كۆممە قېرىن
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
1. قېرىننىڭ باش تەرىپىدىن كىچىكرەك تۆشۈك ئېچىپ، تەتۈر ئۆرۈپ سوغۇق سۇ بىلەن بىر نەچچە قېتىم يۇغاندىن كېيىن، ئىچى ۋە تېشىنى تۇز سۈيى بىلەن يۇيۇپ، شىلىملىق تىرىپلىرىنى چىقىرىۋېتىپ، ئىسسىق سۇدا چايقىلىدۇ. كېيىن بىر تەرىپىنى پىششىق يىپ بىلەن بوغۇپ قويۇلىدۇ.
2. ئۆپكە، جىگەر، بۆرەك، يۈرەك، ياغلىق ئۈچەي، چاۋا ياغلارنى چوڭ-چوڭ توغراپ، ئۇنىڭغا تۇز، زىرە، كاۋاۋىچىن، ئۇششاق چانالغان سامساق، پىياز ئارىلاشتۇرۇپ قىيما
قىلىنىدۇ.
3. تەييارلانغان قىيمىنى قېرىننىڭ ئېغىز تۆشۈكىدىن سېلىپ، قېرىننىڭ ئاغزىنى بوغۇپ قوقاسقا ياكى تونۇرغا كۆمۈپ پىشۇرۇلىدۇ. بۇنى دوخاپكىغا سېلىپ دەملەپ پىشۇرغىلى، قاسقاندا بۇسلاپ پىشۇرغىلى بولىدۇ. لېكىن ھەر قايسىنىڭ تەمى ئۆزگىچە بولىدۇ.
دوخاپكىدا پىشۇرغاندا پات-پات ئۆرۈپ، ئۈستىگە سۇ سېپىپ تۇرۇش كېرەك. قېرىن پىشقاندا ئىچىدىكى خۇرۇچلارنى لېگەن ياكى تەخسىگە ئېلىپ داستىخانغا كەلتۈرۈلىدۇ. ئىچىدىكى شورپىسى ئېھتىياجىغا قاراپ ئىستېمال قىلىنىدۇ.
دىققەت: كۆمۈپ پىشۇرىدىغان قېرىننىڭ تېۋىتى ئېلىنمايدۇ. پىشقاندا قېرىنى ئىستېمال قىلىنمايدۇ. قاسقاندا ياكى دوخاپكىدا
پىشۇرغاندا قېرىننى قىزىق سۇغا چىلاپ، پىچاق بىلەن قىرىپ ئاقارتىش لازىم.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.