلۇقتا ياشايدىغان ئومۇرتقىلىق ھايۋانلارنىڭ % 9.8 نى ئىگىلەيدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە قۇشلار 1170 كۆپ خىل، ھايۋانلار 400 خىلدىن ئارتۇق، قوش ماكانلىقلار 184 خىل، ئايرىم - ئايرىم ھالدا دۇنيا بويىچە ئوخشاش تۈردىكى ھايۋانلارنىڭ % 13.5، % 11.3، % 7.3 نى ئىگىلەيدۇ. غەربتە چىنلىڭ تاغ تىزمىسى ھىمالايا تېغى __ ئېگىزلىك، شىمالىي  فۇنيۇشەن تېغى - خۇەيخې دەرياسى بىلەن چاڭجياڭ دەرياسى ئارىسىدىكى بىرىنچى سەپتىكى شىمالىدىكى  رايونلاردا، مۆتىدىل بەلباغ، سوغۇق مۆتىدىل بەلباغ ھايۋاناتلىرى توپى ئاساس قىلغان،جەنۇبىدىكى رايونلاردا ئىسسىق بەلباغ ھايۋانلارنى ئاساس قىلغان بولۇپ، شەرقىي ئوكيان رايونىغا تەۋە. شەرقىي قىسىمدىكى رايونلارنىڭ يەر شەكلى تۈز، غەربىي قىسمىدىكى ئېگىزلىك، جەنۇبتىن شىمالغا سوزۇلغان، ئىككى ساھەسى ھايۋانلار ئۆزئارا سىڭىپ ئارىلىشىپ كەتكەن ئەھۋاللىرى بىر قەدەر روشەن بولىدۇ.

5. ئۆسۈملۈك

ئۆسۈملۈكجۇڭگونىڭ يەر مەيدانى كەڭ، يەر شەكلى مۇرەككەپ، ھاۋارايى ھەر خىل يېپىنچا ئۆسۈملۈك تۈرى مول، تارقىلىشى ئىنتايىن مۇرەككەپ. شەرقىي قىسىمدا مۇسسون رايونى تىروپىك بەلباغ يامغۇرلۇق ئورمىنى، تروپىك بەلباغ يامغۇرلۇق ئورمانلىرى، ئوتتۇرا،جەنۇبىي ئاسىيا ئىسسىق بەلباغ كۆكىرىپ تۇرىدىغان كەڭ يوپۇرماقلىق ئورمان، شىمالىي سۇبتروپىك بەلباغ يوپۇرماق تاشلايدىغان كەڭ يوپۇرماقلىق دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان كەڭ يوپۇرماقلىق ئارىلاش ئورمانلار، مۆتىدىل بەلۋاغ يوپۇرماق تاشلايدىغان كەڭ يوپۇرماقلىق ئورمىنى، سوغۇق مۆتىدىل بەلباغ يىڭنە يوپۇرماقلىق ئورمىنى، ھەم كەنجى ئېگىز تاغ يىڭنە يوپۇرماقلىق ئورمان، مۆتىدىل بەلباغدىكى ئورمان-يايلاق قاتارلىق يېپىنچا ئۆسۈملۈك تىپى بار. غەربىي شىمال ۋە چىڭخەي-شىزاڭ ئېگىزلىكى رايونىدا، قۇرغاق ئوتلاق، يېرىم چۆل ئوتلاق، چاتقاللىق، چۆل ئوتلاق، ئېگىزلىكتىكى سوغۇق چۆل، ئېگىز تاغدىكى ئوتلاق چىملىق چاتقال قاتارلىق ئۆسۈملۈكلەر تىپى بار. 

ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تۈرى كۆپ بۇلۇپ، ئىستاتىستېكا قىلىنىشىچە، 300 ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر ئائىلىسى، 2980 ئۇرۇقدىشى، 24600 تۈر بار. بۇنىڭ ئىچىدە يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر ئۇرۇقدىشى 2946( دۇنيا يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر ئومۇمىي ئۇرۇقدىشى سوممىسىنىڭ 23.6 % نى ئىگىلەيدۇ ). بىر قەدەر قەدىمكى ئۆسۈملۈكلەر،  دۇنيا ئومۇمىي ئۇرۇقدىشىنىڭ تەخمىنەن % 62 نى ئىگىلەيدۇ. يەنە بەزى ئۆسۈملۈكلەر مەسىلەن، چوڭ شەمشاد، كۈمۈش ئۆرۈك قاتارلىقلار دۇنيادىكى باشقا رايونلاردا ئاللىقاچان نەسلى قۇرۇپ كەتكەن، ھەممىسى جۇڭگودا ساقلىنىپ قالغان « تىرىك تاشقاتما »دۇر. ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەردىن سوغۇق، ئىللىق، ئىسسىق ئۈچ بەلباغ ئۆسۈملۈكلىرى بولۇپ، تۈرى پۈتۈن ياۋروپاغا قارىغاندا كۆپ. بۇنىڭدىن سىرت، يەنە مول بولغان يېتىشتۈرۈلگەن ئۆسۈملۈكلەر بار. يەرنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنىغا  نىسبەتەن ئېيتقاندا، 1000 خىلدىن ئارتۇق ماتېرىيال ئورمىنى بار، دورىلىق ئۆسۈملۈكلەر 4 مىڭ خىلدىن، مېۋە ئۆسۈملۈكلىرى300 نەچچە خىل، 500 خىلدىن ئارتۇق تالالىق ئۆسۈملۈكى،300 نەچچە خىل كىراخمال ئۆسۈملۈكى بولۇپ، ماي ئۆسۈملۈكلەر 600 خىلدىن ئاشىدۇ، كۆكتات ئۆسۈملۈكلەر يەنە كەم دېگەندە 80 نەچچە خىل بۇلۇپ دۇنيادىكى ئۆسۈملۈك بايلىقى ئەڭ مول دۆلەتلەرنىڭ بىرى.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلىشى  

