خەلق مۇرەسسە خىزمىتىگە ئائىت بىر قانچە بەلگىلىمە

خەلق مۇرەسسە خىزمىتىگە ئائىت بىر قانچە بەلگىلىمە

خەلق مۇرەسسە خىزمىتىگە ئائىت بىر قانچە بەلگىلىمە 2002-يىلى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى ئەدلىيە مىنىستىرلىكى مىنىستىرلار ئىش بېجىرىش يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2002-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان. 

ئۇيغۇرچە نامى خەلق مۇرەسسە خىزمىتىگە ئائىت بىر قانچە بەلگىلىمە
ماقۇللانغان ۋاقتى 2002-يىلى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى 2002-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى
خەنزۇچە نامى 人民调解工作若干规定
يولغا قويۇلغان ۋاقتى 2002-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى
ھۆججەت جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئەدلىيە مىنىستىرلىكىنىڭ 75-نومۇرلۇق بۇيرۇقى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئەدلىيە مىنىستىرلىكىنىڭ 75-نومۇرلۇق بۇيرۇقى 

«خەلق مۇرەسسە خىزمىتىگە دائىر بىرقانچە بەلگىلىمە» 2002-يىلى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى ئەدلىيە مىنىستىرلىكى مىنىستىرلار ئىش بېجىرىش يىغىنىدا ماقۇللانغان، ھازىر ئېلان قىلىندى، 2002-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

مىنىستىر جاڭ فۇسېن

2002-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

1-ماددا بۇ بەلگىلمە خەلق مۇرەسسە خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، خەلق مۇرەسسە تەشكىلىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، خەلق مۇرەسسەسىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرش مەقسىدىدە، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتىنىڭ ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى» ۋە «خەلق مۇرەسسە ھەيئىتىنىڭ تەشكىلىي نىزامى» قاتارلىق قانۇن، نىزاملارنىڭ بەلگىلمىسىگە ئاساسەن، خەلق مۇرەسسە خىزمىتىنىڭ ئەمەلىيتىگە بىرلەشتۈرۈپ تۈزۈپ چىقىلدى.

2-ماددا خەلق مۇرەسسە ھەيئىتى خەلق ئارسىدىكى ماجرالارنى مۇرەسسە قىلىدىغان ئاممىۋى خاراكتېرلىك تەشكىلات.

خەلق مۇرەسسەچىلىرى ئامما سايلايدىغان ياكى تەكلىپنى قۇبۇل قىلىپ، خەلق مۇرەسسە ھەيئىتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، خەلق مۇرەسسە خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خادىملاردۇر.

خەلق مۇرەسسە ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى، مۇرەسسە خادىمى، خەلق مۇرەسسەچىسى دەپ ئاتىلىدۇ.

3-ماددا خەلق مۇرەسسە ھەيئىتىنىڭ ۋەزىپىسى:

(1) خەلق ئارسىدىكى ماجرالارنى مۇرەسسە قىلىش، خەلق ئارسىدىكى ماجرانىڭ كەسكىنلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش؛

(2) مۇرەسسە خىزمىتى ئارقىلىق قانۇ، نىزام، قائىدە ۋە سىياسەتلەرنى تەشۋىق قىلىش، پۇقرالارغا قانۇن، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش، ئىجتىمائى ئەخلاققا ھۆرمەت قىلىش توغرىسىدا تەربىيە بېرىپ، خەلق ئارسىدا ماجرا كېلىپ چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش؛

(3) كەنت ئاھالە كومتېتى، ئاھالە كومتېتى، تۇرۇشلۇق ئورۇن ۋە ئاساسىي قاتلام خەلق ھۆكۈمىتىگە خەلق ئارىسىدىكى ماجرالار ۋە مۇرەسسە خىزمىتى ئەھۋالىنى ئىنكاس قىلىش.

4-ماددا خەلق مۇرەسسە ھەيئىتى خەلق ئارسىدىكى ماجرالارنى مۇرەسسە قىلىشتا تۆۋەندىكى پرىنسىپلارغا رىئايە قىلىشى كېرەك:

(1) قانۇن، نىزام، قائىدە ۋە سىياسەتلەرگە ئاساسلىنىپ مۇرەسسە قىلىش، قانۇن، نىزام، قائىدە ۋە سىياسەتلەردە ئېنىق بەلگىلىمە بولمىسا، سوتسىيالىستىك ئەخلاققا ئاساسەن مۇرەسسە قىلىش؛

(2) دەۋالاشقۇچى ئىككى تەرەپنىڭ ئىختىيارلىقى ۋە باراۋەرلىكى ئاساسىيدا مۇرەسسە قىلىش؛

(3) دەۋالاشقۇچىلارنىڭ دەۋا ھۇقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلىش، مۇرەسسەدىن ئۆتكۈزمىگەنلىك ياكى مۇرەسسەنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك بولمىغانلىقى سەۋەبىدىن ماجرالاشقۇچىلارنىڭ خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىشىنى توسماسلىق.

