سوزۇلما خاراكتېرلىك ئۆت خالتا ياللۇغى

سوزۇلما خاراكتېرلىك ئۆت خالتا ياللۇغى

ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۆت خالتىسى سوزۇلما ياللۇغلىنىپ، كلىنىكىدا ئوڭ تەرەپ يۇقىرى قورساق ساھەسى ئاغرىش، كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش، مايلىق تاماقلاردىن سەسكىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك.

غەرب تېبابىتى نامى سوزۇلما خاراكتېرلىك ئۆت خالتا ياللۇغى
كېسەللىك ئورنى ئۆت
خەنزۇچە نامى 慢性胆囊炎
كىلاسسىك ئاتىلىشى «ئىلتىھابى مەرار، مۇزمىن، ۋەرەمى مەرارە مۇزمىن»

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

1. ئۆتكۈر ئۆت خالتا ياللۇغىنىڭ ياخشىلانماسلىقى ياكى ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ كېتىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

2. شورلۇق بەلغەم خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

بۇ خىل غەيرىي تەبىئىي بەلغەم خىلىتى ئۆت خالتا توقۇلما شىللىق پەردىلىرىگە تەسىر قىلغاندا ماددا ئالمىشىشقا تەسىر قىلىپ، ئۆت خالتا سۇيۇقلۇقىنىڭ قويۇقلۇقىنى ئاشۇرۇپ، غىدىقلاش خۇسۇسىيىتىنى كۈچەيتىۋېتىشى نەتىجىسىدە ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

3. ئۆت تاش كېسەللىكى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئۆت تاش كېسىلى بىلەن ئاغرىغانلارد توقۇلما ۋە شىللىق پەردىلەر تەكرار غىدىقلىنىپ زەخىملىنىش نەتىجىسىدە ياللۇغلىنىش كېلىپ چىقىدۇ.

4. يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنىڭ قالايمىقان بولۇشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئاچ قېلىش، ۋاقتىدا تاماق يېمەسلىك، داۋاملىق قۇرۇق ئىسسىق، مايلىق، يۇقىرى ئاقسىللىق تاماقلارنى كۆپ ئىستېمال قىلىش قاتارلىق سەۋەبلەردىن ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ قويۇقلۇقى ئېشىپ غىدىقلش خۇسۇسىيىتى كۈچىيىپ كېتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۆت خالتا توقۇلما ۋە شىللىق پەردىلىرى غىدىقلىنىشقا ئۇچراپ ياللۇغلىنىش كېلىپ چىقىدۇ.

ئۆت خالتىسى ياللۇغى تەكرار كۆپ قېتىم ئۆتكۈر قوزغالسا ئۆت خالتىسى يىگىلەپ، ئۆت خالتا تېمىدىكى تالالىق توقۇلمىلار ئۆسۈپ قېلىنلاپ، ئەڭ ئاخىرىدا خالتا بوشلۇقى كىچىكلەپ، ئۆت خالتىسىنىڭ پائالىيىتى يوقىلىدۇ. ئەگەر ئۆت خالتا نەيچىسى تاش ياكى ياللۇغلۇق چاپلىشىش سەۋەبىدىن توسۇلۇپ، ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ ئۆت خالتىسىغا ئېقىپ كىرىشىنى توسقۇنلۇققا ئۇچراتسا، ئۆت خالتىسى ئىچىدىكى ئەسلىدە بار بولغان ئۆت سۇيۇقلۇقى، بىلىروبىن تەدرىجىي شۈمۈرۈلۈپ كەتكەنلىكتىن شىللىق پەردىلەر ئۈزلۈكسىز رەڭسىز سۇغا ئوخشاش شىلىمشىق سۇيۇقلۇق ئاجرىتىپ چىقىرىپ، ئۆت خالتىسىغا سۇ يىغىلىپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر ئىككىلەمچى يۇقۇملانسا ئۆت خالتىسىغا يىرىڭ يىغىلىدۇ.

كۆپ ساندىكىلەردە ئىشتىھاسى تۇتۇلىدۇ، قورساق كۆپىدۇ، كۆڭلى ئېلىشىپ قۇسىدۇ، مايلىق تاماقلاردىن سەسكىنىدۇ، كېكىرىدۇ، ئوڭ تەرەپ يۇقىرى قورساق قىسمى چىڭقىلىپ ئاغرىيدۇ. ئەگەر ئۆت تاش كېسەللىكى قوشۇلۇپ كەلگەن بولسا، بەزىدە تاش ئۆت كانىلىنى توسۇۋېلىپ،كېسەلنىڭ ئۆتكۈر قوزغىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. لېكىن تاش يۆتكىلىپ توسۇلۇش ئېچىلسىلا تېزلىكتە ياخشىلىنىپ كېتىدۇ. ئۆت خالتا رايونىنى باسقاندا ياكى چەككەندە ئاغرىيدۇ. ئەگەر ئوت خالتىسىغا سۇ يىغىلغان بولسا، كۆپىنچە سىلىق خالتىلىق مونەك قولغا ئۇرۇنىدۇ.

