پامىر ئېگىزلىكى

پامىر ئېگىزلىكى

پامىر ئېگىزلىكى، جۇڭگو نىڭ قەدىمكى دەۋرىدىكى يىپەك يولىنىڭ ئۆتمىسە بولمايدىغان مۇھىم جايى. ئاسىيا دىكى كۆپ تاغ تىزمىسىنىڭ يىغىلىش ئورنى بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 4000 مېتىردىن ~ 7700 مېتىرغىچە.

ئۇيغۇرچە نامى پامىر ئېگىزلىكى
دېڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىكى 5850 مېتىر
ئەڭ ئىگىز چوققىسى چوگىر چوققىسى
ئالاھىدە مەھسۇلاتى پامىر مۇزلۇق مىنېرال سۇيى
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
خەنزۇچە نامى 帕米尔高原
خەنزۇچە باشقا نامى 葱岭 不周山
ئىنگىلىزچە نامى the Pamirs,Pamirs Plateau
ئاساسلىق ئاھالىسى تاجىك مىللىتى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

پامىر ئېگىزلىكىپامىر ئېگىزلىكى، جۇڭگونىڭ قەدىمكى دەۋرىدىكى يىپەك يولىنىڭ ئۆتمىسە بولمايدىغان مۇھىم جايى. ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، جۇڭگونىڭ ئەڭ غەربىدە، تاجىكىستان نى، جۇڭگو ۋە ئافغانىستان نى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدۇ. ئاسىيادىكى كۆپ تاغ تىزمىسىنىڭ يىغىلىش ئورنى بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 4000 مېتىردىن ~ 7700 مېتىرغىچە. ئاساسلىق ئاھالىسى تاجىك مىللىتى.

«پامىر» تاجىك تىلىدا «دۇنيانىڭ ئۆگزىسى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 4000 مېتىردىن 7700 مېتىرغىچە نۇرغۇن ئېگىز چوققىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. (بۇ ئېگىزلىك يەر شارىدىكى غايەت چوڭ 2 تاغ بەلبېغى ئالپ-ھىمالايا تاغ بەلبېغى ۋە پامىر چۇكىچ تاغ بەلبېغى)نىڭ تاغ تۈگۈنى، شۇنداقلا ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ جەنۇبىي قىسمى ۋە ئوتتۇرا قىسمىدىكى ئاساسلىق تاغ تىزمىسى يىغىلىش ئورنى بولۇپ، ھىمالايا تاغ تىزمىسى، قاراقۇرۇم تاغ تىزمىسى، كۇئېنلۇن تاغ تىزمىسى، تەڭرىتاغ تىزمىسى، ھىندىقۇش بەش چوڭ تاغ تىزمىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئۇ تاغلار ئېگىز-پەس، تۇتاش كەتكەن ئەگرى قارلىق چوققىسى توپى، ھەيۋەتلىك كۆككە تاقاشقان، شۇڭلاشقا ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇق رايونىنىڭ ئۆگزىسى دەپ ئاتالغان.

پامىر ئېگىزلىكىگە جايلاشقان قاراقۇرۇم تىزمىلىرىنىڭ ئەڭ ئېگىز چوققىسى بولغان چوگىر چوققىسى جۇڭگو ۋە پاكىستان چېگراسىغا جايلاشقان بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 8611 مېتىر، دۇنيا بويىچە ئىككىنچى ئېگىز چوققا ھېسابلىنىدۇ.

پامىر ئېگىزلىكى ئەمەلىيەتتە تەكشى بولغان ئېگىزلىك ئەمەس، بەلكى بىر قانچە گۇرۇپپا تاغ تىزمىسى ۋە تاغ تىزمىلىرى ئارىسىدىكى كەڭ جىلغىلار بىلەن ئويمانلىقلاردىن تەركىب تاپقان. يەر شەكلى ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن پامىر ئېگىزلىكى سالىز كۆلىنىڭ غەربىي شىمال تەرىپىدىن جەنۇبتىن شىمالغا سوزۇلغان بولۇپ، شەرق ۋە غەرب ئىككى قىسىمغا بۆلۈنگەن.

پامىر ئېگىزلىكىيەر شەكلى ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، پامىر ئېگىزلىكىنىڭ شەرق ۋە غەرب ئىككى قىسىمغا بۆلۈنىدۇ: شەرقىي پامىرنىڭ يەر شەكلى بىر قەدەر تۈز، كەڭ، غەربىي شىمال-شەرقىي جەنۇب يۆنىلىشتە ئىككى دانە قارلىق تاغ تىزمىلىرى ۋە بىر گۇرۇپپا دەريا كۆل ھاسىل بولغان، دېڭىز يۈزىدىن مۇتلەق ئېگىزلىكى 5000 مېتىردىن 6000 مېتىرغىچە. نىسپىي ئېگىزلىكى 1000 مېتىردىن 1500 مېتىرغىچە بولۇپ ئېشىپ كەتمەيدۇ. غەربىي پامىر بولسا بىر قانچە شەرقىي شىمال-غەربىي جەنۇب يۆنىلىشىدىكى پاراللىل تاغ تىزمىسى ۋە سايلاردىن تۈزۈلگەن، يەر شەكلىنىڭ نىسپىي ئېگىزلىك پەرقى چوڭ، ئېگىز تاغ ۋە چوڭقۇر جىلغىلار كۆپ بولۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە.

