يېڭىئۆستەڭ يېزىسى دىگەن سۆزلۈك كۆپ خىل مەنە تۈرىنى ئىپادىلىگەن، تۆۋەندىكى مەنە تۈرلىرى بويىچە كۆرۈڭ:
  1. يېڭىئۆستەڭ يېزىسى (كونا شەھەر ناھىيەسى)
  2. يېڭىئۆستەڭ يېزىسى ( مارالبېشى ناھىيەسى)
  3. يېڭىئۆستەڭ يېزىسى (يەكەن ناھىيەسى )
  4. يېڭىئۆستەڭ يېزىسى (چەرچەن ناھىيەسى )
  5. يېڭىئۆستەڭ يېزىسى (قەشقەر شەھىرى )
كونا شەھەر ناھىيەسى

يېڭىئۆستەڭ يېزىسى

يېڭىئۆستەڭ يېزىسى

يېڭىئۆستەڭ يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايىتى كونا شەھەر ناھىيەسى قارمىقىدىكى يېزا-بازار دەرىجىلىك مەمۇرىي يېزا. 

ئۇيغۇرچە نامى يېڭىئۆستەڭ يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 111.21 كۋادرات كىلومېتىر
پوچتا رايون نومۇرى 844000
خەنزۇچە ئاتىلىشى 英吾斯塘乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتى كونا شەھەر ناھىيەسى
تېلېفون رايون نومۇرى 0998
ماشىنا كودى يېڭى Q

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

يېڭىئۆستەڭ يېزىسىيېڭىئۆستەڭ يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايىتى كونا شەھەر ناھىيەسى قارمىقىدىكى يېزا-بازار دەرىجىلىك مەمۇرىي يېزا. ئورنى قەشقەر ۋىلايىتى كونا شەھەر ناھىيەسى شەرقى قىسمىدا. يېڭىئۆستەڭ يېزىسىنىڭ شەرقىي ئاققاش يېزىسى، غەرب تەرىپى قوغان يېزىسى، جەنۇبىي پاسىلى ياندۇما دەرياسى بىلەن يېڭىشەھەر ناھىيەسى ياندۇما يېزىسى، شىمالىي تەرىپى ئاۋات يېزىسى بىلەن قارىشىپ تۇرىدۇ. شەرق-غەرب ئارىلىقى 25 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا ئەڭ كەڭلىكى 15 كىلومېتىر، ئومۇمىي كۆلىمى 111.21 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. يېزىلىق ھۆكۈمەتتىن ناھىيە بازىرىغىچە تۈز سىزىق ئارىلىقى 33 كىلومېتىر كېلىدۇ. يېڭى ئۆستەڭ يېزىسىغا قاراشلىق 19 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار.

يېڭىئۆستەڭ يېزىسى 1953-يىلى تەشكىلي تۈزۈلۈشىنىڭ تەرەققىيات جەريانىدا ئاۋات رايون تەسىس قىلىنغان رايون، 1958-يىلى يېڭى ئۆستەڭ خەلق گۇڭشېسى قۇرۇلغان. 1975-يىلى قەشقەر شەھىرى باشقۇرۇش تەۋەلىكى ئۆتكۈزۈۋالغان. 1982-يىلى يەنە قەشقەر كونا شەھەر ناھىيەسىگە ئايرىلغان. 1984-يىلى يېڭىئۆستەڭ يېزىسى دەپ ئاتالغان.  

يېڭىئۆستەڭ يېزىسىيېڭى ئۆستەڭ يېزىسىغا قاراشلىق 19 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار بۇلۇپ، ئۇلار: سەيپۇڭئېرىق كەنتى، توقايئېرىق كەنتى، دۆڭئېرىق كەنتى، خەزىنەبويى كەنتى، توقاي كەنتى، ھەرەمباغ كەنتى، گۇتسيا ئېرىق كەنتى، يىڭنەقاش كەنتى،  چېچەكلىك كەنتى، سوڭگۇلاج كەنتى، قاشبويى كەنتى، دۆڭكۆل كەنتى، لەڭگەر كەنتى، جىگدىلىك كەنتى، ئاۋات ئېرىق كەنتى، ئارامەھەللە كەنتى، يېڭىئېرىق كەنتى، ئوسمانتۇز كەنتى، بازار كەنتى قاتارلىقلار. كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى 138.  

يېڭىئۆستەڭ يېزىسى قىزىل دەرياسى تىنما تۈزلەڭلىكىگە جايلاشقان. دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1250 مېتىر ئەتراپىدا، يەر شارائىتى غەربىي شىمالدىن شەرقىي جەنۇپقا قىيپاش كېلىدۇ. كۆپ يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى 12℃، قىروسىز مەزگىلى 217 كۈن. تۇپراقغەربىي قۇملۇق، شەرقىي تۇزلۇق، يەر ئاستى سۇ ئورنى يۇقىرى، شورلىشىش ئاپىتى ئېغىر. سۇ مەنبەسى بولسا تۈمەن دەرياسى.  

يېڭىئۆستەڭ يېزىسىيېڭىئۆستەڭ يېزىسىدا ئىككى ئوتتۇرا مەكتەپ، 15 باشلانغۇچ مەكتەپ، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر 239 ئادەم، ئوقۇغۇچىلار 6466 نەپەر. يېزىلىق مەدەنىيەت پونكىتىدا رادىئو ئۇزېلى، رادىئو پروگراممىسى، كىنو قويۇش ئەترىتى، دوختۇرخانا قاتارلىقلار بار. كەنت مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش ئۆيىدە تېلېۋىزور ئۆيى، كۇتۇپـخانا، تەنتەربىيە مەيدانى (تەنھەرىكەت مەيدانى)، ساقلىقنى ساقلاش پونكىتى قاتارلىقلار بار. يېزا بويىچە تېببىي خادىملاردىن 31 ئادەم، بۇنىڭ ئىچىدە دوختۇرلار 10 ئادەم، سېستىرا 12 ئادەم، 50 پارچە كارىۋات بار.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#