پاقا كۆزى قوزغاتقان تەپەككۇر

پاقىنىڭ ھاشاراتلارنى تۇتۇش ماھارىتى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، ئۇششاق ھاشاراتلار ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىن ئۇچۇپ ئۆتكەن ھامان ئۇ بىر سەكرەپلا تۇتۇۋالالايدۇ. لېكىن، غەلىتە يېرى شۇكى، پاقىنىڭ پۇلتىيىپ چىقىپ تۇرغان بىر جۈپ كۆزى تىنچ تۇرغان نەرسىلەرنى كۆز ئالدىدا تۇرسىمۇ ئاسان كۆرەلمەيدۇ، ھەتتا كۆز ئالدىدا تۇرغان چىۋىنمۇ ئۇنىڭ دىققىتىنى قوزغىيالمايدۇ.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار


ئالىملار پاقا كۆزىنىڭ بۇ خىل تۈزۈلۈشىنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، پاقا كۆزىنىڭ ئىچىدە تۆت خىل نېرۋا ھۈجەيرىسى، يەنى تۆت خىل «تەكشۈرۈپ ئۆلچەش ئاپپاراتى» بارلىقىنى، ئۇلارنىڭ شەكلى، چوڭ-كىچىكلىكى ۋە دەرەخسىمان ئۆسۈكچىلىرىنىڭ شاخلىنىش شەكلىنىڭمۇ ئوخشاشمايدىغانلىقىنى، ھەربىر خىل ھۈجەيرىنىڭ قوبۇل قىلىدىغان دائىرىسىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ۋە ئوقسىمان ئۆسۈكچىسىنىڭ سىگنال يەتكۈزۈش سۈرئىتىنىڭمۇ ئوخشاشمايدىغانلىقىنى بايقىغان.

بىرىنچى خىل نېرۋا ھۈجەيرىسى ئەكس پەرقنى تەكشۈرۈپ ئۆلچىگۈچى ئاپپارات دېيىلىپ، ھەرىكەت نىشانىدىكى غۇۋا ئالدى-ئارقا گىرۋەكلەرنى سېزەلەيدۇ؛ ئىككىنچى خىل نېرۋا ھۈجەيرىسى ھەرىكەتنىڭ كۆپۈنگۈ تەرىپىنى تەكشۈرۈپ ئۆلچىگۈچى ئاپپارات دېيىلىپ، ئومۇمىي كۆرۈنۈشتىكى خىرە رەڭ نىشاننىڭ كۆپۈنگۈ تەرىپىگە قارىتا ئىنكاس قايتۇرىدۇ؛ ئۈچىنچى خىل نېرۋا ھۈجەيرىسى گىرۋەكنى تەكشۈرۈپ ئۆلچىگۈچى ئاپپارات دېيىلىپ، تىنچ تۇرغان ۋە ھەرىكەتتىكى جىسىمغا قارىتا سېزىمى ئەڭ ئۆتكۈر بولىدۇ؛ تۆتىنچى خىل نېرۋا ھۈجەيرىسى بولسا غۇۋالىشىشنى تەكشۈرۈپ ئۆلچىگۈچى ئاپپارات دېيىلىپ، نۇرنىڭ ئاجىزلىشىشىغا قارىتا دەرھال ئىنكاس قايتۇرىدۇ.

پاقا مۇشۇ تۆت خىل نېرۋا ھۈجەيرىلىرىنىڭ رولى ئاستىدا، مۇرەككەپ تەسۋىرنى ئاسان پەرقلەندۈرگىلى بولىدىغان بىرقانچە خىل بەلگىلەرگە پارچىلىغاندىن كېيىن، مېڭىدىكى كۆرۈش سېزىمى مەركىزىنىڭ بىرىكتۈرۈشىگە يوللاپ بېرىش ئارقىلىق ئەسلىدىكى مۇكەممەل تەسۋىرنى ئېنىق كۆرەلەيدۇ.

كىشىلەر پاقا كۆزىنىڭ بۇ خىل كۆرۈش سېزىمى پرىنسىپىغا ئاساسەن، ئالاھىدە بىر خىل ئېلېكترونلۇق پاقا كۆزنى تەتقىق قىلىپ مۇۋەپپەقىيەتلىك ياساپ چىققان. بۇ خىل ئېلېكترونلۇق پاقا كۆز بولسا، راست پاقا كۆزىگە ئوخشاش ئالاھىدە شەكىلدىكى جىسىملارنى ئېنىق پەرقلەندۈرەلەيدۇ.

بۇ خىل ئېلېكترونلۇق پاقا كۆز رادار سىستېمىسىغا سەپلەنگەندىن كېيىن، رادارنىڭ كاشىلىغا قارشى ئىقتىدارى زور دەرىجىدە ئاشقان. بۇ خىل رادار سىستېمىسى ئالاھىدە شەكىلدىكى ئايروپىلان، پاراخوت ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا قاتارلىقلارنى توغرا تونۇپ ئېنىق پەرقلەندۈرەلەيدۇ. بولۇپمۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ راست-يالغانلىقىنى پەرقلەندۈرەلەيدىغان بولغاچقا، بۇنىڭ بىلەن ساختىنى راست قىلىپ كۆرسىتىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

ئېلېكترونلۇق پاقا كۆز ئايروپورت ۋە مۇھىم قاتناش لىنىيىلىرىدىمۇ كەڭ ئىشلىتىلمەكتە. ئايروپورتتا بولسا ئۇ ئايروپىلانلارنىڭ كۆتۈرۈلۈش ۋە قونۇشىنى كۆزىتىپ، ئەگەر ئايروپىلانلارنىڭ سوقۇلۇپ كېتىش ئېھتىمالى بايقالسا دەرھال ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ. مۇھىم قاتناش لىنىيىلىرىدە بولسا ئۇ ئاپتوموبىللارنىڭ مېڭىشىغا قوماندانلىق قىلىپ، ئاپتوموبىللار سوقۇلۇپ كېتىش ۋەقەلىرى يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#