شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سۇ ئېلىش ئىجازىتىنى باشقۇرۇش چارىسى

سۇ ئېلىش ئىجازىتىنى باشقۇرۇش چارىسى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سۇ ئېلىش ئىجازىتىنى باشقۇرۇش چارىسى 2014-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلغان.

ئۇيغۇرچە نامى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سۇ ئېلىش ئىجازىتىنى باشقۇرۇش چارىسى
ماقۇللانغان ۋاقتى 2014-يىلى 4-ئاينىڭ 17-كۈنى
ھۆججەت شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 189-نومۇرلۇق پەرمانى
خەنزۇچە نامى 新疆维吾尔自治区取水许可管理办法
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى 2014-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى
يولغا قويۇلغان ۋاقتى 2014-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 189-نومۇرلۇق پەرمانى

«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سۇ ئېلىش ئىجازىتىنى باشقۇرۇش چارىسى» 2014-يىلى 4-ئاينىڭ 17-كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق 12-نۆۋەتلىك خلەق ھۆكۈمىتىنىڭ 15-قېتىملىق دائىمىي ئىشلار يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىپ ماقۇللاندى، ئۇنى ئېلان قىلدىم، 2014-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى

2014-يىلى 1-ماي

1-ماددا بۇ چارە سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇشنى چىڭىتىپ، سۇ بايلىقىنى تېجەش ۋە مۇھاپىزەت قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سۇ بايلىقىدىن سىجىل پايدىلىنىشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، گوۋۇيۈەننىڭ«سۇ ئېلىش ئىجازىتى ۋە سۇ بايلىقى ھەققى ئېلىشنى باشقۇرۇش نىزامى» ۋە ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايوننىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ تۈزۈلدى.

2-ماددا بۇ چارە ئاپتونوم رايوننىڭ مەمۇرىي رايونى ئىچىدە سۇ بايلىقىنى ئىشلىتىش ۋە ئۇنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش پائالىيەتلىرىدە تەتبىقلىنىدۇ.

3-ماددا ناھىيە(شەھەر) دەرىجىلىكتىن يۇقىرى سۇچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى دەرىجىگە ئايرىپ باشقۇرۇش ھوقۇقى بويىچە سۇ ئېلىش ئىجازىتى تۈزۈمىنى تەشكىللەپ يولغا قويۇش ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ.

ئالاقىدار ۋادى باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرى مەزكۇر چارىدە بەلگىلەنگەن ۋە سۇچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بەلگىلىگەن ھوقۇق بويىچە سۇ ئېلىش ئىجازىتى ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىنى يولغا قويىدۇ.

4-ماددا سۇ ئېلىش ئىجازىتىنى يولغا قويۇش سۇ بايلىقىدىن پايدىلىنىشنى تىزگىنلەش قىزىل سىزىقى، سۇ ئىشلىتىش ئۈنۈمدارلىقىنى تىزگىنلەش قىزىل سىزىقى ۋە سۇ فۇنكسىيەلىك رايونىنىڭ بۇلغىما سىغدۇرۇش ئىقتىدارىغا چەك قويۇش قىزىل سىزىقىنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك. ئومۇمىي مىقدارنى كونترول قىلىش بىلەن نورمىلىق باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، بىر تۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، شەھەر، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشتا ئىشلىتىدىغان سۈيىگە ئالدىن كاپالەتلىك قىلىش، ئىشلەپچىقىرىش، ئېكولوگىيە قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدىغان سۇنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك.

5-ماددا ئاپتونوم رايوننىڭ سۇ ئىشلىتىش ئومۇمىي مىقدارىنى دۆلەت چۈشۈرگەن تىزگىنلەش كۆرسەتكۈچىدىن ئاشۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ.

ناھىيە(شەھەر) دەرىجىلىكتىن يۇقىرى سۇچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى ئالاقىدار ۋادى باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرى تەستىقلىغان يەر ئۈستى سۈيى ۋە يەر ئاستى سۈيىدىن پايدىلىنىش ئومۇمىي مىقدارى ئاپتونوم رايونلۇق خلەق ھۆكۈمىتى چۈشۈرگەن سۇ ئىشلىتىش ئومۇمىي مىقدارىنى كونترول قلىش كۆرسەتكۈچىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى لازىم.