5-ماددا «ئالىي ىەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خەلق مۇرەسسە كېلىشىمى ھاسىل قىلىنغان ھەق تەلەپ دېلولىرىنى سوت قىلىشقا ئائىت بىر نەچچە بەلگىلمىسى »گە ئاساسلانغاندا، خەلق مۇرەسسە ھەيئىتى مۇرەسسەدە ھاسىل قىلغان، ھەق تەلەپ ھۇقۇق مەجبۇريەت مەزمۇنلىرى بولغان ھەمدە ماجرالاشقۇچى ئىككى تەرەپ ئىمزا قويغان ياكى تامغا باسقان مۇرەسسە كېلىشىمى ھەق تەلەپ توختامى خاراكتېرىگە ئىگە، ماجرالاشقۇچىلار پۈتۈشكىنى بۇيىچە ئۆز مەجبۇريىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك. مۇرەسسە كېلىشىمىنى ئۆز ئالدىغا ئۆزگەرتىشكە ياكى بىكار قىلىشقا بولمايدۇ.

6-ماددا خەلق مۇرەسسە پائالىيتىدە، ماجرالاشقۇچىلار تۆۋەندىكى ھۇقۇقلاردىن بەھرىمەن بولىدۇ:

(1) مۇرەسسەنى قوبۇل قىلىش، قوبۇل قىلماسلىق ياكى ئاخىرلاشتۇرۇشنى ئكز ئالدىغا بەلگىلەش؛

(2) مۇناسىۋەتلىك مۇرەسسە خادىملىرىنىڭ چەتلەپ تۇرۇشىنى تەلەپ قىلىش؛

(3) بېسىمغا، مەجبۇرلاشقا ئۇچرىماسلىق، ھەقىقى مەقسىتىنى ئىپادىلەش، مۇۋاپىق تەلەپلەرنى قويۇش؛

(4) مۇرەسسە كېلىشىمىنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ھاسىل قىلىش.

7-ماددا مۇرەسسە قىلىش جەريانىدا، ماجرالاشقۇچىلار تۆۋەندىكى مەجبۇريەتلەرنى ئۈستىگە ئالىدۇ:

(1) ماجرا پاكىتىنى ئەينەن بايان قىلىش، يالغان، ساختا ئىسپات ماتېرىياللىرى بىلەن تەمىنلىمەسلىك؛

(2) مۇرەسسە قائىدىسىگە رىئايە قىلىش؛

(3) ماجرانى تېزلىتىپ، زىددىيەتنى كەسكىنلەشتۈرۋەتمەسلىك؛

(4) خەلق مۇرەسسە كېلىشىمىنى ئاڭلىق ئىجرا قىلىش.

8-ماددا خەلق مۇرەسسە ھەيئىتى خەلق ئارىسىدىكى ماجرالارنى مۇرەسسە قىلىشتا ھەق ئالمايدۇ.

9-ماددا ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگانلىرى مۇشۇ چارە بويىچە خەلق مۇرەسسە خىزمەتىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ ۋە ئۇنى باشقۇرىدۇ.

خەلق مۇرەسە ھەيئىتىنىڭ كۈندىلىك خىزمەتلىرىگە يېتەكچىلىك قىلىش ۋە ئۇنى باشقۇرۇش ئىشلىرىغا يېزا-بازار، كوچا ئەدلىيە ئورنى (بۆلۈمى) مەسئۇل بولىدۇ.

2-باب خەلق مۇرەسسە ھەيئىتى ۋە خەلق مۇرەسسەچىسى

10-ماددا ىەلق مۇرەسسە ھەيئىتى تۆۋەندىكى شەكىللەردە تەسىس قىلىنىدۇ:

(1) يېزىلاردىكى كەنت ئاھالە كومتېتى، شەھەر مەھەللە كومتېتى خەلق مۇرەسسە ھەيئىتى؛

(2) يېزا-بازار، كوچا خەلق مۇرەسسە ھەيئىتى؛

(3) كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ئېھتىياجىغا ئاساسەن تەسىس قىلغان خەلق مۇرەسسە ھەيئىتى؛

(4) ئېھتىياجغا ئاساسەن تەسىس قىلىنغان رايۇن خاراكتېرلىك، كەسىپ خاراكتېرلىك خەلق مۇرەسسە ھەيئىتى

خەلق مۇرەسسە ھەيئىتىنى تەسىس قىلىشنى ۋە ئۇنىڭ تەركىبىدىكى خادىملارنى تۇرۇشلۇق جايدىكى يېزا-بازار، كوچا ئەدلىيە ئورنى (بۆلۈمى)گە ئەنگە ئالدۇرۇش لازىم؛ يېزا-بازار، كوچىلاردا خەلق مۇرەسە ھەيئىتى تەسىس قىلىش ھەمدە ئۇنىڭ تەركىبىدىكى خادىملارنى ناھيە دەرىجىلىك ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنىغا ئەنگە ئالدۇرۇش رازىم.

