چېڭدۇ شەھىرى
چېڭدۇ چېڭدۇ تۈزلەڭلىكىگە جايلاشقان، قەدىمدىن تارتىپ «باياشات ماكان» دېگەن نامى بار.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
چېڭدۇچېڭدۇ چېڭدۇ تۈزلەڭلىكىگە جايلاشقان، قەدىمدىن تارتىپ «باياشات ماكان» دېگەن نامى بار. مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى400-يىللىرى شۇ بېگى كەيمىڭ پايتەختنى بۇ يەرگە كۆچۈرۈپ، «بىر يىلدا شەھەرگە ئايلاندۇرۇش، ئۈچ يىلدا پايتەختكە ئايلاندۇرۇش» قەسىمىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، نامىنى چېڭدۇ دەپ بېكىتكەن. بەش دەۋردىكى كېيىنكى شۇ بېگى مېڭ چاڭ شەھەر سېپىلى ئۈستىگە نېلۇپەر تېرىغان، شۇڭا چېڭدۇنىڭ يەنە فۇرۇڭ(نېلۇپەر) شەھىرى دېگەن نامىمۇ بار بولۇپ، قىسقارتىلىپ «رۇڭچېڭ» دەپ ئاتىلىدۇ.
چېڭ دۇئۈچ پادىشاھلىق دەۋرىدىكى شۇخەن، 16 پادىشاھلىق دەۋرىدىكى چىڭخەن، بەش دەۋردىكى ئالدىنقى شۇ، كېيىنكى شۇ سۇلالىلىرىنىڭ پايتەختى بولغان. شىمالىي سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ رەھبىرى لى شۈننىڭ داشۇ، مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى جاڭ شيەنجۇڭنىڭ داشى پادىشاھلىقى قاتارلىقلارمۇ بۇ يەرنى پايتەخت قىلغان.
چېڭدۇ شەھىرى 10رايۇن ،5ناھىيە،3ناھىيە دەرجىلىك شەھەر بار.ئۇلار تۆۋەندىكىچە:
ۋۇخو رايۇنى،جىن جياڭ رايۇنى،چىڭ ياڭ رايۇنى،جىن نيۇ رايۇنى،چىڭ خۇا رايۇنى،لوڭ چۇەن زى رايۇنى،ۋېن جياڭ رايۇنى،شىن دۇ رايۇنى،
چىڭ بەي جياڭ رايۇنى،شۇاڭ ليۇ رايۇنى،بى شەن ناھىيەسى،پۇ جياڭ ناھىيەسى،دايى ناھىيەسى،جن تاڭ ناھىيەسى،شىن جىن ناھىيەسى،
دۇ جياڭيەن شەھىرى،پېڭ جۇ شەھىرى،چيوڭ لەي شەھىرى،زوڭ جۇ شەھىرى،
چېڭدۇدا ئادەتتىكى يۇقرى دەرجىلىك مەكتەپتىن 56 سى بار.بۇنىڭ ئىچىدە بەشى ئالى مەكتەپ:سىچۈەن ئۇنۋېرستىتى , ئېلېكتىرون پەن - تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى , غەربىي جەنۇب قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتى , غەربىي جەنۇپ مالىيە - ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى , غەربىي جەنۇب مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى يەنە تۆتى ئادەتتىكى ئىنىستىتوت:چېڭدۇ ئىنستىتۇتى ، چېڭدۇ كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتى ، چېڭدۇ ، يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا كەسپىي ئىنستىتۇتى ، چىڭدۇ سانائەت كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتى
جوۋ ۋېن جۈنبۇ يەر تارىختا ئۆتكەن ئەدىبلەر تەلپۈنىدىغان جاي بولۇپ كەلگەن، شائىر دۇفۇ، لۇ يۇلار بۇ يەردە ئۇزاق مەزگىل تۇرغان. غەرىبى خەن سۇلالىسىدە ياشىغان جوۋ ۋېن جۈن،ياڭ شيۇڭ،يەن جۇن پىڭ،مىن گو دەۋىرىدە ياشىغان يازغۇچى باجىن،ئىنقىلاپچى پېڭ جيا جېن،مەرىپەت مۇتەپەككۇرى ۋۇيۈ،ھازىرقى زامان ناخشىچى جاڭ جىيې ،جاڭ جىڭ يى،لى يۈ چۈن قاتارلىق كىشىلەر بۇ بىپايان گۈزەل زىمىندا ياشاپ ئۆتكەن.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
بەيدۇ قامۇسى ئىزدە قامۇسى
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.