ئورمان ئوت مۇداپىئە نىزامى

ئورمان ئوت مۇداپىئە نىزامى

«ئورمان ئوت مۇداپىئە نىزامى» 1988–يىل 1–ئاينىڭ 16–كۈنى گوۋۇيۈەن ئېلان قىلغان، 2008–يىل 11–ئاينىڭ 19–كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ 36–قېتىملىق دائىمىي يىغىنىدا ئۆزگەرتىپ ماقۇللانغان.

ئۇيغۇرچە نامى ئورمان ئوت مۇداپىئە نىزامى
ماقۇللانغان ۋاقتى 1988–يىل 1–ئاينىڭ 16–كۈنى
خەنزۇچە نامى 森林防火条例
ئۆزگەرتىلگەن ۋاقتى 2008–يىل 11–ئاينىڭ 19–كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

«ئورمان ئوت مۇداپىئە نىزامى» ئورمان ئوت ئاپىتىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۆچۈرۈش-قۇتقۇزۇش، خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال–مۈلكىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ئورمان بايلىقىنى، ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىنى قوغداش مەقسىتىدە، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئورمان قانۇنى»غا ئاساسەن تۈزۈلگەن.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى گوۋۇيۈەنىنىڭ پەرمانى (541-نومۇرلۇق)

«ئورمان ئوت مۇداپىئە نىزامى» 2008-يىل 11-ئاينىڭ 19-كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ 36-قېتىملىق دائىمىي يىغىنىدا ئۆزگەرتىپ ماقۇللانغان، ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى «ئورمان ئوت مۇداپىئە نىزامى» ئېلان قىلىنغان، 2009-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان.

 زۇڭلى ۋېن جياباۋ

2008-يىل 12-ئاينىڭ 1-كۈنى

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

1-ماددا بۇ نىزام ئورمان ئوت ئاپىتىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۆچۈرۈش-قۇتقۇزۇش، خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال– مۈلكىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ئورمان بايلىقىنى، ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىنى قوغداش مەقسىتىدە، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئورمان قانۇنى»غا ئاساسەن چىقىرىلدى.

2-ماددا بۇ نىزام جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگراسى ئىچىدىكى ئورمان ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە قۇتقۇزۇشقا تەتبىقلىنىدۇ. لېكىن، شەھەر رايونىدىكىسى بۇنىڭ سىرتىدا.

3-ماددا ئورمان ئوت مۇداپىئە خىزمىتىدە ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش، ئوت ئۆچۈرۈشتە ئاكتىپ بولۇش فاڭجېنى يولغا قويۇلىدۇ.

4-ماددا دۆلەتنىڭ ئورمان ئوت مۇداپىئە قوماندانلىق ئاپپاراتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئورمان ئوت مۇداپىئە خىزمىتىنى تەشكىللەش، ماسلاشتۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ.

گوۋۇيۈەننىڭ ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئورمان ئوت مۇداپىئەسىنى نازارەت قىلىش ۋە باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ، دۆلەت ئورمان ئوت مۇداپىئە قوماندانلىق ئاپپاراتىنىڭ كۈندىلىك خىزمىتىنى ئىشلەيدۇ.

گوۋۇيۈەننىڭ باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى ئورمان ئوت مۇداپىئە خىزمىتىگە مەسئۇلىيىتى ۋە ئىش تەقسىماتى بويىچە مەسئۇل بولىدۇ.

5-ماددا ئورمان ئوت مۇداپىئە خىزمىتىدە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مەمۇرىي باشلىقلىرى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىغا قاراپ قۇرۇلغان ئورمان ئوت مۇداپىئە قوماندانلىق ئاپپاراتلىرى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ئورمان ئوت مۇداپىئە خىزمىتىنى تەشكىللەش، ماسلاشتۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ئورمان ئوت مۇداپىئەسىنى نازارەت قىلىش ۋە باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورمان ئوت مۇداپىئە قوماندانلىق ئاپپاراتىنىڭ كۈندىلىك خىزمىتىنى ئىشلەيدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى ئورمان ئوت مۇداپىئە خىزمىتىگە مەسئۇلىيىتى ۋە ئىش تەقسىماتى بويىچە مەسئۇل بولىدۇ.

6-ماددا ئورمان، دەل-دەرەخ ۋە ئورمان يېرىنى باشقۇرغۇچى ئورۇنلار ۋە شەخسلەر باشقۇرۇش دائىرىسىدە ئورمان ئوت مۇداپىئە جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

7-ماددا ئورمان ئوت مۇداپىئە خىزمىتى ئىككىدىن ئارتۇق مەمۇرىي رايونغا مۇناسىۋەتلىك بولسا، مۇناسىۋەتلىك يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئورمان بىرلەشمە ئوت مۇداپىئە مېخانىزمىنى بەرپا قىلىشى، بىرلەشمە مۇداپىئە رايونىنى بېكىتىشى، بىرلەشمە مۇداپىئە تۈزۈمىنى ئورنىتىشى، ئۇچۇردىن تەڭ پايدىلىنىشى ھەمدە نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

8-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئورمان ئوت مۇداپىئە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈشى، ئورمان ئوت مۇداپىئە خىراجىتىنى شۇ دەرىجىلىك مالىيە خامچوتىغا كىرگۈزۈشى كېرەك.

9-ماددا دۆلەت ئورمان ئوت مۇداپىئە پەن تەتقىقاتىنى قوللاپ، ئىلغار پەن-تېخنىكىنى كېڭەيتىپ ۋە قوللىنىپ، ئورمان ئوت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدۇ.

