كارىپ دېڭىز قاراقچىسى : قارا مەرۋايىتنىڭ قارغىشى

«كارىپ دېڭىز قاراقچىسى:قارا مەرۋايىتنىڭ قارغىشى»بولسا 2003-يىلى ئىشلەنگەن «كارىپ دېڭىزى قاراقچىسى »يۈرۈشلىكىنىڭ تۇنجى بۆلىمى .گور ۋېربىنسكىي رىژىسسورلىق قىلغان،جونىي دېپ ، ئورلاندو بلۇم ، كىۋرىي نايتلىي قاتارلىقلار باش رول ئالغان غارايىبانە تەۋەككۈلچىلىك كىنو. فىلىمدىكى جېك بولسا كارىپ دېڭىزىدىكى قاراقچى ، «قارا مەرۋايىت»ناملىق قاراقچى كېمىسىنىڭ ئىگىدارى .ياخشىلىق قىلىپ باقماي يامانلىقنىڭ بارىنى قىلىپ بولغان باربوسا جېكنىڭ كېمىسىنى بۇلاپ كېتىپ قورقۇنچلىق قارغىشقا دۇچار بولىدۇ ...

ئۇيغۇرچە نامى كارىپ دېڭىز قاراقچىسى:قارا مەرۋايىتنىڭ قارغىشى
باش رولچى جونىي دېپ ، ئورلاندو بلۇم ، كىۋرىي نايتلىي
باشقا نامى كارىپ دېڭىز قاراقچىسى1
ئىشلەنگەن ۋاقتى 2003
ئىشلىگەن شىركەت دىسنىي فىلىم شىركىتى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 加勒比海盗:黑珍珠号的诅咒
تۈرى غارايىبانە تەۋەككۈلچىلىك كىنو
ئۇزۇنلىقى 143مىنۇت
قويۇلغان ۋاقتى 2003-يىلى
imdbكودى tt0325980

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

«كارىپ دېڭىز قاراقچىسى:قارا مەرۋايىتنىڭ قارغىشى»

بۇ بولسا 17-ئەسىردە يۈز بەرگەن دېڭىز قاراقچىلىرى توغرىسىدىكى رىۋايەت ، جېك سىپارو(جونىي دېپ رول ئالغان )بولسا كارىپ دېڭىز بويىدىكى كىچىك ناھىيىدىكى بىكار تەلەت لۈكچەك ئىدى .ئۇنىڭ بۇنداق ئېچىنىشلىق ھالغا چۈشۈپ قالغىنىغا قاراپ بىر نېمە  دېمەڭ ، ئۇمۇ بۇرۇن ئۆزىنىڭ ئامراق كېمىسىنى ھەيدەپ ، قولچوماقلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ كارىپ دېڭىزىدا قاراقچىلىق قىلىپ ، بايدىن تارتىپ نامراتلارغا ياردەم بېرەتتى . ئەپسۇس دىققەت قىلمايلا ئەسكى قاراقچى باربوسا (جېفىرىي راش رولدا )نىڭ دامىغا چۈشۈپ ،ئامراق «قارا مەرۋايىت »ناملىق كېمىسىدىن ئايرىلىدۇ ، كىچىكىدىن مەشھۇر درڭىز قاراقچىسى بولۇشنى نىيەت قىلغان جېك بۇنىڭدىن قاتتىق ئۈمىدسىزلىنىپ ،چۈشكۈنلىشىدۇ . ھەممىدىن نىيىتىنى ئۈزگەن جېك مۇشۇ كىچىك ناھىيىدە كۈن ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن لاغايلاپ يۈرۈشكە باشلىدى .

مەلۇم بىركۈنى مۇشۇ  يەرنىڭ يەرلىك ئەمەلدارىنىڭ ساھىبجامال قىزى (كىۋرىي نايتلىي)ئىلزابىس -گۈزەل ھەم سۇمباتلىق ،ئەركەكلەردەك ئوساۋ ھەم كۆنمەس قىز تۇيۇقسىز پەيدا بولغان  باربوسا باشلىقىدىكى بىر توپ قاراقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلىدۇ .ئەسلىدە ، باربوسا جېكنىڭ «قارا مەرۋايىت »ناملىق كېمىسىنى تارتىۋالغاندىن كېيىن قەدىمىي قارغىشقا ئۇچرىغان ئىكەن .ھەر قېتىم ئاي نۇرى ئۇلارنىڭ تېنىڭ ئۈستىگە ياغقان ھامان ، ئۇلار بەتبەشىرە يا ئادەمزات يا جىن- شاياتۇن ھېسابلانمايدىغان ھەركەتچان ئىسكىلاتقا ئايلىنىپ قالىدىكەن .قاراقچىلار قانچىلا ئەركىن بولىشىدىن قەتئىينەزەر ، بۇنداق قارغىش بىلەن بىر ئۆمۈر  ئۆتسە ھامان ئازابلىناتتى . دەل مۇشۇ پەيىتتە باربوسا ئىلزابىس تاقىۋالغان ئىزنەكنى كۆردى .كىتابلاردا خاتىرلىنىشىچە ، بۇ ئىزنەك دەل قارغىشنى يېشىشتىكى مۇھىم بىر ئامىل ئىدى .ئىشنى باشلىغاندىن كېيىن توختاپ قېلىشنىڭ يولى يوق دەپ ئويلاپ ئىلزابىس بىلەن ئىزنەكنى تەڭ ئېلىپ قاچقان .

