دېڭ لىجۈن

دۇنياۋى ناخشىچى دېڭ لىجۈن

 دېڭ لىجۈن 1953-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى تەيۋەن نىڭ يۈنلىن ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. دېڭ لىجۈن پۈتۈن دۇنيادىكى جۇڭگولۇقلارغا ئەڭ زور تەسىر كۆرسەتكەن گىگانت ناخشىچى، ئامېرىكا نيو-يورك لىنكولىن مەركىزى، لوس-ئانژىلىس مۇزىكا مەركىزى، شۇنداقلا ئامېرىكا، كانادا، ياپونىيە قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەت ۋە رايونلادا تالاي قېتىملاپ ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزۈپ، سانسىزلىغان مەستانىلەرنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلغان. 

ئۇيغۇرچە ئىسمى دېڭ لىجۈن
باشقا نامى Teresa Teng ,テレサ·テン
مىللىتى خەنزۇ
تۇغۇلغان ۋاقتى 1953-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
بوي ئېگىزلىكى 167cm
خەنزۇچە ئىسمى 邓丽君
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
يۇرتى تەيۋەن
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1995-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۇنى
بەدەن ئېغىرلىقى 47kg

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

يېڭى تۇغۇلغان دېڭ لىجۈندېڭ لىجۈن 1953-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى تەيۋەن نىڭ يۈنلىن ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ دادىسى خۇاڭپۇ ھەربىي مەكتىپىنىڭ 14-قارارلىق سىنىپىنى پۈتكۈزگەن، ئاپىسى ئادەتتىكى ئائىلە ئايالى بولۇپ، شەندۇڭدا تۇغۇلغان. 1949-يىلى گومىنداڭ قىسمى تەيۋەنگە چېكىنگەندە،  دېڭ لىجۈننىڭ ئاتا-ئانىسى گومىنداڭ قىسمى بىلەن تەيۋەنگە كېلىدۇ. ‹‹دېڭ لىجۈن›› دېگەن بۇ ئىسىم ھەققىدە گەپ بولغاندا،  ئۇنىڭ دادىسى دېڭ چۈ قىزىغا ‹‹گۈزەل بامبۇك نوتىسى›› دېگەن مەنىدە دېڭ لىجۈن (邓丽筠) دەپ ئات قويغان. كېيىن ‹‹筠›› خېتىنىڭ دائىم باشقىچە تەلەپپۇز قىلىنىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، ‹‹君›› خېتىگە ئالماشتۇرۇۋەتكەن.

كىچىك دېڭ لىجۈن

  1959-يىلى 11-ئايدا ئائىلىسى بىلەن لۇجوۋ شەھىرىگە كۆچۈپ كېلىپ، باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇيدۇ.

  1961-يىلى ئۇستازى لى چېڭچىڭدىن ناخشىچىلىق بويىچە تەلىم ئالىدۇ.

  1962-يىلى ‹‹3-سېنتەبىر شادلىق ئەترىتى››گە ئەگىشىپ، ھال سوراش ئويۇنىدا ناخشا ئېيتىدۇ.

  1963-يىلى 8-ئايدا بىر قېتىملىق ناخشا مۇسابىقىسىدە چېپميۇن بولىدۇ، ئۇ، بۇ مۇسابىقىدە يېشى ئەڭ كىچىك ناخشىچى ئىدى.

  1964-يىلى ئۇ مەكتەپكە ۋاكالىتەن ناھىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن دۆلەت تىلىدا ناخشا ئېيتىش مۇسابىقىسىدە، بىرىنچى بولىدۇ.

  1965-يىلى جىنلىڭ قىزلار ئوتتۇرا مەكتىپىگە ئوقۇشقا كىرىپ، تۇنجى نۆۋەتلىك تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسىدە بەشىنچى بولىدۇ.

