چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

پوچتا ماركىسىنىڭ ھەۋاسكارلىرى «پوچتا ماركىسىنىڭ ئىختىراچىسى» رولاندھلىنى ياخشى بىلىدۇ. تۇنجى پوچتا ماركىسىنىڭ قانداق دۇنياغا كەلگەنلىكى توغرىسىدا مۇنداق بىر ھېكايە تارقالغان: بىر كۈنى رولاندھىل يېزىدا سەيلە قىلىۋاتقان چېغىدا بىر پوچتىكەشنىڭ بىر قىزغا بر پارچە خەتنى تاپشۇرغاندا، قىزنىڭ خەتنى قولىغا ئېلىپ لىپاپىغا قاراپ بېقىپ پوچتىكەشكە قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىنى، خەتنى تاپشۇرۇۋېلىشقا ئۇنىمىغانلىقىنى كۆرىدۇ. ھىل قىزنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇنىڭدىن خەتنى نېمە ئۈچۈن ئالغىلى ئۇنىمىغانلىقىنى سورىغاندا، بۇ قىز ئۇلۇغ-كىچىك تىنىۋېلىپ ئۇنىڭغا بۇ خەتنى يىراقتىكى ئۆز سۆيگىنىدىن كەلگەنلىكىنى، پوچتا ھەققى بەك قىممەت بولغانلىقى ئۈچۈن، پۇلنى تۆلىيەلمەي، خەتنى قايتۇرۇۋېتىشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى ئېيتىدۇ. بۇ تاسادىپىي ئۇچرىشىش ئارقىسىدا ھىل پوچتا تۈزۈمىنى ئۆزگەرتىشكە بەل باغلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىگە بۇنىڭدىن كېيىن پوچتىغا خەت سېلىش ئۈچۈن، خەت سالغۇچى ماركا سېتىۋېلىپ، پوپتا ھەققىنى تۆلىگەنلىكنىڭ ھۆججىتى سۈپىتىدە لىپاپىغا چاپلاپ قويۇشى لازىملىقى توغرىسىدا بېرىدۇ. 

ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ھىلنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل كۆرۈپ، يېڭى پوچتا قانۇنىنى يولغا قويۇشنى قارار قىلىدۇ: 1840-يىلى 10-يانۋاردا خەت-چەكنىڭ ھەر يېرىم ئۇنسىيە(14 گىرامغا توغرا كېلىدۇ) سى ئۈچۈن بىر پېنس ھەق ئېلىشنى بەلگىلەيدۇ. «بىر پېنىسلىق پوچتا» دېگەن سۆز ئەنە شۇنىڭدىن كېلىپ چىققان. 

1840-يىلى 1-مايدا، رولاندھىلنىڭ تەكلىپى ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىشى ئارقىسىدا، دۇنيا بويىچە تۇنجى پوچتا ماركىسى رەسمىي تارقىتىلىدۇ. 6-مايدا پوچتا ماركىسىنى ئىشلىتىش باشلىنىدۇ. ئۇنىڭغا ئەنگىلىيىنىڭ ۋىتورىيە ئايال پادىشاھسىنىڭ يانچە تۇرغان قاپارتما سۈرىتى چۈشۈرىلىدۇ. ئۇنىڭ رەڭگى قارا بولۇپ، بىر دانىسى بىر پېنىس بولغانلىقتىن، كىشىلەر ئۇنى «بىر پېنىسلىق قارا پوچتا ماركىسى» دەپ ئاتايدۇ. بۇ پوچتا ماركىسىدا چىشلىق تۆشۈكلەرنىڭ يوقلۇقىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ھازىرقى پوچتا ماركىلىرىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى ئومۇمەن ھازىرلانغان، ئۇ سۇ باسمىسى قەغىزى بىلەن بېلسىغان بولۇپ، ئارقا تەرىپىگە يىلىم يېپىشتۇرۇلغان ۋە «پوچتا ماركىسى» دېگەن خەت يېزىلغان.

تۇنجى پوچتا ماركىسى تارقىتىلغاندىن كېيىن، ئىشلىتىش ئەپلىك، ئۇنىڭ ئۈستىگە باھاسى ئەرزان بولغانلىقتىن، ئاممىنىڭ قارشى ئېلىشىغا مۇيەسسەر بولغان. ئۇ بىر يىلغا يەتمەي، 11 قېتىم قايتا بېسىلىپ، 68 مىليون دانە سېتىلغان. كېيىن باسما رەڭگى ئۆزگەرتىلگەن. چىشلىق تۆشۈكلۈك قىلىنغان. لېكىن قىرىق يىلغىچىلىك سىزما نۇسخىسى ۋە بېسىش ئۇسۇلى ئاساسەن ئۆزگەرتىلمىگەن. بۇ پوچتا ماركىسى تارىختا ئانچە كۆپ ئۇچرىمايدۇ.

رولاندھىل ئۆز ھاياتىدا پوچتا ئىشلىرىنىڭ ئىسلاھ قىلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇشقا زور تۆھپە قوشقانلىقىتىن «يېقىنقى زامان پوچتىسىنىڭ ئاتىسى» دەپ ئاتالغان. ئۇ 1850-يىلى ئەنگىلىيىنىڭ پوچتا ۋەزىرلىكىگە تەيىنلەنگەن. 1860-يىلى جۇشىلىك ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1879-يىلى لوندون شەھرىنىڭ پەخرىي ئاھالىسى دېگەن نام بېرىلگەن. شۇيىلى لوندۇندا 85 يېشىدا ۋاپات بولغان. (ۋېن جې)

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#