ئۆسۈملۈكنىڭ ئۇسسۇل ئوينىشىدىكى سىر

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كىشىلەر خىزمەت ۋە ئۆگىنىشتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا لەرزان مۇزىكا ۋە ئۇسسۇل قاينىمىدا تۇرۇشنى ياقتۇرىدۇ. ھالبۇكى، قىزىقارلىق ئۆسۈملۈك دۇنياسىدىمۇ نۇرغۇن ئۇسسۇلچىلار بار. 

ئاپتاپپەرەسنىڭ قۇياشقا بېقىش ئۇسسۇلى، ياتما نېلۇپەرنىڭ تۈن پەردىسى يېيىلىشتىن ئىلگىرىكى يىغىلىش ئۇسسۇلى كۆپچىلىككە تونۇش. مىموزا ئوتى تېخىمۇ قىزىقارلىق، قاراڭغۇ چۈشۈشى بىلەنلا ئۇنىڭ پەيسىمان يوپۇرماقلىرى يىغىلىۋالىدۇ، ئۇنىڭغا تېگىپلا قويسىڭىز، كۈندۈزىمۇ ھەش-پەش دېگۈچە يوپۇرماقلىرىنى يىغىۋالىدۇ، ئۇنىڭغا تەگكەن كۈچ چوڭراق بولسا شاخلىرىمۇ ساڭگىلاپ كېتىدۇ، ئۇ بەئەينى تارتىنچاق قىزلارغىلا ئوخشايدۇ.

بۇ ئۆسۈملۈك ئۇسسۇلچىلىرى ئىچىدە، تېلېگراف ئوتى بىلەن ئۇسسۇل دەرىخى ئەڭ ماھىر ئۇسسۇلچى ھېسابلىنىدۇ. تېلېگراف ئوتى ھىندىستان بىلەن سرى لانكىدا ئۆسىدىغان بىر خىل ئۆسۈملۈك، ئۇنىڭ ھەر بىر چوڭ يوپۇرمىقىنىڭ يېنىدا ئىككى دانە كىچىك يوپۇرمىقى بولىدۇ. بۇ ئىككى دانە كىچىك يوپۇرماق ئويۇنغا تويمايدىغان بالىلاردەك ئەتىدىن كەچكىچە توختىماي ئۇسسۇل ئوينايدۇ، كەچ كىرگەندىلا جىمىپ قالىدۇ. ئېلىمىزنىڭ شىشۇاڭبەننادىكى مېڭلا ناھىيىسى شاڭيۇڭ يېزىسىنىڭ يېنىدىكى ئىپتىدائىي ئورماندا ئۇسسۇل ئوينايدىغان بىر خىل كىچىك دەرەخ بار. بۇ دەرەخنىڭ يېنىدا مۇزىكا قويسىڭىز، ئۇ مۇزىكىنىڭ رىتىمىغا ئەگىشىپ ئۇسسۇلغا چۈشىدۇ. ئادەمنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرىدىغىنى، يېنىك مۇزىكا ياكى لىرىك ناخشا قويۇپ بېرىلسە دەرەخنىڭ ئۇسسۇل ھەرىكىتى رىتىمغا ئەگىشىپ ئۆزگىرىدۇ؛ مۇزىكا قانچە يېقىملىق بولسا دەرەخنىڭ ئۇسسۇلىمۇ شۇنچە لەرزان بولىدۇ. ئەگەر ھەيۋەتلىك مارش ياكى شاۋقۇنلۇق مۇزىكا قويۇپ بېرىلسە دەرەخ ئۇسسۇل ئوينىمايدۇ. شۇڭا، بۇ جايدىكى ئامما ئۇنى «رومانتىك دەرەخ» دەپ ئاتىشىدۇ. 

بەزى يۇقىرى دەرىجىلىك ئۆسۈملۈكلەر نېمە ئۈچۈن ئۇسسۇل ئوينىيالايدۇ؟ بوتانىكلار بۇنىڭ سىرى ئۈستىدە ئىزچىل ئىزدىنىپ كەلدى. ھازىر بۇ توغرىدا ئىككى خىل قاراش بار، بىرى، بۇ ئۆسۈملۈك تېنىدىكى ئۆستۈرگۈچى ھورموننىڭ يۆتكىلىشى ئۆسۈملۈك ھۈجەيرىسىنىڭ ئۆسۈش سۈرئىتىدە ئۆزگىرىش پەيدا قىلغانلىقىدىن بولغان؛ يەنە بىرى، بۇ ئۆسۈملۈك تېنىدىكى ئاجىز بىئوئېلېكترىك توكنىڭ كۈچلۈكلۈك دەرىجىسى ۋە يۆنىلىشىدە ئۆزگىرىش بولغانلىقىدىن بولغان. گەرچە بۇ ئىككى خىل قاراشتىكىلەر ئۆز مەيدانىدا چىڭ تۇرسىمۇ، لېكىن بوتانىكلارنىڭ چوڭقۇر تەتقىق قىلىشىغا ئەگىشىپ بۇ سىرنىڭ ئېچىلىشىغا ئىشىنىمىز.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#