  1966-يىلى ‹‹ھەقىقەت ئاۋازى›› شىركىتى ئاچقان ناخشا كۇرسىغا قاتنىشىپ، كۇرسنى ئەلا نەتىجە بىلەن تاماملايدۇ. يەنە ‹‹ئالتۇن ئات›› مۇكاپاتى ناخشا مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ چېمپيون بولىدۇ.

دېڭ لىجۈننىڭ سەنئەت ھاياتى

   1967-يىلى ‹‹زىجىنلىڭ›› قىزلار ئوتتۇرا مەكتىپىدىن بوشاپ، ئالەم بوشلۇقى پىلاستىنكا شىركىتىدە ناخشا ئېيتىپ پىلاستىنكا چىقىرىشقا باشلايدۇ. شۇ يىلى 9-ئايدا بىرىنچى ناخشى پىلاستىنكىسى ‹‹دېڭ لىجۈن ناخشىلىرىنىڭ 1-قىسمى ـــ گۈل دۇمباق›› نەشر قىلىنىپ، ئۇنىڭ ناخشىچىلىق ھاياتى رەسمىي باشلىنىدۇ.

1968-يىلى تەيۋەن تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ‹‹چولپانلار بىرلەشمىسى›› ناملىق پىروگراممىسىغا قاتنىشىپ ناخشا ئېيتىدۇ.

1973-يىلى 1-ئايدا ئامېرىكىغا ئوقۇشقا چىقىدۇ. يەنە شياڭگاڭغا بېرىپ ‹‹شياڭگاڭ تىياتىرخانىسى›› قاتارلىق داڭلىق تىياتىرخانىلاردا، ۋېيتنامدىكى چوڭ كۇلۇبلاردا ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزىدۇ. يەنە شۇ يىلى ‹‹دۇنيادىكى تۇنجى تەبەسسۇم›› ناملىق فىلىمنى ئىشلەشكە قاتنىشىدۇ. ياپونىيەدىكى بىر ئۈن-سىن شىركىتى ھەمدە پوليدور پىلاستىنكا شىركىتى بىلەن توختاملىشىپ پىلاستىنكا چىقىرىدۇ. ياپونىيەدە قاتتىق مەشىق قىلىپ، سىنگاپور دۆلەتلىك تىياتىرخانىسى تەشكىللىگەن ‹‹يىراق شەرقتىكى ئون چوڭ داڭلىق چولپان›› ناملىق كېچىلىككە قاتنىشىدۇ.

  1974-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى رەسمىي ھالدا ياپونىيەگە قاراپ تەرەققىي قىلىشقا باشلايدۇ. ئۇ ياپونىيەدە 10 غا يېقىن پىلاستىنكا چىقىرىدۇ. ئۇنىڭ پىلاستىنكىلىرىنىڭ سېتىلىش مىقدارى نەچچە يۈز مىڭدىن ئېشىپ كېتىدۇ.

  1978-يىلى 2-ئايدا، مالايشىيا، سىنگاپورلاردا سەييارە ئويۇن قويىدۇ. 7-ئاينىڭ ئاخىرىدا ياپونىيەدە يالغۇز كىشىلىك ناخشا كېچىلىك ئۆتكۈزۈپ، ناخشا كېچىلىكىدە قىلغان كىرىمنىڭ ھەممىسىنى خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىغا ئىشلىتىدۇ. 9-ئايدا ئاتاقلىق ئارتىس جياڭ مىڭ بىلەن ھەمكارلىشىپ تەيۋەن تېلېۋىزىيە تىياتىرى ‹‹ئۆتمۈشنى ئەسلەش››تە رول ئالىدۇ. شۇ يىلى يەنە شياڭگاڭدا ئۈچ كۈن ئىچىدە بەش مەيدان يالغۇز كىشىلىك ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزىدۇ.

