- قاراباغ يېزىسى (باي ناھىيەسى)
- قاراباغ يېزىسى (بۈگۈر ناھىيەسى)
قاراباغ يېزىسى
قاراباغ يېزىسى باي ناھىيەسى بازىرىنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان،ئومۇمىي كۆلىمى 290 كۋادرات كىلومېتىر.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
قاراباغ يېزىسىقاراباغ يېزىسى باي ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان، ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان تۈز سىزىقلىق ئارىلىقى 56.8 كىلومېتىر. شىمالىي تەرىپى تەڭرىتاغنىڭ تارمىقى ئارقا يايلاق، جەنۇبىي ئارقىلىق قاپچىغاي گايىت ئېدىرلىقى ئارقىلىق داۋانچى دېھقانچىلىق مەيدانى بىلەن چېگرىلىنىدۇ، غەربىي جەنۇب پاسىلى مۇزات دەرياسى ئارقىلىق ياقائېرىق دېھقانچىلىق مەيدانى بىلەن قارىشىپ تۇرىدۇ، شەرقتە مىچىغ يېزىسى چارۋىچىلىق رايونلىرى ۋە تېرەك بازىرى بىلەن تۇتىشىدۇ، غەربىي باي ناھىيىلىك نەسىللىك قوي فېرمىسى بىلەن قوشنا. ئومۇمىي كۆلىمى 290 كۋادرات كىلومېتىر، بۇنىڭ ئىچىدە يېزا ئىگىلىك رايونى 1 / 4 نى ئىگىلەيدۇ،نوپۇسى 13370 ئادەم.
قاراباغ يېزىسىقاراباغ يېزىسى تەۋەسىدە جىلغا كۆپ، يەر يۈزى ئېگىز-پەس ھەم دولقۇنسىمان. ھېسابقا ئالمىغاندا ،چارۋىچىلىق رايونىدىن سىرت، تەبىئىي كەنتلەر تار جىلغا تۈزلەڭلىكىگە تەكشى تارقالغان. تاغ جىلغىسى شەرقىي شىمالدىن غەربىي جەنۇبقا سوزۇلغان بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 30 كىلومېتىر، كەڭلىكى تەخمىنەن 6 ~ 4 كىلومېتىر، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى1947-1738 مېتىر ، بۇ يېزا يېرىنىڭ شىمالى ئېگىز، جەنۇبى پەس، يېرى مۇنبەت. تاغلىق يايلاقنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 4006-1961 مېتىر ئارىلىقىدا، ياۋا ئوت-چۆپ تۈرلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، كىچىك غوللۇق دەرەخ ۋە چاتقال ئورمان بار؛ تاغلىق تەسكەي ۋە يېرىم تەسكەي يانتۇلۇقتا شەمشاد، قارىغاي، ئارچا شالاڭ ئۆسىدۇ؛ ياۋايى ھايۋانلاردىن بۆرە، ئېيىق، يىلپىز، بۆكەن، ياۋا چوشقا قاتارلىقلار بار.
قاراباغ يېزىسىقاراباغ يېزىسىنىڭ ياز پەسلى سالقىن، قىش پەسلىدە سوغوق، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ، قىراۋسىز مەزگىلى قىسقا، 120-135 كۈن ئەتراپىدا. تېرىقچىلىق مەۋسۇمى تۈزلەڭلىك رايونلارغا قارىغاندا 15 كۈن ئەتراپىدا كېچىكىدۇ، كىلىماتنىڭ دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشىگە بولغان تەسىرى بىر قەدەر چوڭ. پەسىل خاراكتېرلىك سۇ كەمچىل، يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل-يېغىن مىقدارى 100 مىللىمېتىر. يامغۇرلۇق جاي ، ياز پەسلىدە دائىم يامغۇر، مۆلدۈر ياغىدۇ، پات-پات كەلكۈن كېلىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.