يەر يولۋىسى

يەر يولۋىسى

يەر يولۋىسى تۈن پەرۋانىسى ئائىلىسىگە تەۋە ھاشارات، جۇڭگودا تەخمىنەن 1600 تۈرى بار. يېتىلگەن قۇرتنىڭ ئېغىز ئاپپاراتى تەرەققىي قىلغان، زىرائەتنىڭ زىيانداش ھاشارىتى. تۈرى ناھايىتى كۆپ، دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىگە زىيان سالىدىغىنى 10 خىلدىن ئاشىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە كىچىك يەر يولۋىسى، سېرىق يەر يولۋىسى، چوڭ يەر يولۋىسى، ئاق گىرۋەكلىك يەر يولۋىسى ۋە ئېھتىيات سىزىقلىق يەر يولۋىسى قاتارلىقلار ئىنتايىن مۇھىم. 

ئۇيغۇرچە نامى يەر يولۋىسى
تارقالغان رايونلار دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرى
تىپى بوغۇم پۇتلۇقلار تىپى
تۈركۈمى تەڭگىچە قاناتلىقلار تۈركۈمى
باشقا نامى لېۋكانىيە سېپاراتا قۇرتى، يەر پىلىسى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 地老虎
تەۋەلىكى ھايۋاناتلار دۇنياسى
سىنىپى ھاشاراتلار سىنىپى
ئائىلىسى تۈن پەرۋانىسى ئائىلىسى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

يەر يولۋىسىيېتىلگەن يەر يولۋىسى تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 23~17 مىللىمېتىر، قانىتى 54~40 مىللىمېتىر. باش، كۆكرەك ئارقا يۈزى تۇتۇق قوڭۇر، پۇت قوڭۇر رەڭ، ئالدىنقى پۇت بوغۇمىنىڭ پەنجە سىرتقى گىرۋىكى كۈل رەڭ قوڭۇر، ئوتتۇرا، ئارقا پۇتى ھەر قايسى بۆلەك ئاخىرقى ئۇچىدا كۈل رەڭ قوڭۇر رەڭلىك ھالقا سىزىقچىلىرى بار. ئالدى قانىتى قوڭۇر، ئالدى گىرۋىكى رايونى قارامتۇل قوڭۇر رەڭدە، سىرتقى گىرۋىكى ئىچى كۆپرەك قارامتۇل قوڭۇر بولىدۇ. ئاساسىي سىزىق سۇس قوڭۇر رەڭدە، قارا رەڭلىك دولقۇنسىمان ئىچىدىكى توغرا سىزىق قوش لىنىيەسى ئىچىدە قارا ھالقىسىمان سىزىقلىرى بار. كەينى قانىتى كۈلرەڭ ئاق، تىك تومۇر ۋە گىرۋەك سىزىقى قوڭۇر رەڭدە، قورساق قىسمىنىڭ دۈمبە تەرىپى كۈل رەڭدە. 

يەر يولۋىسىيەر يولۋىسىنىڭ كىچىك يەر يولۋىسى، ئارپا بەدىيان يەر يولۋىسى، سېرىق يەر يولۋىسى، چوڭ يەر يولۋىسى، ئاق گىرۋەكلىك يەر يولۋىسى، ئېھتىيات سىزىقلىق يەر يولۋىسى قاتارلىق تۈرى بار.

يەر يولۋىسىيېتىلگەن ھاشاراتنىڭ يورۇقلۇققا ئىنتىلىشچانلىقى ۋە خېمىيەۋى ماددىلارغا ئىنتىلىشچانلىقى ھاشارات تۈرىگە قاراپ ئوخشاش بولمايدۇ. كىچىك يەر يولۋىسى، سېرىق يەر يولۋىسى، ئاق گىرۋەكلىك يەر يولۋىسىنىڭ غۇۋا چىراققا ئىنتىلىشى بار؛ شېكەر، ھاراق، ئاچچىقسۇ سۇيۇقلۇقىغا ئىنتىلىشچانلىقى كىچىك يەر يولۋىسىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك بولىدۇ؛ سېرىق يەر يولۋىسى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ غول، ئانىلىقلىرىدىكى يېمەكلىكلەرنى يەپ ئوزۇقلۇق تولۇقلاشقا ئامراق. كۆپ تۇخۇملايدۇ، تۇپراق يۈزى، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يۇمران غولى ۋە قۇرۇق ئوت–چۆپ يىلتىزى ئەتراپىدا تارقاق ياكى دۆۋىلىشىپ ياشايدۇ. 3 ياشتىن بۇرۇنقى لېچىنكىلارنىڭ كۆپچىلىكى تۇپراق يۈزىدە ياكى ئۆسۈملۈكنىڭ غولىدا ھەرىكەت قىلىپ، كېچە-كۈندۈز يوپۇرماق ئالىقىنى، يۇمشاق باش، نوتا، بىخ قاتارلىق ئورۇنلارنى يەيدۇ. ئۈچ ياشتىن كېيىنكىلىرى تارقىلىپ توپىغا كىرىپ، كۈندۈزى تۇپراق ئىچىدە يوشۇرۇنۇپ، كېچىدە ھەرىكەت قىلىدۇ، ئادەتتە زىرائەتلەرنىڭ دەسلەپكى مايسا مەزگىلىدە يەر يۈزىدىن چىققان قىسمىنى چىشلەپ ئۈزىۋېتىدۇ،ئالا بولۇپ بولۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

