ئىت
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئىت بولسا بىر خىل كۆپ ئۇچرايدىغان ئىت سۈت ئەمگۈچى ھايۋان ، شۇنداقلا بېقىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان ئەرمەك ھايۋان .
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ستاتىستىكىسىغا قارىغاندا ، يەر شارى ئومۇمىي ئىتلارنىڭ سانى تەخمىنەن 600 مىليون، دۆلىتىمىزدە تەخمىنەن 200 مىليون . ئىت ئىنسانلار ئەڭ بالدۇر كۆندۈرگەن ھايۋان .
ئىت ئىنسانلار ئارسىدا ياشايدىغان گۆشخور ئەرمەك ھايۋانلارنىڭ بىرسى، ئادەتتە ئىتلارنىڭ ھەممىسى ئۇخلىغاندا يۈزە ئۇخلاش ھالىتىدە تۇردىغان بۇلۇپ، ئازراق شەپە بولسىلا چۆچۈپ ئويغىنىدۇ ، ئارقىدىنلا يەنە قاتتىق ئۇيقۇغا كېتەلەيدۇ. ئىتنىڭ پۇراش سېزىمى ئىنتايىن ئۆتكۈر بۇلۇپ، ھەممىسىنىڭ ئادىتى ئوخشاش، قۇيرۇقىنى شىپاڭلىتىپ ئەتراپىنى پۇراپلا يۈرىدۇ .[1]
ئىتئىتلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئادىتى ئوخشاش ، قۇيرۇقىنى شىپاڭلىتىپ ئەتراپىنى پۇراپلا يۈرىدۇ. ئىتنىڭ پۇراش سېزىمى ئىنتايىن ئۆتكۈر بولۇپ ، ئۇلارنىڭ بۇلۇڭ -پۇچقاقلارنى پۇراپ يۈرۈشى ، ئاساسلىقى باشقا ئىتلارنىڭ شۇ جايغا سىيىپ قويغان -قويمىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈندۇر ، چۈنكى ، بۇ جايغا باشقا ئىتلار سىيىپ قويغان بولسا ،بۇ جاينىڭ ئىگىلىنىپ بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ . ئىت يەنە شۇ جايغا سىيىپ قويغان ئىتنىڭ بوينىىنىڭ ئېگىز پاكارلىقى ، ئۆزىدىن كۈچلۈك -ئاجىزلىقىنى پۇراپ بىلەلەيدۇ. ئەگەر ئۇ ئىتنى ئۆزىدىن يامان دەپ ئويلىسا ، ئۇ ياۋاشلىق بىلەن باشقا جايدىن ئۇرۇن ئىزدەيدۇ، ئۇ ئىت ئۆزىدىن ئاجىز بولسا ، بۇ جاينى ئۆزىنىڭ قىلىۋالىدۇ . شۇڭا،ئىتلار ئىچىدىمۇ ياماندىن قورقۇپ ، ياۋاشنى بوزەك قىلىدىغانلىرى خېلى بار .
ئىككنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلدە ، ئەنگىلىيە ئارمىيىسىنىڭ بىر پاراخوت ئۇرۇشى داۋامىدا دۈشمەن ئارمىيىسى تەرىپىدىن چۆكتۈرۋېتىدۇ . تەلىيى كېلىپ ھايات قالغان ئەسكەرلەر « جۇدى » ئىسىملىك بىر ھەربىي ئىتقا ئەگىشىپ سۇ ئۈزۈپ بىر قاقاس ئارالغا چىقىۋالىدۇ . ئەسكەرلەر بۇ ئارالدىن ئىچكۈدەك تاتلىق سۇ تاپالماي ئۈمىد سىزلىنىپ تۇغان چاغدا ھېلىقى ئىت پۇراش سېزىمىگە تايىنىپ تاتلىق سۇ مەنبەسىنى تېپىپ ، ئەسكەرلەرنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالىدۇ .
