مايكول جېكسون

مايكول جېكسون

ئاممىباپ مۇزىكا شاھى __ دۇنياۋى داڭلىق سەنئەتكار مايكول جېكسون 1958-ﻳﯩﻠﻰ 8- ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 29-ﻛﯜﻧﻰ ئامېرىكا ﺋﯩﻨﺪﯨﺌﺎﻧﺎ ﺷﯩﺘﺎتىدا تۇغۇلغان. 1987-ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯘ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ بىرىنچى ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺳﻪﻳﻴﺎﺭﻩ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﭗ ﻳﯜﺭﯛﭖ ﻧﺎﺧﺸﺎ ﻛﯧﭽﯩﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﺷﻨﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ.

ئۇيغۇرچە ئىسمى مايكول جېكسون
باشقا نامى جېكسون، ئاممىباپ مۇزىكا شاھى
يۇرتى ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺋﯩﻨﺪﯨﺌﺎﻧﺎ ﺷﯩﺘﺎﺗﻰ گارى شەھىرى
ۋاپات بولغان ۋاقتى 2009-يىلى 6-ئاينىڭ 25-كۈنى
بەدەن ئېغىرلىقى 61 ﻛﯩﻠﻮﮔﯩﺮﺍﻡ
خەنزۇچە ئاتىلىشى 迈克尔·杰克逊
دۆلەت تەۋەلىكى ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ
تۇغۇلغان ۋاقتى 1958-ﻳﯩﻠﻰ 8-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 29-ﻛﯜﻧﻰ
بوي ئېگىزلىكى 1.80 مېتىر
قان تىپى O

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

مايكول جېكسونئاممىباپ مۇزىكا شاھى __ دۇنياۋى داڭلىق سەنئەتكار مايكول جېكسون 1958-ﻳﯩﻠﻰ 8- ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 29-ﻛﯜﻧﻰ ئامېرىكا ﺋﯩﻨﺪﯨﺌﺎﻧﺎ ﺷﯩﺘﺎتى  گارى شەھىرىدە تۇغۇلغان. 1987-ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯘ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ بىرىنچى ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺳﻪﻳﻴﺎﺭﻩ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﭗ ﻳﯜﺭﯛﭖ ﻧﺎﺧﺸﺎ ﻛﯧﭽﯩﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﺷﻨﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ. ﺋﯘ ﻳﯜﺯﯨﻨﻰ 36 ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﻮﭘﯩﺮﺍﺗﺴﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. 

2009-يىلى 6-ئاينىڭ 25-كۈنى (پەيشەنبە) سائەت 12:30 ئەتراپىدا يۈرەك كېسىلى سەۋەبلىك لوس ئانژېلىستىكى ئۆيىدە ئالەمدىن ئۆتتى. ﻧﺎﺧﺸﯩﭽﻰ  ﻛﻮﻣﭙﯘﺯﯦﺘﻮﺭ، ﻧﺎﺧﺸﺎ ﺋﯩﺠﺎﺩ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﺋﯘﺳﯘﻟﭽﻰ ﯞﻩ ﺋﯘﺳﯘﻝ ﮬﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﻻﻳﯩﮭﯩﻠﻪﺵ، ﺭﯦﮋﯨﺴﺴﻮﺭ، ﺋﺎﺭﺗﯩﺲ ﯞﻩ ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﯩﭽﻰ مايكول جېكسون ئۆمرىدە پىلاستىنكىسى 757 مىليون دانە سېتىلىش بىلەن ئىككىنچى بىرەرى يۈز مىليۇنغىمۇ يېتىپ باقمىغان يۇقىرى پەللىنى ياراتقان بۇ ناخشىچىشۇنداق قىلىپ دۇنيا بىلەن خوشلاشتى.

مايكول جېكسوننىڭ ﺗﯘﺭاﻟﻐﯘسى 3000 ﺋﯧﻨﮕﯩﻠﯩﺰ ﻣﻮﺳﻰ ﭼﻮﯕﻠﯘﻗﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻛﯩﻨﻮﺧﺎﻧﺎ، ﻣﺎﮔﯩﺰﯨﻦ، ﮬﺎﻳﯟﺍﻧﺎﺗﻼﺭ ﺑﺎﻏﭽﯩﯩﺴﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺑﺎﺭ. ﺋﯘ ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻲ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﭼﯚﭼﯩﻜﻰ ﺋﯘﭼﻘﯘﺭ ﭘﯧﺘﯩﺮ ﭘﺎﻥ ﯞﻩ ﺭﯨﭽﺎﺭﺩ ﺑﻪﻳﭻ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﺟﻮﻧﺎﺳﻦ ﻟﯩﯟﯨﯖﺴﺘﻮﻧﺪﯨﻜﻰ ﺩﯦﯖﯩﺰ ﻗﯘﺷﻰ، ﮬﻪﻡ ﺋﯧﺮﻧﯩﺴﺖ ﮬﯧﻤﯩﯖﯟﺍﻱ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﺑﻮﯞﺍﻱ ﯞﻩ ﺩﯦﯖﯩﺰ ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺋﯜﭺ ﺋﻪﺳﻪﺭ.