10-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى، مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ئورمان ئوت مۇداپىئەسىگە ئائىت دائىملىق تەشۋىقات پائالىيىتىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئورمان ئوت مۇداپىئە بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ئورمان ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

11-ماددا دۆلەت ئورمان ئوت ئاپىتى خەۋپ-خەتىرىنى سۇغۇرتا شەكلى ئارقىلىق يۆتكەشكە، ئورمان ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۇنى يېنىكلىتىش ئىقتىدارى ۋە ئاپەتتىن كېيىن ئۆزىنى ئۆزى قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشقا ئىلھام بېرىدۇ.

12-ماددا ئورمان ئوت مۇداپىئە خىزمىتىدە گەۋدىلىك نەتىجە ياراتقان ئورۇنلار ۋە شەخسلەر دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە تەقدىرلىنىدۇ ۋە مۇكاپاتلىنىدۇ.

چوڭ، پەۋقۇلئاددە چوڭ ئورمان ئوت ئاپىتىدىن قۇتقۇزۇشتا ئىپادىسى گەۋدىلىك بولغان ئورۇنلار ۋە شەخسلەرنى ئورمان ئوت مۇداپىئە قوماندانلىق ئاپپاراتى شۇ جاينىڭ ئۆزىدە تەقدىرلىسە ۋە مۇكاپاتلىسا بولىدۇ.

2-باب ئورمان ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش

13-ماددا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەن ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقى بېكىتكەن ئورمان ئوت خەۋپى رايونى دەرىجە ئۆلچىمى بويىچە، شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ئورمان ئوت خەۋپى رايون دەرىجىسىنى ناھىيەنى بىرلىك قىلىپ بېكىتىپ، جەمئىيەتكە ئېلان قىلىشى ھەمدە گوۋۇيۈەننىڭ ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.

14-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئورمان ئوت خەۋپى رايون دەرىجىسىگە ۋە ئەمەلىي خىزمەت ئېھتىياجىغا قاراپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئورمان ئوت مۇداپىئە يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ، گوۋۇيۈەنگە ياكى گوۋۇيۈەن ھوقۇق بەرگەن تارماققا تەستىقلاتقاندىن كېيىن يولغا قويۇشى كېرەك.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئورمان ئوت مۇداپىئە يىرىك پىلانىغا ئاساسەن، ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ئورمان ئوت مۇداپىئە يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلاتقاندىن كېيىن يولغا قويىدۇ.

15-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئورمان ئوت مۇداپىئە يىرىك پىلانى بويىچە، ئورمان ئوت مۇداپىئە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى، ئورمان ئوت مۇداپىئە زۆرۈر ئەشيالىرىنى زاپاس ساقلىشى، ئورمان ئوت مۇداپىئە قوماندانلىق ئۇچۇر سىستېمىسىنى ئەمەلىي ئېھتىياجغا قاراپ تەڭشىشى، مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك.

گوۋۇيۈەن ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئورمان ئوت مۇداپىئە ئەمەلىي ئېھتىياجىغا قاراپ، سۈنئىي ھەمراھ يىراقتىن سېزىش تېخنىكىسى ۋە ھازىرقى ھەربىي، پۇقراۋى ئاۋىياتسىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار قاتناشقان ئورمان ھاۋا مۇھاپىزەت ھەمكارلىق مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، ئورمان ھاۋا مۇھاپىزەت ئۇل ئەسلىھەسىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ ھەمدە ئورمان ھاۋا مۇھاپىزەت خىراجىتىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.

16-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقى دۆلەتنىڭ چوڭ، پەۋقۇلئاددە چوڭ ئورمان ئوت ئاپىتىگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر بويىچە تۈزۈپ، گوۋۇيۈەنگە تەستىقلىتىشى كېرەك.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقى ئورمان ئوت ئاپىتىگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر بويىچە تۈزۈپ، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلىتىشى ھەمدە بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.

ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يېزىلىق (بازارلىق) خەلق ھۆكۈمەتلىرىنى تەشكىللەپ، ئورمان ئوت ئاپىتىگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىگە ئاساسەن ئورمان ئوت ئاپىتىنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش چارىسىنى چىقىرىشى؛ كەنت ئاھالە كومىتېتلىرى ئورمان ئوت ئاپىتىگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسى ۋە ئورمان ئوت ئاپىتىنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش چارىسىدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە، ئورمان ئوت ئاپىتىنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە ياردەملىشىشى كېرەك.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى ئورمان ئوت ئاپىتىگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش بويىچە زۆرۈر مانېۋىر ئۆتكۈزۈشى كېرەك.

17-ماددا ئورمان ئوت ئاپىتىگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسى تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

(1) ئورمان ئوت ئاپىتىگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق ئاپپاراتى ۋە ئۇنىڭ مەسئۇلىيىتى؛

(2) ئورمان ئوت ئاپىتىدىن سىگنال بېرىش، كۆزىتىش، مەلۇمات بېرىش ۋە بىر تەرەپ قىلىش؛

(3) ئورمان ئوت ئاپىتىگە جىددىي تاقابىل تۇرۇشقا ئاۋاز قوشۇش مېخانىزمى ۋە تەدبىرلەر؛

(4) مەبلەغ، ئەشيا ۋە تېخنىكا قاتارلىق كاپالەت تەدبىرلىرى؛

(5) ئاپەتتىن كېيىن بىر تەرەپ قىلىش.

18-ماددا ئورمان رايونىدا قانۇن بويىچە زاۋۇت، كان، كارخانا ئاچىدىغان، ساياھەت رايونى قۇرىدىغان ياكى يېڭى تەرەققىيات رايونى قۇرىدىغانلار ئورمان ئوت مۇداپىئە ئەسلىھەسىنى شۇ قۇرۇلۇش تۈرى بىلەن تەڭ پىلانلىشى، تەڭ لايىھەلىشى، تەڭ قۇرۇشى، تەڭ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشى؛ ئورمان رايونىدا دائىرە بويىچە ئورمان بىنا قىلىدىغانلار ئورمان ئوت مۇداپىئە ئەسلىھەلىرىنى يانداشتۇرۇپ تەڭ قۇرۇشى كېرەك.

