بوب مارلىي

بوب مارلىي
بوب مارلىي 1945-يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى ئوتتۇرا ئامېرىكىدىكى كىچىك ئارال دۆلەت، ئەينى چاغدا ئەنگىلىيەنىڭ ئىچكى مۇستەملىكىسى بولغان يامايكىدا توغۇلغان. بوب مارلىي (Bob Marley) رۈيگەي كۈيىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ يامايكا كۈي مەدىنىيىتىنى پۈتۈن دۇنياغا تارقاتقان رۈيگى ئاتامانى، ئۇنىڭغا (بىرىنچى قىتىملىق 3-دۇنيا ئاممىباپ ناخشا چولپىنى) دىگەن نامنى بەرگەن، 


ئۇيغۇرچە ئىسمى بوب مارلىي
دۆلەت تەۋەلىكى يامايكا
تۇغۇلغان ۋاقتى 1945-يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى
كەسپى ناخشىچى
چەتئەلچە نامى Bob Marley
خەنزۇچە ئاتىلىشى 鲍勃·马利
يۇرتى سان ئاننا رايۇنى، پارىش
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1981-يىلى 5-ئاينىڭ 11--كۈنى
ۋەكىللىك ئەسىرى 《No, Woman No Cry》《One Love》《Legend》

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بوب مارلىيبوب مارلىي 1945-يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى ئوتتۇرا ئامېرىكىدىكى كىچىك ئارال دۆلەت، ئەينى چاغدا ئەنگىلىيەنىڭ ئىچكى مۇستەملىكىسى بولغان يامايكىدا توغۇلغان. بوب مارلىي (Bob Marley) رۈيگەي كۈيىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ يامايكا كۈي مەدىنىيىتىنى پۈتۈن دۇنياغا تارقاتقان رۈيگى ئاتامانى، ئۇنىڭغا (بىرىنچى قىتىملىق 3-دۇنيا ئاممىباپ ناخشا چولپىنى) دىگەن نامنى بەرگەن، ئۇ ھەمدە كۈيلەرنىڭ چىگىراسى بولمايدىغانلىقىغا خاتىمە بەرگەن. رۈيگىنى ئاممىباپ كۈيلىرى ھەم روك كۈيلىرىگىچە سىڭدۈرۈپ كىرگەن. ئۇنىڭ ئەڭ ئۇلۇغلىنىدىغان تەرىپى خەلق قەھرىمانى مۇھەببەتنى ئۇلۇغلاپ، كىشىلەر ئارىسىدا  ئەپۇچانلىق ۋە ياخشى كۆرۈشنى تەشەببۇس قىلىپ خەلق قەھرىمانى بولغانلىقىدا. ئۇنىڭدا مۇھەببەتكە باي ئۇلۇغ يۈرەك باربولۇپ، ئۇ كۈيلىرى ئارقىلىق يامايكىنىڭ ئاھۇ زارىنى پۈتۈن دۇنياغا ئاڭلاتقان، ۋە يامايكىدەك كىچىك دۆلەتنى دۇنيا مۇزىكا ساھەسىگە تونۇتقان ئىدى. بوب مارلىينىڭ ئايالى رىتا ۋە ئوغلى زىگى (Ziggy) يەنىلا بوب مارلىينىڭ ئىزىنى بېسىپ رۈيگەي ناخشا پىلاستىنكىلىرىنى چىقىرىۋاتىدۇ.

بوب مارلىيبوب مارلىي 1945-يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى ئوتتۇرا ئامېرىكىدىكى كىچىك ئارال دۆلەت، ئەينى چاغدا ئەنگىلىيەنىڭ ئىچكى مۇستەملىكىسى بولغان يامايكىدا توغۇلغان بۇلۇپ، 1957-يىلى ئۆيىدىكىلەرگە ئەگىشىپ يامايكا پايتەختى جونسىتونغا كۈچۈپ كەتكەن.  ئۇنىڭ ئاپىسى يامايكىلىق، ئاتىسى ئەنگىلىيە تەۋەلىكىدىكى يامايكىلىق ئاق تەنلىك دېڭىز ئارمىيە كاپىتانى ئىدى. بوب مارلىي تۇغۇلغاندا ئانىسى 18 ياش، ئاتىسى 50 ياش بولۇپ ئاتىسى پەقەت ئۇلارغا تۇرمۇش راسخودىلا بېرىپ، دائىم سىرتتا ۋەزىپە ئۆتەپ نەچچە يىلدا بىر قېتىم ئۆيىگە كېلەتتى. بوب مارلىي 10 ياشقا كىرگەن يىلى بوب مارلىيغا ئۇنچىلا تونۇش بولمىغان ئاتىسى يۈرەك كېسىلى بىلەن ۋاپات بولدى، بوب مارلىينىڭ كۈنلىرى ئەتراپىدىكى ئىرقچىلارنىڭ تار نەزەرلىك ھۇجۇملىرى ئارىسىدا قىيىنچىلىق ئىچىدە ئۆتۈپ قاتارغا قېتىلدى.

