ئۇزۇن بازىرى
ئۇزۇن بازىرى تەۋەلىك جەھەتتە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ كۇچا ناھىيەسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە، كۇچا ناھىيەسىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان، ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى توققۇز كىلومېتىر.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئۇزۇن بازىرىئۇزۇن بازىرى، تەۋەلىك جەھەتتە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ كۇچا ناھىيەسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە، كۇچا ناھىيەسىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان، ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى توققۇز كىلومېتىر. بازارنىڭ كۆلىمى 136.8 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئۇنىڭ قارىمىقىدا 20 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار، نوپۇسى 23 مىڭ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى % 99 نى ئىگىلەيدۇ، بۇ جاينىڭ ئىقتىسادى يېزا ئىگىلىك ۋە قوشۇمچە كەسىپنى ئاساس قىلغان.
ئۇزۇن بازىرىئۇزۇن بازىرىغا قاراشلىق 20 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار: توپا ئېرىق كەنتى، ئۇزۇن 1-كەنتى، ئۇزۇن 2-كەنتى، يېڭىتۇر 1-كەنتى، يېڭىتۇر 2-كەنتى، ئۇزۇنئېرىق كەنتى، ئاقتىچى كەنتى، ئېنىغى كەنتى، ياربېشى كەنتى، بۇقىچى كەنتى، 1-ئۈچقارا كەنتى، 2-ئۈچقارا كەنتى، تاغاچى كەنتى، غولئېرىق كەنتى، قۇمئېرىق كەنتى، سېغىن سۆگەت 1-كەنتى، سېغىن سۆگەت 2-كەنتى، سېغىن سۆگەت 3-كەنتى، سېغىن سۆگەت 4-كەنتى، قىچىلىق كەنتى.
ئۇزۇن بازىرى ئاقتىچى كەنتىگە كۇچا ناھىيەسى تەرىپىدىن « ئەل ئىچى سەنئىتى كەنتى » دەپ نام بېرىلگەن ، بۇ كەنت ئاھالىسى ئەل ئىچى ئەنئەنىۋى سەنئەتنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدۇ، كۆپ قىسىم كەنت ئاھالىسىنىڭ ھەممىسى دۇتار، تەمبۇر،غىجەك، داپ، راۋاپ، ساتتار قاتارلىق مىللىي چالغۇ ئەسۋابلىرىنى چالالايدۇ. كەنت بويىچە خەلق سەنئەتكارلىرى 28 كىشى، نۇرغۇن سەنئەتكارلار كۆپ قېتىم ھەر دەرىجىلىك دېھقان-چارۋىچىلار ئەدەبىيات-سەنئەت كۆرىكىگە قاتناشقان ھەمدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.