ئاق چەشكە

ئاق چەشكە(تايمىق يەر دەرىخى)

ئاق چەشكە(تايمىق يەر دەرىخى) بولسا   زەنجىۋىل ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈك ئاقچەشكىنىڭ يىلتىزىدىن ئىبارەت.  تال ۋە ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.


ئۇيغۇرچە نامى ئاق چەشكە(تايمىق يەر دەرىخى)
ئىنگلىزچە Galange Resurrectionlily Rhizoma
خەنزۇچە نامى 山奈
تەبىئىتى بىرىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئاق چەشكە(تايمىق يەر دەرىخى) ئاق چەشكە(تايمىق يەر دەرىخى) بولسا زەنجىۋىل ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈك ئاقچەشكىنىڭ يىلتىزىدىن ئىبارەت. گۇاڭدۇڭ، يۈننەن، خەينەن، فۇجيەن، تەيۋەن قاتارلىق ئۆلكىلەردىن، ھەم ھىندىستان، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا قاتارلىق جايلاردىنمۇ چىقىدۇ.

ئىشلىتىلىشى

ئىشتىھاسىزلىق، ئاشقازان يېقىمسىزلىنىش، چىش ئاغـرىش، سىـرتقـى زەخـىمـلەردىـكى ئاغرىقىـنى پەسـەيتىـش قاتـارلىقلار

ئىشلىتىلىدۇ.خۇسۇسيىتى

توسالغۇلارنى ئېچىش، ئاغرىق پەسەيتىش، ھەزىمنى ياخشىلاش، تال ۋە ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

تەبىئىتى

بىرىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.

خىمىيىلىك تەركىبى

ئۇچۇچان ماي، ئاقچەشكە ماددىسى، ئاقچەشكە فىنولى، ۋىتامىن P ، دارچىن كىسلاتاسى قاتارلىقلار بار

.ئەكىس تەسىرى

بۆرەككە زىيان قىلىدۇ.

فارماكولوگىيىلىك تەسىرى

ئۈچەينى قوزغىتىش تەسىرى بار. ئۆسمىگە قارىتا تورمۇزلاش تەسىرى، ئۈچەي پارازىتلىرىنى ئۆلتۈرۈش تەسىرى، زەمبۇرۇغلارنى تورمۇزلاش تەسىرى بار.

مىقدارى

ئاق چەشكە(تايمىق يەر دەرىخى)6 ~ 3 گرامغىچە.

ساقلاش

يەر ئۈستىدىكى قىسمى قۇرۇغاندا، ئادەتتە 12 – ئايدىن كېلەر يىلى 3 – ئايلارغىچە يىلتىزىنى كولىۋېلىپ، لاي – لاتقىلىرىنى چىقىرىپ تاشلاپ توغراپ ئاپتاپتا قۇرۇتۇلۇپ، سالقىن سايە بولغان قۇرغاق جايدا ساقلىنىدۇ.

تۈزەتكۈچىسى

كاسىنە ياپرىقى.

ئورۇنباسارى

زەنجىۋىل.

سۇپۇپى زەنجىۋىل.

[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=2&contentNameId=496

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#