قارا كىشمىش ئۈزۈم
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
قارا كىشمىش ئۈزۈم ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ ئىلى رايۇنىدا ئۆستۈرۇلىدۇ ، يەنى « شىۋىرغان » دەپمۇ ئاتايدۇ . تۈپىنىڭ ئۆسۈشى ئوتتۇراھال كۈچلۈك ، مەھسۇلاتى يۇقىرى ، ئىلى رايۇنىدا 4 - ئاينىڭ ئاخىرلىرى بىخلىنىپ ، 6 - ئاينىڭ باشلىرى چېچەكلەيدۇ ، 9 - ئاينىڭ ئوتتۇرلىرى پىشىدۇ .
يۇمران نوتىلىرى سۇس يېشىل رەڭدە ، تۈكچىلىرى ناھايىتى ئاز ، بىر يىللىق شاخچىلىرى سېرىق يېشىل بولۇپ ، پارقىراق ئەمەس ، بوغۇم ئارلىقى 10 سانتىمېتىر ، مېۋىسى ناھايىتى زىچ ھەم چىڭ ئورۇنلاشقان ، دانىسى تۇخۇم شەكىللىك ، ئوتتۇرىچە ئېغىرلىقى 2.19 گرام ، چوڭلىرى 3 گرام ، دىئامېتىرى 14 * 18 مىللىمېتىر كېلىدۇ ، مېۋە پوستى قارا سۆسۆن رەڭدە ، قېلىن ، يۇمشاق ، شىرنىلىك ، چۈچۈمەل ، قەنىت مىقدارى % 16 - 15 ، سۈپىتى ئەلا ، ئۇرۇقسىز . [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.