1. كېسەللىك تارىخىغا ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ.

ئوڭ تەرەپ يۇقىرىقى قورساق قىسمى چىڭقىلىپ ئاغرىش، ئىشتىھاسىزلىق، كۆڭلى ئېلششى، قورساق كۆپۈش، مايلىق تاماقلاردىن سەسكىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر بولۇش بىلەن بىرگە، ئىلگىرى ئۆتكۈر ئۆت خالتا ياللۇغى، ئۆت تاش كېسەللىكى قاتارلىقلار بىلەن ئاغرىغانلىق تارىخى بولىدۇ.

2.قوشۇمچە تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ.

1)  B تىپلىق ئاۋازدىن تېز دولقۇن ئاپپاراتىدا تەكشۈرگەندە تېمى قېلىن، بوشلۇقى كىچىك بولغان ئۆت خالتىسى كۆرۈلىدۇ. ئەگەر تاش قوشۇلۇپ كەلگەن بولسا، ئۆت خالتىسىدىكى تاشنىڭ سايىسى كۆرۈنىدۇ.

2) رېنتگېندە سايلاندۇرۇپ تەكشۈرگەندە، ئۆت خالتىسى كىچىكلەپ شەكلى ئۆزگەرگەنلىكىنى، قىسقىرىش پائالىيىتىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ. ئەگەر تاش قوشۇلۇپ كەلگەن بولسا، ئۆت خالتىسىدىكى تاشنىڭ سايىسى كۆرۈنىدۇ.

1. ئاشقازان ئون ئىككى بارماق ئۈچەي يارىسىدىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

ئاشقازان 12بارماق ئۈچەي يارىسىدىكى ئاغرىق تاماق يېيىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇش، رىتىملىق ئاغرىش، قان قۇسۇش ۋە قارا مايلىق تەرەت كېلىش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرىگە ئاساسەن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

2. سوزۇلما سازاڭسىمان ئۆسۈكچە ياللۇغىدىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

سوزۇلما سازاڭسىمان ئۆسۈكچە ياللۇغىدىكى ئوڭ تەرەپ تۆۋەنكى قورساق قىسمىدا ئارىلاپ ياكى داۋاملىشىش خاراكتېرلىك يوشۇرۇن ئاغرىش بولۇش، سېرىقلىق بولماسلىق قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرىگە ئاساسەن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

1. شورلۇق بەلغەم خىلىتىدىن كېلىپ چىققان بولسا تازىلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

2. ئۆت تاش كېسەللىكى سەەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا، ئۆت تاش كېسەللىكىگە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىپ سەۋەبى يوقىتىلىدۇ.

3. ياللۇغ قايتۇرۇش، ئىششىق قايتۇرۇش، ئاغدرىق پەسەيتىش، توسالغۇلارنى ئېچىش مەقسىتىدە دورا ئىشلىتىلىدۇ.

4. ئەگەر كېسەللىك ئەھۋالى ياخشىلانمىغاندا ياكى ئۆت كېسەللىكى قوشۇلۇپ كەلگەندە ئوپېراتسىيە قىلىنىدۇ.

شورلۇق بەلغەم خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىققان بولسا، شورلۇق بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇنزىچىغا ياللۇغ قايتۇرغۇچى، توسالغۇلارنى ئاچقۇچى دورىلاردىنكاىسنە ئۇرۇقى، كەرەپشە ئۇرۇقى، كەرەپشە يىلتىزى، ئىتئۈزۈمى، قوغۇن ئۇرۇقى، تەرخەمەك ئۇرۇقى قاتارلىق دورىلارنى قوشۇپ، مەتبۇخ تەييارلاپ كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 70 مىللىلىتىردىن 9~7 كۈن ئىچىشكە بېرىپ، ماددا پىشقانلىققا ئالاقىدار ئالامەتلەر كۆرۈلگەندىن كېيىن يۇقىرىقى دورىلارغا شورلۇق بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇسھىل دورىلىرىنى قوشۇپ، مەتبۇخ تەييارلاپ كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 70 مىللىلىتىردىن 5~3 كۈن ئىچىشكە بېرىپ، شورلۇق بەلغەم خىلىتى بەدەندىن تازىلىنىدۇ.

ياللۇغ قايتۇرۇش، ئىششىق قايتۇرۇش، ئاغرىق پەسەيتىش مەقسىتىدە بىنەپشە شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 50 مىللىلىتىردىن، ئەرقى شوخلا كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 80 مىللىلىتىردىن؛ تۆۋەندىكى نۇسخا بويىچە تەييارلانغان قۇرسى زىرىشىك سەغىر كۈندە بىر قېتىم، تاماقتىن كېيىن تۆت دانىدىن، تۆۋەندىكى نۇسخا بويىچە تەييارلانغان قۇرسى زىرىشىك بارىد كۈندە بىر قېتىم، تاماقتىن كېيىن تۆت دانىنى ئاچچىق ئانار سۈيىدىن 30 مىللىلىتىرغا قوشۇپ ئىچىشكە بېرىلىدۇ.

