جۇخارگۈل

جۇخارگۈل (سەبدەگۈل) نىڭ ماسلىشىشچانلىقى كۈچلۈك، قىرو-سوغۇقلاردىن قورقمايدۇ؛ گۈزەل ھەم خىلمۇخىل، ناھايىتى ھۇزۇرلىنارلىق؛ قەدىمدىن تارتىپ جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ مىللىي روھىنىڭ سىمۋولى قىلىنىپ، جۇخارگۈل مېيخۇا گۈلى، كەترەن، بامبۇكلار بىلەن بىللە «تۆت ئېسىلزادە» دېيىلىدۇ.

ئۇيغۇرچە ئىسمى جۇخارگۈل
تەۋەلىكى ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
سىنىپى قوش پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى
ئائىلىسى جۇخارگۈل ئائىلىسى
تۈرى جۇخارگۈل
خەنزۇچە ئىسمى 菊花
تىپى يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى
تۈركۈمى قوڭغۇراقگۈل تۈركۈمى
ئۇرۇقداشلىرى جۇخارگۈل ئۇرۇقدىشى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جۇخارگۈل ئەسلىدە ئۇنداق چىرايلىق ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭ ئەجدادى دالىدا ئۆسىدىغان بىر خىل كىچىك سېرىق گۈل ئىدى. ئۇ تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنكىدەك سورتى كۆپ گۈلگە ئايلىنىشتا ئۇزۇن مەزگىللىك سۈنئىي يېتىشتۈرۈشنى باشتىن كەچۈرگەن. تەبىئەت دۇنياسىدا بەزىدە بىر تۈپ كىچىك جۇخارگۈلنىڭ شېخىدا تۇيۇقسىز بىر تال سېرىق گۈل ئوتتۇرىسىدا يېشىل گۈل ئېچىلىدۇ. بۇ «بىخ ئۆزگىرىشى» دىن بولىدۇ. بۇ كىچىككىنە ئۆزگىرىشمۇ كىشىلەرنىڭ كۈچلۈك قىزىقىشىنى قوزغىغان. شۇڭا كىشىلەر بۇ بىر تال شاخنى كېسىۋېلىپ، توپىغا قەلەمچە قىلىپ تىكىپ، كۆڭۈل قويۇپ پەرۋش قىلغان. مۇشۇنداق قىلغاندا ئۇنىڭ كېيىن ئېچىلىدىغان سېرىق گۈلنىڭ ئوتتۇرىسىدا يېشىل گۈل ئېچىلىشى مۇمكىن دەپ ئويلىغان. ئاندىن مۇشۇنداق ئارقا ئارقىدىن ئەۋلاد تاللاش، كۆپەيتىش ئارقىلىق مودەنگۈلگە ئوخشىشىدىغان يېشىل جۇخارگۈل دۇنياغا كەلگەن.

  جۇخارگۈلنىڭ گۈل شەكلى ئاجايىپ بولۇپ، چوڭلىرى چىنىدەك، كىچىكلىرى پۇرچاقتەك، بەزىلىرى بىر شاختا بىر تا، خۇددى گۈلچىمەنگە ئوخشاش، بەزىلىرى بىر شاختا 100 تال بولۇپ، خۇددى پولات ئۇچقۇنلىرىدەك، بەس-بەستە ئېچىلىدۇ، ئادەم ئۇنى قايتا-قايتا كۆرسىمۇ زېرىكمەيدۇ. جۇخارگۈل مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈك، گەرچە سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولسىمۇ، لېكىن چاتقالغا ئوخشاپ قالىدۇ، كەنجى چاتقال تىپلىق دېيىشكە بولىدۇ. گۈللىرى توپلىشىپ ئۆسۈپ باشسىمان گۈل رېتىنى شەكىللەندۈرگەن. بۇ، مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى. گۈل رېتىنىڭ مەركىزىدىكى گۈللەر نەيچىسىمان گۈل بولۇپ، ئاتىلىقى، ئانىلىقى بولىدۇ، مېۋىلىيەلەيدۇ؛ گۈل رېتىنىڭ چۆرىسىدىكى گۈللەر تىلسىمان گۈل بولۇپ، بىر جىنسلىق، مېۋىلىيەلمەيدۇ. تىلسىمان گۈللەرنىڭ تەكشى بەرگلىك، قوشۇقسىمان بەرگلىك، نەيچىسىمان بەرگلىك قاتارلىق ھەر خىل بەرگلىكلىرى بولىدۇ، بۇلار سورتلىرىغا قاراپ پەرقلىنىدۇ. 