  1979-يىلى 4-ئايدا كانادادا يالغۇز كىشىلىك ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزىدۇ. بۇ ئۇنىڭ ئامېرىكا، كانادا تەۋەلىكىدە تۇنجى قېتىم ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزۈشى ھېسابلىنىدۇ. شۇ يىلى ‹‹شياڭگاڭ 4-نۆۋەتلىك ئالتۇن پىلاستىنكا مۇكاپاتى››نى تارقىتىش مۇراسىمىدا ئۈچ چوڭ پىلاستىنكىسى ‹‹ئاق ئالتۇن پىلاستىنكا مۇكاپاتى››غا، ئىككى دانە پىلاستىنكىسى ‹‹ئالتۇن پىلاستىكا مۇكاپاتى››غا ئېرىشىدۇ.

دېڭ لىجۈن1969-يىلى دېڭ لىجۈن ‹‹باش دىرېكتور، رەھمەت سىزگە›› ناملىق فىلىمدە ئايال باش پېرسۇناژنىڭ رولىنى ئالىدۇ. شۇ يىلى ئۇ يەنە تەيۋەندىكى تۇنجى تېلېۋىزىيە تىياتىرى بولغان ‹‹كىرىستال››نىڭ ئاساسلىق ناخشىسىنى ئېيتقان.

1974-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى رەسمىي ھالدا ياپونىيەگە قاراپ تەرەققىي قىلىشقا باشلايدۇ. ئۇ ياپونىيەدە 10 غا يېقىن پىلاستىنكا چىقىرىدۇ. ئۇنىڭ پىلاستىنكىلىرىنىڭ سېتىلىش مىقدارى نەچچە يۈز مىڭدىن ئېشىپ كېتىدۇ.

1976-يىلى، دېڭ لىجۈن شياڭگاڭ ‹‹لىۋۇتەي›› كۇلۇبىدا تۇنجى قېتىملىق يالغۇز كىشىلىك ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزگەن. شۇنىڭدىن كېيىن دېڭ لىجۈن 1976-، 1977-، 1978-، 1980- ۋە 1981-يىللىرى ئۇدا بەش يىل شياڭگاڭ ‹‹لىۋۇتەي›› كۇلۇبىدا يالغۇز كىشىلىك ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزۈپ، سانسىزلىغان ناخشا مەستانىلىرىنىڭ قەلبىدە ئۇنتۇلغۇسىز تەسىر قالدۇرغان. بۇ ئارىلىقتا ئۇ ئامېرىكىغا بىلىم ئاشۇرۇشقا چىققان.

  ھازىر دېڭ لىجۈننىڭ ئۆز ئەجىلى بىلەن ئۆلمىگەنلىكى، ئۇنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەر 

ئارقا-ئارقىدىن ئاشكارىلانماقتا. بەزى تاراتقۇلارنىڭ دېيىشىچە ئۇنى ئۆزىنىڭ ئوغۇل دوستى زەھەرلەپ ئۆلتۈرگەن بولۇشى مۇمكىنكەن.

دېڭ لىجۈن

  1977-يىلى 4-ئايدا ياپونىيە پايتەختى توكيودا يالغۇز كىشىلىك ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزىدۇ. 6-ئايدا ‹‹دېڭ لىجۈن ناخشا كېچىلىكى›› ناملىق پىلاستىنكا نەشر قىلىنىدۇ. يەنە شياڭگاڭ ‹‹لىۋۇتەي كۇلۇبى››دا يالغۇز كىشىلىك ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزىدۇ. توكيودا ‹‹يۇرتۇم نەدىسەن؟›› ناملىق چوڭ تىپتىكى ناخشا مۇسابىقىسىدا چېمپيون بولىدۇ. شۇ يىلى 7-ئايدا ‹‹ئارال دۆلىتىدىكى مۇھەببەت›› ناملىق پىلاستىنكىنىڭ 2-قىسمى ‹‹بۇ كېچە سىزنى ئەسلەيمەن›› بىلەن شياڭگاڭ تۇنجى نۆۋەتلىك ‹‹ئالتۇن پىلاستىنكا›› مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمىدا، شياڭگاڭدا تۇنجى بولۇپ ‹‹ئالتۇن پىلاستىنكا›› مۇكاپاتىغا نائىل بولىدۇ. شۇ يىلى يەنە شياڭگاڭ ‹‹لىۋۇتەي كۇلۇبى››دا يالغۇز كىشىلىك ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزىدۇ. يەنە ياپونىيەگە بېرىپ توكيودا يالغۇز كىشىلىك ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزىدۇ. بۇ مەزگىلدە ياپونىيەدە جەمئىي سەككىز چوڭ تىپتىكى ناخشا پىلاستىنكىسى، 12 كىچىك تىپتىكى ناخشا پىلاستىنكىسى نەشر قىلدۇرىدۇ.