19-ماددا تۆمۈريول باشقۇرغۇچى ئورۇنلار ئۆز قارىمىقىدىكى ئورمان يېرىنىڭ ئوت مۇداپىئە خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇشى ھەمدە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تۆمۈريول بويىدىكى ئورماننىڭ ئوت ئاپىتى خەۋپى بار بۆلىكىدىكى ئوت مۇداپىئە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە ماسلىشىشى كېرەك.

توك سىم يولى، تېلېگراف سىم يولى ۋ نېفىت، تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولىدىكى ئورمان ئوت مۇداپىئەسىگە جاۋابكار ئورۇنلار ئوت ئاپىتى خەۋپى بار ئورمان بۆلىكىدە ئوت مۇداپىئە ئارىلىقى قويۇشى ھەمدە چارلاشقا ئادەم قويۇشى كېرەك.

20-ماددا ئورمان، دەل-دەرەخ ۋە ئورمان يېرىنى باشقۇرغۇچى ئورۇنلار ۋە شەخسلەر ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، ئورمان ئوت مۇداپىئە جاۋابكارلىق تۈزۈمىنى ئورنىتىشى، ئورمان ئوت مۇداپىئە جاۋابكارلىق رايونىنى ئايرىشى، ئورمان ئوت مۇداپىئە جاۋابكارىنى بېكىتىشى ھەمدە ئورمان ئوت مۇداپىئە ئەسلىھەسى ۋە ئۈسكۈنىسىنى سەپلىشى كېرەك.

21-ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە دۆلەت ئورمانچىلىق كارخانىلىرى، كەسپىي ئورۇنلىرى ئەمەلىي ئېھتىياجغا قاراپ، كەسپىي ئوت ئۆچۈرۈش– قۇتقۇزۇش قوشۇنىنى قۇرۇشى؛ ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئورمان باشقۇرغۇچى ئورۇنلار ۋە ئورمان رايونىدىكى ئاھالە كومىتېتلىرى، كەنت ئاھالە كومىتېتلىرى، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئاممىۋى ئوت ئۆچۈرۈش-قۇتقۇزۇش قوشۇنى قۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك. كەسپىي ۋە ئاممىۋى ئوت ئۆچۈرۈش قوشۇنىنى قەرەللىك ھالدا تەربىيەلەش ۋە مانېۋىر قىلدۇرۇش كېرەك.

22-ماددا ئورمان، دەل-دەرەخ ۋە ئورمان يېرىنى باشقۇرغۇچى ئورۇنلاردا قويۇلغان قوشۇمچە ياكى مەخسۇس ۋەزىپىدىكى ئورمان مۇھاپىزەتچىلىرى ئورمان چارلاشقا، دالىدا ئوت يېقىشنى باشقۇرۇشقا، ئوت ئەھۋالىنى ۋاقتىدا مەلۇم قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ، مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارنىڭ ئورمان ئوت ئاپىتى دېلوسىنى تەكشۈرۈشىگە ياردەملىشىدۇ.

23-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇ مەمۇرىي رايوندىكى ئورمان بايلىقىنىڭ جايلىشىش ئەھۋالىغا ۋە ئورمان ئوت ئاپىتى يۈز بېرىش قانۇنىيىتىگە ئاساسەن، ئورمان ئوت مۇداپىئە رايونىنى ئايرىشى، ئورمان ئوت مۇداپىئە مەزگىلىنى بېكىتىشى ھەمدە جەمئىيەتكە ئېلان قىلىشى كېرەك.

ئورمان ئوت مۇداپىئە مەزگىلىدە، ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئورمان ئوت مۇداپىئە قوماندانلىق ئاپپاراتى ۋە ئورمان، دەل-دەرەخ، ئورمان يېرىنى باشقۇرغۇچى ئورۇنلار ۋە شەخسلەر ئورمان ئوت خەۋپى مەلۇماتىغا ئاساسەن، مۇناسىپ ئالدىنى ئېلىش ۋە جىددىي تەييارلىق كۆرۈش تەدبىرىنى قوللىنىشى كېرەك.

24-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئورمان ئوت مۇداپىئە قوماندانلىق ئاپپاراتى مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنى ئورمان ئوت مۇداپىئە رايونىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ ئورمان ئوت مۇداپىئە تەشكىلىنى قۇرۇش، ئورمان ئوت مۇداپىئە جاۋابكارلىق تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئورمان ئوت مۇداپىئە ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇش ئەھۋاللىرىنى تەكشۈرۈشكە ئۇيۇشتۇرۇشى؛ تەكشۈرۈشتە ئورمان ئوت ئاپىتى خەۋپى سېزىلسە، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا ئورمان ئوت ئاپىتى خەۋپىنى تۈگىتىش توغرىسىدا ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، ئۇلارنى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىپ، خەۋپنى تۈگىتىشكە بۇيرۇشى كېرەك.

تەكشۈرۈلگۈچى ئورۇنلار ئاكتىپ ماسلىشىشى، تەكشۈرۈشكە توسقۇنلۇق ۋە دەخلى قىلماسلىقى كېرەك.