مايكول جېكسونﺟﯧﻜﺴﻮننىڭ ﺗۇﻧﺠﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺳﻪﮬﻨﯩﮕﻪ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﭼﯧﻐﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ 5 ﻳﺎﺵ ﯞﺍﻗﺘﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯧﻴﯩﺘﻘﺎﻥ ﻧﺎﺧﺸﯩﺴﻰ Climb Every Mountain ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﺴﻰ <ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻏﻘﺎ ﻳﺎﻣﯩﺸﯩﺶ> ﺋﯘ 1984-ﻳﯩﻠﻰ 11-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 20-ﻛﯜﻧﻰ ﮬﻮﻟﻠﯧﻴﯟﯗﺩ ﭼﻮﻟﭙﺎﻧﻼﺭ ﺋﯩﺰﯨﻨﻰ ﻗﻮﻳﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﻮﻟﺪﺍ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﺰﻧﻰ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ (ﺋﯘ ﻗﯩﺴﻘﺎ ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺑﯩﺮ (ﻳﻮﻝ) ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﻳﯧﯖﻰ ﺳﯘﯞﺍﻟﻐﺎﻥ ﺳﯩﻤﯘﻧﺘﺘﻪﻙ. ﺩﺍﯕﺪﺍﺭ ﭼﻮﻟﭙﺎﻧﻼﺭ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﻮﻝ ﺋﺎﻟﻘﯩﻨﻰ، ﭘﯘﺕ ﺋﯩﺰﯨﻨﻰ ﺑﺎﺳﯘﺭﯗﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯗ.

مايكول جېكسونمايكول جېكسون 1963-يىلى <بەش ئاكا-ئۇكا جېكسون > مۇزىكا ئەترىتىنى قۇرغان. 1971-يىلى مايكول جېكسون تۇنجى ناخشىسىنى ئېلان قىلغان.「Got to be there」 1979 -يىلىدىن باشلاپ مودا موزىكا ساھەسى مايكول جېكسون دەۋرىگە قەدەم قويغان، ئۇنىڭ 「Off The Wall」 پىلاستىنكىسى يالغۇز ئامىرىكىدىلا 700 مىڭ دانە سېتىلىپ ، رەت تەرتىۋىدە تاكى 1984-يىلىغىچە 1-ئورۇندا تۇرغان. 1982-يىلى ئېلان قىلىنغان پىلاستىنكىسى「Thriller」 ئۇدا 37 ھەپتە سېتىلىش مىقدارى جەھەتتە چىمپىيون بولغان، گىراممىي ناخشا مۇكاپاىتىنىڭ 12 تۈرىدە نامى ئاتىلىپ 7 تۈرىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن، 1989 -يىلىغىچە 44 مىليون 300 مىڭ دانە سېتىلغان ،بۇ سان ھازىرمۇ ئېشىپ بارماقتا. 1987-يىلى ئېلان قىلىنغان پىلاستىنكىسى 《Bad》 يەرشارى بويىچە 29 مىليون دانە سېتىلغان ، بۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ تېرىسى بارا-بارا ئاقىرىشقا باشلىغان.

ﺷﯘ ﻳﯩﻠﻰ 2-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 28-ﻛﯜﻧﻰ ﺋﻮﺳﻜﺎﺭ ﻛﯩﻨﻮ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﯓ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﮔﯩﺮﺍممى ﻧﺎﺧﺸﺎ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﺋﯧﺴﯩﻞ ﭘﯩﻼﺳﺘﯩﻨﻜﺎ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ 8 ﺧﯩﻞ ﺗﯜﺭﺩﻩ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻘﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﭗ ﮔﯩﺮﺍممى ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﺪﯨﻜﻰ ﺷﺎﻧﻠﯩﻖ ﺳﻪﮬﯩﭙﯩﻨﻰ ﺋﺎﭼﻘﺎﻥ.