11-ماددا خەلق مۇرەسسە ھەيئىتى ئۈچتىن ئارتۇق ئەزادىن تەشكىل قىلىنىدۇ، بىر نەپەر مۇدىر قويۇلىدۇ، زۆرۈر تېپىلغاندا مۇئاۋىن مۇدىر قويۇشقا بولىدۇ، كۆپ مىللەت توپلۇشۇپ ئولتۇراقلاشقان رايۇنلاردىكى خەلق مۇرەسسە ھەيئىتىدە، ئادەم سانى بىر قەدەر ئاز بولغان مىللەتتىن ھەيئەت ئەزاسى بولۇشى كېرەك.

خەلق مۇرەسسە ھەيئىتىدە ئايال ھەيئەت ئەزاسى بولۇشى كېرەك.

12-ماددا كەنت ئاھالە كومتېتى، ئاھالە كومتېتى ۋە كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ خەلق مۇرەسسە ھەيئىتى ئېھتىياجغا ئاساسەن، تەبئىي كەنت، كىچىك رايۇن (بىنا، قورا) ، سېخ قاتارلىقلارنى بىرلىك قىلىپ، مۇرەسسە گورۇپپىسى تەسىس قىلىپ، مۇرەسسەچى تەكلىپ قىلسا بولىدۇ.

13-ماددا يېزا-بازار، كوچا خەلق مۇرەسسە ھەيئىتىنىڭ ئەزالىقىنى تۆۋەندىكى خادىملار ئۈستىگە ئالىدۇ:

(1) شۇ يېزا-بازار، كوچا باشقۇرۇش رايۇنى ئىچىدە تەسىس قىلىنغان كەنت ئاھالە كومتېتى، ئاھالە كومتېتى، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ خەلق مۇرەسسە ھەيئىتىنىڭ مودىرى؛

(2) شۇ يېزا-بازار، كوچىنىڭ ئەدلىيە ياردەمچىسى؛

(3) شۇ يېزا-بازار، كوچا باشقۇرۇش رايۇنى ئىچىدە ئولتۇرىۋاتقان قانۇننى بىلىدىغان، كەسىپ ئارتۇقچىلىقى بولغان، خەلق مۇرەسسە خىزمىتىنى قىزغىن سۆيىدىغان جەميەتتىكى پىدائىلار.

14-ماددا خەلق مۇرەسسەچىسىنىڭ شەرتلىرى: كىشىلەرگە ئادىل مۇئامىلە قىلىش، ئامما بىلەن زىچ ئالاقە باغلاش، خەلق مۇرەسسە خىزمىتىنى قىزغىن سۆيۈش، بەلگىلىك قانۇن، سىياسەت سەۋيسى ۋە مەدەنىيەت سەۋىيسى بولۇش.

يېزا-بازار، كوچا خەلق مۇرەسسە ھەيئىتىنىڭ ئەزالىرى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىن يۇقىرىى مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە بولۇش كېرەك.

15-ماددا خەلق مۇرەسسەچىلىكىنى يېزا ئاھالە كومتېت ئەزالىرى، مەھەللە كومتېت ئەزالىرى ياكى كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇللىرى قوۇشۇمچە ئۆتىگەندىن باشقا ، ئادەتتە شۇكەنت ئاھالە رايۇنى، مەھەللە ئاھالە رايۇنى ياكى كارخانا، كەسپىي ئورۇنلاردىكى ئامما سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇتقا كەلتۈرىدۇ، كەنت ئاھالە كومتېتى، ئاھالە كومتېتى ياكى كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار تەكلىپ قىلسىمۇ بولىدۇ.

يېزا –بازار، كوچا خەلق مۇرەسسە ھەيئىتىنىڭ ئەزاسىنى يېزا –بازار، كوچىلىق ئەدلىيە ئورنى (بۆلۈمى) تەكلىپ قىلىدۇ. رايۇن خاراكتېرلىك، كەسپىي خاراكتېرلىك خەلق مۇرەسسە ھەيئىتىنىڭ ئەزاسىنى مەزكۈر خەلق مۇرەسسە ھەيئىتىنى تەسىس قىلغان تەشكىلات تەكلىپ قىلىدۇ.