25-ماددا ئورمان ئوت مۇداپىئە مەزگىلىدە، ئورمان ئوت مۇداپىئە رايونىدىكى دالىدا ئوت يېقىش مەنئى قىلىنىدۇ. كېسەل، ھاشارات، چاشقان ئاپىتى، ئۈششۈك قاتارلىق ئالاھىدە ئەھۋاللار تۈپەيلىدىن دالىدا ئوت يېقىشقا توغرا كەلسە، ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلىتىش ھەمدە تەلەپ بويىچە ئوت مۇداپىئە تەدبىرىنى قوللىنىپ، ئوت كېتىشتىن قاتتىق ساقلىنىش؛ ئورمان ئوت مۇداپىئە رايونىغا كىرىپ راست ئوق مانېۋىرى ئۆتكۈزۈش، پارتلىتىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قىلىشقا توغرا كەلسە، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقىغا تەستىقلىتىش ھەمدە زۆرۈر ئوت مۇداپىئە تەدبىرىنى قوللىنىش كېرەك؛ جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ۋە جۇڭگو خەلق قوراللىق ساقچى قىسىملىرى تاسادىپىي ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە باشقا جىددىي ۋەزىپىنى ئىجرا قىلىش ئېھتىياجى بىلەن ئورمان ئوت مۇداپىئە رايونىغا كىرمەكچى بولسا، يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل تارمىقىغا تەستىقلىتىشى ھەمدە زۆرۈر ئوت مۇداپىئە تەدبىرىنى قوللىنىشى كېرەك.

26-ماددا ئورمان ئوت مۇداپىئە مەزگىلىدە، ئورمان، دەل-دەرەخ ۋە ئورمان يېرىنى باشقۇرغۇچى ئورۇنلار ئورمان ئوت مۇداپىئەسى ئاگاھ-تەشۋىقات بەلگىسىنى ئورنىتىشى ھەمدە باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرىدىغانلارغا ئورمان ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىنى تەشۋىق قىلىشى كېرەك.

ئورمان ئوت مۇداپىئە مەزگىلىدە، ئورمان ئوت مۇداپىئە رايونىغا كىرىدىغان ھەر خىل موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىگە بەلگىلىمە بويىچە ئوت مۇداپىئە قۇرۇلمىسىنى ئورنىتىش، ئوت ئۆچۈرۈش سايمىنىنى سەپلەش كېرەك.

27-ماددا ئورمان ئوت مۇداپىئە مەزگىلىدە ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقى، گوۋۇيۈەن بېكىتكەن نۇقتىلىق دۆلەت ئورمانچىلىق رايونلىرىدىكى باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تەستىقىنى ئېلىپ، ۋاقىتلىق ئورمان ئوت مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتى قۇرۇپ، ئورمان ئوت مۇداپىئە رايونىغا كىرىدىغان قاتناش ۋاسىتىلىرى ۋە ئادەملەرنى ئورمان ئوت مۇداپىئەسى بويىچە تەكشۈرسە بولىدۇ.

28-ماددا ئورمان ئوت مۇداپىئە مەزگىلىدە يۇقىرى تېمپىراتۇرا، قۇرغاقچىلىق، بوران قاتارلىق ئوت خەۋپى ئېغىر بولغان ھاۋارايىدىن مەلۇمات بېرىلگەن بولسا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئوت خەۋپى ئېغىر بولغان ئورمان رايونىنى، ئوت خەۋپى ئېغىر بولغان مەزگىلنى بېكىتىشى كېرەك. زۆرۈر تېپىلغاندا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئېھتىياجغا قاراپ بۇيرۇق چىقىرىپ، دالىدا ئوت يېقىشنى مەنئى قىلسا بولىدۇ؛ ئورمان ئوت ئاپىتىنى پەيدا قىلىش ئېھتىمالى بولغان ئاھالىنىڭ تۇرمۇش ئۈچۈن ئوت يېقىشىنى قاتتىق باشقۇرۇشى كېرەك.

29-ماددا ئورمان ئوت خەۋپى ئېغىر مەزگىلدە ئورمان ئوت خەۋپى ئېغىر رايونغا كىرىدىغانلار ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تەستىقىنى ئېلىپ، قەتئىي تۈردە تەستىقلانغان ۋاقىت، ئورۇن ۋە دائىرىدە ھەرىكەت قىلىشى ھەمدە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقىنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.

30-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقى ۋە مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتى ئورمان ئوت مۇداپىئە ئېھتىياجىغا قاراپ، ئورمان ئوت خەۋپىنى كۆزىتىش ۋە ئۇنىڭدىن مەلۇمات بېرىش ئىستانسىلىرىنى قۇرۇپ، بىرلىكتە كېڭىشىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، ئورمان ئوت خەۋپىدىن سىگنال ۋە مەلۇمات بېرىشكە ئائىت ئۇچۇرلارنى ۋاقتىدا تەييارلاپ ئېلان قىلىشى كېرەك.

مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتلىرى ئورمان ئوت مۇداپىئە خەۋپىگە ئائىت ھاۋارايىدىن مەلۇمات بېرىش مۇلازىمىتىنى ھەقسىز قىلىشى كېرەك. رادىيو، تېلېۋىزىيە، گېزىت، ئالاقە تورى قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئورمان ئوت خەۋپىگە ئائىت ھاۋارايى مەلۇماتىنى ۋاقتىدا بېرىشى ياكى بېسىشى كېرەك.

3-باب ئورمان ئوت ئاپىتىدىن قۇتقۇزۇش

31-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئورمان ئوت سىگنال تېلېفون نومۇرىنى ئېلان قىلىشى، ئورمان ئوت مۇداپىئە نۆۋەتچىلىك تۈزۈمىنى ئورنىتىشى كېرەك.

ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخس ئورمان ئوت ئاپىتىنى بايقىغان ھامان مەلۇم قىلىشى كېرەك. مەلۇماتنى تاپشۇرۇۋالغان جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى ياكى ئورمان ئوت مۇداپىئە قوماندانلىق ئاپپاراتى نەق مەيدانغا دەرھال ئادەم ئەۋەتىپ، تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، مۇناسىپ ئوت ئۆچۈرۈش-قۇتقۇزۇش تەدبىرىنى قوللىنىشى ھەمدە مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمە بويىچە يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋە ئورمان ئوت مۇداپىئە قوماندانلىق ئاپپاراتىغا دەرىجىمۇدەرىجە مەلۇم قىلىشى كېرەك.

