تاشتۆپە يېزىسى

تاشتۆپە يېزىسى

تاشتۆپە يېزىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى دىكى توققۇز تارا ناھىيەسى نىڭ غەربى تۈزلەڭلىكىنىڭ كىندىكىگە جايلاشقان.

ئۇيغۇرچە نامى تاشتۆپە يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 413.4 كۋادرات كىلومېتىر
پىنيىنچە يېزىلىشى tǎ sī tuō bié xiāng
خەنزۇچە ئاتىلىشى 塔斯托别乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى توققۇز تارا ناھىيەسى
كىلىماتى ئىلى دەريا ۋادىسى كىلىماتىغا تەۋە، ئەمما جەنۇب بىلەن شىمالنىڭ پەرقى بىر قەدەر چوڭ
تېلېفون رايۇن نومۇرى 0999

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تاشتۆپە يېزىسىتاشتۆپە يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى دىكى توققۇز تارا ناھىيەسى نىڭ غەربى تۈزلەڭلىكىنىڭ كىندىكىگە جايلاشقان.

شەرقىي ناھىيە بازىرى، نەسىللىك كۆپەيتىش مەيدانى، دۆڭمەھەللە بازىرى بىلەن تۇتاشقان. جەنۇبتا ئىشىگلىك تېغى، تېكەس ناھىيەسى بىلەن تۇتاشقان، غەربىي تىكئېرىق يېزىسى بىلەن قوشنا، غەربى بىڭتۇەن يېزا ئىگىلىك 4-شى 73-تۈەن بىلەن، شىمالىي تەرىپى ئىلى دەرياسى بىلەن يانداش، پۈتۈن يېزىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 62 مىڭ مو، تەخمىنەن 413.4 كۋادرات كىلومېتىر.

تاشتۆپە يېزىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە باقباي كەنتى، قاراباق كەنتى، قىزىليۇلتۇز كەنتى، كۆكتالا كەنتى، كونىتام كەنتى، تاشتۆپە كەنتى، ئىلىگداي كەنتى، يېڭىتام كەنتى قاتارلىق 8 مەمۇرىي كەنت بار.

تاشتۆپە يېزىسىنىڭ يەر تۈزۈلۈشى جەنۇبى ئېگىز، شىمالى پەس بولۇپ، تەخمىنەن تۆت بۆلەككە بۆلۈنگەن. جەنۇبىي قىسمى ئىلىگداي-تېرىمتۇ بۆلىكى جەنۇبىدىكى ئىشىگلىك تېغى بۆلىكىدە، بۇ بۆلەكنىڭ يەر تۈزۈلۈشى ئەڭ ئېگىز، ئەڭ ئېگىز چوققىسى تەخمىنەن 3000 مېتىردىن ئارتۇق، تەڭرىتاغ شەمشادى ئاساس قىلىنغان ئىپتىدائىي ئورمانلىق ۋە ئېسىل ئېگىز تاغلىق يايلىقى بار. تاغ جىلغىسى-جىلغا ئىچىدە كۆپ خىل سۆگەت، قېيىن، توغراق قاتارلىق كەڭ يوپۇرماقلىق دەرەخلەر، تاغدا قانتېپەر، سوغىگۈل قاتارلىق دورا ماتېرىياللىرى كۆپ. ئوتتۇرا قىسمى تاغ باغرىنى بويلاپ باقبايغىچە-كوناتام ئەتراپىدىكى يانتۇ تۈزلەڭلىك، بۇ رايوندا سۇ كەمچىل بولغاچقا، ئېرىق-ئۆستەڭ سۇغىرىش مەنبەسى يوق، گۈل-گىياھلار شالاڭ، كۆپ يوپۇرماقلىق ئەمەن قاتارلىقلار بىر خىل قۇرۇقلىققا چىداملىق ئوت-چۆپلا بار.

تاشتۆپە يېزىسىشىمالىي قىسمى تۈزلەڭلىك رايون، ئىتتىپاق ئۆستىڭى ئارقىلىق سۇغىرىلىدىغان دېھقانچىلىق رايونى. ئۆستەڭنىڭ جەنۇبىدا سانى ناھايىتى ئاز بولغان بىنەم رايون بار، مەھسۇلاتى بىلەن كۆتۈرە ئېلىش تۈزۈلمىسىدىن كېيىن، بىنەم رايون پۈتۈنلەي سۇ چىقىرىش پونكىتىنىڭ سۇغىرىشىدا، بىنەم تارىخى ئاخىرلاشقان. شىمالىي قىسمى سازلىق رايون، بۇ رايۇندا شورلۇق بىر قەدەر چوڭ، تېرىقچىلىققا ئەپسىز، لېكىن چۆپى بولۇق، ئەلا سۈپەتلىك كۈزلۈك يايلاق.