تەبىئىي جۇغراپىيىلىك ئەھۋالىغا ئاساسەن سەككىز قىسىمغا ئايرىشقا بولىدۇ، خەتچە «8 پامىر». چىڭ سۇلالىسىدە ئارا چۆل پامىردا خاتىرە ئابىدىسى تۇرغۇزۇلغان، ھەرقايسىدا بىردىن قاراۋۇلخانا تەسىس قىلىنغان بولۇپ جەمئىي سەككىز قاراۋۇلخانا بار.

پامىر جۇڭگودىكى تاجىك ۋە قىرغىز مىللىتى ئولتۇراقلاشقان، چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان جايى، تاكى 19-ئەسىرگە قەدەر ئىزچىل جۇڭگوغا تەۋە بولغان. پامىر جەمئىي سەككىز «پامىر»دىن تەركىب تاپقان، شىمالدىن جەنۇبقا سوزۇلغان رەت تەرتىپى بويىچە: خوشكوجۇك پامىر، سالەيسى پامىر، رەڭكۆل پامىر، ئارا چۆل پامىر، چوڭ پامىر، كىچىك پامىر، تاقا دۆڭبېشى پامىر، ۋاخان پامىر قاتارلىقلار.

قاتتىق سوغۇق بولىدىغان چوڭ قۇرۇقلۇق خاراكتېرلىك ئېگىز تاغ كىلىماتىغا تەۋە، بولۇپمۇ شەرقىي پامىر قۇرۇقلۇقدا بۇ خىل كىلىمات ئالاھىدىلىكىتېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولىدۇ بۇ يەردىكى قىش پەسلى ئۇزۇن (10-ئايدىن كېيىنكى يىلى 4-ئايغىچە)، دېڭىز يۈزىدىن 3600 مېتىر ئەتراپىدا، 1-ئايدىكى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃17.8-، ئەڭ تۆۋەن مۇتلەق تېمپىراتۇرىسى ℃50-، بولىنگىر 1953-يىلى ℃53.3- قا يەتكەن، 7-ئايدىكى ئوتتۇرىچە تېمپىراتۇرىسى ℃13.9، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا ℃20 تىن ئاشمايدۇ، تەسكەي تەرىپىدە تېمپىراتۇرا كۈنگەي تەرىپىگە قارىغاندا كۆرۈنەرلىك تۆۋەن، ھەم بەزى قىسىمىدا مەڭگۈلۈك شورلاشقان توڭ تۇپراق بار.

پامىر ئېگىزلىكىپامىر ئېگىزلىكى ھازىرقى زامان مۇزلۇق تەسىر قىلغان كۈچلۈك مەركەز، بۇ يەردە 1000دىن ئارتۇق تاغلىق مۇزلۇق بار، قاپلاش كۆلىمى 10 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. غەربىي پامىردىكى قار سىزىقىنىڭ ئېگىزلىكى 4400 ~ 4000 مېتىر كېلىدۇ، شەرقىي قىسىمدىكى قار سىزىقىنىڭ ئېگىزلىكى 5500 ~ 5000 مېتىرغا يېتىدۇ. پەنلەر ئاكادېمىيىسى تاغ تىزمىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 77 كىلومېتىر، كۆلىمى 907 كۋادرات مېتىر بولۇپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ تاغ مۇزلۇقىنىڭ بىرى. تاغلىق مۇزلۇقى يەنە بەزى چۆللۈكلەرنى دەريا سۇ مەنبەسى بىلەن تەمىنلەيدۇ. قاراكۆل پامىرنىڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان، كۆل يۈزى دېڭىز يۈزىدىن 3954 مېتىر ئېگىز بولۇپ، دۇنيا بويىچە ئېگىز كۆللەر ۋە ئىچكى قۇرۇقلۇقتىكى تۇزلۇق كۆللەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

پامىر ئىگىزلىكىگە چىقىش ئۈچۈن چوقۇم چېگرا مۇداپىئە گۇۋاھنامىسى بېجىرىپ بېرىشى شەرت، ئەگەر ساياھەت ئۆمىكىگە قاتنىشىپ ساياھەت كوپىراتىپىغا قاتناشقان بولسا بىر تۇتاش بېجىرىلىدۇ، شەخسلەرمۇ قەشقەر شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىگە بېرىپ بېجىرسە بولىدۇ، ھەپتە ئاخىرىدا ئىش بىجىرىلمەيدۇ. شەخس بىجىرىش ئۈچۈن تونۇشتۇرۇش خېتى ئېلىپ كېلىپ بىجىرىدۇ ياكى شەخسىي تۇرۇشلۇق جايدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىدا بىجىرسە بولىدۇ. چەت ئەللىك ساياھەتچىىلەرنىڭ ئىناۋەتلىك ساياھەت گۇۋاھنامىسى بولۇشى شەرت، قونجىراپ تاغ ئېغىزىدىن پاكىستانغا كىرىپ ساياھەت قىلسا بولىدۇ. 

ئېگىزلىك سوغۇق دىققەت قىلىش كېرەك، ھاۋا رايى ئۆزگىرىشى تېز بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن 5000 مېتىر ئېگىز، ئەڭ ياخشىسى ئوكسىگېن خالتىسى ئېلىۋېلىش كېرەك. ساياھەتكە مۇۋاپىق پەسل ھەر يىلىدىكى 5 ~ 9 ئايلار مەزگىلى.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#