32-ماددا تۆۋەندىكىدەك ئورمان ئوت ئاپىتى كۆرۈلگەندە، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئورمان ئوت مۇداپىئە قوماندانلىق ئاپپاراتى دۆلەت ئورمان ئوت مۇداپىئە قوماندانلىق ئاپپاراتىغا دەرھال مەلۇم قىلىشى، دۆلەت ئورمان ئوت مۇداپىئە قوماندانلىق ئاپپاراتى بەلگىلىمە بويىچە گوۋۇيۈەنگە مەلۇم قىلىشى ھەمدە گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىنى ۋاقتىدا خەۋەردار قىلىشى كېرەك:

(1) دۆلەت چېگراسى ئەتراپىدىكى ئورمان ئوت ئاپىتى؛

(2) چوڭ، پەۋقۇلئاددە چوڭ ئورمان ئوت ئاپىتى؛

(3) ئۈچتىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى ياكى ئوندىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئېغىر يارىلىنىشىنى پەيدا قىلغان ئورمان ئوت ئاپىتى؛

(4) ئاھالە رايونى ياكى مۇھىم ئەسلىھەگە تەھدىت سالغان ئورمان ئوت ئاپىتى؛

(5) 24 سائەتكىچە ئۆچۈرگىلى بولمىغان ئورمان ئوت ئاپىتى؛

(6) ئېچىلمىغان ئىپتىدائىي ئورمانلىقتىكى ئوت ئاپىتى؛

(7) ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر تۇتىشىدىغان جايدىكى خەۋپى چوڭ بولغان ئورمان ئوت ئاپىتى؛

(8) ئۆچۈرۈش-قۇتقۇزۇشقا دۆلەت ياردەم بېرىشكە توغرا كەلگەن ئورمان ئوت ئاپىتى.

بۇ ماددىنىڭ 3-تارمىقىدا ئېيتىلغان ‹‹دىن ئارتۇق›› شۇ ساننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

33-ماددا ئورمانغا ئوت كەتكەندە، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئورمان ئوت مۇداپىئە قوماندانلىق ئاپپاراتى ئورمان ئوت ئاپىتىگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى بەلگىلىمە بويىچە دەرھال يولغا قويۇشى؛ چوڭ، پەۋقۇلئاددە چوڭ ئورمان ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەندە، دۆلەت ئورمان ئوت مۇداپىئە قوماندانلىق ئاپپاراتى چوڭ، پەۋقۇلئاددە چوڭ ئورمان ئوت ئاپىتىگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى يولغا قويۇشى كېرەك.

ئورمان ئوت ئاپىتىگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، مۇناسىۋەتلىك ئورمان ئوت مۇداپىئە قوماندانلىق ئاپپاراتلىرى ئوت كەتكەن جاينىڭ نەق ئورنى، دائىرىسى شۇنىڭدەك شامال كۈچى، شامال يۆنىلىشى ۋە ئوتنىڭ كۆيۈش ئەھۋالىنى ئېنىقلاش ئاساسىدا، ئوت كەتكەن جاينىڭ ھاۋارايى شارائىتى، جۇغراپىيەلىك شارائىتىغا قاراپ، ئوت ئۆچۈرۈش-قۇتقۇزۇش لايىھەسىنى مۇۋاپىق بېكىتىشى، ئوت ئۆچۈرۈش-قۇتقۇزۇش بۆلىكىنى ئايرىشى، ئوت ئۆچۈرۈش-قۇتقۇزۇش جاۋابكارىنى بېكىتىشى ھەمدە ئورمانغا ئوت كەتكەن جايغا ۋاقتىدا بېرىپ ئوت ئۆچۈرۈش-قۇتقۇزۇشقا كونكرېت قوماندانلىق قىلىشقا مەسئۇل كىشىنى بېكىتىشى كېرەك.

34-ماددا ئورمان ئوت مۇداپىئە قوماندانلىق ئاپپاراتى ئورمان ئوت ئاپىتىگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسى بويىچە، ئوت ئۆچۈرۈش-قۇتقۇزۇشقا بىرتۇتاش تەشكىللىشى ۋە قوماندانلىق قىلىشى كېرەك.

ئورمان ئوت ئاپىتىدىن قۇتقۇزۇشتا، ئادەمنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئوت ئۆچۈرۈش-قۇتقۇزۇشتا ئىلمىي بولۇپ، ئوت ئاپىتى تەھدىتىگە ئۇچرىغان ئاممىنى ۋاقتىدا تارقاقلاشتۇرۇش ۋە چېكىندۈرۈش ھەمدە ئوت ئۆچۈرۈش-قۇتقۇزۇش خادىملىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، كىشىلەرنىڭ تالاپەتكە ئۇچرىشىدىن ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ساقلىنىش كېرەك.

35-ماددا ئورمان ئوت ئاپىتىدىن قۇتقۇزۇشتا كەسپىي ئوت ئۆچۈرۈش-قۇتقۇزۇش قوشۇنىنى ئاساسىي كۈچ قىلىش كېرەك؛ ئاممىۋى ئوت ئۆچۈرۈش-قۇتقۇزۇش قوشۇنىنى ئورماندا ئوت ئۆچۈرۈشكە ئۇيۇشتۇرغاندا، مېيىپلەر، ئاياللار ۋە قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى شۇنىڭدەك ئوت ئۆچۈرۈش-قۇتقۇزۇشقا قاتنىشىشقا مۇۋاپىق كەلمەيدىغان باشقا كىشىلەرنى سەپەرۋەر قىلىشقا بولمايدۇ.

