پاۋلىڭ
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
پاۋلىڭ (1901 −) ھازىرقى زاماندىكى مەشھۇر خىمىكلارنىڭ بىرى بولۇپلا قالماي، ئىككى قېتىم يەككە نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئالىم. 1954-يىلى خىمىيىۋى باغلارنىڭ ماھىيىتى، كرىستاللار ۋە ئاقسىللار تۈزۈلۈشى تەتقىقاتىدا زور تۆھپىسى بولغانلىقى ئۈچۈن، نوبېل خىمىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن؛ ئۇ يەنە جامائەتچىلىكنىڭ ئاتوم سىنىقىدىن كېلىپ چىققان ئاتموسفېرادىكى رادىئوئاكتىپ نۇرلارنىڭ زىيىنىغا دىققەت قىلىشىنى مۇراجىئەت قىلىپ، يادرو قوراللىرىنىڭ ئىنسانلارغا كەلتۈرىدىغان زىيىنى ئەڭ چوڭ مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ۋە ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىق ئىشلىرى ئۈچۈن ئاكتىپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، 1962-يىلى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. پاۋلىڭ ئىلىم-پەن ۋە تىنچلىق ئىشلىرىغا ئۆزىنى بېغىشلىغان، ئۇ زور نەتىجىلەرنى ياراتقانلىقتىن، ئالىملارنىڭ نەمۇنىسى بولۇپ قالغان.
پاۋلىڭپاۋلىڭ ئامېرىكىلىق، ئۇ ئاتىسى(دورىگەر) نىڭ تەسىرىدە، كىچىكىدىنلا خىمىيىگە قىزىققان. 13 يېشىدا، ئۇنىڭ يېقىن دوستى كالىي خلورىد بىلەن كەمپۈتنى بىللە ئارىلاشتۇرۇپ، ئۇنىڭغا يەنە بىرنەچچە تامچە قويۇق سۇلفات كىسلاتا تىمىتقاندا، كۈچلۈك خىمىيىۋى رېئاكسىيە يۈز بېرىپ، ھور چىقىپ كاربون ھاسىل بولغان. بىر خىل ماددىنىڭ يەنە بىر خىل ماددىغا ئايلىنىشىدەك غەلىتە ھادىسە ئۆسمۈر پاۋلىڭدا چوڭقۇر تەسىرات قالدۇرغان. ئۇ ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقىنىدا، تۈرلۈك كېرەكسىز ماددىلاردىن پايدىلىنىپ قىزىقارلىق خىمىيە تەجرىبىلىرىنى ئىشلىگەن. 1925-يىلى، 24 ياشقا كىرگەن پاۋلىڭ ئەلا نەتىجىلىرى بىلەن كالىفورنىيە شتاتلىق تەبىئىي پەنلەر ئىنستىتۇتىدا پەلسەپە ماگىستىرلىق ئىلمىي ئۇنۋانىنى ئالغان.
پاۋلىڭپاۋلىڭنىڭ خىمىيىدىكى ئەڭ بالدۇرقى، شۇنداقلا ئەڭ مۇھىم مۇۋەپپەقىيىتى يېقىنقى زامان خىمىيىۋى باغ نەزەرىيىسىنى بەرپا قىلغانلىقى. بۇ نەزەرىيىلەر خىمىيە، بىئولوگىيە ۋە فىزىكىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن. پاۋلىڭ يازغان «خىمىيىۋى باغنىڭ ماھىيىتى» دېگەن كىتاب 20-ئەسىردىكى تەسىرى ئەڭ چوڭ ئىلمىي ئەسەرلەرنىڭ بىرى دەپ ئاتالدى.
پاۋلىڭنىڭ قىزىققان تەتقىقات دائىرىسى كەڭرى ئىدى. ئۇ 60 نەچچە يىللىق ئىلمىي ھاياتىدا خىمىيە، بىئولوگىيە، مېدىتسىنا قاتارلىق ساھەلەردە 400 دىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالە ۋە نەچچە يۈز ماقالە يازغان، نەچچە ئون كىتاب نەشر قىلدۇرغان، نۇرغۇن ئىختىساس ئىگىلىرىنى يېتىلدۈرگەن، بۇنىڭ بىلەن ئىلىم-پەن ساھەسىدىكىلەرنىڭ ھۆرمىتى ۋە مۇكاپاتىغا سازاۋەر بولغان. ئۇ نوبېل خىمىيە مۇكاپاتىدىن باشقا، يەنە 40 نەچچە تۈرلۈك شەرەپ ۋە ئوردېنغا ئېرىشكەن، ئۇنىڭغا دۇنيادىكى نەچچە ئون ئۇنىۋېرسىتېت دوكتورلۇق ئۇنۋانى بەرگەن.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.