ئەركىن ئىمىرباقى

ئەركىن ئىمىرباقى

ئەركىن ئىمىرباقى ئەر، ئۇيغۇر، 1953-يىلى 9-ئايدا تۇغۇلغان، شىنجاڭ قەشقەر يېڭىسار ناھىيەسىدىن. 1980-يىلى 6-ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى گە كىرگەن، 1971-يىلى 3-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان. غەربىي شىمال يېنىك سانائەت ئىنستىتۇتى يېنىك سانائەت 2-فاكۇلتېتى سىلىكات تۇزلىرى كەسپىنى پۈتتۈرگەن، ئالىي مەكتەپ ئادەتتىكى سىنىپ ئوقۇش تارىخىغا ئىگە.

ئۇيغۇرچە ئىسمى ئەركىن ئىمىرباقى
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
يۇرتى شىنجاڭ يىڭسار ناھىيە
كەسپى سىلىكات تۇزلىرى كەسپى
خىزمەتكە چىققان 1971-يىلى3-ئاي
خەنزۇچە ئىسمى 艾力更·依明巴海
مىللىتى ئۇيغۇر
تۇغۇلغان ۋاقتى 1953-يىلى 9-ئاي
پۈتتۈرگەن مەكتىپى غەربىي شىمال يېنىك سانائەت ئىنستىتۇتى
پارتىيەگە كىرگەن 1980-يىلى 6-ئاي

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

1971-يىلى 3-ئايدىن 1972-يىلى 9-ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈرۈمچى ناھىيەسى شەرق شامىلى گۇڭشىسىدا قايتا تەربىيە ئالغان. 1972-يىلى 9-ئايدىن 1974-يىلى 10-ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈرۈمچى شەھەرلىك چىنە زاۋۇتىنىڭ ئىشچىسى بولۇپ ئىشلىگەن. 1974-يىلى 10-ئايدىن 1977-يىلى 10-ئايغىچە، غەربىي شىمال يېنىك سانائەت ئىنستىتۇتىنىڭ يېنىك سانائەت 2-فاكۇلتېتى سىلىكات تۇزلىرى كەسپىدە ئوقۇغان. 1977-يىلى 10-ئايدىن 1984-يىلى 1-ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈرۈمچى شەھەرلىك چىنە زاۋۇتىنىڭ تېخنىكى، سېخ مۇدىرى، مۇئاۋىن زاۋۇت باشلىقى، مۇۋەققەت زاۋۇت باشلىقى بولغان. 1984-يىلى 1-ئايدىن 1986-يىلى 11-ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈرۈمچى شەھەرلىك سانائەت ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى بولغان. 1986-يىلى 11-ئايدىن 1992-يىلى 9-ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىقتىساد كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان (بۇ مەزگىلدە: 1987-يىلى 3-ئايدىن 1987-يىلى 7-ئايغىچە، جياڭسۇ ئۆلكىسى نەنجىڭ شەھەرلىك تاشقى ئىقتىساد-سودا كومىتېتىدا مۇدىر ياردەمچىسى بولۇپ ۋەزىپە بىلەن چېنىققان. 1989-يىلى 5-ئايدىن 1992-يىلى 2-ئايغىچە، جۇڭگو-سوۋېت تاشكەنت خەلقئارا چايدان چەكلىك شىركىتىنىڭ جۇڭگو تەرەپ دىرېكتورى، پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ ۋاقىتلىق سېكرېتارى بولغان). 1992-يىلى 9-ئايدىن 1994-يىلى 11-ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈرۈمچى شەھەر باشلىقىنىڭ ياردەمچىسى بولغان. 1994-يىلى 11-ئايدىن 1997-يىلى 7-ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد-سودا كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان (بۇ مەزگىلدە: 1997-يىلى 5-ئايدىن 1997-يىلى 7-ئايغىچە، دۆلەتلىك مەمۇرىيەت ئىنستىتۇتىدا بىلىم ئاشۇرغان). 1997-يىلى 7-ئايدىن 1999-يىلى 9-ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ماشىنىسازلىق ئېلېكتىرون سانائىتى نازارىتى (دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ئىشخانىسى) پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، نازىرى (مۇدىرى) بولغان. 1999-يىلى 9-ئايدىن 2001-يىلى 1-ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، باش كاتىپى، خەلق ھۆكۈمىتى ئىشخانىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سېكرېتارى بولغان. 2001-يىلى 1-ئايدىن 10-ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان. 2001-يىلى 10-ئايدىن 2004-يىلى 9-ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان. 2004-يىلى 9-ئايدىن 2008-يىلى 1-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش كومىتېتى پارتكومىنىڭ سېكرېتارى بولغان. 2008-يىلى 1-ئايدىن ھازىرغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىمەكتە.[0]