نىڭ كۆپىيىشىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان  ئاساسلىق ئېكولوگىيەلىك ئامىللار: 

1. تېمپېراتۇرا

يەر يولۋىسى يۇقىرى تېمپېراتۇرا ۋە تۆۋەن تېمپېراتۇرا بىردەك يەر يولۋىسىنىڭ ياشاش، كۆپىيىشىگە ماس كەلمەيدۇ. تېمپېراتۇرا ℃1±℃30 ياكى ℃5- تىن تۆۋەن شارائىت ئاستىدا، كىچىك يەر يولۋىسىنىڭ 3~1 ياشقىچە بولغان لىچىنكىلىرى كۆپلەپ ئۆلۈپ كېتىدۇ. ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرا ℃ 30 تىن يۇقىرى بولغاندا يېتىلگەن قۇرتنىڭ ئۆمرى قىسقىرايدۇ، ئادەتتە تۇخۇم تۇغالمايدۇ. قىش پەسلىدە تېمپېراتۇرا يۇقىرى بولغاندا، 5-ئايدا ھاۋا تېمپېراتۇرىسى تۇراقلىق بولغاندا، لىچىنكىنىڭ قىشتىن ئۆتىشى، قورچاققا ئايلىنىش، پەي چىقىرىشغا پايدىلىق بۇلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇ 1-ئەۋلاد تۇخۇمنىڭ يېتىلىشى ۋە لىچىنكىنىڭ ئەي بولۇش نىسبىتى يۇقىرى بۇلىدۇ، زىيىنى ئىنتايىن ئېغىر. 

2. نەملىك ۋە ھۆل-يېغىن

يەر يولۋىسى چوڭ يەر يولۋىسىنىڭ يۇقىرى ۋە تۆۋەن تېمپېراتۇرىغا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك، لېكىن، تۇپراقنىڭ نەملىكى سەۋەبىدىن كۆپلەپ ئۆلۈپ كېتىدۇ. تۇپراقنىڭ سۇ مىقدارى %20~15 بولغان رايونلار يەر يولۋىسىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى، لىچىنكىنىڭ يېتىلىشى، تۇخۇم تۇغىشىغا پايدىلىق. سېرىق يەر يولۋىسى كۆپىنچە يەر شەكلى بىر قەدەر ئېگىز تۈزلەڭلىك بەلۋېغىدا ياشايدىغان بولۇپ، سۇغىرىش مەزگىلى ۋە يېتىلگەن قۇرت ئەۋج ئالغان مەزگىلدە ئۇچرايدىغان خەتىرى ئىنتايىن ئېغىر بۇلىدۇ.

3. باشقا سەۋەبلەر

يەر يولۋىسى تەبىئىي كۈشەندىسى مەسىلەن، ئىچنېئۇمون ھەرىسى، پارازىت چىۋىن، قارا بوغۇن قاتارلىقلار بەلگىلىك دەرىجىدە يەر يولۋىسىنىڭ كۆپىيىشىنى تورمۇزلاش تەسىرىگە ئىگە.

يەر يولۋىسى ئاساسلىقى ياۋرۇپا، ئاسىيا، ئافرىقىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقالغان. جۇڭگودا ئاساسلىقى چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىكى دېڭىز قىرغىقى، خۇاڭخې ۋادىسى ۋە غەربىي جەنۇب رايونلىرىغا تارقالغان. 

يەر يولۋىسىيەر يولۋىسى زىيىنى ئەڭ ئېغىر بولغان زىيانداش ھاشاراتلارنىڭ بىرى. ئاساسلىقى كىچىك يەر يولۋىسى، سېرىق يەر يولۋىسى، چوڭ يەر يولۋىسى قاتارلىقلار بار. كۆكتاتلارغا زىيان سالىدىغىنى ئاساسلىقى كىچىك يەر يولۋىسى ۋە سېرىق يەر يولۋىسى؛ تارقىلىشى ئەڭ كەڭ، زىيىنى ئېغىر بولغان كىچىك يەر يولۋىسى. كۆپ خىل ئوزۇقلىنىدىغان زىيانداش ھاشارات ھېسابلىنىدۇ، ئاساسلىقى لىچىنكا ھالىتىدە يۇمران مايسىلارغا زىيان سالىدۇ. لىچىنكا يۇمران مايسىلارنىڭ يەر يۈزىگە يېقىن غول قىسمىنى چىشلەپ ئۈزىۋېتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن پۈتۈن دەرەخنى نابۇت قىلىپ، ئالا بولۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 

ئادەمگىياھ، ئامېرىكا مېھرىگىياسى، سوغىگۈل، مانجۇر ئاسارۇمى، گېنتىئانا، قوڭغۇراقگۈل قاتارلىق كۆپ خىل دورىلارنىڭ مايسا مەزگىلىدىكى بىر مۇھىم زىياندىشى ھېسابلىنىدۇ. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#