16-ماددا خەلق مۇرەسسەچىسىنىىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئۈچ يىل بولىدۇ، ھەر ئۈچ يىل توشقاندا ئۆزگەرتىپ سايلايدۇ ياكى بى رقېتىم تەكلىپ قىلىنىدۇ، ئۇدا سايلانسا ئۇدا ۋەزىپە ئۆتەيدۇ ياكى ئۇدا تەكلىپ قىلىنىدۇ، خەلق مۇرەسسەچىسى ئۆز ۋەزىپىسىنى ئادا قىلالمىغاندا، ئەسلىي سايلىغان ئورۇن ياكى تەكلىپ قىلغان ئورۇن تولۇقلاپ سايلايدۇ، تولۇقلاپ تەكلىپ قىلىدۇ. 6 ^& R' M: T/ f2 Y

خەلق مۇرەسسەچىلىرىدىن ئېغىر ھالدا مەسئۇليەتسىزلىك قىلغان ياكى قانۇن ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغانلىرىنى ئەسلىي سايلىغان ئورۇن ياكى تەكلىپ قىلغانئورۇن ئېلىپ تاشلايدۇ.

17-ماددا خەلق مۇرەسسەچىسى ماجرالارنى مۇرەسسە قىلشىتا تۆۋەندىكى ئىنتىزامغا رىئايە قىلىشى شەرت:

(1) نەپسانىيەتچىلىك قىلماسلىق؛

(2) ماجرالاشقۇچىلارنى باسماسلىق، ئۇلارغا زەربە بېرىپ ئۆچ ئالماسلىق؛

(3) ماجرالاشقۇچىلارنى ھاقارەتلىمەسلىك، جازالىماسلىق؛

(4) ماجرالاشقۇچىلارنىڭ سىرىنى ئاشكارلاپ قويماسلىق؛

(5) مېھماندارچىلىققا بارماسلىق، سوۋغا ئالماسلىق.

18-ماددا خەلق مۇرەسسەچىسى قانۇن بويىچە ۋەزىپە ئىجرا قىلىشتا، قانۇنسىز ئارلىشىشقا، زەربە بېرىپ ئۆچ ئېلىشقا ئۇچرىسا ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنى ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلاردىن قانۇن بويىچە قوغداشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

خەلق مۇرەسسەچىسى ۋەزىپە ئىجرا قىلىشتا پرىنسىپتا چىڭ تورۇشى، ئىش ئورنى ۋە كەسپنى قەدىرلىشى، قىزغىن مۇلازىمەت قىلىشى، سەمىمىي بولۇپ ۋەدىسىدە تورۇشى، يۈرۈش-تۇرۇشى، مەدەنىي بولۇشى، پاك-دىيانەتلىك بولۇشى، ئۆگنىشكە ئەھمىيەت بېرىشى، قانۇن، ئەخلەق ساپاسى ۋە مۇرەسسە ماھارىتىنى ئۆزلۈكسىز ئۆستۈرشى كېرەك.

19-ماددا خەلق مۇرەسسە ھەيئىتى ئىش ئورنى مەسئۇليەت تۈزۈمى، يىغىن، ئۆگنىش، تەكشۈرۈش-باھالاش، كەسىپ تىزىملاش، سىتاتسىتىكا ۋە ئارخىپ باشقۇرۇش تۈزۈمى قاتارلىق تۈرلۈك قائىدە-تۈزۈملەرنى ئورنىتىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرشى، تەشكىل، قوشۇن ۋە كەسىپ قۇرۇلۇشىنى ئۆزلۈكسىز كۈچەيتىشى لازىم.

3-باب خەلق ئارىسىدىكى ماجرالارنى قوبۇل قىلىش

20-ماددا خەلق مۇرەسسە ھەيئىتى مۇرەسسە قىلىدىغان خەلق ئارىسىدىكى ماجرا پۇقرا بىلەن پۇقرا ئوتتۇرىسىدا، پۇقرا بىلەن قانۇنىي ئىگە ۋە باشقا ئىجتىمائى تەشكىلاتلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن ھەق تەلەپ ھۇقۇق-مەجبۇرىيەت تالاش-تارتىشلىرىغا چېتىلىدىغان تۈرلۈك ماجرالارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

21-ماددا خەلق ئارىسىدىكى ماجرالارنى ماجرالاشقۇچىلار تۇرۇشلۇق جاي (ئىشلەيدىغان ئورۇن) ياكى ماجرا يۈز بەرگەن جايدىكى مۇرەسسە ھەيئىتى قوبۇل قىلىپ مۇرەسسە قىلىدۇ.

