پوتەي-شىنجاڭدا يول مۇساپىسىنى ئۆلچەشتە قوللىنىلغان ئۇزۇنلۇق(مۇساپە) ئۆلچەم بىرلىكى.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

پوتەي-شىنجاڭدا يول مۇساپىسىنى ئۆلچەشتە قوللىنىلغان ئۇزۇنلۇق(مۇساپە) ئۆلچەم بىرلىكى. كونىلارنىڭ «مانچە پوتەي يول يۈردەم» دېگىنى مۇشۇنىڭغا قارىتىلغان. 

پوتەي قەدىمكى تۇرلار ئاساسىدا مەيدانغا كەلگەن. تارىختا ئۆتكەن ھەر قايسى ھاكىمىيەتلەر ئۆزلىرىنىڭ ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن ئاساسلىق يوللارنى بويلاپ پوتەي(تۇر) لارنى ياساتقان. ئەينى چاغلاردا مۇشۇ پوتەيلەرگە ئاساسەن مۇساپە ھېسابلانغان. بەزى پوتەيلەردە ئۆتەڭ، سارايلار تەسىس قىلىنىپ، مەخسۇس كۈتكۈچى خادىملار تەيىنلەنگەن. ئۇلار پوچتا خادىملىرى، پوچتا ھارۋىلىرى، يولۇچى، سەيياھ، سودىگەرلەر ئۈچۈن خىزمەت قىلغان. كۈندۈزلىرى ئىس قويۇش(بۆرە مايىقىدا) ئارقىلىق يەنە بىر پوتەيگە ياكى قۇرغان، شەھەرلەرگە بەلگە بېرىلگەن. بىراق يەر شەكلى ۋە باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن پوتەيلەرنىڭ ئارىلىقى ئوخشاش بولمايتتى. ئادەتتە بىر چاقىرىمدىن تۆت چاقىرىمغىچە بولۇپ، يەنە مەلۇم بىر رايوندىكى پوتەيلەرنىڭ كونكرېت ئارىلىقى بەلگىلەنگەن. 

ماتېرىيالاردا «پوتەي» گە بېرىلگەن ئىزاھتا بىر پوتەي تۆت كىلومېترغا باراۋەر دېيىلگەن. بەزى ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، بىر پوتەي 10 چاقىرىمغا، يەنى بەش كىلومېترغا تەڭ بولىدۇ. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#