ناتسىستلار ياسىغان ئۇچار تەخسە

ناتسىستلار ياسىغان ئۇچار تەخسە

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ناتسىست گىرمانىيەسى مەخپى ھالدا تەخسە شەكىللىق ئۇچار جىسىم ياساش تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان، ھەمدە ئۇچالايدىغان شۇنداق جىسىم ياسىغان. ئۇرۇش جەريانىدا، بۇ خىل «ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان» قىياس تېخى ئاشكارلانمايلا تۇرۇپلا ناتسىستلار بىلەن بىللە يۈتۈپ كېتىپ، كشىلەرگە بىر تېپىشماق قالدۇرۇپ كەتتى.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئىتتىپاقداشلار ئارمىيەسى گىرمانىيەنىڭ بۇ خىل ئۇچار جىسىم تەتقىقاتىنى ئۇرۇشنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە بايقىغان بولۇپ، شۇ چاغدا ئىتىتپاقداشلار ئارمىيىەسىدىكى ئۇچقۇچىلار كۆپ قېتىم گېرمانلىقلارنىڭ ئايروپىلان ئەترىتىدىن يىراق بولمىغان جايدا شەكلى غەلىتە بولغان ئايروپىلانلارنى بايقىغان. ئۇ تەخسە شەكىللىك جىسىم بولۇپ، قانىتى يوق، ئۇچۈش سۈرئىتى ناھايىتى تېز، ئۇچۇش ئىقتىدارىمۇ ناھايىتى ئىلغار، ھەركىتى چاققان، يوقىرى تۆۋەن شۇڭغىيالايدىكەن. بەزى ئۇچقۇچىلار ھەتتا ئۇ جىسىمدا تۆمۈر كىرسىت شەكىللىك بەلگە 3-ئىمپىرىيەنىڭ بەلگىسىنى كۆرگەنلىكىنى ئېيتىقان. ئىتتىپاقداشلار ئارمىيەسى بۇ توغىرلىق كۆپ مەلۇماتلارنى تاپشۇرۋالغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ سىرلىق ئۇچار جىسىمنىڭ ئىتتىپاقداشلار ئارمىيەسىگە ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ باقمىدى. ئۇلار پەقەت ناھايىتى تېز سۈرئەتتە ئۆتۈپ كەتكەن ياكى لەيلەپ تۇرغان. 

ناتسىستلارنىڭ بۇ تەتقىقاتىنى ئىتتىپاقداشلار ئارمىيەسى بۇرۇنلا ئاڭلىغان. ئۇلار مەخسۇس جاسوسلارنى ئەۋەتىپ، بۇ توغىرسىدىكى ئاخپىراتقا ئېرىشمەكچى بولغان. ئۇلار گېرمانلىقلارنىڭ ئادەمنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرىدىغان ئىجادىيەت ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى، V-2 تىپلىق راكىتا، ئالاھىدە بىرونىۋىك، يىراق مۇساپىلىق زەمبىرەك، رىئاكتېۋ ئايروپىلان قاتارلىقلارنىڭ ماتىرياللىرىنى كۆرگەن. ئىتتىپاقداشلار ئارمىيەسىنىڭ يوقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارى: «ناتسىست گېرمانيەسىنىڭ تەتقىقات ئورۇنلىرى نۇرغۇن ساھەلەردە بىزدىن ئۇزاپ كېتىپتۇ» دىگەن. ناتسىست گېرمانىيەسى قالدۇرۇپ كەتكەن ماتېرياللاردا، ئىتتىپاقداشلار ئارمىيەسى بىر غەلىتە شەكىللىك ئايروپىلاننىڭ رەسىمىنى بايقىغان. بۇ بىر قانىتى يۇمىلاق كەلگەن پاراشوت شەكىللىك ئايروپىلان بۇلۇپ، بۇرۇنقى ئايروپىلانلارغا قەتئى ئوخشىمايتتى. بىر تاشلىنىپ قالغان ئىسكىلاتتا ئىتتىپاقداشلار ئارمىيەسى ئۇنىڭ سۇنۇق-پارچىلىرىنى تاپتى. ئۇ ئاللىقاچان گېرمانىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن پاچاقلىنىۋېتىلگەن. بۇ بىر يۇمىلاق شەكىللىك ئۇچار جىسىمنى باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى ۋە ئايرودىنامىكىلىق (空气动力) ئىقتىدارىنى سىنايدىغان سىناق ئايروپىلان ئىدى. يۇمىلاق شەكىللىق ئۇچار جىسىمنىڭ نۇرغۇن ئالاھىدىلىكلىرى بۇلۇپ، ئۇ ئالدى بىلەن ناھايىتى ئىنچىكە پىلانلانغان.بولۇپمۇ تىك چىقىپ-چۈشۈش تېخنىكىسى قوللىنىلغان، ئۇ رادار ئاستىدا بەلگىلىك يوشۇرۇنۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، ئەگەر ھەركەت ئىقتىدارى ۋە كونتىرول قىلىش جەھەتتىكى قىيىنچىلىقلار ھەل قىلىنسا بۇ خىل ئۇچار جىسىم چاققان ھەركەت ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولۇپ، قوراللاندۇرۇلغاندىن كېيىن ناھايىتى خەتەرلىك ئۇرۇش قورالى بولۇپ قالاتتى.