1980-يىلى ئۇنىڭ مودا ناخشا ساھەسىدىكى ھەقىقىي ئورنى تىكلەنگەن، جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدا سانسىزلىغان ناخشا مەستانىلىرىغا ئىگە بولغان بىر يىل بولدى. ئۇ ئېيتقان ھەربىر ناخشا دېڭىز بوغۇزىنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى خەلقنىڭ يۈرەك رىشتىسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەپ، ئىناقلىق، ئىتتىپاقلىق مېلودىيەسىنى ياڭرىتىشتا تۈرتكىلىك رول ئوينىدى. دېڭ لىجۈن جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ ناخشا-مۇزىكا ساھەسىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىۋاتقان ئاشۇ يىللاردا، جۇڭگودىكى ئايال ناخشىچىلارنىڭ سانى بارماق بىلەن سانىۋالغۇدەكلا ئاز ئىدى. بۇ مەزگىللەردە دېڭ لىجۈننىڭ ئۇسلۇبىدا ناخشا ئېيتىۋاتقان ناخشىچىلاردىن لى گۇيى، جۇ مىڭيىڭ، چېڭ لىن قاتارلىقلار بار بولۇپ، باشقىلار ئۇلارنى ‹‹چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى دېڭ لىجۈنلەر›› دەپ ئاتىشاتتى.

   1981-يىلىنىڭ بېشىدا چەت ئەللەردە ۋە چاغان مەزگىلىدە تەيۋەندە كۆپ قېتىم ئويۇن قويىدۇ. يەنە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرىدە سەييارە ئويۇن قويىدۇ. ئۇ يەنە شۇ يىلى تەيۋەن ئاخبارات ئىدارىسى تەرىپىدىن ‹‹ۋەتەنپەرۋەر سەنئەتكار›› دېگەن پەخىرلىك نامغا نائىل بولىدۇ. 4-ئايدا شياڭگاڭ ‹‹لىۋۇتەي كۇلۇبى››غا 5-قېتىم كېلىپ يەتتە كۈندە جەمئىي توققۇز مەيدان يالغۇز كىشىلىك ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزىدۇ. ئۇ شۇ يىلى نۇرغۇن مەدەنىيەت-سەنئەت پائالىيەتلىرىگە، مۇكاپاتلاش مۇراسىملىرىغا قاتنىشىدۇ.

  1982-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن 11-كۈنىگىچە شياڭگاڭ ئىلىسا تەنتەربىيە سارىيىدا بەش مەيدان يالغۇز كىشىلىك ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزىدۇ. تەيۋەن، شياڭگالاردا بىر نەچچە قېتىملىق تېلېۋىزىيە پىروگراممىسىغا قاتنىشىدۇ. 12-ئايدا شياڭگاڭ ‹‹شادلىققا تولغان شەرق›› خەير-ساخاۋەت سەنئەت كېچىلىكىگە قاتنىشىدۇ.