قاراقچىلار ئىلزابىسنى ئېلىپ قاچقاندىن كېيىن ، بۇ خەۋەر ئىلزابىس كىچىكىدىن بىللە ئويناپ چوڭ بولغان تۆمۈرچى ۋېر تانا (ئورلاندو بلۇم)نىڭ قۇلىقىغا يەتكەندە ، ئۇ تىتىلداپ بولالمايلا قالدى .ئامالسىزلىقتا ئۇ بۇرۇن قاراقچى بولغان جېك ياردەم تەلەپ قىلىدۇ . جېك ئىلزابىسنى ئېلىپ قاچقان كىشىنىڭ دەل ئۆزى بىلەن چوڭقۇر ئاداۋىتى بولغان بربوسا ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن ۋېر بىلەن بىللە «قارا مەرۋايىت »نى قوغلاشقا قوشۇلدى .ساھىبجامالنى قۇتقۇزۇش ھەمدە «قارا مەرۋايىت»نى قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن ، ئۇلار ئەنگىلىيە فلوتىنىڭ ئەڭ تېز ماڭىدۇ دەپ قارىلىدىغان بىر كېمىسىنى ئوغرىلاپ ، يەلكەن چۈشۈرۈپ بايراق قاداپ ، بۇ گۈزەل كارىپ دېڭىزىدا ئاجايىپ-غارايىپ قوغلاشما جەڭنى باشلىدى .

 رول  ئارتىس 
 جېك سىپارو جونىي دېپ
 ۋېر تانا  ئورلاندو بلۇم
 ئىلزابىس كىۋرىي نايتلىي
 باربوسا  جېفىرىي راش
 جەمىس نورىڭتون  جەك داۋېنپورتت 

جېك سىپارو 

جونىي دېپ رولدا 

بۇ فىلىمدىكى باش پېرسۇناژ ، غەلىتە قاراقچى ،«قارا مەرۋايىت» نىڭ كاپىتانى .

ۋېر تانا 

ئورلاندو بلۇم رولدا 

تۆمۈرچى بولغان ئاددىي پۇخرا ،ئىلزابىسقا ئاشىق ، بېرنىڭ ئوغلى .

ئىلزابىس 

كىۋرىي نايتلىي  رولدا 

يەرلىك ئەمەلدارنىڭ قىزى ، ۋېرنىڭ مۇھەببىتى 

باربوسا 

جېفىرىي راش رولدا 

جېكنىڭ ياردەمچىسى بولۇپ ، كېيىن جېكقا ئاسىيلىق قىلىپ قارا مەرۋايىتنىڭ قارغىشىغا ئۇچرىغان .

جەمىس نورىڭتون 

جەك داۋېنپورتت رولدا 

نورىڭتون سانغۇن ، ئىلزابىسنى ياخشى كۆرىدۇ

  • فىلىمدىكى ئاي شولىسىدا قاراقچىلارنىڭ ئىسكىلىتقا ئايلىنىپ قېلىشى ئاددىيلا ھالدىكى ئالاھىدە تېخنىكىدىن پايدىلانغان بولۇپ قالماي ،  ئۇلار ھەممە قاراقچىنىڭ رولىنى ئالغۇچىلارنىڭ Xلازىر نۇردىن ئۆتكەن سۈرئىتىنى كومپىيۇتېرغا كىرگۈزۈپ ، ھەر بىر ئىسكىلىتنىڭ خاسلىقى بوللىشىغا كاپالەتلىك قىلغان .

  • باربوسانىڭ رولىنى تېخىمۇ جانلىق ھەم ئوبرازغا يېققىن بولۇش ئۈچۈن تۆت تال ئالتۇن چىش سالدۇرغان .
  • 2002-يىلى 10-ئايدا سۈرەت ئېلىش پارنىكىغا ئوت كېتىپ زىيان 35تۈمەن دوللارغا يەتكەن .

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#