36-ماددا ئورمان قوراللىق ساقچى قىسىمى دۆلەت تاپشۇرغان ئورمان ئوت مۇداپىئە ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدۇ. ئورمان قوراللىق ساقچى قىسىمى ئورمان ئوت ئاپىتىدىن قۇتقۇزۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلغاندا، ئوت كەتكەن جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئورمان ئوت مۇداپىئە قوماندانلىق ئاپپاراتىنىڭ بىرتۇتاش قوماندانلىقىغا بويسۇنۇشى؛ ئورمان ئوت ئاپىتىدىن قۇتقۇزۇش ۋەزىپىسىنى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ھالقىپ ئىجرا قىلغاندا، دۆلەتنىڭ ئورمان ئوت مۇداپىئە قوماندانلىق ئاپپاراتىنىڭ بىرتۇتاش قوماندانلىقىغا بويسۇنۇشى كېرەك.

جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ئورمان ئوت ئاپىتىدىن قۇتقۇزۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلغاندا، ‹‹ئارمىيەنىڭ خەتەردىن ۋە ئاپەتتىن جىددىي قۇتقۇزۇشقا قاتنىشىش نىزامى››دىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلىدۇ.

37-ماددا ئورمانغا ئوت كەتكەندە، مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ئورمان ئوت ئاپىتىگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسى ۋە ئورمان ئوت مۇداپىئە قوماندانلىق ئاپپاراتىنىڭ بىرتۇتاش قوماندانلىقى بويىچە، ئورمان ئوت ئاپىتىدىن قۇتقۇزۇشقا مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتلىرى ئوت كەتكەن جاينىڭ ھاۋارايىدىن ۋاقتىدا مەلۇمات بېرىشى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ۋاقتىدا بېرىشى ھەمدە ھاۋارايى شارائىتىغا قاراپ مۇۋاپىق پەيتتە يامغۇر ياغدۇرۇش مەشغۇلاتى قىلىشى كېرەك.

قاتناش-تىرانسپورت مەسئۇل تارماقلىرى ئورمان ئوت ئاپىتىدىن قۇتقۇزۇش خادىملىرى ۋە ئوت ئۆچۈرۈش-قۇتقۇزۇش ئەشيالىرىنى توشۇشنى ئاۋۋال ئۇيۇشتۇرۇشى كېرەك.

خەۋەرلىشىش مەسئۇل تارماقلىرى جىددىي خەۋەرلىشىشنى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.

خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى پاناھگاھ ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئەشياسى تەمىنات پونكىتى قۇرۇشى، ئاپەتكە ئۇچرىغانلارنى جىددىي يۆتكىشى ۋە مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشى، پاناھلاندۇرۇش خىزمىتىنى ئىشلىشى كېرەك.

جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ئامانلىق تەرتىپىنى ساقلىشى، ئامانلىق باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

سودا، سەھىيە تارمىقى قاتارلىق مەسئۇل تارماقلار ئەشيا تەمىناتى، داۋالاپ قۇتقۇزۇش خىزمىتى ۋە سەھىيە يۇقۇم مۇداپىئە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

38-ماددا ئورمان ئوت ئاپىتىدىن قۇتقۇزۇش ئېھتىياجى بىلەن، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئورمان ئوت مۇداپىئە قوماندانلىق ئاپپاراتى ئوت مۇداپىئە ئارىلىقى قويۇش، توسالغۇنى تۈگىتىش، جىددىي ئېھتىياج ئۈچۈن سۇ ئېلىش، قىسمەن قاتناشنى قامال قىلىش قاتارلىق جىددىي تەدبىرلەرنى قوللىنىشنى قارار قىلسا بولىدۇ.

ئورمان ئوت ئاپىتىدىن قۇتقۇزۇش ئېھتىياجى ئۈچۈن ئەشيا، ئۈسكۈنە، قاتناش-تىرانسپورت قوراللىرىنى ئېلىپ ئىشلىتىشكە توغرا كەلسە، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى قارار قىلىدۇ. ئوت ئۆچۈرۈش خىزمىتى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ئېلىپ ئىشلەتكەن ئەشيا، ئۈسكۈنە ۋە قاتناش قوراللىرىنى ۋاقتىدا قايتۇرۇپ بېرىش ھەمدە مۇناسىۋەتلىك قانۇنلاردىكى بەلگىلىمە بويىچە تولۇقلىما بېرىش كېرەك.

39-ماددا ئورماندىكى ئوت ئۆچۈرۈلگەندىن كېيىن، ئوت ئۆچۈرۈش-قۇتقۇزۇش قوشۇنى ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن نەق مەيداننى ئەتراپلىق تەكشۈرۈپ، قالدۇق ئوتنى ئۆچۈرۈشى ھەمدە ئوت كەتكەن جايغا قاراشقا يېتەرلىك ئادەم قالدۇرۇشى كېرەك، شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورمان ئوت مۇداپىئە قوماندانلىق ئاپپاراتى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋالغاندىن كېيىن، قارىغۇچىلار قايتسا بولىدۇ.

