شاڭخەي

شاڭخەي قەدىمكى دەۋرلەردە بۇ يەر دېڭىز ساھىلىدىكى بازار ئىدى. يېغىلىق دەۋرىدە، بۇ يەر چۇ بەگلىكىدىكى ئاقسۆڭەك چۇنشېن بېگى خۇاڭ شيېنىڭ سۇيۇرغال يېرى ئىدى، شۇڭا ئىلگىرى قىسقارتىلىپ «شېن» دەپ ئاتىغان. 

نامى شاڭخەي
دۆلىتى جۇڭگو
كىلىماتى سۇبتروپىك بەلباغ موسسونلۇق كىلىماتى
خەنزۇچە نامى 上海
مەمۇرىي رايون شەكلى بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر
چەتئەلچە نامى Shanghai

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

شاڭخەيشاڭخەي قەدىمكى دەۋرلەردە بۇ يەر دېڭىز ساھىلىدىكى بازار ئىدى. يېغىلىق دەۋرىدە، بۇ يەر چۇ بەگلىكىدىكى ئاقسۆڭەك چۇنشېن بېگى خۇاڭ شيېنىڭ سۇيۇرغال يېرى ئىدى، شۇڭا ئىلگىرى قىسقارتىلىپ «شېن» دەپ ئاتىغان. تاڭ سۇلالىسى تەيباۋ 10-يىلى (751-يىلى) خۇاتىڭ ناھىيىسىنى تەسىس قىلغان، سۇڭ سۇلالىسى شاڭخەي بازىرىنى تەسىس قىلغان، يۈەن سۇلالىسى جىيۈەن 29-يىلى (1292-يىلى) شاڭخەي ناھىيىسىنى تەسىس قىلغان. شاڭخەي چېگرىسى ئىچىدە ۋۇسۇڭ دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنى بولغاچقا، قەدىمدە خۇدۇ دەپ ئاتالغان، بۇ يەردە بېلىقچىلىق ناھايىتى راۋاج تاپقان، شۇڭا شاڭخەي يەنە قىسقارتىلىپ «خۇ» دەپ ئاتالغان.

 شاڭخەي جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى دۇنياغا كەلگەن جاي، يېقىنقى ۋە ھازىرقى زاماندىكى نۇرغۇن تارىخىي ۋەقە ۋە تارىخىي شەخسلەرنىڭ پائالىيەتلىرى بۇ يەردە يۈز بەرگەن، مەسىلەن، شياۋداۋخۇي قوزغىلىڭى، 30-ماي ھەرىكىتى، شاڭخەي ئىشچىلىرىنىڭ ئۈچ قېتىملىق قوراللىق قوزغىلىڭى، سۇڭجياڭ-شاڭخەي ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى قاتارلىقلار. ھازىر ساقلانغان ئىنقىلابىي ئورۇنلاردىن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى7-قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىن ئورنى، سۇن جۇڭشەننىڭ كونا تۇرالغۇسى، لۇشۈن قەبرىسى، سۇڭ چىڭلىڭ قەبرىسى، لۇڭخۇا ئىنقىلابىي قۇربانلار خاتىرە ئورنى قاتارلىقلار بار.

 مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن: لۇڭخۇا مۇنارى، سۇڭجياڭ چاسا مۇنارى، يۇيۇەن باغچىسى، چيۇشياۋپۇ، تاڭجىڭجۇاڭ قاتارلىقلار بار. شاڭخەينىڭ يېقىنقى زاماندا ھەر خىل شەكىلدىكى چەت ئەل ئۇسلۇبىدا سېلىنغان بىنالىرى بىناكارلىق تارىخىدا مۇھىم قىممەتكە ئىگە. 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#