قىزىل يېزىسى دىگەن سۆزلۈك كۆپ خىل مەنە تۈرىنى ئىپادىلىگەن، تۆۋەندىكى مەنە تۈرلىرى بويىچە كۆرۈڭ:
  1. قىزىل يېزىسى (باي ناھىيەسى)
  2. قىزىل يېزىسى (يېڭىسار ناھىيەسى )
باي ناھىيەسى

قىزىل يېزىسى

قىزىل يېزىسى

قىزىل يېزىسى باي ناھىيەسىنىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان. ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان تۈز سىزىقلىق ئارىلىقى 47.3 كىلومېتىر.ئومۇمىي كۆلىمى 923.15 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئومۇمىي نوپۇسى 8376.

ئۇيغۇرچە نامى قىزىل يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 923.15 كۋادرات كىلومېتىر
كىلىماتى ئوتتۇرا مۆتىدىل بەلۋاغنىڭ قۇرۇقلۇق تىپىدىكى كىلىماتى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 克孜尔乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون باي ناھىيەسى
نوپۇسى 8376

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قىزىل يېزىسىقىزىل يېزىسى باي ناھىيەسىنىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان. ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان تۈز سىزىقلىق ئارىلىقى 47.3 كىلومېتىر. شىمالىي قېيىر يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، غەربىي سايرام يېزىسى بىلەن قوشنا، شەرقتە كۇچا ناھىيەسى بىلەن تۇتىشىدۇ، جەنۇبتا توقسۇ ناھىيەسى ۋە  چۆلتاغ تېغى بىلەن چېگرالىنىدۇ. جەنۇبتىن شىمالغا ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 44.4، كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكە كەڭلىكى تەخمىنەن 35.4 كىلومېتىر، ئومۇمىي كۆلىمى 923.15 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئومۇمىي نوپۇسى 8376.

قىزىل يېزىسى قىزىل يېزىسىغا قاراشلىق ئۆتەڭ كەنتى، تېتىر كەنتى، مىس مەھەللە كەنتى، جىگدىلىك كەنتى، دۆڭشور كەنتى، چوناقمەھەللە كەنتى، قارىغايمەھەللىسى كەنتى، مازار غوجام كەنتى، سۆگەت بۇلاق كەنتى، بەگچى مەھەللىسى كەنتى، قىزىلتۇر كەنتى قاتارلىق 11 كەنت ئاھالە كومىتېتى، بىر چارۋىچىلىق فېرمىسى بار.

قىزىل يېزىسىقىزىل يېزىسى باي ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي ئۇچىغا، قاراقىر دۆڭ چوققىسى ۋە چۆلتاغ ئارىلىقىغا جايلاشقان. بۇ يېزا يېرىنىڭ شىمالى ئېگىز، جەنۇبى پەس،قىزىل دەرياسى شىمالدىن جەنۇبقا توغرىسىغا كېسىپ ئۆتۈپ، ئۆگەن دەرياسىغا قۇيىلىدۇ. دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى2130- 1146 مېتىر، ئوتتۇرا مۆتىدىل بەلۋاغنىڭ قۇرۇقلۇق تىپىدىكى كىلىماتىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃8.9، بىر ئايدا ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃15.9-، 7-ئايدىكى ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃24. قىروسىز مەزگىلى 150 ~ 160 كۈن، يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى 88 مىللىمېتىر.

قىزىل يېزىسىقىزىل يېزىسىنىڭ دېھقانچىلىق رايونلىرى قىزىل دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىغا تارقالغان. يەر ئاستى سۈيى مول، بۇ يەردە سۇ مەنبەسى يېتەرلىك، سۇغىرىش قولايلىق، يەر تەكشى. بۇغداي تېرىشقا ماس كېلىدۇ، قوناق، شال، قىچا، زىغىر قاتارلىق زىرائەتلەرنى تېرىيدۇ. ئەمما شەرقىي، غەربىدىكى سايلار ۋە شورلۇق يەرلەرنى چەكلىمىسىدىن  تېرىلغۇ يەر كۆلىمى كىچىك، پەقەت 17392 مو، يېزا جەنۇبىدىكى مۇزات دەرياسى ۋە ئۆگەن دەرياسى تۇتاشقان جاي بولسا « قىزىل سۇ ئامبىرى»، ئاپتونوم رايون بويىچە ئەڭ چوڭ سۈنئىي كۆل. 

يېزا تەۋەسىنىڭ شىمالىدىكى تاغلىق رايونلاردا كۆمۈر، مىس، گرافىت، گىپىس قاتارلىق كان بايلىقلىرى بار. بۇ يېزىنىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتى ئۈزۈم، دېھقانچىلىق رايونلىرىدا ھەممە ئۆيدە ئومۇميۈزلۈك ئۈزۈم ئۆستۈرىلىدۇ.

قىزىل يېزىسىقىزىل يېزىسىنىڭ 9 كىلومېتىر شەرقىي جەنۇبىدا، مۇزات دەرياسىنىڭ  شىمالىي قىرغىقىغا ئىككى كىلومېتىر كېلىدىغان قۇم شېغىللىق تاغ ئۈستىدە دۇنياغا مەشھۇر بايدىكى قىزىل مىڭئۆيلەر بار. قىزىل مىڭ ئۆيى تەخمىنەن مىلادىيە 3-ئەسىردە قېزىلغان، مىلادىيە 9-ئەسىردە تاشلىنىپ قالغان. غارنىڭ كۆلىمى زور، دۇنخۇاڭدىن قېلىشمايدۇ. تېتىر كەنتى ئاھالە كومىتېتى، جارىپ مەھەللىسىنىڭ شىمالىدىكى قۇم بارخانلىرىدا مىڭئۆي ئۆڭكۈر خارابىسى بار. بۇ ئىككى جايدىكى بۇددا دىنى مەدەنىيەت خارابىسى، مەملىكەت بويىچە تۇنجى تۈركۈمدىكى نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئورنىدۇر. 

5، 6 يۈز يىل ئىچىدە، قىزىل مىڭئۆي سەنئىتى كۈسەن بۇددا دىنىنىڭ گۈللىنىشىگە ئەگىشىپ گۈللەنگەن ۋە خاراپلاشقان، شۇنداقلا غەرب مەدەنىيىتى ۋە يەرلىك مەدەنىيەتنىڭ بىرىكتۈرۈلمىسى بوپ قالغان. بۇ يەردە جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىنى كۆرگىلى، يەنە قەدىمكى ھىندىستان گرېتسىيە، رىم مەدەنىيىتىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ. تاش غار ئىچىدىكى گانتارا سەنئەت ئۇسلۇبى قەدىمكى يۇنان، رىم مەدەنىيىتى بىلەن ھىندىستان بۇددا دىنى مەدەنىيىتىنىڭ مەھسۇلى. ھەر خىل مەدەنىيەت كۈسەندە ئورگانىك بىرلەشتۈرۈلۈپ، بىر خىل يېڭى مەدەنىيەت بارلىققا كەلگەن، شۇنىڭ بىلەن كۈسەن مەدەنىيىتى تېخىمۇ جۇشقۇن ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولغان. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#