 ناتسىستلارنىڭ تەخسە شەكىللىك ئۇچار جىسىمغا بولغان تەتقىقاتى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىدىن باشلانغان بولۇپ، شۇ چاغدىكى ئەسەبى ناتسىستلار بىر خىل غايەت زور بولغان ئېنىرگىيە مەنبەسى تېپىپ، ۋاقىت ماشىنىسى ياساپ قەدىمقى ئىلاھلار بىلەن كۆرۈشمەكچى بولغان. گەرچە بۇ قۇرۇق خىيال بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭلىق بىلەن لەيلىمە ھەركەت ئىقتىدارىغا ئىگە سېستىمىنى بارلىققا كەلتۈردى. شۇندىن كېيىنكى خېلى يىللارغىچە ناتسىست گېرمانىيەسى بۇ خىل ئۇچار جىسىم توغىرسىدا تەتقىقاتلار بىلەن شوغۇللاندى. بەزىلەر ئۇلار ئۇچار تەخسىنىڭ ھەركەت ئىقتىدار سېستىمىسى تەتقىقاتىدا بۆسۈش خاراكتىرلىق نەتىجە ھاسىل قىلدى دەپ قارايدۇ. 1952-يىلى بىر ناتسىست ھاۋا ئارمىيە كاپىتانى، ئاۋىئاتسىيە مۇتەخەسىسى 斯彻里沃 (تەرجىمە قىلالمىدىم) پراگا يېنىدىكى بىر يەردە ئۇچار تەخسىنىڭ لاھىيەسىنى سىزغانلىقىنى، بۇ لاھىيەنىڭ سىناق مودىلىنىڭ 1944-يىلى ياسالغانلىقىنى، 1945-يىلى ئۇچۇرماقچى بولغانلىقىنى، كېيىن رۇسىيە ئارمىيەسى بېىسپ كىرگەچكە بۇنىڭ كۆپۈككە ئايلانغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتىدۇ. 3-ئىمپىرىيە ھالاك بولۇش ھارپىسدا بۇ لاھىيە توغىرسىدىكى ماتېرياللار يوقاپ كەتكەن، بۇ  سائەتلىك تېزلىكى 2600 كىلومېتىر كېلىدىغان ئۇچار جىسىمنىڭ بار-يوقلىقىنى ئىسپاتلىغىلى بولمىغان. 斯彻里沃 ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ قالدۇرغان تەۋەرۇكلىرى ئىچىدىن كىشلەر ئۇچار تەخسە توغىرلىق لاھىيەنى تاپقان. بۇ كىشىلەرگە يەنە بىر تېپىشماق قالدۇرۇپ كەتتى. ناتسىستلارنىڭ ئۇچار تەخسە پىلانى بۆشۈكىدىلا تۇنجۇقتۇرۋېتىلگەن ئىدى، بىراق بەزىلەر ئۆز كۆزى بىلەن بۇ غەلىتە ئۇچار جىسىمنى سىناق قىلغانلىقىنى كۆرگەنلىكىنى ئېيتىشتى. بۇ ئۇچار جىسىمنىڭ ئىقتىدارى ئىنتايىن ياخشى بولۇپ 3 مىنۇتتىلا 9000 مېتىر ئىگىزلىككە كۆتۈرۈلۈپ چىقالايدىكەن. سائەتلىك سۈرئىتى نەچچە مىڭ كىلومېتىرغا يېتىدىكەن. بۇلارنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىنىڭ ئىسمى 乔治·克雷恩 بۇلۇپ، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە بۇ تەتقىقات خىزمىتى پېنىمىند بازىسىدا ئېلىپ بېرىلغان. ئۇ ناتسىستلارنىڭ راكىتا قاتارلىق مەخپى قوراللىرى ۋە ئەڭ يوقىرى سەۋىيەدىكى ئاۋىئاتىسيە تەتقىقات ئورنى ئىكەن. ئۇ يەنە ئۆز ئوقىدا پىقىراش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلىغان. ئۇ يەنە ئۇچار تەخسىنىڭ خارز تاغلىق رايونىدا سىناق قىلىنغانلىقىنى