  1983-يىلى دېڭ لىجۈننىڭ ناخشىچىلىق ھاياتى 15 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، شياڭگاڭدىكى بىر كاتتا مېھمانسارايدا تەبرىكلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ. 2-ئايدا ‹‹مۇھەببەت رىشتى›› ناملىق پىلاستىنكىسى تارقىتىلىشقا باشلايدۇ. ئۇ يەنە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرىدە سەييارە ئويۇن قويىدۇ. 2-ئاينىڭ ئاخىرىدا يەنە تەكلىپكە بىنائەن ئامېرىكا يېتىپ بېرىپ، قىمار شەھىرى لاس ۋىگاستىكى ‹‹قەيسەر خان ئوردىسى››دا ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزۈپ، تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە ئالقىشقا سازاۋەر بولغان ئايال ناخشىچى بولۇپ قالىدۇ.

 5-ئايدا شياڭگاڭ باۋلىجىن پىلاستىنكا شىركىتىنىڭ 1975-يىلىدىن باشلاپ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، دېڭ لىجۈننىڭ ناخشا پىلاستىنكىلىرىنىڭ ئومۇمىي سېتىلىش مىقدارى بەش مىليون دانىدىن ئېشىپ، ئەينى ۋاقىتتا جۇڭگوچە ناخشىلار مۇنبىرىدە رېكورت يارىتىدۇ. شۇ يىلى ئۇنىڭ گۇاڭدۇڭ تەلەپپۇزىدا ئېيتقان 2-پىلاستىنكىسى، يەنى 109-ناخشا پىلاستىنكىسى نەشر قىلىنىدۇ (بۇ سان ياپونىيەدە چىقارغان پىلاستىنكىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ). شۇ يىلى 12-ئايدا فىلىپپىندا ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزىدۇ، 12-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن باشلاپ، شياڭگاڭ ‹‹خۇڭلى›› تەنتەربىيە سارىيىدا ئالتە كۈندە جەمئىي يەتتە مەيدان ئويۇن قويۇپ، تۆت تۈردە يېڭى رېكورت يارىتىدۇ. 

  1984-يىلى ئەنگلىيەنىڭ لوندۇنغا ئوقۇشقا بارىدۇ ھەم ئاسىيا قىتئەسىدە سەييارە ئويۇن قويىدۇ. يەنە ناخشىچىلىق ھاياتىنىڭ 15 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرىگە بېرىپ سەييارە ئويۇن قويىدۇ. 1-ئايدا تەيبېي شەھىرىدىكى ئىستېرېئولۇق تەنتەربىيە سارىيىدا ئىككى مەيدان 15 يىللىق ناخشىچىلىق ھاياتىنى ئەسلەش باش تېما قىلىنغان ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزىدۇ، ئۇنىڭ بۇ ناخشا كېچىلىكى جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى ئاخبارات ۋاستىلىرى تەرىپىدىن بىۋاستە ئۇلاپ تارقىتىلىدۇ. 1-ئاينىڭ ئاخىرىدا سىنگاپور قاتارلىق جايلاردا سەييارە ئويۇن قويىدۇ. 2-ئايدا ياپون تىلىدا بىر پىلاستىنكا چىقىرىدۇ. ئۇنىڭ ياپونىيەدە پىلاستىنكىلىرى ياپونىيەدىكى باشقا ناخشىچىلار چىقارغان بارلىق پىلاستىنكىلار ئىچىدە بىر يىلغا يېقىن ئەڭ ئالدىنقى ئورۇننى ئىگىلەپ،  ياپونىيە سەنئەت مۇنبىرىدە يېڭى رېكورت يارىتىدۇ. 3-ئايدا تەيۋەندىكى ئالاقىدار تارماقلار تەرىپىدىن ‹‹10 مەشھۇر ئايال ياش›› بولۇپ باھالىنىدۇ. 8-ئايدا تەيبېيدا ‹‹10 داڭلىق ناخشىچى›› مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ، ‹‹ئالتۇن ئاۋاز›› مۇكاپاتىغا نائىل بولىدۇ.

