شىزاڭ يىلپىزى
يىلپىز خەلقئارادىكى نەسلى قۇرۇش ئالدىدا تۇرغان ھايۋان بولۇپ، دۆلىتىمىز بويىچە 1-دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
يىلپىزلارنىڭ كۆرۈنەرلىك ئالاھىدىلىكى شۇكى ئۇنىڭ قۇيرۇقى ئۇزۇن ۋە توم بولىدۇ؛ يۇڭى قوڭۇر رەڭدە بولۇپ، پۈتۈن بەدىنى قارا چېكىتلەر بىلەن قاپلانغان. قۇيرۇقىنىڭ ئۇزۇن ۋە يېيىلىپ تۇرۇشى بىلەن يىلپىز تۈرلىرى ئىچىدىكى ئەڭ چىرايلىق بىر خىلى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئۇلار دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 6000-2000 مېتىردىن يۇقىرى جايلاردا ياشايدىغان بولۇپ، كۆپىنچە تاغلاردىكى تاقىر تاشلاردا ئۈستىدە پائالىيەت قىلىدۇ؛ ئىنتايىن سەزگۈر ۋە ھوشيار، ھەرىكىتى چاققان، يامىشىشقا، سەكرەشكە ماھىر كېلىدۇ؛ تورۇق تېكە، ئارقار قاتارلىقلارنى ئاساسلىق ئوزۇق قىلغاندىن باشقا يەنە ياۋا توشقان، سۇغۇر ۋە قىرغاۋۇل تۈرىدىكى كىچىك ھايۋاناتلارنىمۇ ئوۋلايدۇ.
يىلپىزلارنىڭ بوغازلىق مەزگىلى 110-93 كۈن بولۇپ، ھەر قېتىمدا 4-2 گىچە ئاسلانلايدۇ، 3-2 ياشتا تولۇق يېتىلىپ بولىدۇ، ئۆمرى تەخمىنەن 20 يىل ئەتراپىدا بولىدۇ.
جۇڭگودىكى سىچۇەن، شىزاڭ، چىڭخەي، شىنجاڭ قاتارلىق جايلارغا تارقالغان، چەتئەلدە ئاساسلىقى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا كۆرۈلىدۇ.
جۇڭگودىكى 1-دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋان، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ياۋايى ھايۋانلار، ئۆسۈملۈكلەر تۈرلىرى خەلقئارا سودا ئەھدىنامىسى قوشۇمچىسى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن.
ئۇنىڭ ھەرىكەت لىنىيەسى مۇقىم بولغاچقا، ئاسانلا قولغا چۈشۈپ قالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ قانۇنسىز ئوۋچىلارنىڭ ئاساسلىق ھۇجۇم نىشانلىرىدىن بىرى بولۇپ قالغان. ئىنسانلارنىڭ پائالىيىتى مۈشۈك ئائىلىسىدىكى بۇ ھايۋانغا زور بېسىم ئېلىپ كەلگەن. ھازىر ھېچكىممۇ يىلپىزلارنىڭ ئېنىق سانىنى بىلمەيدۇ، ئومۇمىي سانى ئېھتىمال بىر نەچچە مىڭلا بولسا كېرەك.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.