ئېيتقان. بۇ دەل نۇرغۇن ئادەم ئۇچار تەخسىنى ئۇچىراتقان ئورۇندۇر. ناتسىست گىرمانىيەسى پۈتكۈل كۈچى بىلەن بۇ توغىرسىدىكى ماتىرىياللارنى يوقاتقان بولسىمۇ، بىراق ئىتتىپاقداشلار ئارمىيىسى يەنىلا بىر قىسىم لاھىيە ۋە دەسلەپكى نۇسخىلىرىنى قولغا چۈشۈردى. بۇ ماتېرىياللارغا قارىغاندا ناتسىستلار 1934-يىلى 1-ئەۋلاد تەخسىسىمان ئۇچار جىسىم RFC-1 نى ياساپ چىقتى. شۇ يىلى يىل ئاخىرىدا RFC-2 نى چىقاردى. ئۇنىڭ ئېنىرگىيە مەنبەسى ھاۋا ۋە سۇ. بىراق ئۇنىڭدىكى تېخنىكىلىق ھالقىلارنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. 1938-يىلى SS چىلار «ئۇچار تەخسە» پىلانىغا قول تىقتى. ھەمدە رىئاكتىۋ ماتورنى ئېلىپ كىردى. ئۇچار تەخسىنىڭ ئايرودىنامىكىلىق ئالاھىدىلىكىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن، گېرمانلار پروپېللىرلىق ھەركەتلەندۈرگۈچلۈك يۇمىلاق ئۇچار جىسىم ياسىدى ۋە بۇ توغىرسىدا كۆپلىگەن ئۆلچەش  ئارقىلىق ئېرىشكەن سانلىق مەلۇماتلارنى  توپلىدى. بەزى مەخپى خاتىرىلەرگە قارىغاندا 1939-يىلى ناتسىست گېرمانىيەسى دىئامېتىرى 20 مېتىر كېلىدىغان HANNEBU-1 نى ياساپ، 9-ئايدا ئۇچۇردى. 1940-يىلى يىل ئاخىرىدا بۇنى تەكشۈرۈشكە ئىشلەتكەن. HANNEBU-2 نى كۆرگەنلەرنىڭ دىيىشىچە ئۇنىڭ دىئامېتىرىنىڭ 36مېتىر،ئىگىزلىكىنىڭ 9~11غىچە كېلىدىكەن. گېرمانىيىلىكلەر بۇ پىروپېللىرلىق ئۇچار جىسىمغا قورال ئورۇنلاشتۇرۇشتا جىق قىيىنچىلىققا ئۇچىرغان. 1943-يىلىغا كەلگەندە HANNEBU-3  ئاندىن جەڭ قىلىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان. كېيىنكى «بالونسەي تەخسىسى» ناملىق ئۇچار تەخسە بۇ تەتقىقاتنىڭ مۇھىم نەتىجىسى بولۇپ قالغان. 3 نەپەرگېرمانىيەلىك ئەڭ ياخشى ئايرو ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ مۇتەخەسىسى تەتقىق قىلىپ ياسىغان بۇ ئۇچار جىسىم  ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغانىدى. ئامېرىكىنىڭ ئاخبىرات ئورگانلىرىنىڭ تەمىنلىگەن يىپ ئۇچىغا قارىغاندا، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندا گېتلىر كەم دىگەندىمۇ HANNEBU ناملىق ئۇچار تەخسىدىن ئىككىسىگە ئىگە بولغان. بۇ خىل ئۇچار جىسىمنىڭ سائەتلىك تېزلىكى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان 1900 كىلومېتىرغا يەتكەن، ئۇنىڭ °90  تىك چىقىپ چۈشەلىگەن. ھەتتا ناتسىستلار بۇنىڭغا لازىر نۇرلۇق قورال ئورۇنلاشتۇرۇش خىيالىدىمۇ بولغان.... لېكىن بۇ چاغدا ئۇلار مەھشەر كۈنىگە يېقىنلاپ قالغان بولۇپ، ئەجىبا ئۇلار بۇ ماتېرىياللارنى يۆتكەپ كەتكەنمىدۇ.