تارىخى 1949-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 9-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە،1 - نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى يىغىنى بېيپىڭدا ئېچىلغان. 9-ئاينىڭ 29-كۈنى، يىغىنىدا  ۋاقىتلىق ئاساسىي قانۇن خاراكتېرىگە ئىگە « جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ئورتاق پىروگراممىسى » ماقۇللانغان، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ خىزمەت ھوقۇقىنى ۋاكالىتەن يۈرگۈزگەن. 9-ئاينىڭ 30-كۈنى چۈشتىن كېيىن، تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئومۇمىي يىغىندا  سىياسىي كېڭەش 1-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى يىغىنىنىڭ ھەيئەتلىرى  ۋۇجۇدقا كەلگەن، ماۋ زېدۇڭ مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسلىكىگە ، جۇ دې، ليۇ شاۋچى، سۇڭ چىڭلىڭ، لى جىشېن، جاڭ لەن، گاۋ گاڭ قاتارلىقلار  مۇئاۋىن رەئىسلىككە، باشقا 56 كىشى مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. 

1949- يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى، بېيجىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىدا دۆلەت قۇرۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن، ماۋ زېدۇڭ تيەنئەنمېن راۋىقىدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكالاپ مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى قۇرۇلغان، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەسمىي قۇرۇلغان.

مەمۇرىي رايونلار2004-يىلنىڭ ئاخىرىغىچە، جۇڭگودا مەملىكەت بويىچە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى مەمۇرىي رايونلاردىن : 23 ئۆلكە، بەش ئاپتونوم رايون، تۆت بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر، ئىككى ئالاھىدە مەمۇرىي رايون؛ 50 ۋىلايەت ( ئوبلاست ، ئايماق )؛ 661 شەھەر، بۇنىڭ ئىچىدە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر 4؛ ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەر 283؛ ناھىيە دەرىجىلىك شەھەر374؛ 1636 ناھىيە ( ئاپتونوم ناھىيە، ئالاھىدە رايون ۋە ئورمان رايونى )؛ شەھەرگە قاراشلىق رايون 852.

مەملىكەتلىك يېزا-بازار ئومۇمىي سانى37334، بۇنىڭ ئىچىدە : بازار 19883 ؛ يېزا 17451. مەملىكەت بويىچە مەھەللە ئىش باشقارمىسى 5904.  

مەملىكەت بويىچە تەسىس قىلىنغان ئاھالە كومىتېتى مەھەللە ( ئاھالە كومىتېتى ) 7 مىڭدىن ئارتۇق؛ ئاھالىلەر گۇرۇپپىسى 129.6 مىڭدىن ئارتۇق، كەنت ئاھالە كومىتېتى 64.4 مىڭ؛ كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى 507.9 مىڭدىن ئارتۇق.

ئاساسىي قانۇن

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئاساسىي قانۇنى 1982-يىل 12-ئاينىڭ 4-كۈنى 5-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5-قېتىملىق يىغىنىدا ماقۇللانغان، 1982-يىل 12-ئايدا 4-كۈنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئېلانى بىلەن يولغا قويۇش جاكارلانغان.

ھاكىمىيەت ئورگىنى 

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى − جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئالىي ھوقۇقلۇق ئورگىنى، بىر پالاتالىق تۈزۈم يولغا قويۇلىدۇ. ئۇ ھەر قايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر، ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ۋە خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى سايلىغان ۋەكىللەردىن تەركىب تاپىدۇ. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى بەش يىل، ھەر يىلى بىر قېتىم يىغىن ئۆتكۈزىدۇ، يىغىننى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى چاقىرىدۇ. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى زۆرۈر تاپسا ياكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ بەشتىن بىر قىسمىدىن كۆپرەكى تەكلىپ بەرسە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنى قەرەلسىز چاقىرىلسا بولىدۇ.