   جۇخارگۈلنىڭ سورتلىرى نەچچە مىڭ خىلغا يېتىدۇ. چېچەكلەش ۋاقتىغا قاراپ ئايرىغاندا يازلىق جۇخارگۈل، كۈزلۈك جۇخارگۈل ۋە كەچ كۈزلۈك جۇخارگۈل دەپ ئۈچ چوڭ خىلغا ئايرىشقا بولىدۇ. لېكىن، كۈزلۈك جۇخار گۈل ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ، سورتلىرىمۇ ئەڭ كۆپ. ئەگەر گۈل شەكلىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىگە قاراپ ئايرىغاندا چوڭ جۇخارگۈل، ئوتتۇراھال جۇخارگۈل ۋە كىچىك جۇخارگۈل دەپ ئۈچ خىلغا ئايرىلىدۇ، چوڭ جۇخارگۈل ئاساسىي ئورۇندا، كىچىك جۇخار گۈل ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.

   يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شەكىل يارىتىش ۋە تېرىپ ئۆستۈرۈش تېخنىكىسى كامالەتكە يەتتى. ئاشۇ ئاجايىپ چىرايلىق جۇخارگۈللەر كۆڭۈل قويۇپ يېتىشتۈرۈش ۋە جايلاشتۇرۇش ئارقلىق، شەكلى تېخىمۇ خىلمۇ خىللىشىپ، ئومۇمىي روھى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشقان. ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ شەكلى بىلەن روھى بىر گەۋدىلىشىپ نازاكەتلىك كۆرۈنىدۇ؛ بەزىلىرى رەڭگارەڭ گۈللەرگە ئورىلىپ جىلۋە قىلىپ تۇرىدۇ. بەزىلىرى نەپىس، چىرايلىق، تەسىرلىك، جانلىق كۆرۈنىدۇ. كىشىلەر ئۇلارنى دائىم زاللارغا، ھويلا-ئاراملارغا، بالكون-پېشايۋانلارغا، كارىدور-ئايۋانلارغا تىزىپ قويىدۇ ياكى ئۆيلەرنىڭ ئالدىغا، چىتلاق-قاشالارنىڭ يېنىغا، يول بويلىرىغا تېرىپ ئۆستۈرۈپ چوڭ تاشلار، دەل-دەرەخلەر، خۇش پۇراق ئوت-چۆپلەر، كىچىك راۋاقلارغا سەپلەپ ئۆستۈرسە، تېخىمۇ كۆركەم، تېخىمۇ قەدىمىي گۈزەل مەنزىرە شەكىللىنىپ كىشىنى شېرىن خىياللارغا چۆكتۈرىدۇ.

   مەملىكىتىمىز خەلقى سۇڭ دەۋرىدىن باشلاپلا شەكىل يارىتىپ ئۆستۈرۈپ تاماشا قىلىنىدىغان سەنئەتلىك جۇخارگۈل سورتلىرىنى ئۆستۈرۈشنى پەيدا قىلغان ۋە گۈللەتكەن. 

جۇخار گۈلنىڭ گۈڭگۈرت(Ⅳ) ئوكسىدقا بولغان قارشىچانلىقى ناھايىتى كۈچلۈك، ئىس-تۈتەك ۋە توزانلارنى، ھىدروخلورىد، ھىدروفتورىد قاتارلىق زىيانلىق گازلارنىمۇ سۈمۈرۈپ قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە. شۇڭا، مۇھىتنى ساپلاشتۇرۇشتىكى كۆڭۈلدىكىدەك ئۆسۈملۈك ھېسابلىنىدۇ، زاۋۇت ‐ كانلاردەك بۇلغانغان رايونلاردا كېڭەيتىپ تېرىپ ئۆستۈرۈشكە ماس كېلىدۇ.