كەنت ئاھالە كومتېتى، ئاھالىلار كومتېتى ياكى كارخانا، كەسپىي ئورۇنلاردىكى خەلق مۇرەسسە ھەيئىتى مۇرەسسە قىلالمايدىغان خەلق ئارىسىدىكى قېيىن، مۇرەككەپ ماجرالار ۋە رايۇن، ئورۇن ھالقىغان خەلق ئارىسىدىكى ماجرالارنىيېزا-بازار، كوچا خەلق مۇرەسسە ھەيئىتى قۇبۇل قىلىپ مۇرەسسە قىلىدۇ ياكى مۇناسىۋەتلىك خەلق مۇرەسسە ھەيئەتلىرى ئورتاق مۇرەسسە قىلىدۇ. 

22-ماددا خەلق مۇرەسسە ھەيئىتىنىڭ تۆۋەندىكى ماجرالالرنى مۇرەسسە قىلىشىغا بولمايدۇ:

(1) قانۇن، نىزاملاردا مەخسۇس ئورگانلار باشقۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىشى بەلگىلەنگەن ياكى قانۇن، نىزاملاردا خەلق ئارىسىدا مۇرەسسە قىلشى شەكلىدە ھەل قىلىش مەنئىي قىلىنغان ماجرالار؛

(2) خەلق سوت مەھكىمىسى، جامائەت خەۋەپسىزلىكى ئورگىنى ياكى باشقا مەمۇرىي ئورگانلار قوبۇل قىلغان ياكى ھەل قىلغان ماجرالار.

23-ماددا خەلق مۇرەسسە ھەيئىتى ماجرالارنى ماجرالاشقۇچىلارنىڭ ئىلتىماسىغا ئاساسەن قوبۇل قىلىدۇ ۋە مۇرەسسە قىلىدۇ؛ ماجرالاشقۇچىلار ئىلتىماس قىلمىسا، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇرەسسە قىلسىمۇ بولىدۇ، لېكىن ماجرالاشقۇچىلار باشقىچە پىكىردە بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

ماجرالاشقۇچىلار ماجرانى مۇرەسسە قىلىشنى ئىلتىماس قىلىشتا يازما ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، ئاغزاكى ئىلتىماس قىلسىمۇ بولىدۇ.

ماجرانى قۇبۇل قىلىپ مۇرەسسە قىلىشتا تىزىمغا ئېلىش لازىم.

24-ماددا ماجرالاشقۇچىلارنىڭ ماجرانى مۇرەسسە قىلىش ئىلتىماسى قوبۇل قىلىش شەرتىگە ئۇيغۇن بولسا، خەلق مۇرەسسە ھەيئىتى ۋاقتىدا قوبۇل قىلىپ ۋاقتىدا مۇرەسسە قىلىشى كېرەك.

قۇبۇل قىلىش شەرتلىرىگە ئۇيغۇن بولمىغانلىرىنى ماجرالاشقۇچىلارنىڭ قانۇن -نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىنى ئىلتىماس قىلسا بولىدىغانلىقىنى ياكى خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلسا بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ قويۇش كېرەك؛ ھەر ۋاقىت كەسكىنلىشىپ كېتىش ئېھتىمالى بولغانلىرىغا زۆرۈر بولغان پەسەيتىش، يېتەكلەش تەدبىرلىرىنى قوللانغاندىن كېيىن مۇناسىۋەتلىك ئورگەنلارنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا ۋاقتىدا تاپشۇرۇپ بېرىشى لازىم.

4-باب خەلق ئارىسىدىكى ماجرالارنى مۇرەسسە قىلىش

25-ماددا خەلق مۇرەسسە ھەيئىتى ماجرالارنى مۇرەسسە قىلىشتا بىر نەپەر خەلق مۇرەسسەچىسىنى مۇرەسسەگە رىياسەتچىلىك قىلىشقا بەلگىلىشى كېرەك، ئېھتىياجىغا ئاساسەن، بىر نەپەر خەلق مۇرەسسەچىسىنى مۇرەسسەگە قاتنىشىشقا بەلگىلىسە بولىدۇ.

ماجرالاشقۇچىلار مۇرەسسەگە رىياسەتچىلىك قىلغۇچىنىڭ چەتلەپ ترۇرۇشىنى تەلەپ قىلسا، خەلق مۇرەسسە ھەيئىتى ئالماشتۇرشى لازىم.

26-ماددا خەلق مۇرەسسە ھەيئىتى ماجرانى مۇرەسسە قىلشتا ماجرالاشقۇچى ئىككى تەرەپتىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا ماجرانىڭ پاكىتى ۋە ۋەقەلىكىنى سورىشى، ئىككى تەرەپنىڭ تەلپى ۋە ئاساسلىرىنى ئىگىلىشى، ئېھتىياجىغا ئاساسەن مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەردىن تەكشۈرۈپ ئىسپاتلىشى، مۇرەسسە قىلىش ئالدىدىكى تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

27-ماددا خەلق مۇرەسسە ھەيئىتى ماجرانى مۇرەسسە قىلشتا، ئېھتىياجىغا ئاساسەن مۇناسىۋەتلىك ئورۇن ياكى شەخىسلەرنى قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلسا بولىدۇ، تەكلىپ قىلىنغان ئورۇن ياكى شەخىسلەر قوللىشى كېرەك.