6-ماددا ئائىلە تۇرمۇشىغا ۋە تارقاق باققان، قوتاندا باققان چارۋا، ئۆي قۇشلىرىنىڭ ئىچىملىك سۈيىگە ئىشلىتىلىدىغان سۇ قاتارلىق يىللىق ئالىدىغان سۇ مىقدارى 1000 كۇب مېتىردىن تۆۋەن بولغانلارغا سۇ ئېلىش ئىجازىتى تەتبىقلانمايدۇ؛ لېكىن ناھىيە(شەھەر) دەرىجىلىكتىن يۇقىرى سۇچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرى ياكى ئالاقىدار ۋادى باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرى سۇ ئالغۇچى ئورۇن ياكى شەخسلەرنىڭ نامى(ئىسىم-فامىلىسى)، سۇنىڭ ئىشلىتىلىشى، سۇ ئىشلىتىش مىقدارى، سۇ ئېلىش ئورنى، سۇ ئېلىش ئۇسۇلى، سۇ ئېلىش ۋاقتى، سۇ سۈپىتى قاتارلىقلارنى تەكشۈرۈپ تىزىملىشى لازىم.

7-ماددا تۆۋەندىكى سۇ ئېلىش ئىجازىتىنى بېرىشكە ئاپتونوم رايوننىڭ سۇچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى ئۇنىڭ ۋادى باشقۇرۇش ۋاكالەت ئاپپاراتلىرى مەسئۇل بولىدۇ:

1) ئوبلاست، شەھەر (ۋىلايەت) ھالقىغان دەريا، كۆللەردىن سۇ ئېلىش؛

2) ئوبلاست، شەھەر (ۋىلايەت) مەمۇرىي رايونىدىن ھالقىپ سۇ ئېلىش؛

3) خەلقئارا دەريالارنىڭ كۆرسىتىلگەن دەريا بۆلەكلىرىدىن سۇ ئېلىش؛

4) ئاپتونوم رايوننىڭ سۇچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلار باشقۇرىدىغان سۇ ئىنشائاتلىرىدىن سۇ ئېلىش؛

5) يەر ئاستىدىن يىللىق ئالىدىغان سۇ مىقدارى 5 مىليون كۇب مېتىردىن ئاشقانلار؛

6) ئاپتونوم رايوننىڭ تارىم ۋادىسىنى باشقۇرۇش ئاپپاراتى ياكى ئاپتونوم رايوننىڭ سۇچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا بىۋاسىتە قاراشلىق ۋادى باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرىنىڭ دەريا يولىنى باشقۇرۇش دائىرىسى سىرتىدىكى بىر كىلومېتىرغىچە بولغان دائىرە ئىچىدە يەر ئاستى سۈيىدىن پايدىلىنىش.

8-ماددا بۇ چارىنىڭ 7-ماددىسىدا بەلگىلەنگەنلەردىن باشقا سۇ ئېلىش ئىجازىتىنىڭ دەرىجىگە ئايرىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئوبلاستلىق، شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى، ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىلەر قانۇن بويىچە بېكىتىدۇ ھەمدە ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە ئالاقىدار ۋادى باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرىغا ئەنگە ئالدۇرىدۇ.

9-ماددا سۇ ئېلىش ئىجازىتى بېرىشتە رايونلار بويىچە چەك قويۇپ تەستىقلاش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ.

سۇچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى ئالاقىدار ۋادى باشقۇرۇش ئاپپاراتى سۇ ئېلىش ئومۇمىي مىقدارى تىزگىنلەش كۆرسەتكۈچىدىن ئېشىپ كەتكەن رايونلاردا سۇنى كۆپەيتىپ ئېلىشنى تەستىقلاشنى ۋاقتىنچە توختىتىشى كېرەك؛ ئېلىنغان سۇ ئومۇمىي مىقدارى تىزگىنلەش كۆرسەتكۈچىگە يېقىنلاشقان رايونلاردا كۆپەيتىلىدىغان سۇ ئېلىش مىقدارىغا چەك قويۇشى كېرەك.

10-ماددا سۇ بايلىقىدىن پايدىلىنىشقا مۇناسىۋەتلىك يىرىك پىلاننى تۈزۈشتە پىلانلانغان سۇ بايلىقىنى دەلىللەش شەرت؛ سۇ بايلىقى يېتەرسىز ياكى سۇ ئېلىش ئومۇمىي مىقدارى تىزگىنلەش كۆرسەتكۈچىدىن ئېشىپ كەتكەن رايونلاردا كۆلەمنى كېڭەيتىش ۋە قۇرۇلۇش تۈرلىرى جەھەتتە چەك قويۇش كېرەك.