  1985-يىلى 1-ئايدا دېڭ لىجۈن سىنگاپوردا ‹‹بېيجىڭ ياشلار گېزىتى››نىڭ تېلېفون زىيارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ، بۇ ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىشى ھېسابلىنىدۇ.

  1986-يىلى ئۇ ھەر قايسى جايلاردا ئۆتكۈزۈلگەن نۇرغۇن كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىدۇ. بۇ يىلى ئۇنى پىلاستىنكىلىرىنىڭ سېتىلىش مىقدارى ئىككى مىليوندىن ئېشىپ كېتىدۇ. ئامېرىكا ‹‹دەۋر ژۇرنىلى››نىڭ باھالىشى بىلەن ‹‹دۇنيادىكى يەتتە مەشھۇر ئايال ناخشا چولپىنى››، ‹‹دۇنيادىكى ئەڭ ئالقىشلانغان10 مەشھۇر ئايال ناخشا چولپىنى››، شۇنداقلا بىردىنبىر بىرلا ۋاقىتتا ئىككى خىل شەرەپكە نائىل بولغان ئاسىيالىق ناخشا چولپىنى بولۇپ باھالىنىدۇ.

  1987-يىلى شياڭگاڭ، تەيۋەن، سىنگاپور، فىرانسىيە قاتارلىق جايلاردا دەم ئالغاچ، تۈرلۈك خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىغا قاتناشقاندىن باشقا، ئاممىۋى سورۇنلاردا تولىمۇ ئاز كۆرۈنىدۇ. نيو-يوركتا ‹‹خەلقئارا جامائەت پاراۋانلىقى›› پائالىيىتىگە قاتنىشىدۇ. ياپونىيەدە ‹‹38-قېتىملىق قىزىل، ئاق ناخشا پائالىيىتى››گە قاتنىشىدۇ. شۇ يىلى يەنە ‹‹دېڭ لىجۈن تاللانما ناخشىلىرىدىن 225 ناخشا›› بېيجىڭدا تارقىتىلىدۇ.

  1988-يىلى 1-ئايدا ياپون تىلىدىكى پىلاستىنكىسى ‹‹سۆيگۈ ئەھلىنىڭ ئەپسانىسى›› ناملىق پىلاستىنكىسى نەشر قىلىنىدۇ. 8-ئايدا تەيۋەنگە قايتىپ ‹‹پارلاق 823 ـــ سەنئەت كېچىلىكى››گە قاتنىشىدۇ. شۇ يىلى 8-ئايدىن باشلاپ شياڭگاڭدا مۇقىم ئولتۇراقلىشىشقا باشلايدۇ. 12-ئايدا ياپونىيەدە 21-قېتىملىق پۈتۈن ياپونىيەدىكى ئەڭ تالانتلىق چولپان، سىملىق تېلېۋىزىيە ساھەسىدىكى ئەڭ داڭلىق چولپان، مۇزىكا ساھەسىدىكى ئەڭ داڭلىق چولپان بولۇپ باھالىنىدۇ. جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى ھەر قايسى ئاخبارات ۋاستىلىرى ئۇنى مەخسۇس زىيارەت قىلىدۇ.

  1992-يىلى 2-ئايدا تەيۋەنگە قايتىپ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە چاغاننى تەبرىكلەيدۇ. 2-ئاينىڭ 11-كۈنى بىر قىسىم ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ بىرلەشمە زىيارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ. 6-ئايدا فىرانسىيە پارىژ خاتىرە سارىيىدا ناخشا ئېيتىدۇ، 8-ئايدا ياپونىيەدىكى بىر قىسىم كۇلۇبلاردا ناخشا ئېيتىدۇ، 9-ئايدا شياڭگاڭدا ساھىبجامال تاللاش مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە بىر قىسىم داڭدار ئارتىسلار بىلەن بىللە ناخشا ئېيتىدۇ. شۇ يىلى 12-ئايدا خەنزۇ تىلىدىكى ئەڭ ئاخىرقى پىلاستىنكىسى نەشر قىلىنىدۇ.