پۇراش سىزىمىنىڭ ئۆتكۈر بۇلشىنىڭ سەۋەبى
ئىتنىڭ بۇرنى ئادەتتىكى ھايۋانلارنىڭ بۇرنىنىڭ تۈزۈلۈشىگە قارىغاندا بۇرۇننىڭ تۈزۈلۈشىگە قارىغاندا كۆپ مۇرەككەپ ، ئۇنىڭ بۇرنى نەپەس ئېلىش رولىنى ئوينىغاندىن سىرىت ، يەنە ئۇ پۇراق سېزىم ئەزاسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . ئىتنىڭ بۇرنىدا نۇرغۇن شىللىق پەردىلەر بار بولۇپ ، شىللىق پەردىلەر توختىماستىن شىلىمشىق سۇيۇقلۇق چىقىرىپ ،شىللىق پەردىدىكى پۇراش سېزىم ھۈجەيرىلىرىنى سىلىقلاپ تۇرىدۇ . بۇنىڭ بىلەن ، ئىتنىڭ بۇرنى ئىزچىل تۈردە ناھايىتى سەزگۈر بولغان پۇراش سېزىمىنى ساقلاپ تۇرىدۇ . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىت ، ئىتنىڭ بۇرنىنىڭ ئۇچلۇق قىسمىدا يەنە ئازراق تۈكسىز شىللىق پەردە توقۇلمىلىرى بار بولۇپ، كۆتۈرۈلۈپ چىققان بۇ توقۇلمىلارمۇ ئۈزلۈكسىز تۈردە نۇرغۇن شىلىمشىلق ئاجرالمىلارنى چىقىرىپ ئىتنىڭ بۇرنىنى سىلىقلاشتۇرۇپ تۇرىدۇ . شۇڭا، ئىتنىڭ بۇرنى ئەتىدىن -كەچكىچە ھۆل تۇرىدۇ. ئىتنىڭ سالامەتلىكى ياخشى بولماي قالسا ، مەسىلەن ، قىزىتمىسى ئۆرلەپ قالسا ، ئۇنىڭ بۇرنى قۇرۇپ كېتىدۇ -دە ، پۇراش سېزىمى ساق ۋاقىتتىكىدەك سەزگۈر بولماي قالىدۇ .
ئىت ئىت ئىنسانلار تەرىپىدىن ئەڭ بۇرۇن كۆندۈرۈلگەن ھايۋان ، شۇنداقلا بىزگە ئەڭ تونۇشلۇق بولغان ھايۋان . بىز دائىم ئىتنىڭ يۈگۈرگەن چاغدا ئۇزۇن تىلىنى چىقىرىۋالىدىغانلىقىنى ، بولۇپمۇ تومۇز ئىسسىقتا ئېغىزىنى يوغان ئېچىپ تېلىنى چىقىرىۋالىدىغانلىقىنى كۆرىمىز . ئۇنداقتا بۇ زادى نېمە ئۈچۈن ؟
ئەسلىدە ، سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنىڭ بەدەن تېمپۇراتۇرىسى نورمال ئەھۋالدا مۇقىم بولىدۇ . ئەگەر مەلۇم سەۋەب تۈپەيلىدىن تېمپۇراتۇرىسى ئۆرلەپ كەتسە ، تېمپۇراتۇرىنى تۆۋەنلىتىدىغان ئەزالىرى ئارقىلىق ئىسسىقلىقنى تارقىتىپ ، بەدەن تېمپۇراتۇرىسىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلايدۇ ، ئۇنداق بولمايدىكەن ، ئۇلار ئاغرىپ قالىدۇ . بىزگە مەلۇمكى ، ئادەم ۋە نۇرغۇن ھايۋانلارنى بەدىنىنىڭ يۈزىدە تەر بەزلىرى بولىدۇ . تەر ئەزالىرى تەر ئاجرىتىپ چىقارغاندا ، بەدەندىكى ئارتۇق ئىسسىقلىقنى سىرىتقا چىقىرۋېتىش ئارقىلى بەدەن تېمپۇراتۇرىسىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ .
لېكىن ، زوئولوگلار تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ، ئىتنىڭ بەدەن يۈزىدە تەر بەزلىرىنىڭ يوقلۇقىنى ، ئۇنىڭ تەر بېزىنىڭ تىلىدا ئىكەنلىكىنى بايقىغان . شۇڭا ، يازنى تومۇز ئىسسىق كۈنلىرى ، ئىتلار نورمال بەدەن تېمپۇراتۇرىسىنى ساقلاش ئۈچۈن تىلىنى چىقىرىۋېلىپ ، تېلىدىكى تەر بەزلىرى ئارقىلىق بەدىنىدىكى ئىسسىقلىقنى تېز سۈرئەتتە سىرىتقا چىقىرۋېتىدۇ .
ئىت تىلنى يازدىلا چىقىرىۋالماستىن ،بەلكى ئادەتتىكى ئەھۋالدا ، يۈگۈرۈپ ھېرىپ قالغان ۋە ئىسسىپ كەتكەندىمۇ ، تىلىنى چىقىۋېلىپ ، بەدەندىكى ئىسسىقلىقنى تارقىتىۋېتىدۇ .
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
ياردەم تورى
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.