مايكول جېكسونمايكول جېكسون 1994-ﻳﯩﻠﻰ ﻧﺎﺧﺸﺎ ﺷﺎﮬﻰ <ﻣﯚﺷﯜﻙ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮬﻰ> ﭘﯘﻟﻪﻱ ﺳﯩﻠﻰ ﻧﯩﯔ 26 ﻳﺎﺷﻠﯩﻖ ﻗﯩﺰﻯ ﻟﯩﺴﺎ ﻣﺎﻟﯩﻲ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ، ﺑﯩﺮﺍﻕ 18 ﺋﺎﻳﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ بالىلىق بولمايلا ﺋﺎﺟﺮﯨﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ. ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘ ﻟﻮﺱ ﺋﺎﻧﺠﯩﻠﯩﺲ ﺗﯧﺮﻩ ﻳﯚﺗﻜﻪﺵ ﮬﯚﺳﯩﻦ ﺗﯘﺯﻩﺵ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﺴﺪﺍ ﺋﯩﺸﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﯧﺴﺘﯩﺮﺍ ﺩﻩﺑﺒﻲ ﺭﻭﯞ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ، ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺋﻮﻏﯘﻝ، ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺰﻯ ﺑﺎﺭ.

ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﻧﺎﺧﺸﺎ ﭘﯩﻼﺳﺘﯩﻜﯩﻠﯩﺮﻯ:《Off The Wall》،《Thriller》،《Bad》،《Dangerous》،《History》،《Blood On The Dancefloor》 ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﺴﻰ : <ﺗﺎﻣﺪﯨﻦ ﮬﺎﻟﻘﯩﺶ>، <ﺗﯩﺘﺮﻩﯕﮕﯜ>، <ﺋﻪﺳﻜﻰ>، <ﺧﻪﺗﻪﺭ>، <ﺗﺎﺭﯨﺦ>، <ﻧﺎﺧﺸﺎ ﺳﻪﮬﻨﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﺎﻥ> ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﭘﯩﻼﺳﺘﯩﻨﻜﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭ.

مايكول جېكسون 1984-ﻳﯩﻠﻰ 1-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 16-ﻛﯜﻧﻰ 11-ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ <ئامېرىكا ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ ﭼﻮﯓ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ> ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﯩﺪﺍ، ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﯜﭼﻰ، ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﻠﯩﻐﯘﭼﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ 8 ﺧﯩﻞ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻘﺎ ﺋﯧﺮﺷﯩﭗ ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ ﺳﺎﮬﻪﺳﯩﻨﻰ ﺯﯨﻞ- ﺯﯨﻠﯩﻐﺎ ﺳﯧﻠﯩﯟﻩﺗﻜﻪﻥ. ﺷﯘ ﻳﯩﻠﻰ 2-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 7-ﻛﯜﻧﻰ ﻛﻮﻟﯘﻣﺒﯩﻴﻪ ﺷﯧﺮﻛﯩﺘﻰ <ﺗﯩﺘﺮﻩﯕﮕﯜ> ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﭘﯩﻼﺳﺘﯩﻨﻜﻨﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻠﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﻪﺑﺮﯨﻜﻠﻪﭖ نيۇﻳﻮﺭﻙ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ ﺑﺎﻏﭽﯩﺴﯩﺪﺍ ﻛﺎﺗﺘﺎ ﺯﯨﻴﺎﭘﻪﺕ ﺋﯘﻳﯘﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻥ، ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﺎﺗﺎﭖ ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﯨﻜﻰ پىرىزدېنت ﺭﯦﮕﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺭﻩﭘﯩﻘﯩﺴﻰ ﺗﻪﺑﺮﯨﻚ ﺗﯧﻠﮕﺮﺍﻣﻤﯩﺴﻰ ﺋﻪﯞﻩﺗﻜﻪﻥ.

مايكول جېكسون ﻣﺎﻳﻜﻮﻝ ﺟﯧﻜﺴﻮن بۇرۇن بىر مەزگىل ھۆكۈم سۈرگەن مودا ناخشا پادىشاھى مايكول جېكسون شۇ يەر ۋاقتى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى لوندوندا ئۆزىنىڭ سەھنىگە قايتىپ كېلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان، شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇ ئەنگىلىيەدە ناخشا كىچىلىكى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن تەييارلىق قىلغان، 50 ياشقا كىرگەن چولپان لوندوندا قەددىنى قايتىدىن رۇسلىماقچى بولغانىدى. مايكول جېكسون ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئىنتايىن روھلۇق بۇلۇپ،قايتا -قايتا غەلبىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان قول ئىشارىتى قىلغان.