4-باب ئاپەتتىن كېيىن بىر تەرەپ قىلىش

40-ماددا ئورمان ئوت ئاپىتى زىيانغا ئۇچرىغان ئورماننىڭ كۆلىمى ۋە تالاپەتكە ئۇچرىغان ئادەم سانىغا قاراپ، ئادەتتىكى ئورمان ئوت ئاپىتى، چوڭراق ئورمان ئوت ئاپىتى، چوڭ ئورمان ئوت ئاپىتى ۋە پەۋقۇلئاددە چوڭ ئورمان ئوت ئاپىتى دەپ ئايرىلىدۇ:

(1) ئادەتتىكى ئورمان ئوت ئاپىتى: زىيانغا ئۇچرىغان ئورمان كۆلىمى بىر گېكتاردىن تۆۋەن بولسا ياكى باشقا ئورمان يېرىگە ئوت كەتكەن بولسا ياكى ئۆلگەن ئادەم سانى بىردىن يۇقىرى، ئۈچتىن تۆۋەن بولسا ۋە ياكى ئېغىر زەخىملەنگەن ئادەم سانى بىردىن يۇقىرى، ئوندىن تۆۋەن بولسا؛

(2) چوڭراق ئورمان ئوت ئاپىتى: زىيانغا ئۇچرىغان ئورمان كۆلىمى بىر گېكتاردىن يۇقىرى، 100 گېكتاردىن تۆۋەن بولسا ياكى ئۆلگەن ئادەم سانى ئۈچتىن يۇقىرى، ئوندىن تۆۋەن بولسا ۋە ياكى ئېغىر زەخىملەنگەن ئادەم سانى ئوندىن يۇقىرى، 50 تىن تۆۋەن بولسا؛

(3) چوڭ ئورمان ئوت ئاپىتى: زىيانغا ئۇچرىغان ئورمان كۆلىمى 100 گېكتاردىن يۇقىرى، 1000 گېكتاردىن تۆۋەن بولسا ياكى ئۆلگەن ئادەم سانى ئوندىن يۇقىرى، 30 دىن تۆۋەن بولسا ۋە ياكى ئېغىر زەخىملەنگەن ئادەم سانى 50 تىن يۇقىرى، 100 دىن تۆۋەن بولسا؛

(4) پەۋقۇلئاددە چوڭ ئورمان ئوت ئاپىتى: زىيانغا ئۇچرىغان ئورمان كۆلىمى 1000 گېكتاردىن يۇقىرى ياكى ئۆلگەن ئادەم سانى 30 دىن يۇقىرى ۋە ياكى ئېغىر زەخىملەنگەن ئادەم سانى 100 دىن يۇقىرى بولسا.

بۇ ماددىنىڭ 1-تارمىقىدا ئېيتىلغان ‹‹دىن يۇقىرى›› شۇ ساننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ‹‹دىن تۆۋەن›› شۇ ساننى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.

41-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقى باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىلەن بىللە ئورمان ئوت ئاپىتىنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبى، ئوت ئاپىتى پەيدا قىلغۇچى، زىيانغا ئۇچرىغان ئورمان كۆلىمى ۋە ئورمان زاپىسى، تالاپەت ئەھۋالى، باشقا ئىقتىسادىي زىيان قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەكشۈرۈشى ۋە باھالىشى، شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتىگە تەكشۈرۈش دوكلاتى سۇنۇشى؛ شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى تەكشۈرۈش دوكلاتىغا ئاساسەن، ئورمان ئوت ئاپىتىدە جاۋابكارلىقى بار ئورۇن ۋە شەخسنى بېكىتىشى ھەمدە قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

ئورمان ئوت ئاپىتى زىيىنىنى باھالاش ئۆلچىمىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقى باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىلەن بىرلىكتە بېكىتىدۇ.

42-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقى ئورمان ئوت ئاپىتى ئەھۋالىنى مۇناسىۋەتلىك تەلەپلەر بويىچە ئىستاتىستىكا قىلىپ، يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقىغا ۋە شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئىستاتىستىكا ئاپپاراتىغا مەلۇم قىلىشى ھەمدە شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىنى ۋاقتىدا خەۋەردار قىلىشى كېرەك.

ئورمان ئوت ئاپىتى ئىستاتىستىكا مەلۇمات جەدۋىلىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقى تۈزىدۇ، دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىگە ئەنگە ئالدۇرىدۇ.

43-ماددا ئورمان ئوت ئاپىتى ئۇچۇرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئورمان ئوت مۇداپىئە قوماندانلىق ئاپپاراتى ياكى ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىدۇ. چوڭ، پەۋقۇلئاددە چوڭ ئورمان ئوت ئاپىتى ئۇچۇرىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقى ئېلان قىلىدۇ.

44-ماددا ئورمان ئوت ئاپىتىدىن قۇتقۇزۇشتا يارىدار ۋە مېيىپ بولغانلار ياكى ئۆلۈپ كەتكەنلەر دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە داۋالىتىلىدۇ، ئۇلارغا نەپىقە بېرىلىدۇ.

45-ماددا ئورمان ئوت ئاپىتىدىن قۇتقۇزۇشقا قاتناشقانلارنىڭ ئىش دەخلى ياردەم پۇلى ۋە تۇرمۇش ياردەم پۇلى شۇنىڭدەك ئورمان ئوت ئاپىتىدىن قۇتقۇزۇشقا كەتكەن باشقا خىراجەتلەرنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بەلگىلىگەن ئۆلچەم بويىچە ئوت ئاپىتىنى پەيدا قىلغۇچى ئورۇن ياكى شەخس چىقىرىدۇ؛ ئوت كېتىش سەۋەبى ئېنىق بولمىغانلىرىدا، ئوت ياققۇچى ئورۇن چىقىرىدۇ، ئوت ئاپىتىنى پەيدا قىلغۇچى ئورۇن، شەخس ياكى ئوت ياققۇچى ئورۇننىڭ چىقىرىشقا قۇربى يەتمىگەن خىراجىتىنى شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى چىقىرىدۇ. ئىش دەخلى ياردەم پۇلى ۋە تۇرمۇش ياردەم پۇلى شۇنىڭدەك ئورمان ئوت ئاپىتىدىن قۇتقۇزۇشقا كەتكەن باشقا خىراجەتلەرنى شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى چىقىرىپ تۇرسا بولىدۇ.