قۇرسى زىرىشىك سەغىر نۇسخىسى: ئۇرۇقسىز زىرىق 18 گرام، رەۋەن تۆت گرام، سۇمبۇل بەش گرام ئىسپىغۇل لۇئاىب بىلەن يۇغۇرۇپ، بىر گراملىقتىن قۇرس تەييارلىنىدۇ.

قۇرسى زىىشىك بارىدنىڭ نۇسخىسى: زىرىق 35 گرام، كاسىنە ئۇرۇقى، تۈز ۋە ئەگرى تەرخەمەك ئۇرۇقى 11 گرامدىن، قىزىلگۈل، تاباشىر 18 گرام، رەۋەن، لوك، كەرەپشە ئۇرۇقى تۆت گرامدىن، سۇمبۇل ئىككى گرام ئېلىپ، قائىدە بويىچە بىر گراملىقتىن قۇرس تەييارلىنىدۇ.

توسالغۇلارنى ئېچىش مەقسىتىدە ئەرقى كاسىنە كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 100 مىللىلىتىردىن، دىنار شەربىتى كۈندە ئۈچقېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 50 مىللىلىتىردىن، بۇزۇرى شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 50 مىللىلىتىردىن، تۆۋەندىكى نۇسخا بويىچە تەييارلانغان رەۋەن شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 30 مىللىلىتىردىن، تۆۋەندىكى نۇسخا بويىچە تەييارلانغنا ھەببى رەۋەن كۈندە ئىككى ق−ېتىم، ت−ام−اقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 4~2 دانىدىن، تۆۋەندىكى نۇسخا بويىچە تەييارلانغان قۇرسى غاپەس كۈندە بىر قېتىم، تاماقتىن كېيىن بەش دانىدىن، كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.

قۇرسى غاپەس نۇسخىسى: غاپەس ئۇسارىسى 70 گرام، تۇربۇت، غارىقۇن، بىستىپايەج، كاسىنە ئۇرۇقى 18 گرامدىن، شكېەر 300 گرام ئېلىپ، قائىدە بويىچە شەربەت تەييارلىنىدۇ.

ھەببى رەۋەن نۇسخىسى: رەۋەن، مۇقەل يەتتە گرامدىن، غارىقۇن، رۇم بەدىيان بەش گرامدىن، زىراۋەندە توققۇز گرام، تۇربۇت 30 گرام ئېلىپ، قائىدە بويىچە ھەب تەييارلىنىدۇ.

يۇقىرىقى ئۇسۇللار ئارقىلىق كېسەللىك ئەھۋالى ياخشىلانمىغاندا ياكى ئۆت تاش كېسەللىكى قوشۇلۇپ كەلگەن كېسەللىكلەردە ئوپېراتسىيە قىلىپ ئۆت خالتىسى ئېلىۋېتىلىدۇ.

كېسەللىك ئەھۋالى ياخشىلانغاندىن كېيىن ھەزىمنى ياخشىلاش، ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەش، تەبىئەت كۈچىنى ئاشۇرۇش مەقسىتىدە مەجۇنى ئامىلە نۆشىدارى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن، جاۋارىش ئەنبەر كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن، جاۋارىش مىشكى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن، جاۋارىش جالىنۇس كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10گرامدىن ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.

1. تەستە ھەزىم بولىدىغان، غىدىقلىغۇچى، زىيادە مايلىق، ئاقسىللىق، قۇرۇق ئىسسىق تەبىئەتلىك يېمەك-ئىچمەكلەردىن پەرھىز قىلىنىدۇ.

2. ئاسان ھەزىم بولىدىغان، ئوزۇقلۇق قۇۋۋىتى يۇقىرى بولغان يېمەك-ئىچمەكلەر مىزاجىغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلدۇرۇلىدۇ.

3. كۆپ ھەرىكەت قىلىشتىن، ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك قىلىشتىن، زىيادە چارچاشتىن، غەم-ئەندىشە قىلىشتىن، قورقوش، ئاچچىقلىنىشتىن، ئاچ قېلىشتىن، ۋاقتىدا تاماق يېمەسلىكتىن، تاماق يېيىشكە سەل قاراشتىشن، تۇخۇم، پولۇ، لازا، ئاچچىقسۇغا ئوخشاش ئۆتكۈر غىدىقلىغۇچى، يۇقىرى ئاقسىللىق يېمەك-ئىچمەكلەردىن، تويۇنۇپ تاماق يېيىشتىن، ھاراق ئىچىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

4. يەڭگىل ھەرىكەت قىلىش، مۇۋاپىق ئارام ئېلىش، روھىي جەھەتتىن خاتىرجەم بولۇش، توغرا تۇرمۇش ئادىتى ۋە ئوزۇقلىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش لازىم.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىكىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=839

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىكىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=839

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#