بوب مارلىيبوب مارلىي تۇنجى ئالبۇمى Catch A fire نى 1972-يىلى ئىشلىگەن. ئۇنىڭ رۈيگەي (reggae) مۇزىكىلىرى ناھايىتى تېزلا پۈتۈن دۇنياغا داڭلىق بولۇپ كەتكەن. 1965- يىلى ئۇ ئايالى رىتا بىلەن بىر كونسېرتتا تونۇشۇپ قالغان. ئايالىمۇ ناھايىتى تېزلا ئۇنىڭ Wailers ناملىق ئانسامبىلىنىڭ ئاساس ناخشىچىسى بولۇپ قالغان. بوب مارلىي 1981-يىلى راك كېسىلى بىلەن ئامېرىكىنىڭ فىلورىدا شىتاتىدا ۋاپات بولغان. بوب مارلىينىڭ شان-شۆھرىتىمۇ ئۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئاندىن كەڭ تارقالغان.

بوب مارلىي1960-يىلى بوب مارلىي مەكتەپ ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ پاياتلاش قار ئىشچىسى بولۇپ ئىشلگەن. ھەمدە (ئىجرا قىلما) دىگەن بىرىنچى تاق كۈيىنى تارقاتقان.

1964-يىلى (يىغلىغۇچىلار)  كۈي ئەترىتىنى قۇرۇپ چىققان.

1966-يىلى ئەمدىلا 21 ياشقا كىرگەنلىكىنى خاتىرلەۋاتقان بوب مارلىي 4 كۈندىن كېيىن لىتا ئاندىرسون بىلەن توي قىلدى ۋە ئىككىنچى كۈنى ئايالى بىلەن خوشلىشىپ تەرەققى قىلىش ئۈچۈن ئامېرىكىغا كېتىپ قالغان.

1967-يىلى ئۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن ۋيېتنام ئۇرۇشىغا قاتنىشىش خېتىنى تاپشۇرۇپ ئالدى ۋە ئۇرۇشقا قاتنىشىشنى خالىمىغانلىقتىن ھەربى مەجبۇرىيەت ئۆتەشنى رەت قىلپ، ئامېرىكا دۆلەت تەۋەلىكىدىن ۋاز كېچىپ، ئائىلىسىدىكىلەرنى ئىلىپ ، يامايكىغا قايتىپ كەلگەن.

1971-يىلى (يىغلىغۇچىلار) كۈي ئەترىتى (ئارال مۇزىكا شىركىتى) بىلەن توختاملاشقان.

1973-يىلى بوب مارلىي (بىر پارچە ئوتنى تۇتىۋېلىش) بىلەن (يالقۇنلاپ كۆيۈش)دىگەن دەسلەپكى ئىككى ئالبومىنى تارقاتقان.

1974-يىلى (قورقۇنچلۇق پاكىزلىق) دىگەن 3-ئالبومىنى تارقاتقان.

1975-يىلى (نەق مەيدان) ناملىق 4-ئالبومىنى تارقاتقان.

1976-يىلى (لاستلىق ئادەمنىڭ قورقىشى) ناملىق 5-ئالبومىنى تارقاتقان، بۇ مەزگىل يامايكىدىكى سايلام مەزگىلى بولغاچقا، پۈتۈن دۆلەت جىددى ھالەتتە ئىدى، شۇنىڭغا ئەگىشىپ مارلىينىڭ نۇرغۇن ناخشىلىرى ھۆكۈمەت تەرەپتىن چەكلەندى، جان بېقىش ئۈچۈن ئۇلار ئامالسىز شىمالى ئامېرىكىغا بېرىپ ئويۇن قۇيۇشقا مەجبۇر بولغان.