11-ماددا مۇددەتكە بۆلۈپ يولغا قويۇلىدىغان قۇرۇلۇشلاردا يەر ئاستى سۈيىدىن پايدىلىنىشتا تۈر پىلانىنىڭ ئومۇمىي سۇ ئىشلىتىش مىقدارى ئىچىدە سۇ ئېلىش ئىجازىتى ئىلتىماسىنى سۇنۇش كېرەك.

12-ماددا باشقا سۇ ئالغۇچى ئورۇنلار ياكى شەخسلەر ياندۇرغان ياكى چىقىرىۋەتكەن سۇدىن پايدىلىنىشتا قانۇن بويىچە سۇ ئېلىش ئىجازىتىنى ئىلتىماس قىلىش كېرەك.

پەلەمپەيسىمان ئېلېكتىر ئىستانسىسىلىرى پەلەمپەي ئايرىمىسى بويىچە سۇ ئېلىش ئىجازىتىنى بېجىرىشى كېرەك.

13-ماددا يەر مەنبەلىك ئىسسىقلىق پومپىسى ئورنىتىشتا سۇ ئېلىش ئىجازىتىنى ئىلتىماس قىلىش كېرەك. يەر مەنبەلىك ئىسسىقلىق پومپىسىنىڭ سۇ ئېلىش قۇدۇقى بىلەن سۇ ياندۇرۇش قۇدۇقى ئوخشاش سۇ قاتلىمىغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى، سانى ۋە ئارىلىقى مۇۋاپىق بولۇشى، ئۆلچەش ئەسلىھەلىرى ئورنىتىلىشى لازىم؛ ياندۇرۇلغان سۇ سۈپىتى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىدىكى ئۆلچەمگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك.

يەر ئاستى ئىچىملىك سۇ مەنبەسىنى قوغداش رايونى، يەر ئاستى سۈيى زىيادە قېزىلغان رايون ۋە بېسىملىق سۇلۇق قەۋەتتە يەر مەنبەلىك ئىسسىقلىق پومپىسىنى ئورنىتىش مەنئى قىلىنىدۇ.

14-ماددا سۇ ئېلىش ئىجازىتىنى بەرگۈچى ئورگان سۇ ئېلىش ئىجازىتىنى بېرىشتىن بۇرۇن، سۇ ئېلىش ئىجازىتى ئىلتىماس ماتېرىيالىنى ئېلان قىلىدۇ، ئېلان قىلىش مۇددىتى بەش خىزمەت كۈنىدىن كەم بولمايدۇ. ئېلان قىلىش مۇددىتى سۇ ئېلىش ئىجازىتىنى بېجىرىشنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن مۇددىتى ئىچىدە بولىدۇ.

پايدا-زىيان مۇناسىۋىتى بار كىشىلەرنىڭ ئېلان قىلىنغان ئىشلارغا باشقىچە پىكرى بولسا، سۇ ئېلىش ئىجازىتىنى بەرگۈچى ئورگان تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشى كېرەك؛ تەكشۈرۈشتە باشقىچە پىكىرنىڭ ئورۇنلۇق ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان بولسا، ئىجازەت بەرمەسلىك قارارىنى چىقىرىشى كېرەك.

15-ماددا سۇ ئېلىش قۇرۇلۇشى ياكى ئەسلىھەسى سىناق تەرىقىسىدە ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىنكى 30 كۈن ئىچىدە سۇ ئېلىش ئىجازىتىنى ئىلتىماس قىلغۇچى سۇ ئېلىش ئىجازىتى بەرگۈچى ئورگانغا سۇ ئېلىش قۇرۇلۇشى ياكى ئەسلىھەسىنىڭ سىناق تەرىقىسىدە ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈش ماتېرىيالىنى يوللىشى كېرەك؛ سۇ ئېلىشقا ئىجازەت بەرگۈچى ئورگان ماتېرىيالنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ، 20 خىزمەت كۈنى ئىچىدە سۇ ئېلىش قۇرۇلۇشى ياكى ئەسلىھەسى، شۇنداقلا ئۆلچەش ئەسلىھەسى، سۇ تېجەش تەدبىرى ۋە بۇلغىما، كېرەكسىز سۇ چىقىرىش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى نەق مەيدانغا بېرىپ تەكشۈرۈشى كېرەك.