  1993-يىلى 3-ئاينىڭ بېشىدا شياڭگاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ بىر داڭلىق پىروگراممىسىدا ئەزىز مېھمان بولۇپ سۆھبەتكە قاتنىشىدۇ. 3-ئايدا تەيۋەن تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ باشلىقىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، مەزكۇر ئىستانسا ئۆتكۈزگەن ‹‹مەڭگۈلۈك ئاشىق›› ناملىق سەنئەت كېچىلىكىگە قاتنىشىدۇ. 5-ئايدا ياپونىيەدە ‹‹سىز بىلەن مەڭگۈ بىللە ياشايمەن›› ناملىق پىلاستىنكىسىنى نەشر قىلدۇرىدۇ، بۇ پىلاستىنكا ئۇنىڭ ياپونىيەدە نەشر قىلىنغان ئەڭ ئاخىرقى پىلاستىنكىسى بولۇپ قالىدۇ. 12-ئايدا ياپونىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن 26-قېتىملىق سەنئەت ساھەسىدىكى داڭدارلارنى باھالاش مۇسابىقىسىگە ئەزىز مېھمان سۈپىتىدە قاتنىشىدۇ.

  1994-يىلى 6-ئايدا تەيۋەنگە قايتىپ، تەيۋەن قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئوفىتسېرلار مەكتىپى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش باش تېما قىلىنغان ‹‹مەڭگۈلۈك خۇاڭپۇ›› ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر سەنئەت كېچىلىكىگە قاتنىشىدۇ، بۇ ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق ئويۇن قويۇش پائالىيىتىگە قاتنىشىشى ھېسابلىنىدۇ. 10-ئايدا فىرانسىيەدىن شياڭگاڭغا يېتىپ بېرىپ، ئۆكتەبىر بايرىمىلىق تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىدۇ ھەمدە داڭلىق ناخشىچى لۇ دايوۋ بىلەن بىرلىكتە ‹‹مېيىخۇا گۈلى›› ناملىق ناخشىنى ئېيتىدۇ. 10-ئاينىڭ 22-كۈنى ياپونىيەگە يېتىپ بېرىپ، بىر كىچىك تىپتىكى سەنئەت كېچىلىكىگە قاتنىشىدۇ، بۇ ئۇنىڭ ياپونىيەدە ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئاشكارا ئويۇن قويۇشى ھېسابلىنىدۇ. 11-ئايدا شياڭگاڭدىكى مەلۇم بىر تېلېۋىزىيە پىروگراممىسىغا قاتنىشىدۇ، بۇ ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ پىروگراممىسىغا قاتنىشىشى بولۇپ قالىدۇ. شۇ يىلى ياپونىيەدە يەنە ‹‹كېچىدىكى خۇشپۇراق›› ناملىق پىلاستىنكىسى نەشر قىلىنىدۇ.

  1995-يىلى 2-ئايدا ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ. 3-ئاينىڭ 23-كۈنى شياڭگاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ بىر قېتىملىق پائالىيىتىگە قاتنىشىدۇ، بۇ ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم شياڭگاڭدا پەيدا بولۇشى بولۇپ قالىدۇ. 5-ئاينىڭ 8-كۈنى زىققا كېسىلى بىلەن داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي تايلاندتا ۋاپات بولىدۇ، شۇ يىلى ئۇ ئەمدىلا 42 ياشتا ئىدى. 5-ئاينىڭ 11-كۈنى ئۇنىڭ جەسىتى تايلانتتىن تەيۋەنگە يۆتكەپ كېلىنىدۇ، 5-ئاينىڭ 28-كۈنى پۈتۈن يەر شارىدىكى جۇڭگولۇقلار ئۇنى تەيۋەن تەيبېيدىكى ئالتۇنتاغ ‹‹بامبۇكزارلىق››قا ئۇزىتىپ قويىدۇ. چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى ئۈن-سىن شىركەتلىرى ئۇنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ‹‹دېڭ لىجۈننى خاتىرىلەش پىلاستىنكىسى›› تارقىتىدۇ. ناخشا چولپىنى ۋاڭ فېي مەخسۇس ئۇنىڭغا ئاتاپ ناخشا ئېيتىدۇ.