مەمۇرىي ئورگان

گوۋۇيۈەن دۆلەتنىڭ ئالىي مەمۇرىي ئورگىنى بىلەن ھاكىمىيەت ئورگانلىرىنىڭ ئىجرائىيە ئورگانلىرىدۇر. زۇڭلى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ. ھەر قايسى بۆلۈم، كومىتېتلاردا بۆلۈم باشلىقى، مۇدىر مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ. ھەر نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى بەش يىل بولىدۇ. زۇڭلى، مۇئاۋىن زۇڭلىلار ۋە دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارلىرىنىڭ ئۇدا ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئىككى نۆۋەتتىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. 

ھەربىي ئىشلارجۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان، يولداش ماۋ زېدۇڭ، دېڭ شياۋپىڭ، جىياڭ زېمىن، خۇ جىنتاۋ يادرولۇقىدىكى پارتىيە 4 ئەۋلاد مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپى بىلەن يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچى ئومۇمىي ۋەزىيىتى ۋە تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى توغرا ئىگىلەپ، دۆلەت مۇداپىئە ئىستراتېگىيەسىنى ئىلمىي بېكىتىپ، مۇۋاپىق پەيتتە بىر قاتار مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىلارنى قىلىدۇ، ئۈزلۈكسىز ئارمىيە يېڭى بۇرچىنى  يۈكلەپ، جۇڭگونىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشى ئىشلىرىنى ئالغا بېسىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ. 

جۇڭگو مۇداپىئە كۆرۈش خاراكتېرىدىكى دۆلەت مۇداپىئە سىياسىتىنى يولغا قويىدۇ. جۇڭگو دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداش، خەۋپسىزلىكى، تېـررىتـورىيە پـۈتۈنلۈكى، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات مەنپەئىتى ۋە خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇپ، تىرىشىپ دۆلىتىمىزنىڭ خەۋپسىزلىكى ۋە تەرەققىيات مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان مۇستەھكەم دۆلەت مۇداپىئەسى بەرپا قىلىپ، قۇدرەتلىك ئارمىيە قۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش داۋامىدا دۆلەتنى بېيىتىش ۋە ئارمىيىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىدۇ.

دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىك ئېھتىياجى ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات سەۋىيەسىگە  ئاساسەن، جۇڭگو دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى « ئۈچ قەدەمگە بۆلۈپ مېڭىش » تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويغان، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى پىلانلىق، قەدەم-باسقۇچلۇق ھالدا ئىلگىرى سۈرگەن. بۇ ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇر ئاساسلىقى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ : دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ۋە دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھالقىما تەرەققىيات يولىغا مېڭىش. 

تىنچلىق مەزگىلىدە جۇڭگو قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ھەر تەرەپلىمىلىك ئىشلىتىلىشى: چېگرا مۇداپىئە قوغداش، دېڭىز مۇداپىئەسى، ھاۋا مۇداپىئەسى بىخەتەرلىكىنى، ئىئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلاش، دۆلەت قۇرۇلۇشى، خېيىم-خەتەردىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، ب د ت نىڭ تىنچلىق ساقلاش ھەرىكىتىگە قاتنىشىش، ئەدەن قولتۇقى ۋە سومالى دېڭىز تەۋەلىكىدە دېڭىز قاتنىشىنى قوغداش، چەت ئەل ئارمىيەلىرى ئېلىپ بارغان بىرلىشىپ مەشىق قىلىش ۋە خەلقئارالىق ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا قاتنىشىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. 

تاشقى ئالاقەجۇڭگو ئۈچىنچى دۇنيا ئەللىرىگە مەنسۇپ دۆلەت، مۇستەقىل ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇش ئاساسىدىكى تىنچلىق دىپلوماتىيە سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئۆز دۆلەت خەلقى ۋە دۇنيا خەلقىنىڭ كەلگۈسى مەنئەئەتى ۋە تۈپ مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىپ، زومىگەرلىككە قارشى تۇرۇش، دۇنيا تىنىچلىقىنى قوغداش، ھەرقايسى ئەللەر بىلەن بولغان دوستانە ھەمكارلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئورتاق ئىقتىسادىي گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۆزىنىڭ دىپلوماتىيە خىزمىتىنىڭ تۈپ نىشانى قىلغان. دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى بىر تەرەپ قىلىشتا، جۇڭگو ئەزەلدىن بىرىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق، تىنچلىقتا بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىجتىمائىي تۈزۈم، ئېدىئولوگيە ۋە قىممەت قارىشىنىڭ ئوخشاش بولىشىنى ئۆلچەم قىلمايدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەت ۋە بەزى خەلقئارالىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەت.