1977-يىلى ئۇ قايتىپ كېلىپ يامايكا پايتەختى بولغان جىنىستوندا ئۇيۇن قويىۋاتقان چېغىدا باشقىلار ئۇنى قەستلەپ ئوققا تۇتتى، كېيىنكى قېتىملىق ئويۇندىن كېيىن ئۇ ئامالسىز يەنە بىر قېتىم يامايكىنى تاشلاپ كېتىپ قالدى، بۇ ئىشتىن يۈز بېرىشتىن بۇرۇن ئۇ پىلانىدا (كۈلۈمسىرگەن يامايكا) ناملىق بىر كېچىلىك ئويۇشتۇرۇپ، ئۆزىنى بېقىپ ئۆستۈرگەن يامايكىغا رەھمەت ئېيتماقچى بولغان. 

بوب مارلىي 1977-يىلى (مىسردىكى خاتىرە) ناملىق 6-ئالبومىنى بىلەن (كايا) ناملىق 7-ئالبومىنى تارقىتىدۇ. ئالدىدىكى ئالبومى ئەنگىلىيەدىكى ئەڭ ياخشى ناخشا ھىساپلىنىپ 1 يىل بىرىنچىلىكتە تۇرىدۇ.

بوب مارلىي 1978-يىلى (بلۇز توغرىسىدا)  ناملىق 8-ئالبومىنى تارقىتىدۇ ۋە شۇ يىلى ئۇ يامايكىغا قايتىپ كېلىپ، يۇرتىدا ئۆتكۈزگەن (مۇھەببەت ۋە تېنىچلىق) ناملىق ناخشا-مۇزىكا كېچىلىكىگە قاتنىشىدۇ. بۇ قىتىملىق چوڭ يىغىلىشتا ئۇ دۆلىتىدىكى ئەڭ چوڭ ئىككى

سىياسى رەھبەر بىلەن قول ئىلىشىپ كۆرۈشىدۇ، بۇ قىتىملىق 3 داڭلىق كىشىنىڭ كۆرۈشىشى پۈتۈن دۇنيادىكى كىشىلەرنىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇر يېرىدىن ئورۇن ئىگەللەيدۇ. شۇ يىلى مارلىي ئافرىقىغا زىيارەتكە بارغان.

1979-يىلى (ھايات قالغۇچى)ناملىق 9-ئالبومىنى تارقاتقان.

1980-يىلى (يىغلىغۇچىلار) كۈي ئەتىرتى 2-قىتىملىق يەرشارى مىقياسىدا سەييارە ئۇيۇن قويغان، بىرىنچى مەيدان 4-ئاينىڭ 17-كۈنى زىمبابۇۋىنىڭ مۇستەقىل بولغانلىقىنى خاتىرلەش كېچىلىكى بولۇپ، ئۇ زىمبابۇۋىدىكى كىشىلەرنىڭ مارلىنىڭ ناخشىسىنى دۆلەت ناخشىسى قىلىۋالغانلىقىنى بايقايدۇ. بوب مارلىي دانىيە پايتەختى كوپىنھاگىندىكى ئۇيۇنى، (ئاببا) بىلەن (بابدەيلون) نىڭ ئۇيۇنىدىكى ئادەم سانىدىن نەچچە ھەسسە كۆپ ئىدى. ئارقىدىنلا ئۇلار گېرمانىيەنىڭ بېرلىن، ئىسپانىيەنىڭ بارسىلونا، ئېرلاندىيەنىڭ دوبلىن ۋە ئىتالىيەنىڭ مىلان قاتارلىق شەھەرلىرىدە ئويۇن قويىدۇ. بۇ چاغدا كىشىلەر (بىتولۇس) ۋە (رولىڭ سىتون) قاتارلىق كۈي ئەتىرەتلەرنى يادىدىن چىقىرىپ قويغىلى تاسلا قالغان ئىدى. شۇ يىلى (قوزغىلىش) ناملىق ئەڭ ئاخىرقى ئالبومىنى چىقىرىدۇ. شۇ يىلى مىزاننىڭ 21 سى مارلىي نىيويوركتىكى مەركىزى باغچىدا سەيلە قىلغاچ كېتىپ بېرىپ يېقىلىپ چۈشىدۇ، دوختۇر ئۇنىڭ نەچچە ھەپتىلىكى قالغانلىقىنى ئېيتىدۇ، ئۇ ئامالسىز يۇرتىغا قايتماقچى بولۇپ فىلورىدا شىتاتى-مىيئامى شەھرىگە بارىدۇ.