16-ماددا سۇ ئالغۇچى ئورۇن ياكى شەخسلەر ھەر يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن بۇرۇن سۇ ئېلىش ئىجازىتى بەرگۈچى ئورگانغا شۇ يىللىق سۇ ئېلىش ئەھۋالى ۋە كېيىنكى يىللىق سۇ ئېلىش پىلانىنى يوللاپ بېرىشى كېرەك. سۇ ئېلىش ئىجازىتىنى بەرگۈچى ئورگان ھەر يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن بۇرۇن سۇ ئالغۇچى ئورۇن ياكى شەخسكە يىللىق سۇ ئېلىش پىلانىنى چۈشۈرۈپ بېرىشى كېرەك.

17-ماددا سۇ ئېلىش ئىجازىتىنى بەرگۈچى ئورگان 3-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن بۇرۇن، تەستىقلانغان ئالدىنقى يىللىق سۇ ئېلىش پىلانىدىكى مىقدار، ئەمەلىي سۇ ئىشلىتىش مىقدارى ۋە شۇ يىللىق سۇ ئېلىش پىلانىدىكى مىقدار، شۇنداقلا سۇ ئېلىش ئىجازەتنامىسىنىڭ تارقىتىلىش ئەھۋالىنى ئۆز ئورگىنىنىڭ تور بېكىتى ياكى ئالاقىدار تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىشى ھەمدە بىر دەرىجە يۇقىرى سۇچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە ئالاقىدار ۋادى باشقۇرۇش ئاپپاراتىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.

18-ماددا ناھىيە(شەھەر) دەرىجىلىكتىن يۇقىرى سۇچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى ئالاقىدار ۋادى باشقۇرۇش ئاپپاراتى دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، سۇ ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك.

19-ماددا سۇ ئالغۇچى ئورۇن ياكى شەخسلەر ئالاقىدار تېخنىكا ئۆلچىمى ۋە شۇ جاينىڭ سۇ بايلىقى شارائىتىغا ئاساسەن، سۇ تېجەش تەدبىرىنى كۈچەيتىپ، سۇ ئىشلىتىش ھۈنەر-سەنئىتىنى ياخشىلىشى، ئايلاندۇرۇپ ئىشلىتىش قېتىم سانىنى كۆپەيتىپ، يۇندى، كېرەكسىز سۇنى قويۇۋېتىش مىقدارىنى ئازايتىش كېرەك.

سانائەت كارخانىلىرى قەرەللىك ھالدا سۇ تەڭپۇڭلۇقىنى تەكشۈرۈپ تۇرۇشى كېرەك.

20-ماددا قۇدۇقتىن چىقىرىۋېتىلگەن سۇ ۋە يۇندى(كېرەكسىز) سۇنى بىر تەرەپ قىلىپ قايتا ئىشلىتىشكە ئىلھام بېرىلىدۇ. يۇندى(كېرەكسىز) سۇنى بىر تەرەپ قىلىپ قايتا ئىشلىتىش يىللىق سۇ ئىشلىتىش ئومۇمىي مىقدارىنى تىزگىنلەش كۆرسەتكۈچىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ.

21-ماددا سۇ ئالغۇچى ئورۇن ۋە شەخسلەر دۆلەت ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان سۇ ئېلىش، ياندۇرۇش مىقدارىنى ئۆلچەش ئەسلىھەلىرىنى ئىشلىتىشى ھەمدە ئۆلچەش ئەسلىھەلىرىنىڭ نورمال ئىشلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

يېڭىدىن ئورنىتىلغان سۇ ئېلىش قۇرۇلۇشى ئۆلچەش ئەسلىھەسىنى سۇ ئېلىش قۇرۇلۇشى بىلەن بىر ۋاقىتتا لايىھەلەش، بىر ۋاقىتتا ئورنىتىش، بىر ۋاقىتتا ئىشقا كىرىشتۈرۈش كېرەك.

22-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، سۇ ئېلىش مىقدارى سۇ ئېلىش قۇرۇلۇشى ياكى ئەسلىھەسىنىڭ ئەڭ چوڭ ئىقتىدارى بويىچە ھېسابلىنىدۇ.