جۇڭگو دۇنيا بويىچە ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە، ئامېرىكىدىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، دۇنيا بويىچە 1- چوڭ سانائەت دۆلىتى ۋە دۇنيا بويىچە بىرىنچى چوڭ يېزا ئىگىلىك دۆلىتى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا دۇنيا بويىچە ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئەڭ تېز دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۆتكەن 30 يىلدىن بۇيان، يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتى % 10 كە يېقىنلاشقان.

ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن كېيىن ئىقتىسادىي ئەندىزىسىنى بازار ئىگىلىكى يۆنىلىشىگە ئۆزگەرتىپ، جۇڭگو ئىگىلىكى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىش باسقۇچىغا قەدەم قويغان. 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدا، جۇڭگو جەنۇبىدا بىر قانچە ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون قۇرۇلغان، ئۇلار  جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىنى سۆرەۋاتقان پاراۋۇزغا ئايلانغان. 1992-يىلى دېڭ شياۋپىڭ جەنۇبنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان سۆزى ئارقىلىق، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇلغان. 21-ئەسىرگە قەدەم قويغاندىن كېيىن، جۇڭگو ئىقتىسادى داۋاملىق مۇقىم تېز سۈرئەتتە ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە 2001 - يىلى دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىشى جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا غايەت زور تۈرتكىلىك رول ئوينىغان.

قاتناشجۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، جۇڭگونىڭ قاتناش لىنىيەسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى زور دەرىجىدە ئاشقان، تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ قاتناش تورى بار بولغان. جۇڭگونىڭ قاتناش غول لىنىيىسى ئۈزلۈكسىز، ئىچكى قۇرۇقلۇق ۋە چېگرا رايونلارغا سوزۇلغان، ترانسپورت تورىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، ترانسپورت ئىقتىدارى تەدرىجىي يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن. 

تاشيول قاتنىشى جەھەتتە، قاتناش باشلانغان تاشيول مۇساپىسى تېز كۆپەيگەن، جۇڭگو ھەممە ناھىيە ۋە ھەممە يېزا-بازار تاشيولى تۇتاشتۇرۇلغان، 2010-يىلى، تاشيول ئومۇمىي مۇساپىسى 400 مىليون كىلومېتىرغا يەتكەن. 

ئومۇمىي نوپۇس

2010-يىللىق تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشچە ، پۈتۈن مەملىكەت ئومۇمىي نوپۇسى 1370536875ئادەم. بۇنىڭ ئىچىدە ئومۇمىيۈزلۈك تەكشۈرۈشتە تىزىملىتىلغان چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى 31 ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ۋە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ھەربىيلەرنىڭ نوپۇسى1339724852 ئادەم، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ نوپۇسى 7097000 ئادەم، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ نوپۇسى 552300 ئادەم، تەيۋەن رايونىنىڭ نوپۇسى 23162123 ئادەم.  

مىللەت

مىللەتجۇڭگودا ھۆكۈمەت ئېتىراپ قىلىغان 56 مىللەت بار. خەنزۇ، موڭغۇل، خۇيزۇ، زاڭزۇ، ئۇيغۇر، مياۋزۇلار، يىزۇ مىللىتى، جۇاڭزۇ مىللىتى، بۇيى مىللىتى، چاۋشيەن مىللىتى، مانجۇ، دوڭزۇ مىللىتى، ياۋزۇ مىللىتى، بەيزۇ مىللىتى، تۇجيا مىللىتى، خانى مىللىتى، قازاق، دەيزۇلار، لىزۇ مىللىتى، لىسۇ مىللىتى، ۋازۇ، شېزۇ مىللىتى، گاۋشەن مىللىتى، لاخۇ مىللىتى، شۈيزۇ مىللىتى، دۇڭشىياڭ مىللىتى، ناشى مىللىتى، جىڭپو مىللىتى، قىرغىز، تۇزۇلار، داغۇر، مۇلاۋ مىللىتى، چياڭزۇ مىللىتى، بۇلاڭلار، سالالار، ماۋنەن مىللىتى، گېلاۋ مىللىتى، شىبە، ئاچاڭ مىللىتى، پۇمى مىللىتى، تاجىك، نۇزۇ مىللىتى، ئۆزبېك، روس، ئېۋېنكې مىللىتى، دېئاڭ مىللىتى، باۋئەن مىللىتى، يۇغۇر مىللىتى، جىڭزۇلار، تاتار، دۇلوڭلار، ئورونچون مىللىتى، خېجې مىللىتى، مېنبا مىللىتى، لوبا مىللىتى، جىنو قاتارلىق 56 مىللەت بار. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

بەيدۇ قامۇسى 

http://baike.baidu.com/item/

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#