بوب مارلىيئۇلۇغ ئالبومى، بوب مارلىي ۋە كۈي ئەتىرتىدىكىلەرنىڭ قىسقىغىنا 11 يىل ئىچىدىكى كۈيچىلىگىنىڭ يىغىندىسى ھىساپلىنىدۇ. 7 ياشتىن 70 ياشقىچە كىشىلەرنىڭ ھەممىسى بىلىدىغان (ئورنىڭدىن قوپ) ۋە (مەن سوتچىنى ئېتىپ ئۆلتۈردۈم)، ئادەمنى ئىچىنى سېرىلدۇرىدىغان (ئايال بولمىسا، كۆز ياشمۇ بولمايدۇ)، ئىنسانپەرۋەرلىك تەسۋېرلەنگەن (بىر مۇھەببەت)، خەلق ناخشىسى ھېسىياتىدا ئېيتقان ناخشا (قايتىش ناخشىسى) ھەمدە گۈزەل مۇڭلۇق بولغان (شۇ مۇھەببەت) دىگەن ناخشىلىرى مەڭگۈ ئۆلمەس ئەسەرلىرى.

1981-يىلى 5-ئاينىڭ 11-كۈنى بوب مارلىي مىيئامىدا يامايكىغا بارماقچى بولۇپ تۇرغىنىدا يۈرىكى سوقۇشتىن ئەبەدى توختاپ قالىدۇ.

يامايكىدا بوب مارلىيدەك خەلىق تەرىپىدىن ياخشى كۆرۈلۈپ كەلگەن كىشى بولماسلىغى مومكىن، يامايكا قالايمىقانچىلىققا تولغان شۇ يىللاردا پەقەتلا بوب مارلىي ماشىنسىنىڭ ئىشىكىنى تاقىماي يۈرەلەيتى، ھېچكىم ئۇنىڭ نەرسىلىرىنى ئوغۇرلىمايتى، بەزىلەر ئۇنى خۇددى مىللى داھى ۋە ياكى پەيغەمبەردەك بىلەتتى. بوب مارلىي گەرچە ساپ قارا تەنلىك بولمىسىمۇ لېكىن ئۆزىنى قارا تەنلىك ئافرىقىلىقلارنىڭ ئەۋلادى دەپ بىلەتتى ۋە بىر قېتىم باشقىلارنىڭ سەن ئاق تەنلىكنىڭ پۇشتى دىگىنىگە قارىتا «مەن ھەم ئاق تەنلىك، ھەم قارا تەنلىك، توغرىسى مەن ئاققىمۇ ئەمەس قارىغىمۇ خۇداغا ئەڭ يېقىن» دىگەن ئىدى. بوب مارلىي كۈي ۋە مۇھەببەتنىڭ بۇ دۇنيانى بەخىتلىك ماكان قىلالايدىغانلىقىغا  ئىشەنگەن، مۇزىكا ئارقىلىق ئىنسانلار ئارىسىدىكى ھەرخىل زۇلۇملارغا، تەڭسىزلىكلەرگە ۋە جىنايەتكە قارشى تۇرغىلى بولىدۇ، دەپ قارىغان.

بوب مارلىيئۇ باتۇر ئىدى، 1977-يىلى ئۇ يامايكىغا قايتىپ كېلىپ سەھنىدە ناخشا ئېيتىۋاتقاندا كىشىلەر ئۇنىڭغا ئوق چىقىرىدۇ، ئەمما ئىككى كۈندىن كېيىن بوب مارلىي يەنە سەھنىگە چىقىپ ناخشا ئېيتىدۇ، كىشىلەر ئۇنىڭ سەۋەبىنى سورىغاندا ئۇ «ئۇلارنىڭ مەقسىتى دەل بىزنى ناخشا ئېيتقۇزماسلىق، يۈرەك سۆزلىرىمىزنى دېگۈزمەسلىك، ئەگەر مەن راستلا سەھنىگە چىقمىسام ئۇلارنىڭ مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان بولىمەن» دېگەن. ھەقىقەتەن كىشىنى قايىل قىلىدىغان ئەزىمەت.