1) سۇ ئېلىش، ياندۇرۇش مىقدارىنى ئۆلچەش ئەسلىھەسى ئورنىتىلمىسا؛

2) ئېلىنغان، ياندۇرۇلغان سۇ مىقدارىنى ئۆلچەش ئەسلىھەسى لاياقەتلىك بولمىسا ياكى نورمال ئىشلىمىسە؛

3) سۇ ئالغۇچى ئورۇن ياكى شەخسلەر ئالغان ياكى ياندۇرغان سۇنىڭ سانلىق مەلۇماتىنى تەمىنلەشنى رەت قىلسا ياكى ئويدۇرۇپ چىقارغان بولسا.

23-ماددا ناھىيە(شەھەر) دەرىجىلىكتىن يۇقىرى سۇچىلىق مەسئۇل تارمىقى ياكى ئالاقىدار ۋادى باشقۇرۇش ئاپپاراتى سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش ئۇچۇر سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى، سۇ بايلىقىنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەش تور بېكىتىنى قۇرۇشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى، سۇ مىقدارى، سۇ سۈپىتىنى ئۆلچەش ئەسلىھەلىرىنى ياخشىلىشى كېرەك.

ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ سۇ مىقدارى، سۇ سۈپىتىنى ئۆلچەش ئەسلىھەلىرىنى ئىگىلىۋېلىشىغا، بۇزۇۋېتىشىگە، يۆتكىۋېتىشىگە بولمايدۇ، ئۆلچەش خىزمىتىگە كاشىلا پەيدا قىلىش ۋە توسقۇنلۇق قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ.

24-ماددا سۇ ئېلىش ئىجازىتى بەرگۈچى ئورگان سۇ ئېلىش ئىجازىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىشى كېرەك؛ ئېھتىياجغا قاراپ، سۇ ئېلىش ئېغىزى تۇرۇشلۇق جايدىكى سۇچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى ئالاقىدار ۋادى باشقۇرۇش ئاپپاراتىغا سۇ ئېلىش ئىجازىتى ئىشلىرىنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشنى ھاۋالە قىلىشقا بولىدۇ.

25-ماددا سۇچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە ئالاقىدار ۋادى باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرىنىڭ خادىملىرىدا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، ئۆز تارمىقى ياكى مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنى قانۇن بويىچە جازالايدۇ:

1) قانۇن بويىچە مەمۇرىي ئىجازەت قارارى چىقارمىغان ياكى تەستىقىي ھۆججەت بېجىرمىگەنلەر؛

2) قانۇنسىز قىلمىشلارنى بايقاپ تۇرۇپ ياكى قانۇنسىز قىلمىشلار پاش قىلىنغان بولسىمۇ، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلمىغانلار؛

3) مۇشۇ چارىدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغان باشقا قىلمىشى بارلار.

26-ماددا مۇشۇ چارىنىڭ 13-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، يەر ئاستى سۈيى ئىچىملىك سۇ مەنبەسىنى قوغداش رايونى، يەر ئاستى سۈيى زىيادە قېزىلغان رايون، شۇنداقلا بېسىملىق سۇ قاتلىمىدا يەر مەنبەلىك ئىسسىقلىق پومپىسى ئورناتقانلارنى ناھىيە(شەھەر) دەرىجىلىكتىن يۇقىرى سۇچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى ئالاقىدار ۋادى باشقۇرۇش ئاپپاراتى قانۇنسىز قىلمىشىنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ ھەمدە ئۇلارغا 30 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

27-ماددا مۇشۇ چارىنىڭ 23-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، سۇ مىقدارى، سۇ سۈپىتىنى ئۆلچەش ئەسلىھەلىرىنى ئىگىلىۋالغان، بۇزغان، خالىغانچە يۆتكىگەنلەرنى ناھىيە(شەھەر) دەرىجىلىكتىن يۇقىرى سۇچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى ئالاقىدار ۋادى باشقۇرۇش ئاپپاراتى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ ھەمدە ئۇلارغا 30 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

28-ماددا مۇشۇ چارىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ، قانۇنىي جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك باشقا قىلمىشلار گوۋۇيۈەننىڭ «سۇ ئېلىش ئىجازىتى ۋە سۇ ھەققى يىغىشنى باشقۇرۇش نىزامى» ۋە ئالاقىدار قانۇن-نىزاملار بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

29-ماددا بۇ چارە 2014-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#