پارىژ مېتروسى

پارىژ مېتروسى

پارىژ دۇنيادا ئاممىۋى قاتناش لىنىيەلىرى ئەڭ تەرەققى قىلغان شەھەرلەردىن بىرى ھېساپلىنىدۇ. پارىژ مېتروسى قۇرۇلۇش تارىخىنىڭ ئۇزۇنلىقى، لايىھە ۋە ياسىلىشىنىڭ يېڭى سەنئەت ئالاھىدىلىكى بىلەن پارىژ شەھىرىنىڭ گۈزەل قۇرۇلۇشلرى قاتارىدىن ئورۇن ئالغان. جەمئى 215 كىلومېتىرلىق ئارىلىقنى تۇتاشتۇرىدىغان 16 لىنىيەلىك پارىژ مېترولىرى پارىژ شەھەر مەركىزى ۋە يېقىن ئەتراپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى پارىژ مېتروسى
چەتئەلچە نامى Métro de Paris
پۈتۈن ئۇزۇنلۇقى 215 كىلومېتىر
خەنزۇچە نامى 巴黎地铁
تىپى مېترو

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

پارىژ مېتروسىپارىژ دۇنيادا ئاممىۋى قاتناش لىنىيەلىرى ئەڭ تەرەققى قىلغان شەھەرلەردىن بىرى ھېساپلىنىدۇ. پارىژ مېتروسى قۇرۇلۇش تارىخىنىڭ ئۇزۇنلىقى، لايىھە ۋە ياسىلىشىنىڭ يېڭى سەنئەت ئالاھىدىلىكى بىلەن پارىژ شەھىرىنىڭ گۈزەل قۇرۇلۇشلرى قاتارىدىن ئورۇن ئالغان. جەمئى 215 كېلومېتىرلىق ئارىلىقنى تۇتاشتۇرىدىغان 16 لىنىيەلىك پارىژ مېترولىرى پارىژ شەھەر مەركىزى ۋە يېقىن ئەتراپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

پارىژنىڭ بىرىنچى مېتروسى 1900-يىلى قۇرۇلغاندىن تارتىپ، تاكى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى غا قەدەر بارلىق لىنىيەلەر تەرەققى قىلدۇرۇلغان. 

پارىژ مېتروسى ھۆكۈمەت ئىگىدارچىلىقىدىكى راتېپې شىركىتى تەرىپىدىن باشقۇرىلىدۇ. بۇ شىركەت مېترودىن باشقا بارلىق پارىژ شەھىرى ئاپتوبۇسى، تۆت ترامۋاي لىنىيەسىنىڭ ئۈچىگە ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ.

پارىژ مېتروسىپارىژ مېتروسى پارىژ بىرىنچى قاتناش دائىرىسى بولغان پارىژ شەھەر مەركىزى ۋە ئىككىنچى، ئۈچىنچى قاتناش دائىرىسىگە كىرىدىغان يېقىن شەھەر ئەتراپلىرىنى بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرىدۇ. قالغان دائىرىلەرنى شەھەر پويىزى بولغان «ئەرۆئەر» ۋە شەھەر ئەتراپى پويىزلىرى بىر-بىرىگە باغلايدۇ. ئەلۋەتتە، بۇلاردىن باشقا، ترامۋاي ۋە ئاپتوبۇسلارمۇ بار.

پارىژ مېترو لىنىيەلىرى ئىچىدە پەقەت 14-يوللا شوپۇرسىز ئاپتوماتىك ھالدا ماڭىدۇ. بۇ لىنىيە 90-يىىللارنىڭ ئاخىرى ياسالغان. 2006-يىلىدىكى سىتاتىسكىغا ئاساسلانغاندا، پارىژ مېتىروسى ھەر كۈنى 3،9 مىليون يولۇچى توشۇيدۇ ۋە يولۇچى سانى دۇنيادا موسكۋا، توكيو، مېكسىكا شەھىرىدىن كىيىن، 4-ئورۇندا تۇرىدۇ. بېكەت سانى 300 گە يەتكەن بولۇپ، نيۇيورك تىن قالسىلا، دۇنيادا 2-ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇزۇنلۇقى بىلەن، نيۇيورك، لوندون، مادرىد، سېئول، توكيو ۋە موسكۋا نىڭ ئارقىسىدىن، دۇنيادىكى 7-ئۇزۇن لىنىيەلىك مېترو ھېساپلىنىدۇ.[0]



ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#