1981-يىلى 5-ئاينىڭ 21-كۈنى يامايكىدىكى ئەدىس ئەبىبە چىركاۋىدا بوب مارلىينىڭ دەپنە مۇراسىمى ئىچىلىدۇ. جىنىستوندىن مارلىينىڭ تۇغۇلغان سىئەننا رايونىغىچە توشۇپ كەتكەن ئادەملەر، قوللىرىدا لاستا چىركاۋىنىڭ لوزىنكىلىرىنى، بوب مارلىينىڭ رەسىمى ھەمدە تېنىچلىققا سېموۋۇل قىلىنغان يوپۇرماقلارنى كۆتۈرىۋالغان ئىدى. يامايكا ھۆكۈمىتى ئۇ ۋاپات بولۇشتىن بىر ھەپتە بۇرۇن ئۇنىڭغا (يامايكا شەرەپ مىدالى)نى تەقدىم قىلغان ئىدى. يامايكىدىكى خەلىق پارتىيسىنىڭ باشلىقى مانلى دەپنە مۇراسىمىدا مۇنداق سۆز قىلىدۇ:«ئۇ بىر تالانت ئىگىسى، ئۇ بىر ئەۋلات كىشىلەر ئىچىدىن بىر چىقىدىغان ئۇلۇغزات.  ئۇ ئۆز ئالدىغا خەلىق سەنئىتى بىلەن خەلىق تۈسىنى بەرپا قىلدى. ئۇ قەلبىدىكى ئىتقادى، راسچىللىغى، ھىسىياتى ۋە مۇھەببەتكە تويۇنغان يوقۇرى سۈپەتلىك سەنئەت قارشى ئارقىلىق ئۆزى بەرپا قىلغان بۇ خىل سەنئەتنى دۇنياغا يۈزلەندۈردى، ھەمدە كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشتى».[1][0]

ئۇ باتۇر ئىدى، 1977-يىلى ئۇ يامايكىغا قايتىپ كېلىپ سەھنىدە ناخشا ئېيتىۋاتقاندا كىشىلەر ئۇنىڭغا ئوق چىقىرىدۇ، ئەمما ئىككى كۈندىن كېيىن بوب مارلىي يەنە سەھنىگە چىقىپ ناخشا ئېيتىدۇ، كىشىلەر ئۇنىڭ سەۋەبىنى سورىغاندا ئۇ «ئۇلارنىڭ مەقسىتى دەل بىزنى ناخشا ئېيتقۇزماسلىق، يۈرەك سۆزلىرىمىزنى دېگۈزمەسلىك، ئەگەر مەن راستلا سەھنىگە چىقمىسام ئۇلارنىڭ مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان بولىمەن» دېگەن. ھەقىقەتەن كىشىنى قايىل قىلىدىغان ئەزىمەت.

1981-يىلى 5-ئاينىڭ 21-كۈنى يامايكىدىكى ئەدىس ئەبىبە چىركاۋىدا بوب مارلىينىڭ دەپنە مۇراسىمى ئىچىلىدۇ. جىنىستوندىن مارلىينىڭ تۇغۇلغان سىئەننا رايونىغىچە توشۇپ كەتكەن ئادەملەر، قوللىرىدا لاستا چىركاۋىنىڭ لوزىنكىلىرىنى، بوب مارلىينىڭ رەسىمى ھەمدە تېنىچلىققا سېموۋۇل قىلىنغان يوپۇرماقلارنى كۆتۈرىۋالغان ئىدى. يامايكا ھۆكۈمىتى ئۇ ۋاپات بولۇشتىن بىر ھەپتە بۇرۇن ئۇنىڭغا (يامايكا شەرەپ مىدالى)نى تەقدىم قىلغان ئىدى. يامايكىدىكى خەلىق پارتىيسىنىڭ باشلىقى مانلى دەپنە مۇراسىمىدا مۇنداق سۆز قىلىدۇ:«ئۇ بىر تالانت ئىگىسى، ئۇ بىر ئەۋلات كىشىلەر ئىچىدىن بىر چىقىدىغان ئۇلۇغزات.  ئۇ ئۆز ئالدىغا خەلىق سەنئىتى بىلەن خەلىق تۈسىنى بەرپا قىلدى. ئۇ قەلبىدىكى ئىتقادى، راسچىللىغى، ھىسىياتى ۋە مۇھەببەتكە تويۇنغان يوقۇرى سۈپەتلىك سەنئەت قارشى ئارقىلىق ئۆزى بەرپا قىلغان بۇ خىل سەنئەتنى دۇنياغا يۈزلەندۈردى، ھەمدە كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشتى».

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

1.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#