 1945-يىلى گېرمانىيە تەسلىم بولغاندا 30 دەك سۇ ئاستى كېمىسىنىڭ ئىز-دېرىكى بولمىغان. نەچچە ئاي ئۆتكەندىن كېيىن بۇ كېمىلەر بالتىق دېڭىز قىرغىقىدا پەيدا بولغان. بۇ كېمىلەر ئۇزۇنغىچە سۇ ئاستىدا يوشۇرۇنۇپ يۈرۇش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان بولۇپ، سۇ ئاسىتدا نەچچە ھەپتىگىچە يۈرەلەيدىكەن. بۇ كېمىلەر شۇ ماتېرىياللارنى يۆتكەش خىزمىتىگە قاتناشقانمىدۇ؟ شۇنداق بولسا نەگە ئېلىپ كەتكەندۇ؟ بۇ ئىش ئامېرىكىلىقلارنىڭ بېشىنى قاتۇردى. بەزىلەر گېرمانىيە جەنوبى قۇتۇپتا مەخپى ئۇچار تەخسە بازىسى قۇرغان دەپ قارايدۇ. چۈنكى 1938-يىلى ناتسىستلار جەنۇبى قۇتۇپنى مەخسۇس تەكشۈرگەن. ئۇلار جەنۇبى قۇتۇپنى 3-ئىمپىرىيەنى زېمىنى دەپ قارىغان، ھەمدە شىمالىي قۇتۇپ نىڭ جۇغراپىيەلىك، گىئولوگىيەلىك ئەھۋاللىرىنى ياخشى تەكشۈرگەن. بۇنى ئېنىقلاش ئۈچۈن ئامېرىكا 1947-يىلى بىر چوڭ تىپتىكى ھەربى قوشۇننى جەنۇبى قۇتۇپتا «ئېگىزگە سەكرەش» نامىدا مانىۋېر ئۆتكۈزگەن، كېيىن ناچار ھاۋارايىغا ئۇچراپ بۇنى داۋاملاشتۇرالمىغان. 

بۇ مانىۋېرنىڭ ھەقىقى مەقسىتى نىمىدۇ؟ ئەجىبا ئامېرىكىلىقلار جەنۇبى قۇتۇپتا ناتسىستلارنىڭ بازىسىنى ئىزدىگەنمىدۇ؟ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى دىن كېيىن ئامېرىكا ئۇچار تەخسە شەكىللىك ئۇچار جىسىملارنى ياساپ باقتى. مەسىلەن V-173 ناملىق ئۇچار جىسىم دىگەندەك. ئېيتىشلارغا قارىغاندا بۇنىڭغا گېرمانىيەلىك مۇتەخەسىسلەر قاتناشقان. بىراق سىناق قىلىپ ئۇچۇرغاندا پەقەت بۇ پەس ئۇچالىغان، سۈرئىتى ۋە مۇقىملىقىمۇ ياخشى بولمىغان. شۇنىڭ بىلەن ھەربى تەرەپنىڭ بۇنىڭغا بولغان قىزىقىشىمۇ سۇسلاشقان.  

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

3 نومۇر (3 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    0%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    33.3%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    66.7%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#