    مەملىكىتىمىزنىڭ تارىخىي دەۋرلىرىدىكى ئەدەبىي ئەسەرلىرى ۋە شىجۈ تىياتىرلىرى، شېئىرلار، سىزما رەسىملىرىنىڭ ھەممىسىدە جۇخارگۈلنى مەدھىيىلەيدىغان ئاساسىي تېمىلىرى كۆپ. «ئۆلۈشكە رازى قۇچاقلاپ گۈل شاخلىرىدا، ھەم رازى تۇرۇشقا سوغۇق شامىلىدا» دېگەن مىسرالار جەنۇبىي سۇڭ دەۋرىدىكى شائىر جىن سىشياۋنىڭ جۇخارگۈلنىڭ ھەققانىيەتتە چىڭ تۇرۇش، ئىرادىسىدىن قايتماس روھىغا بولغان مەدھىيىلەش ھېسسىياتىنى ئىپادىلەپ بەرگەن. 



جۇخارگۈل نېمە ئۈچۈن ھەر خىل-ھەر ياڭزا بولىدۇ؟

شالغۇتلاشتۇرۇش ئارقىلىقمۇ يېڭى سورتلارنى يېتىشتۈرۈپ چىققىلى بولىدۇ. گۈل ئېچىلىدىغان مەزگىلدە قىزىل جۇخارگۈلنىڭ گۈل چېڭى ئاق جۇخارگۈلگە سېلىنسا. بۇنىڭدىن شەكىللەنگەن ئەۋلاد قىزىل ۋە ئاقتىن ئىبارەت ئىككى خىل ئىرسىيەتكە ئىگە بولىدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، باغۋەنچىلىك مۇتەخەسسىسلىرى يۇقىرى يېڭى تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ جۇخارگۈلنىڭ شېخى، ئۇرۇقىنى رادىئاتسىيىلىك بىر تەرەپ قىلىپ، ئۇلاردا «تۇيۇقسىز ئۆزگىرىش» پەيدا قىلدى. بۇنداق قىلغاندا، بىر تۈپ سېرىق جۇخارگۈلىدە قىزىل گۈل ئېچىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە گۈل چېڭى ئارقىلىق سورت يېتىشتۈرۈش، تەن ھۈجەيرىسىنى شالغۇتلاشتۇرۇش. . . قاتارلىقلار ئارقىلىقمۇ يېڭى سورتلارنى تېخىمۇ كۆپ تېخىمۇ تېز بەرپا قىلغىلى بولىدۇ.

بىر تۈپ جۇخارگۈل ئۈستىدە ھەر خىل رەڭدىكى ۋە ئوخشاش بولمىغان شەكىلدىكى بىر قانچە خىل گۈلنىڭ ئېچىلىشىغا كەلسەك، بۇنى باغۋەنچىلىك مۇتەخەسسىسلىرى ئۇلاش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ يېتىشتۈرۈپ چىققان.

مەملىكىتىمىزنىڭ تارىخىي دەۋرلىرىدىكى ئەدەبىي ئەسەرلىرى ۋە شىجۈ تىياتىرلىرى، شېئىرلار، سىزما رەسىملىرىنىڭ ھەممىسىدە جۇخارگۈلنى مەدھىيىلەيدىغان ئاساسىي تېمىلىرى كۆپ. «ئۆلۈشكە رازى قۇچاقلاپ گۈل شاخلىرىدا، ھەم رازى تۇرۇشقا سوغۇق شامىلىدا» دېگەن مىسرالار جەنۇبىي سۇڭ دەۋرىدىكى شائىر جىن سىشياۋنىڭ جۇخارگۈلنىڭ ھەققانىيەتتە چىڭ تۇرۇش، ئىرادىسىدىن قايتماس روھىغا بولغان مەدھىيىلەش ھېسسىياتىنى ئىپادىلەپ بەرگەن. 

مەملىكىتىمىزنىڭ تارىخىي دەۋرلىرىدىكى ئەدەبىي ئەسەرلىرى ۋە شىجۈ تىياتىرلىرى، شېئىرلار، سىزما رەسىملىرىنىڭ ھەممىسىدە جۇخارگۈلنى مەدھىيىلەيدىغان ئاساسىي تېمىلىرى كۆپ. «ئۆلۈشكە رازى قۇچاقلاپ گۈل شاخلىرىدا، ھەم رازى تۇرۇشقا سوغۇق شامىلىدا» دېگەن مىسرالار جەنۇبىي سۇڭ دەۋرىدىكى شائىر جىن سىشياۋنىڭ جۇخارگۈلنىڭ ھەققانىيەتتە چىڭ تۇرۇش، ئىرادىسىدىن قايتماس روھىغا بولغان مەدھىيىلەش ھېسسىياتىنى ئىپادىلەپ بەرگەن. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#