ئەركىن ئىمىرباقى 2013-يىلى 14- مارت چۈشتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلگەن 12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سايلىمىدا، ئالىي سوت مەھكىمەسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ شېڭجۈن، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ چېن، مەركىزىي تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شېن يۆيۆ، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى جى بىڭشۇەن، تەرەققىيات- ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جاڭ پىڭ، شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شياڭباپىڭسو، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئەركىن ئىمىرباقى، جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋەن ئېشياڭ، جۇڭگو دېموكراتىيە ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى جاڭ باۋۋېن، سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى چېن جۇ قاتارلىقلار مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىقىغا سايلاندى.[1]

مۇخبىرىمىز خەن لياڭ

    مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەركىن ئىمىرباقى 29 - سېنتەبىر مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ 3 - تارماق ئۆمىكىنى باشلاپ ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئاساسىي قاتلامدىكى باشقۇرۇش كومىتېتلىرى، مەكتەپلەر ۋە كارخانىلارنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم بارغانلىكى يېرىدە ئاممىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى.

    ئەركىن ئىمىرباقى 3 - تارماق ئۆمەكتىكىلەر بىلەن ئاۋۋال تەڭرىتاغ رايونى داۋان تەۋەلىك رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتىغا بېرىپ، مىڭخۇا كوچىسى ساقچىخانىسىدىكى ئاساسىي قاتلامدا ئىشلەۋاتقان ساقچىلاردىن ھال سورىدى، دېلو بېجىرىش رايونىدا ساقچىلارنىڭ خىزمىتىنى كۆزدىن كەچۈردى، بىرلەشمە جەڭ قىلىش قوماندانلىق ئىشخانىسىدا تاسادىپىي ۋەقەلەرنى ۋاقىتلىق بىر تەرەپ قىلىش مانېۋىرىنى كۆردى، يۈرۈشلۈك مۇلازىمەت چوڭ زالىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلات قۇرۇلۇشى، مۇقىملىقنى ساقلاش خىزمەت ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. ئەركىن ئىمىرباقى مۇنداق دېدى: ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مەھەللىلەردە ساقچى ئىشلىرىنى يېڭىچە باشقۇرۇش ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىش تەدبىرى ئۆزگىچە، ئۈنۈملۈك بوپتۇ، ياخشى ئۇسۇلدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى ئومۇملاشتۇرۇش، مەركىزىي شەھەر ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلغان ئاساسىي قاتلام قۇرۇلۇش يولىدا داۋاملىق مېڭىش كېرەك.

    ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5 - باشلانغۇچ مەكتەپ شەرەپلىك تارىخىي ئەنئەنىگە ئىگە مەكتەپ ھەم شىنجاڭدىكى كۆلىمى بىر قەدەر چوڭ بولغان پۈتۈن كۈنلۈك ئوقۇش تۈزۈمىدىكى مىللىي ۋە خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار ئارىلاش ئوقۇيدىغان مەكتەپ. ئەركىن ئىمىرباقى 3 - تارماق ئۆمەكتىكىلەر بىلەن بىللە ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5 - باشلانغۇچ مەكتەپكە كېلىپ «قوش تىل» ئوقۇتۇش ئەھۋالى، پۇتبول تەنھەرىكەت تۈرىنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى ھەم ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلىرىنى يوقلىدى. ئەركىن ئىمىرباقى مەكتەپنىڭ پۇتبول كوماندىسىدىكى بالىلارنى كەلگۈسىدە پۇتبول چولپىنى بولۇشقا رىغبەتلەندۈردى ھەم مەكتەپتە ئۆتكۈزۈلگەن پۇتبول مۇسابىقىسى ئۈچۈن توپ باشلاپ بەردى.

    94 ياشقا كىرگەن پېشقەدەم قىزىل ئارمىيە جەڭچىسى دۈەن بېيخەي ھازىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1 - ياشانغانلار ساناتورىيەسىدىكى بىردىنبىر پېشقەدەم قىزىل ئارمىيە جەڭچىسى بولۇپ، ئەركىن ئىمىرباقى دۈەن بېيخەي ۋە ئۇنىڭ خوتۇنىنى يوقلىدى. دۈەن بېيخەي ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت مېنى ئۇنتۇپ قالمىدى، كۈنلىرىمنى بەختلىك ئۆتكۈزۈۋاتىمەن.

    ئەركىن ئىمىرباقى قاتارلىقلار 29 - سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى)دىكى شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىگە كېلىپ، كارخانىنىڭ تەرەققىياتى، ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرىنى باشقۇرۇش، ئىشلەپچىقىرىش، ساقلاش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى.

    ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن نەيىم ياسىن، جۇ خەيلۇن مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ پائالىيىتىدە ھەمراھ بولدى.[2]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 

http://www.uycnr.com/zl/rw/201201/t20120126_256182.html

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#