مايكول جېكسون 3-ئاينىڭ 6-كۈنى (شۇيەر ۋاقتى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى) مايكول جېكسون لوندوندا ئاخبارات ئېلان قىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، مۇشۇ يىل -7ئاينىڭ 8-كۈنىدىن باشلاپ لوندون «02تەنھەركەت مەيدانىدا» 10 مەيدان ئويۇن قويىدىغانلىقىنى ئاشكارلىغان ( مايكول جېكسون سورۇندا پەقەت 90 سېكونتلۇق سۆز قىلغان بولسىمۇ، لېكىن نەقمەيدانغا كەلگەن ئامما، مۇخبىرلار يىغىن مەيدانى جايلاشقان كوچىغا ئىككى كۈن ئاۋۋال كېلىپ چېدىر تىكىپ ساقلىغان) مايكول جېكسون پەقەت بىر مىليون پارچە بېلەت ساتىدىغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، لېكىن شۇ جاي ۋاقتى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى چۈشتىن كېيىن بېلەتنىڭ ھەممىسى سېتىلىپ بولغان. ئورۇننىڭ باھاسى 35,000 دوللار، ئادەتتىكى ئورۇننىڭ باھاسى 1500 فونىستىرلىڭغا ئۆرلىگەن بولسىمۇ، ئادەملەر بۇ باھاغا پىسەنت قىلماي تالىشىپ سېتىۋالغان. نەچچە 10 مىڭ مەخسۇس تېلىفون لىنىيىسى دۇنيانىڭ ھەممە يېرىرىدىن كەلگەن تېلفوننىڭ دەستىدىن پارتلاپ كېتەي دەپ قالغان، چۈنكى، بۇ مايكول جېكسوننىڭ 1997-يىلدىن بۇيانقى 12 يىل مابەينىدە تۇنجى قېتىم ئويۇن قويۇشى ئىدى.[1][0]


ﺟﯧﻜﺴﻮننىڭ ﺗۇﻧﺠﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺳﻪﮬﻨﯩﮕﻪ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﭼﯧﻐﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ 5 ﻳﺎﺵ ﯞﺍﻗﺘﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯧﻴﯩﺘﻘﺎﻥ ﻧﺎﺧﺸﯩﺴﻰ Climb Every Mountain ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﺴﻰ <ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻏﻘﺎ ﻳﺎﻣﯩﺸﯩﺶ> ﺋﯘ 1984-ﻳﯩﻠﻰ 11- ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 20-ﻛﯜﻧﻰ ﮬﻮﻟﻠﯧﻴﯟﯗﺩ ﭼﻮﻟﭙﺎﻧﻼﺭ ﺋﯩﺰﯨﻨﻰ ﻗﻮﻳﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﻮﻟﺪﺍ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﺰﻧﻰ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ (ﺋﯘ ﻗﯩﺴﻘﺎ ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺑﯩﺮ (ﻳﻮﻝ) ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﻳﯧﯖﻰ ﺳﯘﯞﺍﻟﻐﺎﻥ ﺳﯩﻤﯘﻧﺘﺘﻪﻙ. ﺩﺍﯕﺪﺍﺭ ﭼﻮﻟﭙﺎﻧﻼﺭ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﻮﻝ ﺋﺎﻟﻘﯩﻨﻰ، ﭘﯘﺕ ﺋﯩﺰﯨﻨﻰ ﺑﺎﺳﯘﺭﯗﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯗ.
ﺷﯘ ﻳﯩﻠﻰ 2- ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 28 -ﻛﯜﻧﻰ ﺋﻮﺳﻜﺎﺭ ﻛﯩﻨﻮ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﯓ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﮔﯩﺮﺍممى ﻧﺎﺧﺸﺎ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﺋﯧﺴﯩﻞ ﭘﯩﻼﺳﺘﯩﻨﻜﺎ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ 8 ﺧﯩﻞ ﺗﯜﺭﺩﻩ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻘﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﭗ ﮔﯩﺮﺍممى ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﺪﯨﻜﻰ ﺷﺎﻧﻠﯩﻖ ﺳﻪﮬﯩﭙﯩﻨﻰ ﺋﺎﭼﻘﺎﻥ .

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (6 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#