رايۇن، ئورۇن ھالقىغان ماجرالارنى ئالاقىدار خەلق مۇرەسسە ھەيئەتلىرى ئۆز-ئارا ماسلىشىپ، مۇرەسسە خىزمىتىنى ئورتاق ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

28-ماددا خەلق مۇرەسسە ھەيئىتى ماجرالارنى مۇرەسسە قىلىشنى ئادەتتە مەخسۇس تەسىس قىلىنغان مۇرەسسە قىلىش ئورنىدا ائېلىپ بارىدۇ، ئېھتىياجغا ئاساسەن، ماجرالاشقۇچىلارغا قولايلىق بولغان ئورۇندا ئېلىپ بارسىمۇ بولىدۇ.

29-ماددا خەلق مۇرەسسە ھەيئىتى ماجرانى مۇرەسسە قىلشىتا، ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئۇچۇق ئېلىپ بارسا، ماجرالاشقۇچىلانرىڭ ئۇرۇق-تۇققانلىرى، قۇلۇم-قوشنىلىرى ۋە شۇ جاي ( شۇ ئورۇن) دىكى ئاممىنى سىرىتتىن قاتنىشىپ ئاڭلاشقا رۇخسەت قىلسا بولىدۇ. لېكىن ماجرالاشقۇچىلارنىڭ سىرى، سودا مەخپىيەتلىكىگە چېتىلىدىغان ياكى ماجرالاشقۇچىلار قارشى تۇرغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

30-ماددا خەلق مۇرەسسە ھەيئىتى ماجرانى مۇرەسسە قىلىشتا، مۇرەسسە قىلشىتىن ئىلگىرى ماجرالاشقۇچىلارغا خەلق مۇرەسسەسىنىڭ خاراكتېرى، پرىنسىپى ۋە كۈچىنى ھەمدە ماجرالاشقۇچىلارنى مۇرەسسە قىلىش داۋامىدا بەھرىمەن بولىدىغان ھۇقۇقلىرى ۋە ئۈستىگە ئالىدىغان مەجبۇرىيەتلىرىنى يېزىق ياكى ئېغىز ئارقىلىق ئۇقتۇرۇپ قۇيۇشى لازىم.

31-ماددا خەلق مۇرەسسە ھەيئىتى ماجرالارنى مۇرەسسە قىلشىتا پاكىتنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش، مەسئۇليەتنى ئېنىق ئايرىش ئاساسىيدا، ماجرالالشقۇچىلارنىڭ ئالاھيىدىلىكى ۋە ماجرانىڭ خاراكتېرىگە، ئاسان-قېيىنلىق دەرىجىسى، تەرەققىي قىلىش، ئۆزگىرىش ئەھۋالىغا ئاساسەن جانلىق ھەر خىل ئوسۇل ۋە شەكىللەرنى قوللۇنۇپ، سەۋىرچانلىق، ئىنچىكىلىك بىلەن سۆز ئارقىلىق قايىل قىلىش؛ يېتەكلەش خىزمىتىنى ئىشلەپ، ماجرالالشقۇچى ئىككى تەرەپنىڭ ئۆز-ئارا ئەپۇ قىلىش، يول قۇيۇپ ئارزچىلىقنى تۈگىتىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ماجرالاشقۇچىلارنىڭ ماقرانى تۈگىتىپ مۇرەسسە كېلىشىمى ھاسىل قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىشى، ياردەم بېرىشى لازىم.

32-ماددا خەلق مۇرەسسە ھەيئىتى ماجرالارنى مۇرەسسە قىلىشتا ماجرانىڭ كەسكىنلىشىپ كېتىشىگە يېقىندىن زىچ دىققەت قىلىشى، مۇرەسسە قىلىش ئارقىلىق ماقرانىڭ كەسكىنلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

33-ماددا خەلق مۇرەسسە ھەيئىتى ماجرانى مۇرەسسە قىلىشتا، ئادەتتە مۇرەسە قىلىشنى بىر ئاي ئىچىدە تاماملىشى كېرەك.

5-باب مۇرەسسە كېلىشىمى ۋە ئۇنى ئىجرا قىلىش

34-ماددا خەلق مۇرەسسە ھەيئىتىنىڭ مۇرەسسە قىلىشى ئارقىلىق ھەل قىلىنغان ماجرادا ھەق تەلەپ ھۇقۇق-مەجبۇرىيىتىگە دائىر مەزمۇنلار بولسا ياكى ماجرالاشقۇچىلار يازما مۇرەسسە كېلىشىمى تەييارلاپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا، يازما مۇرەسسە كېلىشىمى تەييارلاش كېرەك.