  1996-يىلى شياڭگاڭدىكى شىلى بىناسىغا ئوت كېتىپ، دېڭ لىجۈننىڭ باۋلىجىن پىلاستىنكا شىركىتىدە ساقلىنىۋاتقان ئەسلى ئاۋازدىكى ئانا پىلاستىنكىلار كۆيۈپ كېتىدۇ. دېڭ لىجۈننىڭ ياپونىيەدىكى باش ۋاكالەتچىسى ئۇنىڭغا ئاتالغان ‹‹گۈزەللىك ۋە غېرىبلىق›› ناملىق تەرجىمىھال خاراكتېرلىك پىلاستىنكىنى نەشر قىلدۇرىدۇ.

  1998-يىلى دېڭ لىجۈننىڭ ناخشا پىلاستىنكىسى ‹‹ھاياتلىق يولىدا سەيلە قىلىش››غا مۇزىكىلىق دىرامما ئىشلىنىدۇ.

  1999-يىلى ئامېرىكىدىكى دۇنيادىكى ئەڭ نوپۇزلۇق ‹‹دەۋر›› ژۇرنىلى 20-ئەسىرىدىكى ئەڭ زور تەسىرگە ئىگە سەنئەتكارلارنى باھالاپ چىقىدۇ، نەتىجىدە جۇڭگولۇقلاردىن پەقەت لى شياۋلوڭ بىلەن دېڭ لىجۈن ئىككىيلەنلا بۇ خىل شەرەپكە نائىل بولىدۇ.

  2000-يىلى ئۇ ئېيتقان ‹‹يۇلتۇزلار مېنىڭ قەلبىم›› ناملىق ناخشىغا مۇزىكىلىق دىراما ئىشلىنىدۇ.

دېڭ لىجۈننىڭ  شانشەرەپلىرى1970-يىلى 1-ئايدا شياڭگاڭدا ‹‹ئاقئاپتەپپەرەس مېيى ساخاۋەت خانىشى›› دېگەن شەرەپكە نائىل بولۇپ، بۇ تۈردىكىچولپانلار ئىچىدە يېشى ئەڭ كىچىك ساخاۋەتچى بولۇپ قالىدۇ. شۇ يىلى 10-ئايدا ئارتىسجاڭ جۇڭ بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئىككىنچى فىلىمى ‹‹ناخشا مەستانىسى خانقىز››نىئىشلەيدۇ.

  1971-يىلى 2-ئايدىن 8-ئايغىچە،شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى، شۇنداقلا شياڭگاڭ، سىنگاپور، مالايشىيا، فىلىپپىن،تايلاند، ۋېيتناملاردا ئويۇن قويۇشقا قاتنىشىدۇ.

   1975-يىلى 7-ئايدا، دېڭ لىجۈن شياڭگاڭ ‹‹باۋلىجىن›› پىلاستىنكا شىركىتى بىلەن توختاملاشقان، 9-ئايدا ‹‹شياڭگاڭدىكى 10 چوڭ ناخشا چولپىنىنىڭ بىرى›› بولۇپ باھالىنىپ مۇكاپاتلانغان. شۇ يىلى يەنە ‹‹شياڭگاڭدىكى 10 چوڭ مەشھۇر ئايال ياش›› بولۇپ باھالىنىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

لەگلەك تورى

http://leglek.com/news.php?id=16896

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

4 نومۇر (3 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    33.3%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    66.7%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#