1980-يىلدىن كېيىن، دېھقانلار سۇ باشلاپ، شورنى ئېقىتىپ تازلىغان، شال تېرىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان. شىمالىي قىسمىدىكى سازلىقتا بىر قومۇش كۆل بار، سۇ مەنبەسى دۆڭمەھەللە بازىرىدىن ئېقىپ كەلگەن سۇنى ھېسابقا ئالمىغاندا، كۆپىنچە يەر ئاستى بۇلاق سۈيى. ئىشلەپچىقىرىلغان قومۇش تەخمىنەن ناھىيە بويىچە قومۇش مەھسۇلات مىقدارىنىڭ %10 ~ %20. قومۇش كۆلىنىڭ ئىچىدە، تۆرە بېلىق، سازان بېلىق، ئونداترا، ياۋا ئۆردەك، سۇ قۇشلىرى قاتارلىقلار كۆپ. شىمالىي قىسمىدىكى سازلىق شىمالنى بويلاپ  ئىلى دەرياسى، دەريا ئېغىزىدىكى كۆپلىگەن ئىككىلەمچى ئورماندا جىغان، سۆگەت ئاساس قىلىنغان، «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» مەزگىلىدە دەل-دەرەخ كېسىلىپ ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان، سۇ-تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، ئىلى دەريا ئاچىلى ئۈزلۈكسىز جەنۇبقا سۈرۈلگەن. 1980-يىلدىن كېيىن، قوغداش سالمىقىنى ئاشۇرغان، ساي ئىككىلەمچى ئورمىنى بىر قەدەر ياخشى ئەسلىگە كەلگەن.

تاشتۆپە يېزىسى ئىلى دەريا ۋادىسى كىلىماتىغا تەۋە، ئەمما جەنۇب بىلەن شىمالنىڭ پەرقى بىر قەدەر چوڭ. جەنۇبىي تاغ رايونى سوغۇق، يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى شىمالىي قىسمىدا ℃2 ~ ℃1. شىمالىي قىسمىدىكى يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى تەخمىنەن 4 ℃7.4، ئەڭ ئىسسىق بولىدىغان 7-ئايدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ℃21، ئەڭ سوغۇق 1-ئايدىكى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرا تەخمىنەن ℃21-، ئوتتۇرا، شىمالىي قىسمىنىڭ قىروسىز مەزگىلى 150 كۈن ئەتراپىدا، يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل-يېغىن مىقدارى 259 مىللىمېتىر، جەنۇبىدا شىمالىغا قارىغاندا كۆپ، ئوتتۇرا قىسمى بىر قەدەر قۇرغاق.

تاشتۆپە يېزىسىتاشتۆپە يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ تۇرۇشلۇق جاي تاشتۆپە كەنتى، ئەڭ بۇرۇن بوز يەرلەرنىڭ بىرى. شىبە مىللىتى كۆپ، كونا قەلئە ئايلانما ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن ئۈچ كىلومېتىر بولۇپ، تام ئېگىزلىكى گەزدىن ئاشقان، ئاھالىسى 200 دىن ئاشقان. قەلئە 60-يىلى بۇزىۋىتىلگەن. 1990-يىلى، مەكتەپ، دوختۇرخانا، مەدەنىيەت پونكىتى، قەرز-ئامانەت كوپىراتىپى، تاشقى سودا پونكىتى، ئاشلىق پونكىتى قاتارلىق ئەسلىھەلىرى بار. ئىلى-توققۇز تارا تاشيولى بولغاچقا، قاتناش ناھايىتى قولايلىق.

تاشتۆپە يېزىسى ئىلىگداي چارۋىچىلىق كەنتى غەربىي جەنۇبىدىكى تاغ جىلغىسىدا ئۆسكەن قىممەتلىك ياۋا ياۋروپا مويىلى بار، 1000 تۈپكە يېقىن. قازاق تىلىدا «قارا يورۇق» دەپ ئاتالغان، مەنىسى قارا ئۆرۈك، دۇنيادىكى قىممەتلىك دەرەخ تۈرى دەپ قارالغان. يەنە ساي ئىككىلەمچى ئورمىنى ئىچىدە قىرغاۋۇل، توشقان، تۈلكە قاتارلىق ھايۋانلار، ياۋا ئۆسۈملۈكلەردىن جىغان، قورچاققول، گۆشلۈك نىلوپەر قاتارلىق دورا ماتېرىيالى كۆپ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#