35-ماددا مۇرەسسە كېلىشىمىگە تۆۋەندىكى ئىشلار يېزىلىشى كېرەك:

(1) ماجرالاشقۇچى ئىككى تەرەپنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى؛

(2) ماجرانىڭ قىسقىچە پاكىتى، تالاش-تارتىش قىلغان ئىشلار ۋە ئىككى تەرەپنىڭ مەسئۇليىتى؛

(3) ماجرالاشقۇچى ئىككى تەرەپنىڭ ھۇقۇق ۋە مەجبۇرىيىتى؛

(4) كېلىشىمنى ئىجرا قىلىش شەكلى، ئورنى، مۇددىتى؛

(5) ماجرالاشقۇچىلارنىڭ ئىمزاسى، مۇرەسسەگە رىياسەتچىلىك قىلغۇچىنىڭ ئىمزاسى، خەلق مۇرەسسە ھەيئىتىنىڭ تامغىسى.

مۇرەسسە كېلىشىمى ماجرالاشقۇچىلارنىڭ ھەر بىرىگە بىر نۇسخا بېرىلىدۇ، بىر نۇسىخىسنى خەلق مۇرەسە ھەيئىتى ساقلايدۇ.

36-ماددا ماجرالاشقۇچىلار مۇرەسسە كېلىشىمىنى ئاڭلىق ئىجر اقىلىشى كېرەك.

خەلق مۇرەسسە ھەيئىتى مۇرەسسە كېلىشىمىنىڭ ئىجر اقىلىش ئەھۋالىنى مۇۋاپىق ۋاقىتتا ئۇقۇشۇپ تۇرۇشى ھەمدە ئىجرا قىلىش ئەھۋالىدىن خاتىرە قالدۇرۇشى لازىم.

37-ماددا ماجرالاشقۇچىلار مۇرەسسە كېلىشىمىنى ئىجرا قىلمىسا ياكى كېلىشىم ھاسىل قىلغاندىن كېيىن يېنىۋالسا، خەلق مۇرەسسە ھەيئىتى تۆۋەندىكى ئەھۋاللار بۇيىچە ئايرىم-ئايرىم ھالدا بىر تەرەپ قىلىدۇ:

(1) ماجرالاشقۇچىلار ئورۇنلۇق سەۋەبى بولماي تۇرۇپ كېلىشىمنى ئىجرا قىلمىسا، ماجرالاشقۇچىلارنىڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئۇنىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ؛

(2) ئەگەر ماجرالاشقۇچىلار كېلىشىم مەزمۇنىنىڭ مۇۋاپىق بولمىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويسا ياكى خەلق مۇرەسە ھەيئىتى كېلىشىم مەزمۇنىنىڭ مۇۋاپىق بولمىغانلىقىنى سەزسە، ماجرالاشقۇچى ئىككى تەرەپنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن، يەنە بىر قېتىم مۇرەسسە قىلىش ئارقىلىق ئەسلىدىكى كېلىشىمنىڭ مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىدۇ ياكى ئەسلىدىكى كېلىشىمنى كۈچتىن قالدۇرۇپ، يېڭى مۇرەسسە كېلىشىمى ھاسىل قىلىدۇ؛

(3) ھەيدەكچىلىك قىلسىمۇ خەلق مۇرەسسە كېلىشىمىنى ئىجرا قىلمىغان ماجرالاشقۇچىلارغا ئاساسىي قاتلام خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلسا بولىدىغانلىقىنى، مۇرەسسە كېلىشىمىنى ئىجرا قىلىش، ئۆزگەرتىش، بىكار قىلىش توغرىسىدا خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىش لازىملىقىنى ئېيتىپ قويۇش كېرەك.

38-ماددا ماجرالاشقۇچىلارنىڭ قارشى تەرەپنىڭ مۇرەسە كېلىشىمىنى ئىجر اقىلماسلىق ياكى مۇرەسسە كېلىشىمى ھاسىل قىلغاندىن كېيىن يېنىۋېلىپ، خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلغان ھەق تەلەپ دېلولىرىدا ماجرانى مۇرەسسە قىلغانخەلق مۇرەسسە ھەيئىتى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مەزكۈر دېلونى سوت قىلىش خىزمىتىگە يېقىندىن ماسلىشىشى كېرەك.

