پو دەرياسى
ئىتالىيىنىڭ ئەڭ چوڭ دەرياسى. ئىتالىيىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى ئالىپ تاغلىرىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى ۋىسو(دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 3841 مېتر كېلىدۇ) تېغىنىڭ شىمالىيب قىسمىدىن باشلىنىپ، دۆلەتنىڭ شىمالىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتۈپ، ئادرىئاتىك دېڭىزغا قۇيۇلىدۇ. ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 652 كىلومېترغا يېتىدۇ. كۆلىمى 75 مىڭ كۋادرات كىلومېتر كېلىدۇ.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئىتالىيىنىڭ ئەڭ چوڭ دەرياسى. ئىتالىيىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى ئالىپ تاغلىرىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى ۋىسو(دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 3841 مېتر كېلىدۇ) تېغىنىڭ شىمالىيب قىسمىدىن باشلىنىپ، دۆلەتنىڭ شىمالىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتۈپ، ئادرىئاتىك دېڭىزغا قۇيۇلىدۇ. ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 652 كىلومېترغا يېتىدۇ. كۆلىمى 75 مىڭ كۋادرات كىلومېتر كېلىدۇ. دەريا ئاغزىدىكى ئېقىن مىقدارى 1400 كۇب مېتر سېكۇنتقا يېتىدۇ. دەريا ئېقىش يولىدا تۇرىن، پىياچىنتىسا قاتارلىق شەھەرلەرنى كېسىپ ئۆتىدۇ. پو دەرياسى ئىتالىيىنىڭ شىمالىي قىسمىدا مۇنبەت چۆكمە جىنسلىق تۈزلەڭلىكنى شەكىللەندۈرگەن. بۇ ئىتالىيىنىڭ سانائەت، يېزا ئىگىلىكى تەرەققىي قىلغان، ئاھالىسى ئەڭ زىچ ئولتۇراقلاشقان رايونى ھېسابلىنىدۇ. دەريا سۈيى ھەددىدىن ئارتۇق كۆپەيگەندە، دائىم تاشقىن بولۇپ تۇرىدۇ. 1961-يىلى ئىككى قېتىم بولغان تاشقىن ئاپىتى ئىتالىيىگە ناھايىتى چوڭ زىيان سالدى. دەريا دېلتىسى يىلىغا سىرتقا قاراپ كېڭىيىپ 65 گېكتار قۇرۇقلۇق شەكىللەندۈرىدۇ. پو دەرياسى رىم دەۋرىدىن ھازىرغىچە سىرتقا قاراپ 25 كىلومېتر كېڭەيگەن. دەريانىڭ مۇھىم تارماقلىرى تىكنو، ئاددا، ئولىئو قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. تارماق دەريالار تاغلاردىن باشلانغانلىقتىن سۇ ئېنېرگىيىسى مول. شۇڭا ئىتالىيە ھۆكۈمىتى تاغ باغلىرىدا نۇرغۇن سۇ ئېلېكتر ئىستانسىلىرىنى قۇرغان. پو دەرياسىنىڭ پاۋىيا شەھىرىدىن تارتىپ دېڭىزغىچە بولغان ئارىلىقىدا قاتناش قىلىشقا بولىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.