46-ماددا ئورمان ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئورمان، دەل-دەرەخ، ئورمان يېرىنى باشقۇرغۇچى ئورۇنلار ۋە شەخسلەر ئورمان يېڭىلاش تەدبىرىنى ۋاقتىدا قوللىنىپ، كۆيۈپ كەتكەن يەردىكى ئورمان ۋە يېپىنچا ئۆسۈملۈكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى كېرەك.

5-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

47-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئورمان ئوت مۇداپىئە قوماندانلىق ئاپپاراتى، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقى ياكى باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىدىن مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنى ئۇنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەمۇرىي ئورگىنى ياكى مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە چارە كۆرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ:

(1) ئورمان ئوت ئاپىتىگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر بويىچە تۈزمىگەنلەر؛

(2) ئورمان ئوت ئاپىتى خەۋپىنى سەزگەندە ئورمان ئوت ئاپىتى خەۋپىنى تۈگىتىش ئۇقتۇرۇشىنى ۋاقتىدا چۈشۈرمىگەنلەر؛

(3) ئورمان ئوت مۇداپىئە تەلىپىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان دالىدا ئوت يېقىش ياكى راست ئوق مانېۋىرى ئۆتكۈزۈش، پارتلىتىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى تەستىقلىغانلار؛

(4) ئورمان ئوت ئاپىتىنى مەلۇم قىلمىغان، يالغان مەلۇم قىلغان ياكى قەستەن كېچىكتۈرۈپ مەلۇم قىلغانلار؛

(5) ئورمان ئوت ئاپىتىدىن قۇتقۇزۇش تەدبىرىنى ۋاقتىدا قوللانمىغانلار؛

(6) مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلماسلىقتەك باشقا قىلمىشلار.

48-ماددا ئورمان، دەل-دەرەخ، ئورمان يېرىنى باشقۇرغۇچى ئورۇنلار ياكى شەخسلەردىن مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، ئورمان ئوت مۇداپىئە جاۋابكارلىقىنى ئادا قىلمىغانلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، شەخسكە 500 يۈەندىن يۇقىرى، 5000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، ئورۇنغا 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

49-ماددا ئورمان ئوت مۇداپىئە رايونىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ياكى شەخسلەردىن مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئورمان ئوت مۇداپىئەسى بويىچە تەكشۈرۈشنى رەت قىلغان ياكى ئورمان ئوت ئاپىتى خەۋپىنى تۈگىتىش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن ئوت ئاپىتى خەۋپىنى مۆھلەت ئۆتكۈچە تۈگەتمىگەنلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئۇلارغا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ، شەخسكە قوشۇمچە 200 يۈەندىن يۇقىرى، 2000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، ئورۇنغا قوشۇمچە 5000 يۈەندىن يۇقىرى، 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

50-ماددا بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئورمان ئوت مۇداپىئە مەزگىلىدە تەستىقلاتماي تۇرۇپ ئورمان ئوت مۇداپىئە رايونىدىكى دالىدا ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئوت ياققانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، ئۇلارغا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ، شەخسكە قوشۇمچە 200 يۈەندىن يۇقىرى، 3000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، ئورۇنغا قوشۇمچە 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

51-ماددا بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، ئورمان ئوت مۇداپىئە مەزگىلىدە تەستىقلاتماي تۇرۇپ ئورمان ئوت مۇداپىئە رايونىدا راست ئوق مانېۋىرى ئۆتكۈزۈش، پارتلىتىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قىلغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، ئۇلارغا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

52-ماددا بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئۇلارغا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ، شەخسكە قوشۇمچە 200 يۈەندىن يۇقىرى، 2000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، ئورۇنغا قوشۇمچە 2000 يۈەندىن يۇقىرى، 5000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ:

(1) ئورمان ئوت مۇداپىئە مەزگىلىدە، ئورمان، دەل-دەرەخ ۋە ئورمان يېرىنى باشقۇرغۇچى ئورۇنلاردىن ئورمان ئوت مۇداپىئە ئاگاھ– تەشۋىقات بەلگىسىنى ئورناتمىغانلىرى؛

(2) ئورمان ئوت مۇداپىئە مەزگىلىدە، ئورمان ئوت مۇداپىئە رايونىغا كىرگەن موتۇرلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىگە ئورمان ئوت مۇداپىئە قۇرۇلمىسى ئورناتمىغانلار؛

(3) ئورمان ئوت خەۋپى ئېغىر مەزگىلدە، تەستىقلاتماي تۇرۇپ ئورمان ئوت خەۋپى ئېغىر رايونغا ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن كىرىپ پائالىيەت قىلغانلار.

53-ماددا بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئورمان ئوت ئاپىتى پەيدا قىلىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلەر بۇ نىزامنىڭ 48-، 49-، 50-، 51-، 52-ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمە بويىچە قانۇن جاۋابكارلىقىغا تارتىلغاندىن باشقا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقى جاۋابكارلىقى بارلارنى تولۇقلاپ دەرەخ تىكىشكە بۇيرۇسا بولىدۇ.

6-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

54-ماددا ئورمان ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىللىرىغا بەلگە نۇسخىسىنى پۈركۈش، سىگنال بەرگۈچ، بەلگە چىرىغى ئورنىتىش كېرەك.

55-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چېگرا رايونىدىكى ئورمانغا ئوت كەتكەندە، ئوت ئۆچۈرۈش-قۇتقۇزۇش خىزمىتى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەللەر ھۆكۈمىتى تۈزۈشكەن مۇناسىۋەتلىك كېلىشىم بويىچە ئىشلىنىدۇ؛ كېلىشىم بولمىغانلىرىنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەللەر ھۆكۈمىتى كېڭىشىپ بىر تەرەپ قىلىدۇ.

56-ماددا بۇ نىزام 2009-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#