خۇاڭ زۇڭشى

مىلادىيە 1629-يىلى، 19 ياشلىق بىر يىگىت مىڭ سۇلالىسىنىڭ پايتەختى بېيجىڭدا دۇڭلىن پىرقىسىدىكى ئۇۋاللىققا ئۇچرىغان دادىسىنىڭ قىساسىنى ئېلىش ئۈچۈن، بىگىز تىقىپ رەقىبىنى يارىلاندۇرۇپ، پايتەختتىكىلەرنى بىر مەھەل ساراسىمىگە سالغان. بۇ يىگىت دەل مىڭ سۇلالىسى نىڭ باشلىرى چىڭ سۇلالىسى نىڭ ئاخىرلىرىدا ئۆتكەن مەشھۇر مۇتەپەككۇر ۋە ئالىم خۇاڭ زۇڭشىدۇر.

ئۇيغۇرچە ئىسمى خۇاڭ زۇڭشى
خەنزۇچە ئىسمى 黄宗羲
باشقا نامى 字太冲,一字德冰,号南雷
مىللىتى خەنزۇ
تۇغۇلغان ۋاقتى 1610-يىل 9-ئاينىڭ 24-كۈنى
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1695-يىل 8-ئاينىڭ 12-كۈنى
دۆلەت تەۋەلىكى مىڭ سۇلالىسى
كەسپى مۇفەسسىر ، تارىخشۇناس ، مۇتەپەككۇر

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئالىملار ئادەتتە خۇاڭ زۇڭشى (1610-1695-يىللار) نى لى جۇ ئەپەندى دەپ ئاتىشاتتى، ئۇ جېجياڭنىڭ يۈياۋ دېگەن يېرىدىن. دادىسى خۇاڭ زۇنسۇ دۇڭلىن پىرقىسىدىكى مەشھۇر زات بولۇپ، ئاغۋات ۋېي جۇڭشيەن تەرىپىدىن تۈرمىدە ئۆلتۈرۈلگەن. خۇاڭ زۇڭشى بېيجىڭدا دادىسىنىڭ قىساسىنى ئالغاندىن كېيىن داڭقى چىقىپ كېتىپ، دۇڭلىن ئوغلانلىرىنىڭ رەھبىرىگە ئايلانغان. مىڭ سۇلالىسى نىڭ ئاخىرلىرى، ئۇ «قىساسكارلار جەمئىيىتى» دىكى ئەزالارغا قوماندانلىق قىلىپ ئاغۋاتلار ۋە ھوقۇقدار تۆرىلەرگە قارشى كۈرەش قىلىدۇ. چىڭ قوشۇنلىرى قورۇلدىن ئۆتۈپ جەنۇبقا يۈرۈش قىلغاندا، ئۇ يۇرتىدا ئەسكەر توپلاپ، چىڭ سۇلالىسىگە قارشى جەڭ قىلىپ، جەنۇبىي مىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ خانى لۇ ۋاڭ تەرىپىدىن تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ سول قول مۇئاۋىن مۇپەتتىشلىكىگە تەيىنلىنىدۇ. خۇاڭ زۇڭشى جەڭدە مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، جېجياڭنىڭ سىمىڭشەن دېگەن يېرىگە چېكىنىپ، بارگاھ قۇرۇپ پاناھلانغاچ، ئىچكى جايلار بىلەن خۇپىيانە ئالاقىلىشىپ، چىڭ سۇلالىسى گە قارشى كۈچ تەشكىللەيدۇ. جەنۇبىي مىڭ ھاكىمىيىتى بەربات بولغاندىن كېيىن، خۇاڭ زۇڭشى ئىسمىنى يوشۇرۇپ خىلۋەتچىلىكتە ياشاپ، بىر تەرەپتىن دەرس ئۆتۈپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئەسەر يېزىشقا كىرىشىپ، ئىلغار ئىدىيىنى تەرغىب قىلىدۇ. ئۇ چىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ كۇڭزىچى ئۆلىمالار يۇرتى ۋە مىڭ سۇلالىسى تارىخى مەھكىمىسىنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلىپ، ئالەمدىن ئۆتكۈچە خىلۋەتچىلىكتە ياشايدۇ.

خۇاڭ زۇڭشى فېئودال مۇستەبىتلىك تۈزۈمنى شەپقەتسىزلەرچە پاش قىلغان ۋە ئۇنىڭغا قاتتىق زەربە بەرگەن ھەمدە فېئودال پادىشاھلارنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىنى «زور بالايىئاپەت» دەپ قارىغان. ئۇ: فېئودال پادىشاھلار ھاكىمىيەت تالاشقاندا، خەلقنى رەھىمسىزلەرچە قىرغىن قىلدى، ھاكىمىيەتكە ئىگە بولغاندىن كېيىن، يەنە خەلقنى ۋەھشىيانە تالان-تاراج قىلدى، خەلقنىڭ پادىشاھلارغا ئۆچمەنلىك قىلىشى ھەقلىق ئىش، پادىشاھ تۈزگەن قانۇن پەقەت پادىشاھلارنىڭلا قانۇنى، خەلقنىڭ ئۇنىڭغا رىئايە قىلىش مەجبۇرىيىتى يوق، شۇڭا دۆلەتنىڭ قانۇنىنى تۈزۈپ چىقىپ ئۇنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش، ھەق-ناھەققە خەلق ھۆكۈم قىلىشى كېرەك، دېگەن. ئۇ ھاكىمىيەتنى ئادىل يۈرگۈزۈشنى، خانلىق ھاكىمىيەتنى پارچىلاشنى تەشەببۇس قىلغان. خۇاڭ زۇڭشىنىڭ فېئودال مۇستەبىتلىك ئىدىيەسىگە قارشى تۇرۇشى كېيىنكى جۇڭگو دېموكراتىك ئىنقىلابىي ھەرىكىتىگە ناھايىتى زور تەسىر كۆرسەتكەن.

خۇاڭ زۇڭشى ئاسترونومىيە، كالېندارچىلىق، ھېساب، مۇزىكا، ھەر خىل دەستۇرلار ۋە دىن جەھەتلەردە چوڭقۇر تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، ھاياتىدا 60 نەچچە پارچە ئەسەر يازغان، 1300 دىن ئارتۇق توپلام تۈزگەن، بۇلارنىڭ ئاساسلىقلىرىدىن «مىڭيىنىڭ زىيارەت خاتىرىسى»، «سۇڭ، يۈەن دەۋرىدىكى تەلىماتلار»، «مىڭ دەۋرىدىكى كۇڭزىچىلار تەلىماتلىرى» قاتارلىقلار بار. خۇاڭ زۇڭشى گۇ يەنۋۇ، ۋاڭ فۇجىلار بىلەن بىر قاتاردا مىڭ سۇلالىسى نىڭ ئاخىرلىرى ۋە چىڭ سۇلالىسى نىڭ باشلىرىدىكى ئۈچ چوڭ مۇتەپەككۇر دەپ ئاتالغان.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/49159.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#