ئالتاي ۋىلايەتلىك تەجرىبە بالىلار باغچىسى
ئالتاي ۋىلايەتلىك بالىلار باغچىسى ئاساسىدا 1954-يىلى ئەتىيازدا ئەينى ۋاقىتتىكى ۋالىي مەھكىمە خەلق ئىشلىرى بۆلىمى قۇرغان بولۇپ، خىزمەتچى خادىمى 6 نەپەر ئىدى.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئالتاي ۋىلايەتلىك بالىلار باغچىسى ئاساسىدا 1954-يىلى ئەتىيازدا ئەينى ۋاقىتتىكى ۋالىي مەھكىمە خەلق ئىشلىرى بۆلىمى قۇرغان بولۇپ، خىزمەتچى خادىمى 6 نەپەر ئىدى. باغچىغا كىرگەن بالىلار پەقەت 16 نەپەر ئىدى. 1958-يىلى كۆلىمى 800 كۋادرات مېتىر بولغان بالىلار سىنىپلىرى قايتا سېلىنىپ، بالا سانى 70 نەپەرگە كۆپەيگەن. بۇ ئەينى ۋاقىتتىكى ئالتاي ۋىلايىتىدىكى بىردىنبىر پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى بالىلار باغچىسى ھېسابلىناتتى. 1961-يىلى ۋىلايەتلىك بالىلار باغچىسى قىلىپ ئۆزگەرتىلىپ، پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈم ياتاقتا يېتىش تۈزۈمىگە ئۆزگەرتىلگەن. 1976-يىلى 10-ئايدا مەمۇرى مەھكىمە ئىشخانىسىنىڭ ۋاكالىتەن باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن. 1984- يىلى ۋىلايەتلىك مەدەنىي مائارىپ باشقارمىسىنىڭ ئاساسلىق باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى. 1985-يىلى كۈزدە شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىپ، ئالتاي شەھەرلىك 2-بالىلار باغچىسى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. 1989-يىلى ۋىلايەتلىك مائارىپ باشقارمىسىنىڭ ئاساسلىق باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىپ، ئالتاي ۋىلايەتلىك تەجرىبە بالىلار باغچىسى دەپ رەسمىي نام بېرىلگەن. بۇ باغچا ۋىلايەتتىكى بىردىنبىر مىللىي، خەنزۇ ئارىلاش نەمۇنىلىك تەجرىبە بالىلار باغچىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 1998-يىلى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەنىۋى مەدەنىيەتلىك ئورۇن بولۇپ باھالانغان. ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 7200 كۋادرات مېتىر، ئوقۇتۇش يەر كۆلىمى 3535 كۋادرات مېتىر. خەنزۇ تىلىدا ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىلىدۇ. باغچا شتاتى 81 نەپەر. 1999-يىلدىكى مەخسۇس ئوقۇتقۇچى 51 نەپەر. بالىلار 650 نەپەر.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.