تۇزكۆل يېزىسى

تۇزكۆل يېزىسى

تۇزكۆل يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى قۇمۇل ۋىلايىتىلىك ئارا تۈرۈك ناھىيەسى بازىرىنىڭ غەربىيگە جايلاشقان.

ئۇيغۇرچە نامى تۇزكۆل يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 1980 كىۋادرات كىلومېتىر
پىنيىنچە يېزىلىشى yán chí xiāng
خەنزۇچە ئاتىلىشى 盐池乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون قۇمۇل ۋىلايىتى ئاراتۈرۈك ناھىيەسى
نوپۇسى 4111 ئادەم

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تۇزكۆل يېزىسىتۇزكۆل يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى قۇمۇل ۋىلايىتىلىك ئارا تۈرۈك ناھىيەسى بازىرىنىڭ غەربىيگە جايلاشقان، قۇمۇل شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 142 كىلومېتىر، ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 35 كىلومېتىر، تۇزكۆل يېزىسىنىڭ غەربىي چېگرىسى ئالدى تاغ، شەرقتە توخۇلۇ يېزىسى ۋە ئاداق يېزىسى بىلەن چېگرالانغان.

كۆلىمى 1980 كۋادرات كىلومېتىر. ئۇيغۇر، خەنزۇ، قازاق، خۇيزۇ، دۇڭشياڭ قاتارلىق بەش مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. تۇز كۆل ئۇيغۇرچىدە «جىمجىت كۆل» دېگەن مەنىدە، كۆلىمى 43400 مو، ئوتتۇرىچە چوڭقۇرلۇقى 70 سانتىمېتىر، بۇ كۆلنىڭ كىرىش ئېغىزى يوق، يەر ئاستى سۈيىنىڭ توپلىنىشىدىن شەكىللەنگەن، ناھىيە تەۋەسىدىكى ئەڭ چوڭ تۇزلۇق سۇ كۆلى.

1984-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، تۇزكۆل يېزىسى خەلق ھۆكۈمىتى قۇرۇلغان. نوپۇسى 4111 ئادەم، بۇنىڭ ئىچىدە خەنزۇ 1191 ئادەم بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %29 نى، ئۇيغۇر 1851 ئادەم بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %45 نى، قازاق 1006 ئادەم بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %25 نى، باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر 63 ئادەم بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %1 نى ئىگەللىگەن.

تۇزكۆل يېزىسىدىكى قېزىلما بايلىقلاردىن ئاساسلىقى تۇز، تازىلانغان شور، گىپىس قاتارلىق كان تۈرى بار. ياۋايى ھايۋان ۋە ئۆسۈملۈكلەردىن ئاساسلىقى ئارقار، موڭغۇل جەرىنى، تاغ ئۆچكىسى، سۈلەيسۈن، يىلپىز، ياۋا سۆگەت قاتارلىقلار بار. تۇزكۆل يېزىسىدىكى تۇزكۆل ئورگانىك قوي گۆشى ئالاھىدە مەھسۇلاتىدىن قېزا بار، ئۆي توخۇسى، ئورگانىك نان قاتارلىقلار بار.

تۇزكۆل يېزىسىتۇز كۆلدىكى قەيس غوجام كۆلى تۇزكۆل يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ غەربىي شىمالىغا تەخمىنەن 8 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان، تاغقا يانداش، ئەتراپىدىكى تەبىئىي ئوتلاق ھەر يىلى باھار، ياز، كۈز پەسىللىرىدە ئوت چۆپلەر بۇلۇق ئۆسكەن، چۆپ ئېگىزلىكى 60 ~ 70سانتىمېتىر. سۇ كۆلىمى 29 كىۋادرات كىلومېتىر، كەچكى شەپەق كۆل يۈزىگە چۈشۈپ، يېشىللىق ئىچىدىن قىزىل كۆرۈنۈپ گۈزەل مەنزىرە ھاسىل قىلغان.

3 مىليون 780 مىڭ توننا تۇز ۋە شور، سۈيى ئاچچىق تۇزلۇق، ئىنتايىن تۇزلۇق، ئىشقارلىق، ئىچىشكە، سۇغىرىشقا بولمايدۇ. شۇڭا، تېرىنى پاكىزلاش، دېزىنفېكسىيىلەش، تاسما قۇرۇت قاتارلىق كۆپ خىل تېرە كېسەللىكلىرىنى (بولۇپمۇ باكتېرىيە، پارازىت قۇرت كەلتۈرۈپ چىقارغان) بەلگىلىك قوشۇمچە داۋالاش رولى بار.

تۇزكۆل يېزىسى ئارا تۈرۈك ناھىيىسىنىڭ ئاساسلىق چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ بىرى، ئەزەلدىن چارۋىچىلىقنى ئاساس، يېزا ئىگىلىكىنى قوشۇمچە، چارۋا باقمىچىلىقى ۋە سۈنئىي يەم ـ خەشەك بازىسى قۇرۇلۇشىنى يېتەكچى كەسىپ قىلغان.

تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 3667 گېكتار، يايلاق كۆلىمى 16.93 مىڭ گېكتار.

يېزا ئىگىلىكتە ئاساسلىقى ئوت-بوغۇز، يەم-خەشەك تېرىغان. بولۇپمۇ بۇ يېزىنىڭ كۆپ بولغان «يولى كەڭ» ماركىلىق ئەلا سۈپەتلىك تۇز كۆل قوي گۆشى، تەملىك ھەم ھەقىقەتەن ئېسىل.

ئاساسلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىدىن ئارپا، ئاق ئارپا، ياڭيۇ ، قىچا قاتارلىقلار بار.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#