6-باب خەلق مۇرەسسە خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش

39-ماددا ھەر دەرىجىلىك ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگانلىرى ھەقىقىي تەدبىىر قوللىنىپ، يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئۆز رايۇنىنىڭ خەلق مۇرەسسە ھەيئىتىنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلۇشى، قوشۇن قۇرۇلۇشى، كەسىپ قۇرۇلۇشى ۋە تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى ئۆزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىشى، خەلق مۇرەسسە خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرىشى، خەلق مۇرەسسە خىزمىتىنىڭ سۈپىتى ۋە سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

ھەر دەرىجىلىك ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگانلىرى يېتەكچىلىك خىزمىتى داۋامىدا، خەلق سوت مەھكىمىسى بىلەن بولغان ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىشى لازىم.

40-ماددا ھەر دەرىجىلىك ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگانلىرى تۈرلۈك شەكىللەرنى قوللىنىپ، خەلق مۇرەسسەچىلىرىنى تەربىيلەشنى كۈچەيتىپ، خەلق مۇرەسسەچىلىرى قوشۇنىنىڭ ساپاسىنى ئۆزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى كېرەك.

41-ماددا ھەر دەرىجىلىك ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگانلىرى نەتىجىسى كۆرىنەرلىك، تۆھپىسى گەۋدىلىك بولغان خەلق مۇرەسسە ھەيئىتى ۋە خەلق مۇرەسسەچىلىرىنى قەرەللىك ياكى مۇۋاپىق ۋاقىتتا تەقدىرلىشى ۋە مۇكاپاتلىشى لازىم.

42-ماددا ھەر دەرىجىلىك ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگانلىرى تەڭ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ قوللىشىنى پائال قولغا كەلتۈرۈپ، خەلق مۇرەسسە خىزمىتىگە بولغان يېتەكچىلىك قىلىش ۋە تەقدىرلەش خىراجىتىگە كاپالەتلىك قىلىشى؛ كەنت، ئاھالە كومتېتى، مەھەللە كومتېتى ۋە كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ خەلق مۇرەسسە ھەيئىتىنىڭ خىزمەت خىراجىتى ۋە خەلق مۇرەسسەچىلىرىنىڭ قۇشۇمچە ھەققىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ماسلاشتۇرۇشى ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك.

43-ماددا يېزا-بازار، كوچا ئەدلىيە ئورنى (بۆلۈمى)، ئەدلىيە ياردەمچىسى خەلق مۇرەسسە ھەيئىتىنىڭ خىزمىتىگە بولغان يېتەكچىلىك ۋە نازارەتنى كۈچەيتىشى، خەلق مۇرەسسە ھەيئىتى ياكى ماجرالاشقۇچىلارنىڭ خەلق مۇرەسسە خىزمىتىگە دائىر مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر توغرىسدا يوليۇرۇق سوراش، مەسلىھەت سوراش ۋە شىكايەتلىرىگە مەسئۇليەتچانلىق بىلەن جاۋاب بېرىشى ۋە بىر تەرەپ قىلىشى لازىم؛ خەلق مۇرەسە ھەيئىتىنىڭ تەلىپى ياكى ئېھتىياجىغا ئاساسەن كونكرېت ماجرالارنى مۇرەسسە قىلىش پائالىيەتلىرىگە ياردەملىشىشى، قاتنىشىشى كېرەك؛ خەلق مۇرەسسە ھەيئىتىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ھاسىل قىلغان مۇرەسسە كېلىشىمىنى تەكشۈرۈپ، قانۇن، نىزام، قائىدە ۋە سىياسەتلەرگە خىلاپلىق قىلىنغانلىرىنى سەزسە تۈزىتىشى لازىم؛ خەلق مۇرەسسە خىزمىتى تەجرىبىلىرىنى تەكۈنلەش ۋە ئالماشتۇرۇش، خەلق ئارىسىدىكى ماجرالارنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە قانۇنيىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، خەلق مۇرەسسە ھەيئىتىنىڭ خىزمەتلىرىنى ياخشىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك. 

7-باب قۇشۇمچە پرىنسىپ

44-ماددا خەلق مۇرەسسە ھەيئىتىنىڭ خىزمىتىدە ئېھتىياجلىق بولغان تۈرلۈك ھۆججەتلەرنىڭ شەكلىنى ئەدلىيە مىنىستىرلىقى بىر تۇتاش تۈزىدۇ.

45-ماددا بۇ بەلگىلىمە 2002-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. مۇشۇ بەلگىلىمە ئېلان قىلىنىشتىن ئىلگىرى ئەدلىي ەمىنىستىرلىقى تۈزگەن مۇناسىۋەتلىك قائىدە، قېلىپلاشتۇرۇلغان ھۆججەتلەر مۇشۇ بەلگىلمىگە زىت كېلىپ قالسا، مۇشۇ بەلگىلىمە ئۆلچەم قىلىنىدۇ. [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#