دومىلىما يۈك كېمىسى

ئۇ مەخسۇس دومىلاپ ھەرىكەت قىلىدىغان(چاقلىق) ، مەسىلەن، ئاپتوموبىل، كونتېينېر باسىدىغان پرىتسېپ ۋە ماتورلۇق ماشىنا قاتارلىقلارنى توشۇيدىغان كېمە بولۇپ، كېمىنىڭ قۇيرۇقى ياكى بېقىنىدا چوڭ ئىشىكى بولىدۇ، بۇ ئىشىك سەكرەش تاختىسىغا ئوخشاپ كېتىدىغان يانتۇ يول بىلەن قىرغاققا تۇتىشىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى دومىلىما يۈك كېمىسى
خەنزۇچە نامى 滚动货船

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئۇ مەخسۇس دومىلاپ ھەرىكەت قىلىدىغان(چاقلىق) ، مەسىلەن، ئاپتوموبىل، كونتېينېر باسىدىغان پرىتسېپ ۋە ماتورلۇق ماشىنا قاتارلىقلارنى توشۇيدىغان كېمە بولۇپ، كېمىنىڭ قۇيرۇقى ياكى بېقىنىدا چوڭ ئىشىكى بولىدۇ، بۇ ئىشىك سەكرەش تاختىسىغا ئوخشاپ كېتىدىغان يانتۇ يول بىلەن قىرغاققا تۇتىشىدۇ. يۈك باسقاندا، ماتورلۇق ماشىنىلار بىۋاسىتە مېڭىپ كېمىگە چىقىدۇ، يۈك ساندۇقى توشۇيدىغان پرىتسېپلارنى سۆرەش ماشىنىسى سۆرەپ كېمىگە ئېلىپ چىقىدۇ ۋە تريۇم ئىچىگە ئېلىپ كىرىدۇ. كېمە بارىدىغان پورتقا يەتكەندىن كېيىن، تاختا چۈشۈرۈلىدۇ، ماشىنىلار مېڭىپ قىرغاققا چۈشىدۇ ياكى سۆرەش ماشىنىسى سۆرەپ چۈشۈرىدۇ. دومىلىما يۈك كېمىسىدىن پايدىلانغاندا، يۈك ئاپتوموبىلى ياكى سۆرەش ماشىنىسى ئارقىلىق يۈكنى زاۋۇتتىن يۈك قوبۇل قىلىدىغان يەرگە بىۋاسىتە ئاپىرىپ، مالنى ئىشىككىچە يەتكۈزۈش مۇلازىمىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا بولىدۇ. 

دومىلىما يۈك كېمىسىنىڭ يۈك قاچىلاش-چۈشۈرۈش سۈرئىتى كونتېينېر كېمىسىدىن ئۈچتىن بىر ھەسسە، ئادەتتىكى كران بىلەن يۈك قاچىلايدىغان كېمىدىن بىرقانچە ھەسسە تېز بولىدۇ. يېتەرسىزلىكى شۇكى، پۈتۈش باھاسى قىممەترەك، پرىتسېپلار كۆپ بوشلۇقنى ئىگىلىۋالىدۇ، تريۇمدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمى تۆۋەنرەك، شۇڭا قىسقا مۇساپىلىك ترانسپورتقا مۇۋاپىق كېلىدۇ.

كېمە ئىنژېنېرلىرى كېيىن يەنە كونتېينېر كېمىسى ۋە دومىلىما يۈك كېمىسىنىڭ ئەۋزەللىكلىرىدىن پايدىلىنىپ، «ئارىلاش كېمە» ياسىدى. مۇنداق كېمىنىڭ پالوبىسىغا نەچچە يۈز كونتېينېر سىغىدۇ، كېمىنىڭ قۇيرۇقىدىكى چوڭ ئىشىك ئېچىلسا، يانداش ئۈچ تاختا چۈشىدۇ، ئوتتۇرىدىكىسىدىن كىچىك ئاپتوموبىللار چىقىپ-چۈشىدۇ، ئىككى يېقىدىكىسىدىن چوڭ يۈك ئاپتوموبىللىرى ماڭىدۇ. 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#